قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: ziya

چوڭ بايقاش، جىددىي تەشەببۇس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

68

تېما

30

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 7223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2606
تۆھپە : 17912
توردىكى ۋاقتى: 8127
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 11:19:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ziya يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 10:32
科学家新发现了九大定律,牛顿、爱因斯坦理论被推翻_理论物理吧

ماۋۇ تېمىدىكى بەزى قا ...


بۇ تېمىنىڭ دەسلەپ توردا ئېلان قىلىنغان ۋاقتى  2010-03-23دەك قىلىدۇ.2014-يىلى نۇرغۇن تورلارغا قايتا چاپلىنىپتۇ،مانا:

科学家新发现了九大定律,牛顿、爱因斯坦理论被推翻

uyghuray

68

تېما

30

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 7223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2606
تۆھپە : 17912
توردىكى ۋاقتى: 8127
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 11:36:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن شۇنداق،خۇددى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن دىگەندەك تەبىئەت پەنلىرى ئۈستىدىكى يېڭىچە تەپەككۈرنى بىز قىلمىساق ھامان باشقىلار قىلىۋىرىدۇ.بىز ئۇز دائىرىمىزدە بۇنداق تەپەككۈرنى ئۇجۇتۇرغان بىلەن،دۇنيادىكى يېڭى تەپەككۈرنى ئوجۇقتۇرۇپ بولالمايمىز.نەتىجە قانداق بولىدۇ:بۇنداق تەپەككۈر دۇنيانىڭ قايسىدۇر بىر يېرىدە غەلىبە قىلىپ قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ئۇنى مەدېھيەلەر بىلەن قوبۇل قىلىمىزدە ئۇزىمىز بۇرۇن دەپىن قىلىۋەتكەن تەپەككۈرنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ«ۋاي بىلمەپتىمەنغۇ قېرىندىشىم!»دەپ يىغلايمىز.بىزنىڭ كۈنىمىز مانا مۇشۇنداق ئۆتىدۇ!.

68

تېما

30

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 7223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2606
تۆھپە : 17912
توردىكى ۋاقتى: 8127
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 21:55:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

*
ئەسكەرتىش:
بۇ تېما ۋە ئۇلىنىشى بېرىلگەن يەنە بىر تېمىدا شەكىل نەزەريىسىنىڭ بەزى قاراشلىرىغا ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان قاراشلار بارئىكەن.مەن ئۇلار بىلەن ياخشىراق تونۇشۇپ چىقىپ ئاندىن قاراشلىرىمنى،ئوخشاشلىقلارنى ئوتتۇرىغا قۇيۇمەن.بۇ ئۇچۇر راسىت ياكى يالغان،بىر قىسمىنىڭ راسىت ياكى بىر قىسمىنىڭ يالغان بولىشىدىن قەتئى نەزەر مىنى جەلىپ قىلغان ئۇچۇر بولدى:




بىر نوپۇزلۇق نەزەريە فىزىكىسى تەتقىقاتى ئاپاراتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن كەلگەن ماتىرياللاردىن ئاشكارىلىنىشىچە فىزىكا ئالىملىرى ھازىر 9چوڭ قانۇننى يىغىنچاقلاپ چىققان بولۇپ،بۇ توققۇز يېڭى قانۇن نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىۋى نەزەريىلەرنى،جۆملىدىن نىيوتۇن،ئېينىشتېيىن نەزەريىلىرىنىمۇ ئاغدۇرۇپ تاشلاپ،فىزىكا نەزەريىلىرىنى قايتىدىن تىكلەشتىن دېرەك بېرىدىكەن.نۇۋەتتە ئومۇمىيۆزلۈك دەلىللەش ئېلىپ بېرىلىۋىتىپتۇ.تۇۋەندىكىلەر شۇ 9قانۇننىڭ مەزمۇنلىرىدىن ئىبارەت.



68

تېما

30

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 7223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2606
تۆھپە : 17912
توردىكى ۋاقتى: 8127
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 22:12:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچە كۇپ مۇنبەرلەر كۆچۆرۆپ ئېلان قىلىپتۇ.راسىت گەپمىدۇ بۇ يالغان گەپمىدۇ؟!.مانا:
ئالىملارنىيوتۇن،ئېينىشتېيىن نەزەريىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان 9چوڭ قانۇننى بايقىدى


uyghuray

68

تېما

30

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 7223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2606
تۆھپە : 17912
توردىكى ۋاقتى: 8127
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 09:36:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۆسۈش ئېغىزى قىلىش پىلانغان 29-تىئورما ھازىر يېتەرلىك تە جىربە ئىسپاتلىرىغا ئىرىشىپ بولدى.ئەمدى مەملىكەت ئىچى-سىرتىغا بۇ نەتىجىنى تونۇشتۇرۇش پەيتى يېتىپ كەلدى.ئىخچام ۋە ناھايتى پۇختا بىر ياكى بىر نەچچە پارچە ماقالە تەييارلاپ بىر قانچە خىل تىلدا ئېلان قىلىشنىڭ تەييارلىغىنى قىلساق ،ئىلىم ئەھلىگە دوكىلات بەرسەك،ئاخبارات ئېلان قىلساق بولىدىغاندەك قىلىدۇ.بۇ ئىشلارنىڭ تەييارلىغىنى 4-5-ئايلارغىچە پۈتتۈرۆپ بولغىلى بولامدىكىن.مەخسۇس تېمىغا تۇتۇش قىلغان بالىلار جىدەللىسە بولغىدەك.

16

تېما

9

دوست

5265

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7463
يازما سانى: 481
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 1560
توردىكى ۋاقتى: 201
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 10:18:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاپتۇر ۋە قاسىم سىدىق ئاكا
باسقان يوللىرىڭىز مەنىلىك ھەم ئەھمىيەتلىك يوللار ئىكەن ! قەدەملىرىڭىزگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن !
كىچىككىنە تەكلىپىم :
1. سىز ۋە سىزنىڭ نەزەرىيەرىڭىزنى مۇتلەق كۆپ ساندىكى تورداشلار ۋە خەلقنىڭ چۈشۈنۈپ كىتەلىشى ناتايىن .چۈنكى سىزنىڭ نەزەرىيەرىڭىزنى ۋە شۇنىڭغا يانداش بايانلىرىڭىزنى ئالىي مەكتەپ سانائەت كەسپىدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىمۇ ئاران ھەزىم قىلىمىز ،شۇڭا بەزى چۈشەنمىگەنلەرگە ھە ئۇلارنىڭ جۆيلۈنمىلىرىگە پەۋرا قىلماڭ ...
2.سىزنىڭ ماقالىڭىزنى باغداشنىڭ مۇھىم كوزىرى دىيىشكە بولىدۇ.ھەقىقەتەن تەرىپلەشگە تىگىشىلىك .ھەم سىزنىڭ بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى بولۇش سالاھىيىتىڭىز بىلەن تالاي يىللار داۋامىدا باسقان قەدەملىرىڭىزگە ئىزدىنىشلىرىڭىزگە ئاپىرىن. بولسا قۇربىتىڭىز يەتسە يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشنى ئويلىشىپ بىقىڭ ( چوڭلار مائارىپى دىگەندەك ).سىزنىڭ نەزەرىيە ۋە بىلىملىرىڭىز كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ،ئىزدىنىشلىرىڭىزنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ پەقەت سىزلا چۈشىنىدىغان ئەھۋالغا بارىدۇ .بۇ چاغدا يەنىلا ئۆزىڭىزگە تايانمىسىڭىز باشقىلارنىڭ چۈشەنمەسلىك سەۋەبىدىن چەتكە قىقىشى ئىنىق!
3.مۈمكىن بولسا بىر كىتاب چىقىرىڭ .ھازىرقى زاماندا بىر تەتقىتاتچى ياكى بىر نەزەرىيەشۇناسنىڭ ئۆز تەتقىقاتىنى ۋە چۈشەنچىسىنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈش ۋە شۇ ئارقىلىق ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەملەرگە ئىرىشىشنىڭ ئەڭ تۈپكى شەرتى كىتاب.يەنى ئىسپات قىلىشقا بولىدىغان ماتىريال دىمەكتۇر....بەلكىم گىپىمنى چۈشەنگەنسىز ،سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن !
راست ئوقۇپ قالسىڭز ،ياخشى مەكتەپنى تاللاڭ ،تەجرىبە شارائىتى ، ئوقۇش سۈپتى سىزنى تولۇق رازى قىلىدۇ !
ئاخىردا سىزنىڭ بىزدىن چىققىنىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن !

68

تېما

30

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 7223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2606
تۆھپە : 17912
توردىكى ۋاقتى: 8127
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 12:05:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-31 12:08  
samawar يوللىغان ۋاقتى  2014-12-31 10:18
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاپتۇر ۋە قاسىم سىدىق ئا ...

ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام!
رەھمەت.
دەل سىز دىگەندەك بىر كىتاپقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن.
ھازىر 29-تىئورما تەجىربىدە ئىسپاتلىنىپ بولدى.كىتاپ چىقىرىشنىڭمۇ ۋاقتى كەلدى.ئىسپاتلانماستا كىتاپ چىقارسام جامەئەتچىلىك خاتا يېتەكلىنىپ كەتمىسۇن دەپ ئېھتىيات قىلغان ئىدىم.

68

تېما

30

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 7223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2606
تۆھپە : 17912
توردىكى ۋاقتى: 8127
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-7 15:11:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-7 15:13  

شەكىل نەزەرىيەسى ھەققىدە ئاڭلىغان،كۆرگەنلىرىم



مىجىت ناسىر



1990-يىللارنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدىلا مەن «بوشلۇق نەزەرىيەسى» (ھازىرقى نامى شەكىل نەزەرىيەسى) دەپ ئاتىلىدىغان بىر نەزەرىيەگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار بىلەن ئۇچراشقان ئىدىم. 1991- يىلى «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىدا ئاتاقلىق يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھوشۇريازغان ئەدەبىي ئاخبارات «ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇنەزەرىيەگە ئالاقىدار بىر قەدەر ئەتراپلىق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم. بۇ ئەدەبىي ئاخباراتتا ئەينى ۋاقىتتا ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى بىر قىسىم نوپۇزلۇقلىرىمىزنىڭ بەرگەن ئىجابىي باھا ۋە تەكلىپلىرىمۇ تونۇشتۇرۇلغان. ھازىرغىچە ھەرخىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ نەزەرىيەگە ئالاقىدار خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى بىۋاسىتە كۆردۈم، بەزىلىرىدىن كىشىلەر ئارقىلىق خەۋەر تاپتىم. 90-يىللاردىلا بۇ نەزەرىيەنىڭ ئاساسچىسى ۋە تەشەببۇسچىسى قاسىم سىدىق بىلەن تونۇشتۇم.قاسىم سىدىق بىلەن بولغان سۆھبەتلەر ئاساسەن مۇشۇ نەزەرىيەگە ئالاقىدار مەزمۇنلار،ئىلگىرىلەشلەر، قىيىنچىلىقلار ئۈستىدە بولاتتى.


6-ئايدا ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام ئىككىمىز غۇلجا شەھەر دادامتۇ يېزىلىق ئوتتۇرامەكتىپىنىڭ «شەكىل نەزەرىيەسى 29- تېئورېمىسىنىڭ تەجرىبىسىدىن دوكلات بېرىش،ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» نىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ تەبرىكىمىزنى ئەۋەتتۇق. ئۆتكەندە قاسىم سىدىق ئۆيگە كېلىپ، غۇلجىدا ئېچىلغان يىغىننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدى. يىغىنغا بىر قىسىم كەسىپ ئىگىلىرى، ئاخبارات ساھەسىدىكى مۇخبىرلار قاتنىشىپتۇ. ئىلى تېلېۋىزىيەسى سۆرەتكە ئېلىپ جامائەتچىلىككەئېلان قىپتۇ، قاسىم سىدىق يەنە يىغىن خەۋىرى ۋە بۇ تەتقىقاتقا يېڭىدىن ئىشتىراك قىلغان ئابدۇقاھار ئابدۇللا ئاپتورلۇقىدىكى «ماياتنىكتا ئېلىپ بېرىلغان 29-تېئورېمىچە ئېغىش تەجرىبىسىدىن دوكلات» بېسىلغان «ئىلى كەچلىك گېزىتى» نىمۇيەتكۈزدى.

ھازىر مەلۇم بولدىكى، شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ ئىدىيە سىستېمىسى ئاساسەن تۇرغۇزۇپ بولۇپ، ئەمدى بۇ تەتقىقات تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلاش، ماتېماتىكىلىق مودېل تۇرغۇزۇش باسقۇچىغا قەدەم قويۇپتۇ. بۇ تەجرىبىنىڭ 29- تېئورېمىسىدىن ئىبارەت بىر لوگىكىلىق ھۆكۈمى دەسلەپكى قەدەمدە تەجرىبە ئىسپاتلىنىپتۇ.


مەن قاسىم سىدىق بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا، بەزى كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ شەكىل نەزەرىيەسىگە بەكمۇ ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم، چۈنكى شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ بەزى ئىدىيەلىرى ھازىرقى فىزىكا نەزەرىيەلىرىدىكى ئالاقىدار قاراشلار بىلەن سىغىشمايدىكەن. قاسىم سىدىقنىڭ ئېيتىشىچە، مۇشۇ قاراشلارنىڭ ئۆزىدە چەكلىمىلىك ۋە بىر تەرەپلىمىلىك مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشقا توغرا كېلىدىكەن، 29- تېئورېمىچە ئېغىشنىڭ تەجرىبىدە ئىسپاتلىنىشى بۇنداق چەكلىمىلىك ۋە بىر تەرەپلىمىلەرنى ئىسپاتلايدىكەن.


ئىگىلىشىمچە، ھازىر تەجرىبە دوكلاتىدا ئېلان قىلىنغان ماياتنىكتا بايقالغان 29- ئېغىشتىن مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتتىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر 2014- يىلى 5- ئايدىلا خەۋەر تاپقان ۋە نەق مەيداندا بۇنداق ئېغىشنى بىۋاسىتە كۆرگەن، لېكىن ھازىرغىچە بۇنداق ئېغىشنى ھازىرقى ئەمەلىي قوللىنىۋاتقان فىزىكا بىلىملىرى بىلەن چۈشەندۈرەلەيدىغان پۇت تىرەپ تۇرغۇدەك بىرەر ئۇسۇل ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان. مېنىڭچە، كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ بۇ تەجرىبىدە كۆرۈلگەن ئېغىشنى ھازىرقى فىزىكا ئىدىيەلىرى بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولسا ياكى بۇ بۇرۇن ھەل قىلىنىپ بولۇنغان مەسىلە بولسا ئوتتۇرىغا قويۇشىغا؛ چۈشەندۈرگىلى بولمىسا ياكى بۇرۇن ھەل قىلىنىپ بولۇنغان مەسىلە بولمىسا، شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ ئالاقىدار تەشەببۇسلىرىنى ئويلىنىپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ.
مەن يەنەبەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «29- تېئورېمىدا تەشەببۇس قىلىنغان ئېغىشنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس، مۇبادا بۇنداق ئېغىش ھەقىقەتەن يۈز بەرسە، ھازىرقى زامان فىزىكىسىغاغايەت چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم.
ئىلمىي مەسئۇلىيەتچانلىق مەۋقەسىدە تۇرۇپ ئېيتقاندا، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئۆتكىلىدىن، مۇھاكىمە - مۇنازىرە ئۆتكىلىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ شەكىل نەزەرىيەسى ۋە 29- تېئورېما تەجرىبە نەتىجىلىرىنى توغرا ياكى خاتا، دەپ قاراشقا بولمايدۇ. شەكىل نەزەرىيەسى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش ھازىرغىچە 37 يىلنى باشتىن كەچۈرۈپتۇ، ھازىر شەكىل نەزەرىيەسى تەتقىقاتىغا قاتناشقۇچىلار بەزى مۇتەخەسسىسلەر «مۇمكىن ئەمەس» دەپ قارىغان تەجرىبە نەتىجىسىنى ئىلىم دۇنياسىنىڭ دىققىتىگە سۇنۇپتۇ. ئېھتىمال بۇ ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشۇشنىڭ،يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىر پۇرسىتى بولۇشىمۇ مۇمكىن.
تۆۋەندە 2- بۆلەكتە ئوقۇرمەنلەرنى مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن شەكىل نەزەرىيەسى ۋە بىر تەجرىبە نەتىجىسى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلىدۇ، بۇ مەزمۇنلار ئاساسەن بۇ نەزەرىيەنىڭ ئاساسچىسى قاسىم سىدىقنىڭ بايانلىرى.تەجرىبىگە ئالاقىدار سانلىق قىممەت، خۇلاسە قاتارلىقلار شەكىل نەزەرىيە سى تەتقىقاتىغا قاتناشقان ياش ئابدۇقاھار ئابدۇللانىڭ ماقالىسىدىن ئېلىندى.

  • شەكىل نەزەرىيەسى ماددىي ئالەم ۋە ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى شەكىل نۇقتىسىدىن سىستېمىلىق تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان فىزىكا ۋەئالەمشۇناسلىق قاتارلىق تەبىئەت پەنلىرىگە ئالاقىدار نەزەرىيەۋى ئىزدىنىشتىن ئىبارەت. ھەممىمىزگە مەلۇم ئىنسانىيەت ھازىرغىچە مۇئەييەن شەكىلگە ئىگە بولمىغان زەررىچە ۋە جىسىمنى ۋە مۇئەييەن شەكىلگە ئىگە بولمىغان ھەرىكەتنى بايقىمىدى. مەيلى ئاسمان جىسىملىرىدەك ماكرو سىستېمىلار بولسۇن ۋە ياكى ئېلېكتىروندەك مىكرو ماددىي رېئاللىقلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئۆزى مۇئەييەن شەكىلگە ئىگە بولۇپلا قالماي،ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىمۇ مۇئەييەن شەكىلگە ئىگە. شەكىل نەزەرىيەسى بىيولوگىيە ۋەخىمىيە قاتارلىق تەبىئەت پەنلىرىدىمۇ شەكىل نۇقتىسىدىن سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. مەسىلەن: خىمىيەدە ئاتوم، مولېكۇلا تۈزۈلۈشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەت شەكلى، بىيولوگىيەدە DNA قاتارلىقلار.

  • نۆۋەتتە خەلقئارادىكى بەزى تەتقىقاتلاردا بەزى زەررىچىلەرنىڭ ھەرىكەت شەكلى، تىرايېكتورىيەسى كۆزىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇزەررىچىلەرنىڭ ئۆز شەكلى ۋە ھەجىمى تېخنىكىلىق چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن تېخى بايقالغىنى يوق. شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ پىرىنسىپال ئىدىيەلىرىنىڭ بىرى شۇكى،مۇئەييەن شەكىلگە ئىگە بولمىغان ماددا مەۋجۇت ئەمەس. مەيلى قانچىلىك مىكرو قىممەتئېلىشىدىن قەتئىينەزەر بارلىق ماددىي رېئاللىقلار ئۈچ ئۆلچەملىك چەكلىك رېئاللىق بولۇپ، پەقەت مۇشۇنداق ئالدىنقى شەرت ئاستىدىلا ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزەتكىلى بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ماكاندا قالدۇرغان ھەرىكەت ئىزىمۇ ئۈچ ئۆلچەملىك بولىدۇ.
    قىسقىچە ئېيتقاندا، شەكىل نەزەرىيەسى جىسىم، زەررىچە قاتارلىقلارنىڭ ئۆز شەكلى ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەت شەكلىگە ئالاقىدار سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋەتلىرى، شۇنداقلا ئىچكى قانۇنىيەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. بۇنداق ئىزدىنىش بىزنى تەبىئەت دۇنياسىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا بىلىش، يېڭى قانۇنىيەتلەرنى بايقاش ۋە ئۇلارنىڭ تەدرىجىي تېخنولوگىيەگە تەتبىلاش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  • نۆۋەتتە خەلقئارادىمۇتەبىئەت دۇنياسىنى شەكىل نۇقتىسىدىن سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغاقويۇلۇپ، «شەكىل نەزەرىيەسى» قاتارلىق ناملاردا ئاتالغان يېڭى نەزەرىيە ۋەتەتقىقاتلار مەيدانغا كەلمەكتە. قارىغاندا مەيلى دىيارىمىزدا تەشەببۇس قىلىنغان شەكىل نەزەرىيەسى بولسۇن ياكى چەت ئەللىلەردە مەيدانغا كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان شەكىل نەزەرىيەسى بولسۇن بىر يېڭى ئىلىم تەتقىقاتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

  • شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسىي ئۇقۇملىرى

    نەزەرىيەسىدە ئاز بولمىغان يېڭى ئۇقۇملاركىرگۈزۈلگەن. سەھىپە چەكلىمىسى سەۋەبىدىن بۇلارنى تولۇق تونۇشتۇرۇش قىيىن. لېكىن بۇ نەزەرىيەنىڭ يادروسى بولغان ئۈچ ئۇقۇمى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقىش بىزنىڭ بۇنەزەرىيەگە ئىلمىي مۇئامىلە قىلىشىمىزدا بەكمۇ زۆرۈر. بۇ ئۇقۇملار «فىزىكىلىق شەكىل»، «ئارقا كۆرۈنۈش»، «مۇتلەق ھەجىم» دىن ئىبارەت ئۈچ ئۇقۇم بولۇپ ئۇلارنىڭ ئېنىقلىمىلىرى تۆۋەندىكىچە:

  • فىزىكىلىق شەكىل -مۇئەييەن گىئومېتىرىيە ۋە ئوپتىكىلىق ھالەت.
    شەكىل نەزەرىيەسىدە تەشەببۇس قىلىنىشىچە، ماددا (جىسىم) - ئېنېرگىيە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇئەييەن ئوپتىكىلىق ۋە گىيومېتىرىيەلىك ھالەتكە ئىگە بولىدۇ. يەنى ئۇلارنى مۇئەييەن ئوپتىكىلىق ۋە گىيومېتىرىيەلىك ھالەتكە، مۇئەييەن فىزىكىلىق شەكىلگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈنلا ۋاسىتىلىك ۋە بىۋاسىتە ھالدا كۆزەتكىلى،بىلگىلى بولىدۇ.

  • «فىزىكىلىق شەكىل» نىڭ ئىككى مۇھىم شەرتى ۋە خۇسۇسىيىتى بولۇپ، بىرى، ھەرقانداق فىزىكىلىق شەكىل چەكلىك بولىدۇ. يەنە بىرى، فىزىكىلىق شەكىل ھەرقانداق پەيتتە «ئارقا كۆرۈنۈش» تىن ئايرىلالمايدۇ.
    ئارقا كۆرۈنۈش- مۇئەييەن فىزىكىلىق شەكىلنى ئۆز قوينىغا ئالغان ماكان.
    شەكىل نەزەرىيەسىدە «ئارقا كۆرۈنۈش» ھەربىر كونكرېتلىقتا چەكلىك، بىرپۈتۈنلۈكتە، ئومۇمىيلىقتا چەكسىز، دەپ تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

  • مۇتلەق ھەجىم -ئالەمدىكى بارلىق ھەقىقىي مەنىدىكى قايتا پارچىلانمايدىغان ئېلېمېنتارزەررىچىلەرنىڭ (شەكىل نەزەرىيەسىدىكى «ئېن» لارنىڭ) ھەجىمىنىڭ يىغىندىسى
    شەكىل نەزەرىيەسىدە تەشەببۇس قىلىنىشىچە،مۇئەييەن شەكىل ۋە ھەجىمگە ئىگە بولمىغان ماددا، ماسسا - ئېنېرگىيە مەۋجۇت ئەمەس.ئالەمدىكى بارلىق ماسسا - ئېنېرگىيەنىڭ ھەجىمى مۇتلەق تۇراقلىق بولىدۇ.
    يۇقىرىقى ئۈچ ئۇقۇم شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىدىكى ئۈچ ئاساسىي ئۇقۇمدىن ئىبارەت.
    شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسىي ئىدىيە ۋە تەشەببۇسلىرى
    1. ئالەم دەۋرى بولىدۇ. كېڭىيىپ - تارىيىپ ئىزچىل دەۋرى قىلىدىغان ئالەمنىڭ باشلىنىش، ئاخىرلىشىش نۇقتىسى بولمايدۇ. ساقلىنىش قانۇنلىرى دەۋرى ئالەمنىڭ ھەرقانداق پەيتىگە نىسبەتەن ئورۇنلۇق.
    2. مۇتلەق تىنچ، چەكسىز بولغان نيۇتونچەماكان- يوقلۇق مەۋجۇت. 3. «ئوبيېكتىپ زامان» ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. زامان ( ۋاقىت)تېزلىكنى تەسۋىرلەشتە زۆرۈر بولغان سۇبيېكتىپ قورال. 4. ئالەمدىكى بارلىق ماسسا- ئېنېرگىيە مۇتلەق تۇراقلىق ھەجىمگە ئىگە. 5. ھەرىكەتنىڭ خۇسۇسىي خاراكتېرى ئەگرى بولىدۇ.بۇنداق ئەگرىلىك دەۋرى ئالەمنىڭ ئالدىنقى شەرتى. 6. يورۇقلۇق تېزلىكىدىن يۇقىرى تېزلىك مەۋجۇت.7. ھېزىنبېرىگ ئېنىقسىزلىق پىرىنسىپى بىلىش نەزەرىيەسى خاراكتېرلىك،تېخنىكا چەكلىمىسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مەسىلە. تەبىئەت دۇنياسنىڭ ئۆزىدە ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت ئەمەس. 8. دولقۇن - زەررىچە ۋە جىسىمنىڭ ھەرىكەت شەكلى:زەررىچىلىك خۇسۇسىيەت يورۇقلۇقنىڭ ماھىيىتى. 9. نيۇتون، ئېينىشتىيىن تارتىش كۈچى ئىدىيەلىرىدە بىر تەرەپلىمىلىك ۋە چەكلىمىلىك مەۋجۇت. 10. فىزىكىنى ھەرىكەت شەكلى نۇقتىسىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئۈمىد بار.

  • شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ 29- 41- تېئورېمىلىرى
    شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ 29- ۋە 41- تېئورېمىلىرى بۇ نەزەرىيەدىكى ئەڭ ھالقىلىق لوگىكىلىق تېئورېمىلار بولۇپ، بۇلارنىڭ بايانى تۆۋەندىكىچە:
    29- تېئورېمنىڭ بايانى
    زەررىچە ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەرىكەت جەريانىدا ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ. ئېغىشنىڭ قىممىتى ئوقىدائايلىنىش تېزلىكى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.
    29- تېئورىمىنىڭ ئىككىنچى بايان شەكلى
    ئۆزىنى ئايلىنىش ئوقى بىلەن سىزىقلىق ھەرىكەت يۆنىلىشى بىر سىزىق ئۈستىدە ياتمايدىغان زەررىچە ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەرىكەت جەريانىدا ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ.
    شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ 41- تېئورېمىسىنىڭ بايانى
    زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ سىزىقلىق ھەرىكەت مىقدارى بىلەن بۇلۇڭلۇق ھەرىكەتمىقدارى تەتۈر تاناسىپ، ئومۇمىي ھەرىكەت مىقدارى تۇراقلىق بولىدۇ.

  • ماياتنىك تەجرىبىسىدە كۆرۈلگەن 29-تېئورېمىچە ئېغىش
    29- تېئورمىنى بىرەرئەمەلىي مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش زۆرۈرىيىتىدىن، بانان توپ (يايسىمان توپ) دەپ ئاتىلىدىغان ھەممىگە تونۇش بولغان بىر ھەرىكەت شەكلى نامزات قىلىنىپ تاللانغان.بۇنداق توپلاردىكى يايسىمان ھەرىكەت شەكلىنىڭ فىزىكىلىق سەۋەبى ئۈستىدىكى كىلاسسىك قاراشلارغا ئوخشىمايدىغان قاراش بۇ تەجرىبىنىڭ لايىھەلىنىشىگە ئىلھام بەرگەن.
    شەكىل نەزەرىيەسى ۋە 29- تېئورېمىدا بۇنداق ھەرىكەت شەكلىنىڭ دېنامىكىلىق سەۋەبى تەنھەرىكەتچىنىڭ تېخنىكىلىق تېپىش ئۇسۇلى.ئوخشاش ئۇسۇلدا تېپىلغان ياكى ئۇرۇلغان توپ ھەقىقىي بوشلۇقتىمۇ يايسىمان ئىلگىرىلەيدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بۇنداق توپلارنىڭ ئىككى يېرىم شارى سىزىقلىق ئىلگىرىلەش جەريانىدا قارىمۇ قارشى يۆنىلىشتە ئايلىنىدۇ. بۇنداق توپ ياكى جىسىملارسىزىقلىق ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە قارشى ئايلىنىۋاتقان تەرەپكە، يەنى سىزىقلىق تېزلىك ئاستا تەرەپكە ئاقىدۇ، دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ.
    كىلاسسىك قاراشلاردا بۇنداق توپلارنىڭ ئىككى يېرىم شارى مۇئەييەن ئوقتا ئۆزىنى ئايلىنىپ سىزىقلىق ئىلگىرىلەش جەريانىدا ھاۋانىڭ بېسىم پەرقى سەۋەبىدىن تۈز سىزىقلىق ھەرىكەتتىن يىراقلىشىپ بىر تەرەپكە ئېغىشىدۇ،بىرنوللى قانۇنى بويىچە ھاۋا ئېقىمى تېز تەرەپنىڭ ھاۋا بېسىمى كىچىك، ھاۋا ئېقىمى ئاستا تەرەپنىڭ ھاۋا بېسىمى چوڭ بولىدۇ. شۇڭا يۇقىرى ھاۋا بېسىمى بۇنداق توپلارنىڭ تۈپ سەۋەبى سەۋەبى دەپ قارىلىپ كەلگەن. زادى قايسى قاراشنىڭ توغرا، قايسى قاراشنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن. بۇنداق توپ ياكى جىسىملارنىڭ ئېغىشىدا ھاۋانىڭ،بىرنوللى قانۇنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان سىرتقى قېپى پىرقىرىمايدىغان ئېلېكتىرموتورنى ماياتنىك بېشى قىلىپ ماياتنىك تەجرىبىسى ئىشلەش قارار قىلىنغان، بۇ لايىھەبويىچە ئېلېكتىر موتور ئايلاندۇرۇلماي، ئوڭغا ۋە سولغا ئايلاندۇرۇلۇپ ئايرىم -ئايرىم ھالدا ھەربىر تۈردە ئون گۇرۇپپىدىن تەجرىبە ئىشلەنگەن، تەجرىبىدىكى ئېغىشنىڭ ئوتتۇرىچە نەتىجىسى موتور ئايلاندۇرۇلمىغاننىڭ 2.7 سانتىمېتىر؛ ئوڭ ئايلاندۇرۇلغىنىنىڭ 4.7 سانتىمېتىر؛ تەتۈر ئايلاندۇرۇلغىنىنىڭ 6.1 سانتىمېتىربولغان.
    تەجرىبە نەتىجىسى ۋەخۇلاسىسى
    تەجرىبە ۋە ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشلاردىن ئايان بولدىكى، شەكىل نەزەرىيەسى 29- تېئورېمىسىدا تەشەببۇسقىلىنغان ئېغىش ھەقىقەتەن مەۋجۇت.

  • بۇ خىل ئېغىش كۈچىنىڭ چېتىلىش دائىرىلىرى

  • 1. ئالەملىك تارتىش كۈچى.

  • بۇنداق ئېغىش كۈچى ئالەملىك تارتىش كۈچىنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىي مىقدارلىرى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ.
    2. دې بېروگلى ماددىي دولقۇن قىياسى

  • دې بېروگلى ئوتتۇرىغاقويغان ماددىي دولقۇن قىياسىدىكى دولقۇن ھەقىقىي ماددىي دولقۇن بولماي، شەكىل نەزەرىيەسىدە تەشەببۇس قىلىنغان 29- تېئورېمىچە ئېغىش ۋەجىدىن كېلىپ چىققان زەررىچىنىڭ ئەگرى ھەرىكەت شەكلى بولۇشى مۇمكىن.
    3. يورۇقلۇق ماھىيىتى

  • يورۇقلۇقنىڭ دولقۇن خۇسۇسىيىتىمۇ ماھىيەتتە ئايلىنىۋاتقان فۇتۇننىڭ 29- تېئورېمىچە ئېغىشتىن كېلىپ چىققان ئەگرى ھەرىكەت شەكلى بولۇشى مۇمكىن.

  • 29- تېئورېمىغائالاقىدار باشقا تەجرىبىلەر
    پېرىتسىيەتەجرىبىسى، شۇنداقلا ئانتى ئېغىرلىق كۈچى تەجرىبىسى دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان پىرقىرىغۇچ (نۇر) دا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر تەجرىبە بولۇپ، بۇ تەجرىبە قايتائىشلىنىپ پېرىتسىيە ۋە ئاتالمىش ئانتى ئېغىرلىق كۈچى ھادىسىسى قاتارلىقلارنىڭ 29-تېئورېمىچە ئېغىشنىڭ نەتىجىسى ۋە ئىسپاتى ئىكەنلىكى ئايان بولدى. بۇ جەرياندا يەنە29- تېئورېمىنى قوللايدىغان يېڭى بىر ھادىسە كۆرۈلۈپ، ئۇنىڭغا ھازىرچە «تىكلىشىش ھادىسىسى» دەپ نام بېرىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، شىرە ئۈستىدىكى نۇر تەجرىبىسى؛ قوش پىلدىرلىغۇچ تەجرىبىسى؛ سىرتقى قېپى ئايلانمايدىغان نۇر (گىروسكۇپ) ماياتنىك تەجرىبىسى؛ سۇ ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبە قاتارلىقلار ئىشلەنگەن.

  • 29- تېئورېمىغائالاقىدار كىلاسسىك قانۇن ۋە ئېففىكتلار
    29- تېئوېرمىچە ئېغىش ئىدىيەسى ئىدىيە تارىخىدا كىلاسسىكلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولۇنغانمۇ - يوق؟ دېگەن سوئالنىڭ تۈرتكىسىدە ئىزدىنىپ تۆۋەندىكىلەرگە ئېرىشىلگەن:
    نىيۇتون 1- قانۇنىنىڭ مۇپەسسەل بايانى
    ھەربىر جىسىم ئۆزىنىڭ تىنچ ھالىتىنى ياكى تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت ھالىتىنى ساقلايدۇ، پەقەت تاشقى كۈچ تەسىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

    تاشلانغان جىسىم ئەگەر ھاۋانىڭ قارشىلىقى ۋە ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تۆۋەنگە يېتەكلىشى بولمىسا، ئۆزى تاشلانغان پەيتتىكى ھەرىكەت ھالىتىنى ساقلايدۇ. پىرقىرىغۇچ (نۇر) نىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى ئۇيۇشتۇرغۇچى كۈچ ئۈزلۈكسىز ھالدا تۈز سىزىقلىق ھەرىكەتتىن يىراقلىشىپ ئېغىشىدۇ. ھاۋانىڭ قارشىلىقى بولمىسا، توختىماي پىرقىراۋېرىدۇ. سەييارىلەر ۋە كومىتالارغا ئوخشاش چوڭ جىسىملارئەركىن بوشلۇقتا ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىسا، ئۇزۇن ۋاقىت ئىلگىرىلىمە ھەرىكەت ۋە ئايلانما ھەرىكىتىنى ساقلايدۇ...

  • ئادەتتە دەرسلىك كىتابلاردا يۇقىرىقى باياننىڭ 1- ئابزاسىلا ئۈزۈپ ئېلىنىپ 1- قانۇن (ئېنېرتسىيە قانۇنى) سۈپىتىدە قارىلىدۇ. لېكىن 2- ئابزاسنىڭ دىققەتكە سازاۋەر قىلىنماسلىقىنىڭ سەۋەبىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. ئەسلىي 2- ئابزاسمۇ ئېنىرتسىيە قانۇنىنىڭ شەرھى ۋە مەزمۇنى سۈپىتىدە تونۇلۇشى كېرەك ئىدى.

  • ماگنۇس ئېففىكتى

  • ئايلىنىۋاتقان بىرجىسىمنىڭ بۇلۇڭلۇق تېزلىكىنىڭ ۋىكتورى، بۇ جىسىمنىڭ ئۇچۇش (سىزىقلىق) تېزلىكىنىڭ ۋىكتورى بىلە ئۈستمۇئۈست چۈشمىگەندە، ئايلىنىۋاتقان بۇلۇڭلۇق تېزلىك ۋىكتورى ۋەسىزىقلىق تېزلىك ۋىكتورىدىن شەكىللەنگەن تەكشىلىكتە بىر ۋېرتىكال كۈچ پەيدابولىدۇ. بۇ ۋېرتىكال كۈچنىڭ تەسىرىدىن جىسىملارنىڭ سىزىقلىق تىرايېكتورىيەسىدە ئېغىش يۈز بېرىدىغان ھادىسە ماگنوس ئېففىكتى، دەپ ئاتىلىدۇ.
    يۇقىرىقىلاردىن باشقا رۇس فىزىكى يا. ئىپېرېلمان «قىزىقارلىق فىزىكا» ناملىق كىتابىدا يەردە دۇمىلاپ ئىلگىرىلەۋاتقان چاقلارنىڭ يەرگە تەگكەن قىسىمىنىڭ ئاستا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغاقويغان.
    كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەرىكەت ئەگرىلىكى ئىدىيەسى 29 - 41- تېئورېمىلارغا نىيۇتون ئېنىرتسىيە قانۇنى يول قويىدۇ،نىيۇتون ئېغىشنىڭ ھەقىقىي بوشلۇقتىمۇ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان.ھالبۇكى ئالاقىدار يۆنىلىشلەرنى ئېنىق كۆرسەتمىگەن. ماگنۇس يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسەتكەن، لېكىن بۇنداق ئېغىشنى ئاقار جىسىملار مېخانىكىسى نۇقتىسىدىلا ئىزاھلاپ،ھەقىقىي بوشلۇققا كېڭەيتمىگەن، پېرېلمان چاقنىڭ ئاستا نۇقتىسىنى توغرا تەسەۋۋۇرقىلغان، لېكىن بۇنى 29- تېئورېمىچە ئېغىش نۇقتىسىدىن ئاساسىي شەرتى ئوخشاش بولغان ئەھۋالدا ئوخشىمىغان تەكشىلىك ۋە ھەرخىل بوشلۇقتىكى بارلىق ھەرىكەتلەرگە كېڭەيتمىگەن. ئەمدى مەلۇم بولدىكى، ھەرىكەت ئەگرىلىكى ئىدىيەسى، 29 - 41-تېئورېمىلار پەقەت ئالاقىدار كىلاسسىك ئىدىيەلەرنىڭ مەنتىقى راۋاجى ئىكەن.
    قاسىم سىدىق ئۇنىۋېرسال بىلىم قۇرۇلمىسىغا ۋە چوڭقۇر تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ئىگە كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالىي. ئەڭ قەدىرلەشكە تېگىشلىك بولغىنى ئۇنىڭ ھارماي - تالماي ئىزچىل ئىزدىنىش روھىدىن ئىبارەت. ئۇئەسلىي جامائەتچىلىككە تونۇلغان شائىر ئىدى. ئۇنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەدەبىي ئوبزورلىرىمۇ ئۆز ۋاقتىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. قاسىم سىدىق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىمۇ بىر قىسىم ئىلمىي، نەزەرىيەۋى ماقالىلەرنى يازغان. ئۇ ئاساسىي ئېنېرگىيەسىنى ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىگە قاراتقان بولسا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنىياراتقان بولاتتى. لېكىن قاسىم سىدىق ئاساسىي زېھنىي كۈچىنى شەكىل نەزەرىيەسى تەتقىقاتىدىن ئىبارەت تەبىئەت پەنلىرىگە ئالاقىدار بۇ چوڭ تېمىغا قاراتتى. بۇجەرياندا، قاسىم سىدىق ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ئاز بولمىغان بەدەللەرنى تۆلىدى.خەلقىمىزنىڭ تەبىئەت پەنلىرىدە ئارقىدا قېلىشى؛ تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىگە قىزىقىش،شۇنداقلا ئىلمىي غايىلىرى ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ بەدەل تۆلەپ تۇرۇپمۇ ھازىرغىچە بەرداشلىق بېرەلىشىگە سەۋەب بولدى.

  • بىر قانچە كۈن ئىلگىرى مەن قاسىم سىدىقنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇۋاتقان ئۆيىگە باردىم. «ھە» دېگەندىلادىققىتىمنى تارتىقىنى تەبىئەت پەنلىرىگە ئالاقىدار 30 تومدىن ئارتۇق خەنزۇچە كىتاب بولدى. مەن بۇ كىتابلارنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، بۇ كىتابلارنىڭ ئىچىدە قەدىمكى يۇنان ئالىمى ئارستوتىل، رىم پەيلاسوپى لوكىرېتسى كارنىك كىتابلىرى؛ نىيۇتوننىڭ«تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ماتېماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى» ناملىق كىتابى؛ ئېينىشتىيىننىڭ ئۈچ توملۇق تولۇق ئەسەرلەر توپلىمى؛ جۇڭگو ئىنسكىلوپىدىيەسىنىڭ فىزىكا قىسمى قاتارلىقلار بار ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، قاسىم سىدىق بەش يىلدىن بېرى خەلقئارادىكى داڭلىق فىزىكا تور بېكەتلىرىنى ئاختۇرۇپ، يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن ئۇچرىشىشنى كۈندىلىك ئادەت قىلىپ كەپتۇ. يەنە مەن بۇ ئۆيدە ھەر خىل تەجرىبە قۇرۇلمىلىرىنى ئۇچراتتىم،گەرچە بۇ قۇرۇلمىلار ئاددىي بولسىمۇ، ئۇلار ھامان مۇئەييەن فىزىكا قانۇنلىرىنى ئىپادىلەيدۇ، دەپ ئويلىدىم.

  • بۇ تىرىشچانلىقلاربەدىلىگە ھازىر بىر نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ پەلسەپە - لوگىكىلىق ئاساسىي رامكىسى تاماملانغان، بىر لوگىكىلىق تېئوېرمىنىڭ تەجرىبە پاكىتلىرى دەسلەپكى قەدەمدە قولغاكەلتۈرۈلگەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەن خەلقئارادا شەكىل نەزەرىيەسىدە ئالدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھۆكۈم - پەرەزلەرنى قوللايدىغان ئاز بولمىغان بايقاش ۋەنەتىجىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. خەلقئارادا يېڭىدىن مەيدانغا كېلىۋاتقان بەزى يېڭى بايقاش، يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ ئالدىن قىلغان پەرەز، ھۆكۈملىرىنى قوللاۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن پىروفېسسور، دوكتور ئەخمەت ئابلىز؛ پىروفېسسور ئەركىن. ئا؛ پىروفېسسور پولات ئەخمەت؛ دوكتور ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېشىت؛ لىكتور خالمۇرات ئازات قاتارلىقلارنىڭ2010- يىلى يازغان شەكىل نەزەرىيەسى تەتقىقاتىغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەققىدىكى تەكلىپ ۋە مۇراجىئەتلىرىنىمۇ كۆرۈپ چىقتىم.

  • قارىغاندا ھازىر شەكىل نەزەرىيەسى ۋە ئۇنىڭ تەجرىبە نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈپ، دەلىللەپ مەملىكەت ئىچى -سىرتىدىكى ئىلىم دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇشنىڭ ئاساسلىق شەرتلىرى پىشىپ يېتىلگەندەك قىلىدۇ، مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، شەكىل نەزەرىيەسى تەتقىقات دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولغان بىر نەزەرىيە قۇرۇلۇشى ئوخشايدۇ. ھالبۇكى بۇ تەتقىقات ھازىر تەتقىقات شارائىتى، تەجرىبە قاتارلىق زۆرۈر چىقىملارنىڭ غايەت زور بېسىمى ئاستىدا تولىمۇجاپالىق ئىشلىنىۋېتىپتۇ.

  • مەن بۇ ساھەدە كەسىپ ئەھلى ئەمەس. لېكىن سىستېمىلىق نەزەرىيەۋى گەۋدىسى، مۇئەييەن تەجرىبە ئاساسى،كېيىنكى تەجرىبە ۋە تەتقىقاتلار تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىۋاتقان ئالدىن پەرەزلىرى بولغان مۇشۇنداق بىر تەتقىقاتنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىپ بىر نەتىجىسى كۆرۈلسىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. ئىلگىرى بۇ تەتقىقاتنى قوللىغان ياسىنجان كېرەم، شاۋكەت ئىدرىس قاتارلىق بارلىق قوللىغۇچىلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.



" ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى"  2015-يىلى 17-ئۆكتەبىر سانىدىن ئېلىندى


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )