قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5131|ئىنكاس: 38

چوڭ بايقاش، جىددىي تەشەببۇس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13452
توردىكى ۋاقتى: 6623
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 18:35:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم تور بىكەتلەر ئەنگىليە ئالىمى روگىر.پىنروس، ئەرمەنىيە ئالىمى ۋاچ.گوزادىئانلارنىڭ ئامېرىكا فىزىكىچىلار تور بىكىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئالەمنىڭ دەۋرىلىگىنى ئىسپاتلايدىغان» ئىسپاتقا ئىرىشكەنلىگىنى بەس-بەستە تارقاتتى.
بۇ بايقاشنىڭ تور دۇنياسىدا جىددى ئىنكاس قوزغىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئالەمشۇناسلىقتىكى نوپۇزلۇق كۆزقاراش «ئالەمنىڭ چوڭ پارتىلاش مودېلى» دىكى «ئالەم نۆل نوقتىدىن باشلانغان، ئاخىرى يوقىلىدۇ» دېگەن نوقتىنەزەرگە جەڭ ئېلان قىلغانلىقىدا. ئەگەر بۇ بايقاش ئورتاق ئىتىراپ قىلىنىپ، ئالەمنىڭ دەۋرىلىگى مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە، ھازىرقى زامان ئالەمشۇناسلىقى، فىزىكىسى ۋە پەلسەپەسىگە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئىلىپ كېلىشى مۇمكىن.
بىزنىڭ يۇقۇرقى ئۇچۇرغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىزغا ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى قاسىم سىدىقنىڭ ئۇزۈن يىللاردىن بىرى نەزەرىيىۋى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىققا ئالاقىدار تېما -«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» ئۈستىدە ئىزدىنىپ تۆۋەندىكىچە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىگى سەۋەب بولدى:
1.    ئالەم دەۋرى بولىدۇ، ئالەمنىڭ باشلىنىش ئاخىرلىشىش نوقتىسى بولمايدۇ، ساقلىنىش قانۇنلىرى دەۋرى ئالەمنىڭ ھەرقانداق پەيتىگە نىسبەتەن ئورۇنلۇق.
2.    مۇتلەق تىنىچ بولغان نىيوتۇنچە ماكان –يوقلۇق مەۋجۈت.
3.   «ئوبېكتىپ زامان»ئەسلا مەۋجۈت ئەمەس، زامان تىزلىكنى تەسۋىرلەشتە زۆرۈر بولغان سوبېكتپ قۇرال.
4.    ئالەمدىكى بارلىق ماسسا-ئىنېرگىيە مۇتلەق تۇراقلىق ھەجىمگە ئىگە.
5.    ھەرىكەتنىڭ خۇسۇسىي خاراكتېرى ئەگرى بولىدۇ، بۇ خىل ئەگرىلىك دەۋرى ئالەمنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
6.    يورۇقلۇق تىزلىگىدىن يۇقىرى بولغان تىزلىك مەۋجۈت.
7.    ئېينىشتېيىننىڭ زامان-ماكان ئىدىيىسى بىر تەرەپلىمىلىككە ۋە چەكلىمىلىككە ئىگە.

«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»نىڭ 1990-يىلدىن تارتىپ ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىغان يۇقۇرقى پەرەز –نەتىجىلىرىنىڭ ئىچىدە يۇقۇرقىلاردىن باشقا يەنە ئاز بولمىغان يەكۈنلىرى ۋە نەتىجىلىرى بولۇپ، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق فىزىكا ئالىملىرى، مۇتەخەسىسلەرنىڭ يېڭى تەتقىقات،تەجىرىبە –كۈزۈتۈش نەتىجىلىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئىرىشىدۇ دەپ قاراشقا بولىدىغانلىرى تۆۋەندىكىچە:
1-فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئالەم دەۋرىلىككە ئىگە دېگەن پەرىزى ئەنگىليە ئالىمى روگىر.پىنروز (R.Penrose)، ۋە ئەرمەنيە ئالىمى ۋاچ.گۇسادىيان (V.G.Gurzadyan)لارنىڭ تەتقىقات ۋە كۇزۇتۇش نەتىجىلىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىدۇ.
2-  «نىيۇتۇنچە ماكان مەۋجۇت» دېگەن كۆز قارىشى كۋانىت نەزەرىيىسى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىدۇ. چۇنكى، نىيۇتۇنچە ماكان بولمىسا كۋانتلىقنى تەسسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
3-  «ئوبېكتىپ زامان مەۋجۇت ئەمەس، زامان سوبىكتىپ قورال دېگەن پەرىزى» كالفورنىيە ئونىۋىرسىتىتىنىڭ فىرافسورى كىراك.كالىندىر(CraigCallender)نىڭ «زامان پەقەت تۇيغۇمۇ؟» ناملىق ماقالىسىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن كۆز قاراشلار ۋە ۋاچ. گۇسادىيانلارنىڭ يۇقۇرقى تەتقىقات نەتىجىسى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىدۇ. ئالەمنىڭ دەۋرېلىگىنى تەشەببۇس قىلغان يۇقۇرقى چەتئەللىك ئىككى نەپەر ئالىمنىڭ تەشەببۇسلىرى پۇت تېرەپ تۇرالىسا،ياكى نىيۇتۇنىنڭ مۇتلەق زامان ئىدىيىسىنى قايتا ئىلىپ كېرىشكە ياكى زامان سوبىكتېپ قورال دېگەن ئىدىيىنى قوبۇل قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
4-  شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ يورۇقلۇق تېزلىگىدىن يۇقىرى تېزلىك مەۋجۇتلىگى ھەققىدىكى پەرىزى كوۋانت نەزەريىسى،ئامېرىكا،گىرمانىيە ۋە شىۋىتساريە جەنىۋە ئونىۋىرسىتىتى ئالىملىرىنىڭ يورۇقلۇق تېزلىكىگە ئالاقىدارتەجىرىبە نەتىجىلرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىدۇ.
5-«ئېنىشتېيىن زامان –ماكان ئىدىيىسىدە بىرتەرەپلىمىلىك ۋە چەكلىمىلىك مەۋجۇت» دېگەن پەرىزى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبى سىتۋىن ۋىنبىرىگ (Stevn.Weinberg)،ئامېرىكا ۋىرمونىت ئونىۋرىسىتىتىنىڭ فىرافسۇرى  ھانىس يوھانيان(Hansc.ohanian)لارنىڭ«ئېنىشتېيىننىڭ خاتالىغى»ناملىق ئەسەرلىرىدە ئىلگىرى سورۇلگەن ئىدىيىلەر ۋە سىتانفۇرت ئونىۋىرسىتىتىنىڭ دەم ئىلىشقا چىققان تەتقىقاتچىسى، روسىيە ئالەم قاتناش ئاكادىيمىسىنىڭ ئاكادىيمىكى خۇادى(HuaDi 华棣)نىڭ ئېنىشتېيىن نىسبىلىك نەزەريىسى ئۈستىدە ئىلىپ بارغان بىريۈرۈش  تەتقىقات نەتىجىلىرى شۇنداقلا كوۋانت نەزەرىيىسى ۋە ئەرمىنيە، ئەنگىليىلىك يۇقۇرقى ئىككى نەپەر ئالىمنىڭ تەتقىقات نەتىجىلرى تەرىپدىن قوللاشقا ئىرىشىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، 1990-يىلىدىن باشلاپ، «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قىسىم نوقتىنەزەر ۋە پەرەزلەر نۆۋەتتە خەلقئارادىكى تەتقىقات كۈزۈتۈش نەتىجىلىرى بىلەن ئاساسەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىگىنى بايقىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ۋاستىلەردىن جوڭگۇ فىزىكا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى،چوڭچىڭ ئونۋېرسىتېتىنىڭ پىرافىسۇرى، دوكتۇر يىتەكچىسى لى فاڭيۇ ئەپەندىنىڭ بۇنەزەرىيىگە بولغان ئىجابى باھاسىدىن شۇنداقلا ئۇنىڭ دوكتۇر، ماگىستېر ئاسپىرانتلارنى بۇ تەتقىقات دالالەت قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. شۇڭا بىز «مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش»ئىستراتىگىيىسىنى چىقىش قىلىپ «فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىىسى»تەتقىقاتىنى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز.

«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»گە ئالاقىدار ئۇچۇرلار 1990-يىلدىن تارتىپ ھەرخىل ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنىپ، بىر قىسىم ئىلىم ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغان. ئەينى ۋاقىتتىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسىسلەر بۇ نەزەرىيىنىڭ بەزى كۆز قاراشلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ قىممەتلىك پىكىر –تەكلىپلەرنى بەرگەن. بىز بۇنەزەرىيىگە ئەستايىدىل، تارىخى مەسئۇليەت تۇيغۈسى بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك دەپ قارايمىز.
گەرچە بۇ نەزەرىيىنىڭ پەلسەپە-لوگىكىلىق رامكىسى قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمەلى دەلىللەش، تەجىرىبە ۋە كۈزۈتۈش نەتىجىلىرى كەمچىل، تەتقىقاتقا قاتناشقۇچىلار يېتەرلىك ئەمەس. بىز قاسىم سىدىق باشچىلىغىدىكى ناھايتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خىلمۇ-خىل قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كىچىك كارخانىلار، شەخىسلەرنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىشى ۋە ھېسداشلىق قىلىشى ئاستىدا زور تىرىشچانلىق بىلەن تەتقىقات ئىلىپ بىرىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق.
بىز «شەكىل نەزەرىيىسى»نىڭ ئالدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى پەرەزلىرى خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدىكى يېڭى بايقاش، يېڭى نەتىجىلەر بىلەن پىرنسىپ جەھەتتە بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۆۋەندىكىچە تەكلىپ بىرىمىز:
1.    مۇناسىۋەتلىك كەسىپ، مەمۇرىي ئورۇنلار بىر قىتىم «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى ئويۇشتۇرۇپ، قاسىم سىدىقنىڭ ۋە ئىلىم ساھەسىنىڭ پىكىرلىرى ئاڭلاپ بىقىلسا.
2.    بىز بۇنەزەرىيىنىڭ چىتىلىش دائىرىسىنىڭ ناھايتى كەڭ بىر نەزەرىيە قۇرۇلۇشى ئىكەنلىگىنى بايقىدۇق، تەتقىقات سالمىغىنى كۈچەيتىپ، تەتقىقات سۈرئىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئالاقىدار ئورۇنلار، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملار، سىياسەتلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن مەخسۇس «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» ئىلمى تەتقىقات ئاپاراتى تەسىس قىلىپ، مۇنتىزىم تەتقىقات شارائىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئويلۇشۇپ كۆرسە.
3.    مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ۋاستىلىرى، نەشىرىيات ئورۇنلىرى «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيسى»نىڭ يەرلىك پەننى مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىلمىي مۇنازىرىنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئەھمىيىتىنى تونۇپ، «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»ماقالىلىرى ئۈچۈن كەڭرى سەھنە ھازىرلاپ بەرسە. تارىخ ئىلىم-پەن تەرەققىياتى ئىلمىي مۇنازىرىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
4.    ھەرقايسى ساھە،كەسىپ ئىگىلىرى بولۇپمۇ فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىق ساھەسىدە مەخسۇس تەربىيلەنگەن مۇتەخەسىسلەر «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»گە بولغان قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى ۋە زۆرۈرى ياردەملىرىنى ئايىمىسا.
پۇرسەت ۋە رىقابەتكە تولغان بۈگۈنكى كۈندە «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»ئەستايدىل
ۋە جىددى مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك تېما دەپ قاراپ، بۇ تەشەببۇسنامىگە ئىمزايىمىزنى قويدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:  
ئەخمەت ئابلىز
شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئونۋېرسىتېتى پىرافىسۇرى، دوكتۇر.

پولات ئەخمەت
شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى پىرافىسۇرى.

ئەركىن. ئا
شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى پىرافىسۇرى.

ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرىشىت
شىنجاڭ ئونۋېرىسىتېتى، دوكتۇر.

خالمۇرات ئازات
شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى، لىكتور

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى

ئىزاھ: ئەسلى نوسخا ئارخىپتا.

بۇيازمىنى مەنبەنى ئەسكەرىتكەن ھالدا ھەر قانداق تورغا چاپلاشقا بولىدۇ
مەنبە:

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13452
توردىكى ۋاقتى: 6623
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 00:04:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىلىمگەرنىڭ ئېنىقلىمىسى:
ئىلىمگەر-ئىلمى نەتىجە،يەنى ئىلمى بايقاش ۋە كەشپىيات ياراتقان ئادەم.

ئىلىمگەر خەلق ئاممىسى ئىچىدىن چىقىدۇ،ئىلمگەرلەر خەلق ئاممىسىنىڭ بىرئەزاسى شۇنداقلا خەلق ئاممىسى ئىچىدىكى مۇنەۋۋەر شەخىس ۋە ئىلمى ئىقتىساسلىقلاردىن ئىبارەت.

ئىلىمگەرلەرنى«مۇلكى ئىلىمگەر»،«ئەل ئىچىدىكى ئىلىمگەر»دەپ ئايرىش فېئودال بىيوكىرات مۇستەبىتچلىك خاتالىغىدىن ئىبارەت.بۇ خىل نوقتىنەزەر ھازىر ئېغىر دەرىجىدە جوڭگوپەن-تىخنىكىسى ۋە مەدەنيەت تەرەققىياتىنىڭ توسالغۇسىغا ئايلاندى.كىشىلەرنىڭ ئىدىيە ئازاتلىغى،يىڭىلىق يارتىىشىنى چۇشەپ قويدى.تۇزۇتۇش لازىمكى؛ئىلم-پەن ھەقىقەتنى ئەمىليەتتىن ئىزدەيدۇ،ھەر قانداق مۇستەبىتلىك،ساختىلىق ۋە بىرتەرەپلمە قاراشلار بىلەن سىغىشالمايدۇ.

خەنزۇچە مەنبە:
جوڭگۇ دۇلەت مۇداپىيە پەن-تىخنىكىسى مۇنبىرى

http://bbs.81tech.com/forum.php?mod=viewthread&tid=310234&page=1

مەنبەنى ئەسكەرتىپ خالىغان تورلارغا كۇچۇرۇشكە بولىدۇ
مەنبە:
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=7532


原创: 把科学家分为“官科”和“民科”是错误的
中国国防科技论坛
发表于 2011-11-27 10:41:45

把科学家分为“官科”和“民科”是错误的
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13452
توردىكى ۋاقتى: 6623
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 23:08:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1


  2012- يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۇنى(بۇگۇن) پەن-تىخنىكا تورى ياپۇنيىلىكلەرنىڭ تەجىربىدە ئېنىقسىزلىق پىرىنسىپىغا خىلاپ ھادسىنى بايقىغانلىغى ھەققىدە خەۋەر بەردى،بۇخەۋەر شەكىل نەزەريىسى ئۇچۇن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك كاتتا خۇشخەۋەر.
شەكىل نەزىريىسى ئېنىقسىزلىق پىرىنسىپىنىڭ فىزىكىلىق مەسىلە بولماي،بىلىش نەزىريىسى خاراكتىرلىك مەسىلە ئىكەنلىگىنى،زەررىچىنىڭ تىزلىگى،ھەركەت مىقدارى ۋە ئورنىنى بىرلا ۋاقىتتا ئېنىق بىلىشنىڭ مۇمكىنلىگىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن،ئەگەر يۇقۇرقى خەۋەر شۇنداقلا ۋاچ.گورزادىيان،روگىر.پىنروزلارنىڭ ئالەمنىڭ دەۋرىلىگى ھەققىدىكى بايقاشلىرى ۋە نېتىرۇنو تەجىربىسى مۇئەييەنلەشتۇرۇلسە شەكىل نەزەريەسى تۇپ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە پىرىنسىپ جەھەتتىن  تەجىربە ئاساسىغا ئىگە بولدى دىيىشكە بولىدۇ.ئەلبەتتە 29-تىئورىما تەجىربىسى سالاھىيەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن قايتا ئىشلىنىپ دەلىللىنىشى كىرەك.

2


ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە_«ئېن»نى ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن  بېۋاستە كۇزىتىش مۇمكىن ئەمەس،دەپ قارايمەن،ھېچبولمىغاندا يىقىن كىلەچەكتە شۇنداق.«ئېن»لارنىڭ ھەركەت جەريانىنى كۇزۇتۇش،ئۇزىنى كۇزۇتۇشكە قارىغاندا بۇرۇنراق ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن.چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ياۋرۇپا يادرۇ تەتقىقات ئورنىدىكى ئالىملار چوڭ تىپلىق يادرۇ سوقۇشتۇرۇش ئۈسكىنىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئالەمنىڭ چوڭ پارتىلىشىغا بەكمۇ ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان سۇرەتلەرنى تارتىۋالغان بولۇپ ،ياۋرۇپا يادرۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ باياناتچىسى كىرىستىن سوتتون ([Christine Sutton) «بىز زەررىچىلەرنىڭ قالدۇرۇپ قويغان ئىزى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت جەريانىنى كەلتۈرۈپ چىقاردۇق، زەررىچىلەرنىڭ ئۆزىنى بولسا ئەسلا كۆرگىلى بولمايدۇ»دېگەن.ئەلۋەتتە،ئۇلارنىڭ كۇزەتكىنى «ئېن»نىڭ ھەركەت جەريانى ئەمەس .«ئېن»غا نىسبەتەنمۇ ئەھۋال شۇنداق ،بۇ مەسىلە كۇنتەرتىپكە قويۇلسا،شەرىت-شارائىتلار پىشىپ يىتىلگەندە ئاندىن
«ئېن»لارنىڭ پەقەت ھەركەت جەريانىنىلاكەلتۇرۇپ چىقىرىش مۇمكىن.ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە(«ئېن»)نى تىپىش پۇتكۇل زەررىچىلەر فىزىكىسىنىڭ ئەڭ ئاداققى غايىسى،ئەلۋەتتە.

     

3
  يىقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارادا مەيدانغا كەلگەن يىڭى بايقاشلار شەكىل نەزەريىسنىڭ پەلسەپە -لوگىكىلىق ئاساسلىرىنىڭ ۋە تەتقىقات رامكىسىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالايدىغانلىغىنى،تەپەككۇر يۇلىنىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىگىنى كۇرسەتتى.شەكىل نەزەريىسنىڭ ئىلگىرلەپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان تېما ئىكەنلىگىدە ئىختىلاپ بولمىسا كىرەك دەپ ئۇيلايمەن.بۇ خىل تەتقىقاتنىڭ ئومۇمەن ئۇچ كونكىرىت قەدەم باسقۇچى بار:
1.مىكرۇ دونيا-زەررىچىلەر دۇنياسى تەتقىقاتى.ھاسىلى زەررىچىلەر  (تۇزۇلۇشكە ئىگە زەررىچىلەر)جەدىۋىلى تۇرغۇزۇپ چىقىش.دەسلەپتە«ئېن»نىڭ ھەجىمى ۋە باشقا فىزىكىلىق قىممەتلىرىنى بەلگىلىۋىلىپ،ئاندىن ھاسىلى زەررىچىلەرنىڭ مۇتلەق ھەجىمى،كۇرۇنمە ھەجىمى شۇنداقلا باشقا فىزىكىلىق مىقدارلىرىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىش.بۇ ئىزدىنىشنىڭ دائىرىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئېندىن پىرۇتۇن ۋە ئىلىكتىرۇنغىچە بولىدۇ.ئىلىكتىرۇننىڭ شار شەكىللىك زەررىچە ئىكەنلىگى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىزنىڭ زەررىچلەرنىڭ ھەجىمى ۋە شەكلى ئۇستىدىكى ئىزدىنىشلىرىمىزغا ئىلھام بېغىشلايدۇ.ئېنىقسىزلىق پىرنسىپى ۋە ئىلىكتىرونغا ئائىت بۇ يىڭى نەتىجىلەر شەكىل نەزەريىسىنىڭ «يورۇقلۇقنىڭ ماھىيتى زەررىچە،دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت زەررىچىنىڭ ھەركەت شەكلى»دىگەن پىرىنسىپال مەۋقەسىنىڭ تۇغرىلىغىدىن بىشارەت بىرىدۇ.بۇ يەردە يەنە فىزىكىنى بىرلىككە كەلتۇرۇشنىڭ ئىمكانيەتلىرى ئۇستىدىكى دەسلەپكى تەسەۋۋۇرلارغىمۇ ئىرىشەلەيمىز.بۇ غايىلەرنى رىيالىققا ئايلاندۇروشتا «مۇتلەق ھەجىم»،«كۇرۇنمە ھەجىم»ئۇقۇملىرى شەكىل نەزىرييىسىنىڭ ئۇزىگە خاس يادرولۇق نەتىجىسى ۋە يىڭى قورالى .«ئېن»بىزنىڭ نەزەريە بىنارىمىزنى ۋوجۇتقا چىقىرىشتىكى ئېلېمىنتار كىسەك.
ھەر بىر نۇقتىدا «ئېن»ۋە«ھاسىلى زەررىچىلەر»نىڭ ھەركەت شەكلى ۋە شەرىتلىرى ئۇستىدە ئىزدىنىش نەزىريىمىزدىكى موھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى.

ئىلىكتىروننىڭ شار شەكلىگە ئىگىلىگى بايقالدى

2. ئالاقىدار تەجىربە لايىھىلىرىنى لايىھىلەش.مۇمكىن بۇلغانلىرىنى ئىشلەپ سىناپ كۇرۇش، ئۇزىمىز ئىشلەشكە ئىقتىدارىمىز يەتمەيدىغان،غەلىبە قىلىش ئىھتىماللىغى يۇقىرى بولغان تەجىربە لايىھىلىرىنى ئىقتىدارى بار ئورۇن ۋە شەخىسلەرنىڭ ئىشلىشىنى قولغا كەلتۇرۇش يوللىرى ئۇستىدە ئىزدىنىش.
3.ئەڭ زۇرۇر،تەخىرسىز خىزمەتلەرنىڭ بىرى شەكىل نەزەريىسىنىڭ زۇرۇرى بولغان ماتىماتكىلىق كەلتۇرۇپ چىقىرىش خىزمىتىنى ئىشلەش.زۇرۇرى فورمۇلا،تەڭلىمىلەرنى مەيدانغا كەلتۇرۇش.ئىپادىلىرنى بىكىتىپ چىقىش قاتارلىقلار.

4

بۇ تەتقىقات نۇرغۇن كۇچ تەلەپ قىلىدۇ.لىكىن،شەكىل نەزەريىسى تۇلىمۇ ئاددى نەزەريە.ئۇنىڭ ئاددىلىغىنى كۇزدە تۇتقاندا بۇ نەزەريىنى(تەجىربە ئايرىم مەسىلە) ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا غەلبىلىك تاماملاش تامامەن مۇمكىن ،دەپ قارايمەن.
ئۇزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش،تەتقىقات سۇرئىتىنى ۋە ئىزچىللىغىنى يوقۇرى كۇتۇرۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇبۇ تەتقىقاتقا كۇپرەك ئۇيغۇر زىيالىلىرى قاتناشسا پايدىلىق ئىدى،لىكىن،ھەر خىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن رىياللىق غايىدىكىدەك بولمايۋاتىدۇ.بۇ خىل ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە بەزى پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەتلەر قولدىن كىتشى تەبى.شۇڭا،بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان تولمۇ ئازسانلىق ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بۇتەتقىقاتقا كۇپرەك ئۇيغۇر كەسىپ ئىگىلىرىنى جەلىپ قىلىشتىن باشقا، قىرىنداش مىللەتلەردىن كەسىپ ئىگىلىرىنى جەلىپ قىلىش ئۇچۇنمۇ تىرىشچانلىق كۇرسىتىشىنى ئۇمىت قىلىمەن.

تەتقىقاتقا قاتنىشىشنى خالايدىغانلار بۇ تىمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس ياكى ماڭا ئۇچۇر قالدۇرسا بولىدۇ.
2012.1.18

مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىشلار:

1. چوڭ بايقاش، جىددىي تەشەببۇس

مەنبەنى ئەسكەرتىپ كۇچۇرۇشكە بولىدۇ.

مەنبە:
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=8341&page=1&extra=#pid24762

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13452
توردىكى ۋاقتى: 6623
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 20:03:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13452
توردىكى ۋاقتى: 6623
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 21:28:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13452
توردىكى ۋاقتى: 6623
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 15:04:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخەۋەر :شەكىل نەزەريىسىنىڭ دەۋرى ئالەم قارىشىنى قوللايدىغان كۈچلۈك ئىسپات بايقالدى،مانا:

(بۇگۆنكى يىپ-يېڭى خەۋەر!)
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=22856&page=1&extra=#pid53070

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13452
توردىكى ۋاقتى: 6623
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 12:38:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى كىملىگى، سالاھىيىتى ئىنىق بولمىغان پىتنىخورلار مۇتەخەسىسلەرنىڭ مۇشۇنداق باھا،تەكلىپلىرىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ شەكىل نەزەريىسى تەتقىقاتىنى ئۇجۇقتۇرۇش غەرىزىدە ھەر خىل ئېغىۋالارنى تارقاتماقتا!.

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13452
توردىكى ۋاقتى: 6623
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 13:15:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


  قاسىم سىدىق تېمىلىرى توغۇرسىدا
مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىغا تەكلىپ





كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )