- تىزىملاتقان
- 2011-4-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2684
- نادىر
- 1
- يازما
- 61
ئۆسۈش
22.8%
|
خوتۇن ئەمدى ئۇرمايمەن
(فىليەتۇن)
ئەستاغۇپرۇللا،نىمە قاملاشمىغان ئىش بۇ،كىچىكىدىغان بولدۇم،باشلقتىن تىل ئىشتش ماڭىلا باقىۋەندە بوپ قالدىمۇ-نىمە؟ما چاپاننىڭ تۈگمىسى قىنى،بۈگۈنكى يىغىنغا كاستيۇم كىيىپ بىرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان،ئاخشام شۇ سورۇنغا بارمايدىغان ئىشتى،ئىچكەنگە تويە،4تۈگمىلىك چاپاننىڭ 3 تۈگمىسى نەدە چۈشۈپ قالغاندۇ؟مۇشۇ زاۋۇتمۇ تۈگمىنى مەزمۇتراق قادىسا ئانىسى بوغاز بوپ كىتەرمۇ؟يىڭى چاپان سىتىۋالاي دىسەم ئۆي شەھەرگە يىراق،مۇنۇ خوتۇن دىگەن دەلتىمۇ يامانلىغىلى ۋاقىت چىقىمىغاندەك ئۈلۈشكۈن يامانلاپ كەتكىننى دەيمەن،يىنمدا بولغان بولسا تۈگمىنى ئەلۋەتتە قاداپ بىرەتتى،خوتۇننىڭ قەدىرى مۇشۇ تۈگمە بىلەنلا بىلىندى -دىسە،خوتۇننى ئۇرغانغا تويە،خەپ ئەكىلىۋالسام دەردىمنى بىراقلا ئىلىپ ئاغزى-بۇرنىنى ماكچايىتۋەتمىسەم،ياق ئۇرغاننىڭ دەردىنى تارتتىم،ئۇرمايمەن،ئۆي ئىچىنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلدىم،نەلەردىن تاپتىمكى 2 تال تۈگمە تىپىلدى،يىپنى نەدىن تاپاي ئەمدى،ۋاقىت قىستاپ قالدى،بۈگۈنكى يىغىندا مەن تەجىرىبە تونۇشتۇراتتىم ئەمەسمۇ؟يىڭنە قىنى،خوتۇن بولغان بولسا ھەممىنى بىردەمدە قاملاشتۇراتتى،ئۇھ،،مانا يىڭننىمۇ تاپتىم،يىپقا ئاخىرى ئۇن خالتىسىنىڭ ئىغىزىنىڭ يىپىنى يەشتىم،تىكىش ئىشى كىچىك بولغىنى بىلەن ئەرلەرنىڭ قاملاشتۇرمىغى تەسكەنغۇ،خەپ خوتۇن،خەپ خوتۇن،بارمىقمنىڭ ئىكىسىنى يىڭنە قانىتىپ بولدى،ئاچچىقىمدا يىڭننى كەكە بىلەن ئۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولماس قىپ قويدۇم،پايپاق تىخى يوق،تۈگمىنىڭ بىرى قادالدى،،توۋا قارىغۇ بوپ قالدىممۇ نىمە،3-تۆشۈككە قادايمەن دەپ باشقا يەرگە قاداپتىمەن،چاپاننى كىيىپ باقتىم بىرپىشى ئىگىز،بىر پىشى پەس،رادىئو گىمناستىكىسى چىقتى،دىمەك سائەت توشتى،ئۆزۈمنى شاپىلاق بىلەن بىرنى سالدىم،ئىڭەك ئاغىرىغىنى بىلەن تۈگمە ئوڭشالمىدى،يىغلىدىم،بىراق پايدىسى بولمىدى،مۇشۇ تاپتا خوتۇن بولغان بولسا بىقنلىرىغا راسا دەسسىگەن بولاتتىم،مۇزدەك سوغۇق سۇ ئىچتىم،مۇشۇ يوقىلاڭ تۈگمە دىگەن نەرسە خوتۇننىڭ قەدىرىنى بىلدۈرۈپ قويدىيا،ئالدىرىماي تۇر خوتۇن،بۇ ئىشمۇ ئۆتۈپ كىتەر،چىشڭنى تۆكىمەنغۇ ،تىلفۇنۇم سايرىدى،نۇمۇر ئىشخاننىڭ ئىدى،ئالمىدىم، ياز ۋاقتى بولسىغۇ كۆينەكچان بىرىۋىرەتتىم،قانداق ئەبلەخ تاپقاندۇ مۇشۇ كاستىيۇم بۇرۇلكا كىيىپ يىغىنغا بىرىشنى،نىمە كەيسەك شۇ بىزغۇ،ئاناڭنى،خەپ خوتۇن دىگەن دىگەن خەخنىڭ قىزى،ئۆلەسەن، بىشڭنى يەسەن،چاپاننى ئىگىز كۆتىرىپ يەرگە ئاتتىم،دەسسىدىم.پايدىسى بولمىدى،چىشمنى غۇچۇرلىتىىپ تاماكىنى قاتتىق شورىدىم،ئۇيان-بۇيان ماڭدىم،سورۇنغا بارغانغا،ھاراق ئىچكەنگە تويدىڭىزمۇ؟خوتۇننى ئۇرغانغا تويدىڭىزمۇ،بارماقلىرىم تىتىرەيتتى،قەغەز پارچىلىرىنى يەنە يىرتىپ تاشلىدىم،تىلفۇن يەنە سايرىدى،بۇ باشلقىنىڭ نۇمۇرى ئىدى،باشلقمۇ ناھايتى قوپال بىر نىمە،ماۋۇ خوتۇن دىگەن نىجىسنى نىمىشقا يىنىمدا يوق،ھەممىنى پىشانەمدىن كۆرەي،ھاراققا تويماي مەس كىلىۋىرىپ كۈندە ئۇرۇپ تىللىغاننىڭ ئاقىۋىتى،يۇۋاش بىر نىمە ئىدى،بىرى گەپ ئۈگەتتىمۇ ياكى سەۋىرىسى توشتىمۇ يامانلاپ كىتىپ قالغىننى دەيمەن،نەق مۇشۇنداق مۇھىم چاغدا،سورۇندا قۇچاققا چىقىپ ئولتۇرۇپ غاجاپ جىنم،تاتلىقىم ،دىگەن پاسكىنلار ئەسقاتمىدى،بىر تۈگمە قاداپ بىرىشكە،يەنە شۇ خوتۇن بولمىسا بولمايدىكەن،مۇشۇ ئۆتكەلدىن ئۆتىۋالسامغۇ يەنە پوچىلق قىلاتتىم،يەنە خوتۇنننىڭ ئانىسىغا تىلفۇن قىلايمۇ يا،ياق قايسى يۈزۈم بىلەن قىلىمەن،ئىسىت ،مانا بىر سائەت بولدى يىغننى باشلىغلى،بىراق مەن بارالمىدىم، مۇشۇ تۈگمە دىگەن نەرسىنى چىشلەپ سۇندۇرۇپ قويدۇم،ئاچچىقىمدا تامغا نەچچىنى تەپتىم،تاز بىشمنى قاماللاپ قۇلۇقۇمنى تارتىپ ئىڭكىمنى مۇجۇپ ئىغىر تىنىپ ھويلا ئىچىدە چۆرگىلەپ يۈ ردۈم،يىنمغا كىلىپ قاقىلىدىغان توخونى بىر تىپپ زۇۋاننى بىسىقتۇردۇم،كەتمەننى ئىلىپ تامنى چانىدىم،موتىسكىلىتنى تىپپ ئۆرىۋەتتىم،خوتۇن قىنى سەن!!!!! دەپ قاتتىق ۋاقىرىدىم،يىنمدا بولغان بولساڭ مۇ ئاچچىقمىدا پۇت گۇمپامنى ئىشقا سىلىپ تىك موللاق چۈشۈرەتتىم،ياق ،،ئۇرمايتتىم،سەن بولغان بولساڭ تۈگمىمۇ قادالغان بولاتتى،بۇ ئاچچىقمۇ يوق ئىدى،جىنىم خوتۇنۇم،ئەمدى ئۇرماي،ھاراقمۇ ئىچمەي،سىنى سۆيىمەن،تاتلىق سۆيىمەن،ئۈچ كۈن بولدىغۇ ئۆيدە تاماق يىمىگىلى،سىنىڭ شۈيۈق ئىشڭنى بولۇپمۇ باش چامغۇر سىلىپ ئەتكەن ئىشڭنى سامساق لازىسىنى سىلىپ خوتەننىڭ ئاچچىقسۈيىنى قۇيۇپ ئىچىش نىمە دىگەن راھەت ئىدى،نىمە دەپمۇ يامانلاپ كەتكەنسەن،ۋاي بولدىلا كەتسە كەتمەمدۇ،خىتىنى ئالسۇن،ئەر كىشى دىگەن بىر خوتۇن بىلەن ئۆتەمتى،ئىككىنچى مۇشۇ ئۆيگە قەدەم باسقىننى كۆرەي،،ياق ئۇنداق قىلسام بولماس،مۇشۇ تامدىكى زەدىۋالدىن تارتىپ قوشۇققىچە شۇنىڭ قولى تەككەن،پۇلنى مەن چىقارساممۇ ياراشتۇرۇپ ئالغىنى شۇ سۆيۈملۈك جىنمغۇ،ئەكلىۋالاي،بولدى يىغنمۇ تۈگە،باشلقمۇ چىچىلىپ توختاپ قالار،ماڭا يەنە مۇشۇ ئۆي ئىناق ئائىلە لازىم بولىدىغۇ،ىوتۇن كەلسە قاراپ بىرنى ھىجىيمەن،ئۇمۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ سالىدۇ،ئاندىن بوينىغا ئىسىلپ ئىڭكىنى ئەركلىتمەن،شۇنىڭبىلەن ھەممىسى تۈگەيدۈ،چاپاننىڭ تۈگمىسىنى قادايدۇ،سۈيۈق ئاش ئىتىدۇ،مەنمۇ مۇڭ ناخشا ئاڭلايمەن،يەنە ھاراق ئىچىمەن،كەچتە ئۇرۇشىمەن،ياق پوق يىمىگەندىكىن ئۇنداق قىلمايمەن،راس گەپ ئەزبىرايى ئەمدى خوتۇننى ئۇرمايمەن،قىينئانامنىڭكىگە كەتتىم،نىمىشقا دەمسىز،شىكەر خوتۇننى ياندۇرۇپ ئەكەلگىلى،ئاۋال ئەكىۋىىلپ ئاندىن ئۇرىمەن،مىنى يالۋارغۇزماي كەلسە ئۇرمايمەن،ياق ئۇرىمەن،چۈنكى مەن ئەتتىگەننىڭ ما بەينىدە ئاز دەرت تارتمىدىم، ياق ئۇرمايمەن،چۈنكى بۇ دەرتنى ئۆزۈم تاپقان،سىزمۇ شۇنداق قىلىڭ.خوتۇنىڭىزنى ئۇرماڭ-ھە،،
مەنبە؛ئۆزۈم،بوران114 |
|