- تىزىملاتقان
- 2011-9-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7847
- نادىر
- 2
- يازما
- 320
ئۆسۈش
100%
|
• بەش ۋاق نامازنىڭ سەۋەبى ۋە ساۋابى
ئەلى(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ) رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇھاجىر ۋە ئەنسارلار بىلەن ئولتۇراتتى . بىر گوروھ يەھۇدىيلار كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامدىن مۇنداق دەپ سوراشتى : ئى مۇھەممەد بىز سەندىن،ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسالامغا نىسىپ قىلغان، ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا ھىچقانداق بىر مۇرسەل پەيغەمبەرگە ياكى مۇقەررەپ پەرىشتىگە بەرمىگەن ئىشلار توغرىلىق سورايمىز :
-ئى مۇھەممەد! ئاللاھ سېنىڭ ئۈممىتىڭگە پەرىز قىلغان 5ۋاق ناماز توغرىلىق سۆزلەپ بەرگىن؟ پەيغەمبەر ئەلەيھسالام مۇنداق دىدى:-
كۈن ئەمدى چىقىشقا باشلىغاندا شەيتاننىڭ ئىككى مۈڭگۈزىنىڭ ئارلىقىدىن چىقىدۇ، بۇ چاغدا بارلىق دىنسىزلار ئاللاھنى تاشلاپ قويۇپ ئۇنىڭغا باش ئۇرىدۇ،(بىز بولساق ئۇنىڭدىن ئىلگىرى، تاڭ ئەمدىلا يورىۋاتقاندا) بامدات نامازنى ئوقۇيمىز؛ كۈن چۈشلۈك تىكلىنىشتىن قىيسايغاندا بارلىق نەرسىلەر پەرۋەردىگارىمىزغا تەسبىھ ئېيتىدۇ ،بىز بۇ چاغدا پىشىن ئوقۇيمىز؛ ئەسىر ۋاقتى ئادەم ئەلەيھىسالام چەكلەنگەن دەرەخنىڭ مىۋىسىنى يىگەن ۋاقىتتۇر،(بىز شۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىش ئۈچۈن ئەسىر ئۇقۇيمىز.) ؛ شام ۋاقتى ئادەم ئەلەيھىسالام خاتالىقىغا تۆۋەقىلغان ۋاقىتتۇر؛خۇپتەن ۋاقتى بارلىق مۇرسەل پەيغەمبەرلەر ئوقۇغان نامازدۇر.
يەھۇدىلار راست ئېيتتىڭ دېيىشىپ ،ئۇ 5ۋاق نامازنىڭ ساۋابى توغرىلىق سوراشتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېدى :-كىمىكى 40 كۈن جامائەت بىلەن بامدات نامازنى ئوقۇسا ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە دوزاقتىن، نىپاقتىن قۇتۇلۇش يولى بىرىدۇ؛ پىشىن ۋاقتىدا دوزاق شىددەت بىلەن يالقۇنجايدۇ، بۇ چاغدا پىشىن ئوقۇغان كىشىگە ئالاھ تائالا دوزاخ ئازابىنى ھارام قىلىدۇ؛ئەسىر ۋاقتى ،ئادەم ئەلەيھسالامنىڭ چەكلەنگەن دەرەخنىڭ مىۋىسىدىن يىگەن ۋاقتى بولۇپ، بۇ چاغدا ئەسىر نامىزىنى ئوقۇغان بەندە گۇناھتىن قۇتۇلۇپ، ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك مەسۇم ھالەتكە چىقىدۇ؛ شام ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسالامنىڭ تۆۋىسىنى قۇبۇل قىلغان ۋاقىت، ھەر قانداق بىر كىشى بۇ نامازنى ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلەن ئوقۇغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالادىن مەقسىدىنى تىلىسە ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ تىلىكىنى بىرىدۇ؛خۇپتەن نامىزى (كىچە قاراڭغۇلۇقنىڭ رەسمى باشلانغان ۋاقتى بۇلۇپ،)ھەر قانداق بىر كىشى كىچە قاراڭغۇلۇقتا خۇپتەن نامىزى ئۈچۈن يول ماڭسا ئاللاھ تائاللا ئۇ كىشىگە دوزاخنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى ھارام قىلىدۇ،سىرات(كۆۋرىكىدىن)ئۆتكۈزدىغان نۇر ئاتا قىلىدۇ.
اللە ھەممەيلەنگە ئىنساپ،دىيانەت،ھىدايەت ئاتا قىلسۇن!
مەنبەسى: تور دۇنياسى |
|