- تىزىملاتقان
- 2012-1-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-1-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 15
- نادىر
- 0
- يازما
- 2
ئۆسۈش
5%
|
15يىل ئىلگىركى خوتەن ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە ئەڭ ئىستىمال تۇۋەن مال باھاسى ئەڭ تۇۋەن بىر ۋىلايەت ھىساپلىناتتى،ئورۇمچىدىن كەلگەن تۇنۇش-بىلىشلەردىن ئورۇنچىدە بىر قاچا لەغمەننىڭ 8 يۇەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقتا قالاتتۇق،
مانا نەچچە يىللار ئوتۇپ خوتەنلىكلەرمۇ كونۇپ كەتتۇق،تاماق باھاسىلا ئەمەس تۇرمۇش بۇيۇملىرى،ئوي مۇلۇك،ئەمگەك كۇچى ،ئىشقىلىپ ئىنسانچىلىققتا كىرەكلىك ھەممە بىراقلا ئورلەپ شىنجاڭ بۇيىچە ئەڭ قىممەتچىلىك بىر ماكان خوتەن بۇلۇپ قالدى،
بەلكىم خوتەنگە كەلمىگەن شىمالدىكى دوستلىرىمىز ئىشەنمىسە كىرەك،ئەمىلى ئەھۋالنى كورسىڭىز بىلىسىز، باشقا يۇرتلاردا بەلكىم سىز 6 كويلۇق لەغمەن يىيەلەيسىز،12 كويغا پولو يىلەلەيسىز،بىر كېلۇ گوشنى 45 يۇەنگە ئالالايسىز، ئەمما خوتەندە بۇ خىل باھا مەۋجۇت ئەمەس،خۇسۇسەن مەن كۇرۇپ باقمىدىم،
ئوي باھاسىدا شەھەر ئىچىدىكى بىنا ئويلەرنىڭ سېتىلىش باھاسى كۇۋادىراتى 2000 مىڭ يۇەندىن 3500 ھەتتا 4000مىڭ يۇەنلىك باھادا بۇلىۋاتىدۇ،
مىنىڭ بۇ يەردە دىمەكچى بولغۇنۇم:ئورۇمچىدە نۇرمال باھادا 6000مىڭ يۇەندىن 2.قول ئوينى سېتىۋالغىلى بۇلىدىكەن،مۇشۇ خىلدىكى ئوينىڭ ئىجارىسىنى 60 كۇۋادىرات ئوينىڭ پار پۇلىسىنى قوشۇپ يىللىقىنى 12مىڭ يۇەنگە ئىجارە ئالغىلى بۇلىدىكەن،(تېخى ئوي سايمانلىرى بار)
400مىڭ يۇەنگە سېتىۋالغان ئوينىڭ يىللىقىنى 12000مىڭ يۇەندىن ئىجارە ئالغاندىكى پەرق بىلەن70مىڭ يۇەنلىك ئوينىڭ ئىجارە پەرقىنى كۇرۇپ بېقىڭ،
تۇۋەندە ئىجارە ئۇچۇرى بەرگەنلەردىن سورىسام ئەڭ تۇۋەن بولغان ئويلەر 12000مىڭ ئىكەن،ئوي سايمان يوق،پار پۇلىسى خۇجۇلىق ھەققى ھەممنى ئىجارە ئالغۇچى ئۇزى تۇلەيدىكەن، نۇرمال بولغان ئويلەرنىڭ يىللىقى 18مىڭ يۇەن ئىكەن،100كۇۋادىرات ئويلەر،
2.شېنجېن دەپ ئاتالغان ئەزىزانە قەشقەرلىكلەردە ئىنساپ خېلى باركەن،ئويلەرنىڭ سېتىلىش باھاسى خوتەندىكىدىن ئۇرە ئىكەن،ئەمما ئىجارە نىمانچە ئەرزان،
بۇ خىل مال باھاسىنىڭ ئۇرە بۇلۇپ كىتىشىنى مەن تۇۋەندىكىدەك تەھلىل قىلىپ باقتىم،
1 خوتەندە باي بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى بەڭ چوڭ، نەچچە يۇز مىليۇن پۇلىسى بار بايلارنى ساناپ بولمىغۇدەك خېلى كوپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا 100مىڭ يۇەن پۇلنى بىردەمدە خەجلەپ تۇگىتىش نۇرمال ئەھۋال،
ھوكۇمەتنىڭ قۇتقۇزىشىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۇرۋاتقان نامراتلارمۇ ھەم ھەقىقەتەنمۇ بەك كوپ،نامراتلارنىڭ كوپلىكىدىمۇ خوتەن ئەڭ ئالدىدا تۇرالايدۇ،
2.تۇنۇگۇن بىر نانغا زار بۇلۇپ يۇرگەن ،مەكتەپ كورمىگەن ساۋاتسىز يالاڭتۇشلەرنىڭ تۇيۇقسىز بىر كۇنلەردە خۇدايىمنىڭ رەھمىتى بىلەن بىر كىچىدىلا بېيىپ مىليۇنىرغا ئايلىنىپ كىتىشى ،بۇنداقلار بۇرۇن پۇل كورمىگەن بولغاچ پۇل كىرگەن ھامان ئەيشى-ئىشرەت بىلەن خوتۇندىن 2 ياكى 3 نى ئالغان،نامرات ۋاقىتتىكى ساپ ئايالىدىن كىچىپ نەچچە ئەرلەرنىڭ ئاستىدىن ئاشقان نازلانما خېنىملارنىڭ ئازدۇرشى بىلەن سەھرادىكى ئۇيىدىن كىچىپ نەچچە يۇرۇش ئوي سېتىۋالغانلىقى،
3.كىشىلەردە ئىمان ئىنساپنىڭ بەك تۇۋەنلەپ كەتكەنلىكى،
پۇل تېپىپ پۇلىسىنىڭ سانىنى ئېلىپ بۇلالمايۋاتقان بايلىرىمىز سىزگە بەرگەن بۇ مال دۇنيا ئاللاھنىڭ سىز گە بەرگەن سىنىقى،ئۇ دۇنياغا بارغاندا مۇشۇ بەرگەن رىسىقىنى جايىدا ئىشلىتەلىدىڭىزمۇ؟ ھىساۋاتىنى بىرەلىشىڭىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
ئەتراپىڭىزدىكى ئوقىيالماي قالغان بىچارىلەرنى ،كىسەل ئازابىدا ئىختىسات يوقلىقىدىن جان تالىشىۋاتقانلانى كوز ئالدىڭىزغا ئەكىلىپ باقتىڭىزمۇ؟
بىر سورۇندا نەچچە ئونمىڭ پۇلنى ئەيشى-ئىشرەتكە بۇزغان ۋاختىڭىزدا بىر ئايدا 500 يۇەن پۇلنى تاپالمايۋاتقان بىچارە دىھقانلارنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
ئوزىڭىز يالغۇز جانغا ئېلىپ قويغان نەچچە يۇرۇش ئوينى ئاشنىڭىزغا تۇتۇپ بەرگەن ۋاختىڭىزدا كونا ئەسكى ئويلەردە سوغۇقتا قېلىۋاتقان نىمجان كوزلەرنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
|
|