قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 27854|ئىنكاس: 55

جياڭ چىڭنىڭ تۈرمىدىكى ھاياتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

234

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61
يازما سانى: 452
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 4076
تۆھپە : 2348
توردىكى ۋاقتى: 4591
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 03:48:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يې يۇڭليې  ( ئابدۇقادىر  غولام تەرجىمىسى )  

 جاۋاپكارلار ئورنىدىكى ئارتىس 
         



        1980-يىل 20-نۇيابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ يولى 1- نومۇرلۇق قۇرۇدا ئادەملەر مىغىلدايىتتى . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاھىدە سوت مەھكىمىسى بۇ يەردە لىن بياۋ ، جياڭ چىڭ ئەكسىلئىنقىلابى گۇرۇھىنى سوتلايتتى .
        چۈشتىن كېيىن سائەت دەل ئۈچتە ، سوت باشلىقى جياڭ خۇا سوتنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى .
        سائەت ئۈچتىن ئون بەش مىنۇت ئۆتكەندە ، جياڭ خۇا جاۋابكار جياڭ چىڭ سوتقا ئېلىپ كىرىلسۇن دەپ جاكارلىدى .
        توت يىلدىن بېرى ئاشكارا كۆرۈنمىگەن جياڭ چىڭ ئىككى نەپەر سوت ساقچىسىنىڭ ياللىشى بىلەن سوت مەھكىمىسىنىڭ سۇراق قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرۇش ئۆيىدىن چىقىپ ، جاۋابكار ئورنىغا كەلدى .
        جياڭ چىڭ ياسىنىپ- تارىنىپ كەلگەنىدى . كۆزلىرىدىن تەكەببۇرلۇق چىقىپ تۇراتتى .
        مۇئاۋىن سوت باشلىقى ۋۇ شيۇچۇەن ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ : سوت قىلىشتىن ئىلگىرى جياڭ چىڭ قاتارلىقلار قامالغان چىن چىڭ تۈرمىسىگە كېلىپ ، سۇراق قىلىنىش ئالدىدىكى بۇ ئاساسلىق جىنايەتچىلەرنى تۇيدۇرماي كۈزەتكەنىدۇق . جياڭ چىڭ شىمنىڭ پۇرلىشىپ كەتكەن يەرلىرىنى تۈزەشتۈرۇپ ئولتۇراتتى . قارىغاندا ئۇ زىرىكىشلىك ھېس قىلغان ، ئەمما ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ ئولتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغاندەك قىلاتتى . ئۇ ھەر قېتىم سوتقا ئېلىپ چىقىلىدىغان چاغدا چېچىنى تاراپ ، ئىمكانقەدەر رەتلىك كىيىنەتتى ، " ئارتىس" سالاپىتىدىن چۈشمەيتتى .
        ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، جياڭ چىڭ قاماقتا ياتقان مەزگىلدە ، سوتقا چىققاندا ، " پرۇلتارىيات مەدەنىيەت ئىنقىلابى" نى قوغداش ئۈچۈن ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ، بەدەن چېنىقتۇرغان . سوت ئېچىلىشتىن ئىلگىرى ، ئۇ ئادۋۇكات بىلەن كۆرۈشۈپ مەن شى لياڭنى ئادۋۇكاتلىققا تەكلىپ قىلىمەن دېگەن . ئادۋۇكات ئۇنىڭغا ، " شى لياڭ ياشىنىپ قالدى ، ھازىر ئادۋۇكاتلىق قىلمايدۇ ، سوتتا ساڭا ئاقلىغۇچى بولالمايدۇ " دېگەن .
        جياڭ چىڭ شۇ زاماتلا ، ئادۋۇكاتنى " ئۇ تەرەپ " مەيدانىدا تۇرۇپ گەپ قىلىۋاتىدۇ ،دەپ قاراپ غەزەپ بىلەن :
        _ سىلەر ئۇ تەرەپنىڭ ئادەملىرى ، ماڭا ئادۋۇكات بولالمايسىلەر ، _ دېگەن . شۇنداق قىلىپ ، جياڭ چىڭ ئادۋۇكات تەكلىپ قىلمىغان .
        جياڭ چىڭ ئوچۇق سوت قىلىنىشتىن ئىلگىرى ، جېڭيى كوچىسىدىكى سۇراق قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئون نەپەر ئاساسلىق جىنايەتچى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئون ئېغىز ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان . ئۇ ئۆيلەرگە بىردىن شىرە ، بىردىن ئورۇندۇق ، بىردىن كارىۋات قويۇلغان بولۇپ ، ھاجەتخانىسىمۇ بار ئىدى . جياڭ چىڭ كارىۋاتنىڭ بېشىغا ماۋ زېدۇڭنىڭ سۈرىتىنى ئاسىمەن دېگەن ، بۇ رەت قىلىنغان . لېكىن ، بىر يۈرۈش ماۋزېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى قويۇپ بىرىش دېگەن تەلىپى قوبۇل قىلىنغان .
        جياڭ چىڭ بۈگۈن بىنەپشەرەڭ گىرۋەكلىك كۆزەينەك تاقىغان . قارا پاختىلىق چاپىنىنىڭ ئۈستىگە قارا جىلىتكە كېيگەن . چاپىنىغا ياماق چۈشكەنىدى . ئۇنىڭ سوت جەريانىدىكى ھېسياتى باشقا توققۇز نەپەر جىنايەتچىگە قارىغاندا ، تولىمۇ "مول" بولغان . تۇرۇپ سوغاق كۈلۈپ ، تۇرۇپ مەنسىتمەسلىك نەزىرىدە قارىغان . تۇرۇپلا غەزەپلىنىپ ، تۇرۇپلا گاس-گاچا بولىۋالغان . ھېلىمۇ شۇ ئارتىسلىقىنى قىلغان .
        ئۇ جاڭ چۈنچياۋغا زادى ئوخشىمايىتتى . جاڭ چۈنچياۋ سوتتا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ، بېشىنى ساڭگىلىتىپ بۇتتەك تۇرىۋالغان .جياڭ چىڭ توختىماي كاسىلداپ ئۆزىنى ئاقلىغان . " قايتارما زەربە بېرىمەن " دېگەن .
        ئالى سوت ئۇنىڭ جىنايى پاكىتلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا ، ئۇ ھە دېسىلا ، " ئېسىمدە يوق " دەپ تۇرىۋالغان . بەزىدە سەل ئىلگىرىلەپ " ئېھتىمال شۇنداقتۇ ، ئېسىمدە قالماپتۇ " دېگەن . بەزى ھاللاردا ، " شۇنداق " دەپمۇ سالغان .
        1980-يىل 24- دېكابىر سوت مۇنازىرە ئېلىپ بارغان . " جىنايى ئىشلار قانۇنى " نىڭ 118- ماددىسى بويىچە ، جاۋابكار سوتتا ئۆزىنى ئاقلاپ ، سۆز قىلسا بولاتتى . جياڭ چىڭ بۇنىڭغا ئاللىبۇرۇن تەييارلىنىپ قويغانىدى . ئۇ سوتتا "بايانات" ئېلان قىلىمەن دېگەن .
        ئۇنىڭ باياناتى زادى قانداق نىمە ؟
        ئۇ باشتا ، داستان يازماقچى ، ۋېن تيەنشياڭنىڭ " ھەققانىيەت قەسىدىسى " دىنمۇ ، " سەلتەنەتلىك " ۋە " دەبدەبىلىك " داستان يازماقچى بولغان . تۈرمە دائىرلىرىدىن " ۋېن تيەنشياڭ ئەسەرلىرى" نى ۋە " ئوكيانوس" نى ئالدۇرۇپ كەلگەن .ئۇنىڭدا بۇنداق قايناق ھېسىيات يوقمۇ ؟ ياكى " شائىرانە ئىقتىدار " كەممۇ ، ئىشقىلىپ ، ئۈچ كۈن قىينىلىپ ، يەنىلا " يېڭى ھەققانىيەت قەسىدىسى" نى يېزىپ چىقالمىغان .
        ئۇ يەنە چۇ يۇەننىڭ " چۇ بېيىتلىرى " نى ئوقۇيمەن ، دېگەن . ھالبۇكى ، بەرىبىر ، "مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدىغان" ، " تارىخنى يورۇتىدىغان" بىر "داستان" يېزىپ چىقالمىغان .
        شۇنداق قىلىپ ، بىر تۇتام قەغەزنى ئېلىپ ، ئۆزىنىڭ "مىنىڭ بەزى كۆز قاراشلىرىم" دېگەن نېمىنى ئوقۇشقا باشلىغان . ئۇنىڭغا ، كەمتەرلىك بىلەن "بەزى كۆز قاراشلىرىم" دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولسىمۇ ، لېكىن بۇنىڭدىكى "شېئىرى سۆز- ئىبارىلەر" دىن پۇرۇخ ھىدى كېلەتتى .
        _ شياڭ چۇڭنىڭ قىلىچ ئوينىتىشىتىكى مەقسىدى كاتتا ئەرباپ بولۇش . ئۇ تەسلىم بولۇپ ، ئاسىيلىق قىلىپ ، قۇيرۇقىنى تۇتقۇزۇپ قويدى . ئەجەللىك مەسىلە سىنىپى كۈرەشنى تۇتقا قىلىش ، تۇتقىنى تۇتۇپ ھەممە ئىشنى يۈرۈشتۈرۈش ، داۋاملىق ئىنقىلاب قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى پروگرامما
، ئۈچ يوليۇرۇقنى تۇتقا قىلىش ، ئادەتتىكى ئىشلار ئارقىلىق تۇتقىنى قالايماقانلاشتۇرۇش ، تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق پارتىيىگە قارشى تۇرۇش . بۇ ئۇچىغا چىققان ئەشەددىلىك ، ئەسلى قىياپىتىنىڭ چوڭ ئاشكارلىنىشى ، جىنايىتىنى يېپىشقا ئۇرۇنۇش ، قۇرۇق سۆلەتۋازلىق قىلىش ، ئەلنى ئالداپ ، ئاتاق قازىنىپ ئىناۋەت تىكلەش ، غەيرى يول تۇتۇپ ، پىتنە-پاسات تېرىپ ، خەلقنى ئازدۇرۇش . قېپقىزىل يالغانچىلىق قىلىپ ، ھەقىقى ئەھۋالنى يوشۇرۇش ، كۆز باغلاش ئوسۇلىنى قوللۇنۇپ ،  قەبىھ ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۇنىڭ دۇپپىسىنى بۇنىڭغا كەيگۈزۈش ، زورلاپ تېڭىش . ئاستىرتىن يەڭگۈشلەپ ، خۇپىيانە ئىش قىلىش . بالا-قازانى ئۆزگىگە دۆڭگەپ ، ئۆزىنى مەسئۇلىيەتتىن قاچۇرۇپ، ئاتاق قازىنىپ پەسكەشلىك قىلىش ، خەلقنى ئالداپ ، مەركىزى كومىتېت مەدەنىيەت ئىنقىلابى گۇرۇپپىسىغا بوھتان چاپلاپ ، زىيانكەشلىك قىلىش ، ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىدىغانلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ ئىزنى يوقىتىش ، شيۇجىڭجۇيىچى ياچىۋەگلەرگە مەدەت بېرىش . لېكىن ، دۇنيانى ئالغا سېلجىتىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يەنىلا خەلق ئاممىسىدىن ئىبارەت قەھرىمانلاردۇر . 
    جياڭ چىڭ ئوقۇپ بولۇپ ، ئورىگىنالىنى دىجۈرنى سوت ساقچىسىغا بەردى . 
    باش سوتچى جياڭ چىڭدىن " يەنە دەيدىغانلىرىڭ بارمۇ ؟ " دەپ ياندۇرۇشلاپ سۇرىدى . 
    _ چارچاپ كەتتىم ، مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن ، _ دېدى جياڭ چىڭ . 
   باش سوتچى جياڭ چىڭنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش ، سوتنى توختىتىشنى ئېلان قىلدى .



                           ( داۋامى بار )           

   ئەدەبىي تەرجىمىلەردىن كۆچۈرۈلدى ،
باغداش تورىغا خاس ، ئەمگىكىمنى ھۆرمەت قىلىڭ . رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ ! 
 

4

تېما

0

دوست

1738

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   73.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4009
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 399
تۆھپە : 261
توردىكى ۋاقتى: 168
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 17:58:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى تىز رەك چىقارغايسىز  رەخمەت سىزگە
قۇتلان تېلفۇنلىرى

234

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61
يازما سانى: 452
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 4076
تۆھپە : 2348
توردىكى ۋاقتى: 4591
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 12:52:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان چاغدىكى كومېدىيە
        1981-يىل 25-يانۋار ، ئەتتىگەن سائەت توققۇز . بېيجىڭ جىڭيى كوچىسىنىڭ1-نومۇرلۇق قورۇسىدىكى ئالىي سوت زالى ئادەم بىلەن لىق توشقانىدى . بۇ يەردە ئون نەپەر ئاساسلىق جىنايەتچىگە ھۆكۈم ئېلان قىلىناتتى . بۈگۈن جياڭ چىڭ ھەممىدىن بالدۇر ئورنىدىن تۇردى . تەبىئىكى ، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمگە كۆڭۈل بۆلەتتى . شۇڭا ، بىر كېچە تۈزۈكرەك ئۇخلىماي چىققانىدى .
        سوت باشلانغاندىن كېيىن جياڭ خۇا « گۇرۇھ جىنايىتى » قىسمىنى ئوقۇدى . ئاندىن مۇئاۋىن باش سوتچى ۋۇ شيۇچۇەن 10 نەپەر ئاساسى جىنايەتچىنىڭ « شەخسى جىنايەت » قىسمىنى ئوقۇپ تۇگەتتى .
       « شەخسى جىنايەت » قىسمىنى ئوقۇغاندا ، جياڭ چىڭنىڭ جىنايىتى ئەڭ باشتا ئوقۇلدى .جياڭ چىڭ بېشىنى سىڭايان قىلىپ تۇرۇپ ، ئەستايىدىل ئاڭلىدى.
       ئەڭ ئاخىرىدا كوللېگىيە باشلىقى جياڭ خۇا ھۆكۈم ئېلان قىلدى . ئۇ ئىنتايىن سۈرلۇك تەلەپپۇزدا ئوقۇدى : كوللېگىيىمىز جياڭ چىڭ قاتارلىق ئون نەپەر جاۋابكارنىڭ جىنايى پاكىتى ، خاراكتېرى ، جىنايەت ئەھۋالى ۋە جەمئىيەتكە سالغان زىيىنىغا قاراپ ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 90-، 92-، ماددىلىرىغا ئاساسەن ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم ئېلان قىلىدۇ :
       زال ئىچى بىردىنلا جىمىپ كەتتى . جياڭ چىڭ بوينىنى سوزۇپ  ، دىمىنى ئىچىگە يۇتقان ھالدا ، قۇلىقىنى سىڭايان قىلدى .ئۇ بىرىنجى قېتىم ئوقۇلىدىغىنى مەن ، دەپ پەرەز قىلغانىدى . جياڭ خۇا جاۋابكار جياڭ چىڭغا ئۈلۈم جازاسى بېرىپ...دەپ ئوقۇغاندا ، جياڭ چىڭ ئەسەبىيلەرچە ۋاقىراپ-جاقىراپ كەتتى .
      ئامما تەنتەنە قىلىپ ، شاد-خوراملىققا چۆمدى .
      ۋۇ شيۇچۇەننىڭ « ئۈلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچى جياڭ چىڭ ئېلىپ كېتىلسۇن » دېگەن بۇيرۇقى بىلەن تەڭلا ، كۆك فورما كىيىپ ، بىلىگە تاپانچا ئاسقان ئىككى نەپەر سوت ساقچىسى كۆكەمىلىك قىلىۋاتقان جياڭ چىڭنى سوت زالىدىن سۆرەپ دېگۇدەك ئېلىپ چىقىپ كەتتى .
      تالاغا چىققاندا ساقچىلار قولىنى بوشىتىۋىدى ، جياڭ چىڭ ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ ، ھۆڭرەپ يىغلىدى .ئەسەبىيلەرچە غەۋغا كۆتۈرۈپ ، ھەدەپ « ئىنقىلاب قىلىش گۇناھ ئەمەس  ئىسيان كۆتۇرۇش يوللۇق ، يوقالسۇن ئەكسىلئىنقىلابى شيۇجىڭجۇيىچىلار .... » دەپ توۋلىدى . سوت ساقچىسى « جياڭ چىڭ ، ئاڭلىدىڭمۇ ؟ ! ساڭا ئۈلۈم جازاسى بېرىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلدىغان بولدى » دەپ ئۈنلۇك ۋاقىرىدى .
      بۇ گەپ بىلەن تەڭلا جياڭ چىڭ خۇددى « يىغا توختۇتۇش ئوكۇلى » ئۇرۇلغاندەك بىردىنلا يىغلاشتىن ، غەلۋە- غوۋغا قىلىشتىن توختاپ ، ياۋاشلىق بىلەن يەردىن ئۆمىلەپ قوپتى .ئەسلىدە ، ئۇ سوتتا « جاۋابكار جياڭ چىڭغا ئۈلۈم جازاسى بېرىپ » دېگەننىلا ئاڭلاپ ، خۇدىنى يوقاتقان . بۇنىڭ بىلەن ئاخىرىدىكى « ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدۇ » دېگەن گەپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمىگەنىدى .
       جياڭ چىڭ تارىخ سەھنىسىدە بىر قىززىق كومېدىيە ئويناپ چىقتى . ئۇ ئۆزىنى بەكمۇ تۇتۇۋالالماي قالغانىدى .
       ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پېڭ جىن جىڭيى كوچىسىى1-نومۇرلۇق قورۇدا 10نەپەر ئاساسىلىق جىنايەتچى بىلەن ئايرىم- ئايرىم كۆرۈشتى . جياڭ چىڭ ھە دېگەندىلا « دىڭ شياۋپىڭنىڭ غالچىسى » دەپ تىل سالدى . « خۇا گۇفېڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئېنىقلايمەن » دېدى ھەمدە دىڭ شياۋپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى . جياڭ چىڭنىڭ قىلچە جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسى بولمىغاچقا ، پېڭ جىن بىر- ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويۇپلا كېتىپ قالدى .
        ( داۋامى بار )

234

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61
يازما سانى: 452
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 4076
تۆھپە : 2348
توردىكى ۋاقتى: 4591
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 14:25:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايت - ھۇيت دېگىچە ئىككى يىلمۇ ئۆتۈپ كەتتى .1983-يىل 25-يانۋار ، ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازا « مۇددەتسىز قاماق جازاسى » غا ئۆزگەرتىلدى .
     ئەمەلىيەتتە ، 1981-يىل 25-يانۋار ، ئالاھىدە سوت كوللېگىيىسى جياڭ چىڭغا « ئۈلۈم جازاسى بېرىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش » نى قارار قىلغان چاغدىلا ، ئىككى يىل توشقاندىن كېيىن قانداق قىلش كېرەكلىكى ئويلىشىلغانىدى .
      چىنچېڭ تۇرمىسىدە مۇھاپىزەت قاتتىق بولغاچقا ، جياڭ چىڭنىڭ تۈرمىدىكى ھاياتىنى سىرتتىكىلەرنىڭ بىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى . ئاپتۇر  جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار خادىملارنى زىيارەت قىلىپ ، بەزى ئىشلارنى بىلىشكە مۇۋپپەق بولدى .
      جياڭ چىڭ 20 كۋادرات مېتىرچە كېلىدىغان كامېرغا يالغۇز قامالغانىدى . دېرىجە ئەينىكىدىن يورۇق چۈشۈپ تۇراتتى . سىرتتىن كامېرنىڭ ئىچىنى ئېنىق كۆرگىلى بولسىمۇ ، ئىچىدە تۇرۇپ سىرتىنى كۆرگىلى بولمايىتتى . ئۇنىڭ ئىشتىھاسى خېلى ياخشى ئىدى . ماۋ زېدۇڭ « ئېغىر خاتالىق سادىر قىلغان ، ھەتتا جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئالىي دەرىجىلىك كادىرلارغا تۇرمۇشتا يەنىلا ئېتىبار بىرىش كېرەك » دېگەنىدى . شۇڭا ، جياڭ چىڭغا بېيجىڭدىكى ئاددى پۇقرالار يېيەلمەيدىغان تائاملار بېرىلەتتى ، سوتقا تارتىلىۋاتقان مەزگىلدە ، تامىقى تېخىمۇ ياخشى بولغانىدى .
      جياڭ چىڭ تۈرمىدە « خەلق گېزىتى » ، « بېيجىڭ گېزىتى » نى كۆرەلەيتتى . رادىئو ئاڭلايتتى ياكى تېلېۋىزۇرخانىغا بېرىپ تېلېۋىزۇر كۆرەلەيتتى . سوت قىلىنىۋاتقان مەزگىللەردە ئۇنىڭ گېزىت كۆرۈشىىگە ، تېلېۋىزۇر كۆرىشىگە ، رادىئو ئاڭلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى . چۇنكى ، شۇ مەزگىللەر ...  ئون نەپەر ئاساسلىق جىنايەتچىگە ئالاقىدار خەۋەرلەرنى ئۆزلۈكسىز ئاڭلىتىۋاتاتتى . بەزى مەزمۇنلار ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىسى ۋە مەسىلە تاپشۇرىشىغا چېتىلىدىغان بولغاچقا ، جياڭ چىڭ ئۇقۇپ قالسا بولمايىتتى . جياڭ چىڭنىڭ كەيپىياتى تۇراقسىز ئىدى ، گاھى كۈلۈپ ، گاھى يىغلايىتتى . ياشىنىپ قالغاچقا تۈرمىدە ئەمگەككە سېلىنمىدى . ئەسلىدىنلا پوپايكا توقۇشقا ھېرىسمەن جياڭ چىڭ كۈنلىرىنى پوپايكا توقۇش بىلەن ئۆتكۈزدى . ئۇ كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتى ، ئونمىڭ پارچىدىن كۆپ كىتاب ساقلىغانىدى . تۈرمە ئۇنىڭ كىتابلىرىنى تاللاپ ئەكىلىپ بەردى .
     قىزى لىنا ئۇنى يوقلاپ تۇردى .

234

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61
يازما سانى: 452
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 4076
تۆھپە : 2348
توردىكى ۋاقتى: 4591
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 15:26:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لى نا _ جياڭ چىڭنىڭ ئاخرقى ئۆمرىدىكى بىردىنبىر بىۋاستە تۇققىنى ، ماۋ زېدۇڭدىن تۇققان قىزى ئىدى . لى ناغا جياڭ چىڭنى يوقلاپ تۇرۇشقا ئىجازەت بىرىلگەنىدى .
       1965- يىلى لى نا بېيجىڭ ئونۋېرسېتىنى پۈتتۈرۈپ ، « ئازادلىق گېزىتى » گە تەھرىر بولۇپ ئورۇنلاشقانىدى .
       1966- يىلى ئۇنىڭ دادىسى ماۋ زېدۇڭ « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » نى قوزغىدى .ئانىسى جياڭ چىڭ قولىنى شىمايلاپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ، « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » نىڭ ئاۋانگارتى بولدى .بۇ دولقۇن لى نانىمۇ ئەكىرىپ كەتتى .ئەمدىلا 24 ياشقا قەدەم قويغان لى نا ئۆزىنىڭ « جاراڭلاپ تۇرىدىغان » ئارقا كۆرىنىشىگە تايىنىپ ، بىر سەكرەپلا « ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى » نىڭ باش مۇھەررىرى بولدى . شۇ چاغلاردا ئۇ « شياۋ لى » دېگەن تەخەللۇسنى ئىشلەتتى .
     ئۇ باش مۇھەررىر بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ، ماۋ زېدۇڭ ئالاقىچىلىككە ئەكىۋالدى . دېمىسىمۇ ، ئالاقىچىلىك ئۇنىڭغا ئەڭ باب كېلەتتى . قىزىل قوغدىغۇچىلار بىلەن تەڭتۇش كېلىدىغان لى نا ھەربىي فورما كېيىۋېلىپ ، داڭلىق ئونۋېرسېتىتلارغا ئىختىيارى كىرىپ - چىقالايىتتى . « توغرا » بىرىنجى قول ماتېرىياللارنى توپلاپ دادىسىغا دوكىلات قىلالايتتى . نەتىجىدە ، ماۋ زېدۇڭ « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » نىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ تۇراتتى .
      1970 -يىلى ماۋ زېدۇڭ « شياۋ لى » نى جىڭگاڭشەندىكى مەركىزى كومىتېت بەنگۇڭتىڭى « 7- ماي » كادىرلار مەكتىپىگە چېنىقىشقا ئەۋەتتى . ئۇ يەردە ئويلىمىغان بىر ئىش يۈز بەردى . ئوتتۇز ياشلارغا بېرىپ قالغان لى نا بۇ مەكتەپتىكى شياۋ شۈي بىلەن مۇھەببەتلەشتى . شياۋ شۈي بېيدەيخى خوجۇلۇق باشقارمىسىدا كۈتكۈچى ، دادىسى شەنخەيگۇەن ۋوگزالىدا ئاچال باشقۇرغۇچى ئىدى . لى نانىڭ بۇنداق بىر ئاددى يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى ، خۇددى «گۈلى گۈلىگە كەلمىگەن » دەك بىر ئىش بولۇپ ، كىشىلەرنى ھاڭ - تاڭ قالدۇردى .
       ماۋ زېدۇڭ شياۋ شۈينىڭ « سالاھىيىتى » بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي ، ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا قوشۇلدى ۋە بىر يۈرۈش ماركىس ، ئىنگىلىس ئەسەرلىرىنى توي سوغىتى قىلىپ ئەۋەتتى . ماۋ زېدۇڭ قوشۇلغاچقا ، جياڭ چىڭ ئىلاجىسىز ماقۇل بولدى . ئەمما توي بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ، ئۇلار مىجەزى ، قىزىقىشى بىر يەردىن چىقماي ، كېلىشەلمەي قالدى ۋە ئايرىلىپ يېتىپ- قوپتى . بۇ چاغدا ، لى نا ھامىلدار ئىدى . ئۇ ئوغلىغا « لى شياۋ-نىڭ » دەپ ئىسىم قويدى .
      لى نا بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى . 1974- يىلدىن بشلاپ پىڭگۇ ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى ، كېيىن بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىكوم شۇجىسى بولدى . ئۇنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ئىدى . جياڭ چىڭ ئۇنى ماۋزېدۇڭنىڭ ئالاقىچىلىگىدىن يۆتكىۋېتىپ ، ئورنىغا لياۋنىڭدىن ماۋ يۇەنشىننى ئەكىۋالغانىدى . بۇنىڭ بىلەن لى نا « توت كىشىلىك گۇرۇھ » نىڭ سىياسى سۇيقەستىدىن ئامان قالدى .

234

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61
يازما سانى: 452
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 4076
تۆھپە : 2348
توردىكى ۋاقتى: 4591
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 17:09:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋ زېدۇڭ ۋاپات بولدى . جياڭ چىڭ قولغا ئېلىندى . لى نانىڭ پەۋقۇلئاددە ئارقا كۆرىنىشىمۇ تۈگىدى . ئۇ بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىكوم شۇجىسى بولۇپ تۇرالمىدى .ئوغلى بىلەن بېيجىڭدا ئۈن-تۈنسىز ھالدا ئاددى پۇقرالار تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى .
       1985- يىلى ماۋ زېدۇڭنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى لىي يىنچياۋنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ۋاڭ جىڭچىڭغا ياتلىق بولدى . ۋاڭ جىڭچىڭ 40-يىللاردا يەنئەندە مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىدە ئىشلىگەندىن كېيىن ، خۇجياڭ ھەربىي رايۇنىدا سەنمۇجاڭ بولغان . خوتۇنى بىلەن ئاجىرىشىپ كەتكەنىدى . ئۇ ئاقكۆڭۈل ، سەمىمى ئادەم بولغاچقا ، غېرىپسىنىپ قالغان لى نانىڭ ھالىدىن ئۇبدان خەۋەر ئېلىپ ، ئۇنى تەسەللى تاپقۇزدى .
      ئۇلار چىڭچېڭ تۈرمىسىگە بېرىپ جيا چىڭنى يوقلاپ بارغاندا ، ئۇ بۇ يېڭى كۆيئوغلىدىن رازى بولدى . ئۇلار تۈرمىگە ئاپتۇبۇس بىلەن باراتتى . بېرىپ-كېلىشكە توپ-توغرا بىر كۈن كېتەتتى .
      جيا چىڭ ئۇلارنى كۆرۈپ خوشال بولاتتى . ئۇنىڭ پۇتى تازا بېجىرىم بولمىغاچقا ، تامنى تۇتۇپ ماڭاتتى . لېكىن رەڭگى-روھى ياخشى ئىدى . جيا چىڭنىڭ ھە دېسىلا ئاچچىقلىنىپ ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قېلىشى لى نانى بەكمۇ بىئارام قىلاتتى . جياڭ چىڭ بىرەر ئېغىز ئەھمىيەتسىز گەپ-سۆز ياكى كىچىككىنە بىر ئىشلارنى دەپ چېچىلاتتى .
      ۋاقىت ئۇزارغانسېرى لى نا ۋە ۋاڭ جىڭچىڭغا ھاردۇق يەتتى . يەنە كېلىپ كۆرۈشۈش كۆڭۈلسىز ئاخىرلىشاتتى . ئەمما ، ئۇلار يەنىلا جياڭ چىڭنى يوقلاپ تۇردى .

                جياڭ چىڭنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشى

       جياڭ چىڭنىڭ ئاخىر كېلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشى كىىشىلەرنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى .
       ئۇنىڭ جىنايىتى بىكىتىلگەن ، جازامۇ ئېنىق ئىدى . شۇڭا ، « جىنايىتىدىن قورقۇپ ئۈلىۋېلىش » دېگىلى بولمايتتى . ھالبۇكى ، سوت ئۇنىڭغا «ئۈلۈم جازاسى » بەرگەندە ، « ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدۇ » دېگەن سۆزنى ئاڭلىمايلا ، غەۋغا كۆتەرگەنىدى ، بۇ ئۇنىڭ ئۈلۈمدىن قورقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنىدى .
       1991-يىلى ، ئۇنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىغا ئونبەش يىل بولۇپ قالغانىدى . ئۇ ، « غەلبە » دىن ئۈمىد ئۈزگەنىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، كېسەل قىينىۋەتتى . شۇنداق قىلىپ ، ئاخىرىدا ھاياتتىن ۋاز كەچتى . ئۇ « گۈللەپ ياشنىغان » چاغلىرىدا ، جاڭ يۈيفېڭغا مۇنداق دېگەنىدى :
       . . . مەن كەلگۈسىدە كاللامنىڭ ئېلىنىشىغا ، تۈرمىدە يېتىشقا تەييارلىنىپ قويدۇم ، بۇنىڭدىن قورقمايمەن . يا ئۆلمەي ، يا تىرىلمەي بېقىلىشىممۇ مۇمكىن ، بۇنىسى سەل قىيىن .
      ئۇ « يا ئۆلمەي ، يا تىرىلمەي بېقىلغان » كۈنلەردىن زېرىكتى . ئاخىرىدا بۇنداق كۈنلەرنى بالدۇرراق ئاياغلاشتۇرۇش نىيىتىگە كەلگەنىدى .
          تۇگىدى ( « ئەدەبىي تەرجىمىلەر »نىڭ 1998-يىل 6- سانىدىن كۆچۈرۈلدى)

4

تېما

0

دوست

1738

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   73.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4009
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 399
تۆھپە : 261
توردىكى ۋاقتى: 168
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 23:19:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم

for ark

34

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4793
يازما سانى: 1138
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 4217
تۆھپە : 3358
توردىكى ۋاقتى: 851
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 21:09:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ۋاقىتلاردا خېلى قاپ يۇرەك سوتچىلار بار ئىكەن ھە...ھازىر زە بىر ناھىينىڭ شۇجىسى 6مىلىيون يۇەندىن ئارتۇق پارا يەپ(ئەمەلىيەتتە 150 مىلىيون يۇەندىن ئارتۇق پۇلنى سوقۇۋالغان ،تەپتىشىنىڭ ئېنىقلاپ چىققىنى 6مىلىيون يۇەندىن ئارتۇق ۋى بىر دانە قول كومپىيوتىر...كۈلكىلىك يېرى شۇكى پارىخورنىڭ قاغىلىق ناھىيسىدىكى داچىللىرى،باشقىلاردىن سوۋغا ئورنىدا ئالغان پىكاپلىرى،مارالبېشى دېقانلىرىنىڭ يەرگە قويىدىغان سۈيىنى بىڭتۇەنگە سېتىپ تاپقان پۇللىرى ،كادىر يوتكەش نامىدا باشقىلاردىن ئالغان پۇللىرى،توغراقلىقنى ۋەيران قىلىپ بوز يەر ئېچىپ باشقىلارغا ئەرزان باھادا سېتىپ تاپقان پۇللىرى تىلغا ئېلىنمىغان)  بىر ناھىينى قالايمىقان قىلىۋەتسىمۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنماي مۇددەتسىز قاماققا ئېلىندى...ھازىرقى سوتچىلار قورقۇنچاقمۇ يا؟
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.

4

تېما

0

دوست

1223

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   22.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4572
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 245
تۆھپە : 207
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 01:39:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى polat315دە2012-01-29 21:09يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
شۇ ۋاقىتلاردا خېلى قاپ يۇرەك سوتچىلار بار ئىكەن ھە...ھازىر زە بىر ناھىينىڭ شۇجىسى 6مىلىيون يۇەندىن ئارتۇق پارا يەپ(ئەمەلىيەتتە 150 مىلىيون يۇەندىن ئارتۇق پۇلنى سوقۇۋالغان ،تەپتىشىنىڭ ئېنىقلاپ چىققىنى 6مىلىيون يۇەندىن ئارتۇق ۋى بىر دانە قول كومپىيوتىر...كۈلكىلىك يېرى شۇكى پارىخورنىڭ قاغىلىق ناھىيسىدىكى داچىللىرى،باشقىلاردىن سوۋغا ئورنىدا ئالغان پىكاپلىرى،مارالبېشى دېقانلىرىنىڭ يەرگە قويىدىغان سۈيىنى بىڭتۇەنگە سېتىپ تاپقان پۇللىرى ،كادىر يوتكەش نامىدا باشقىلاردىن ئالغان پۇللىرى،توغراقلىقنى ۋەيران قىلىپ بوز يەر ئېچىپ باشقىلارغا ئەرزان باھادا سېتىپ تاپقان پۇللىرى تىلغا ئېلىنمىغان)  بىر ناھىينى قالايمىقان قىلىۋەتسىمۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنماي مۇددەتسىز قاماققا ئېلىندى...ھازىرقى سوتچىلار قورقۇنچاقمۇ يا؟   
 


    [    post]ياق! تىيانشان(تەڭرى) تاغلىرىنىڭ يىلتىزى بىر تۇتاش. [/hide]

4

تېما

0

دوست

1223

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   22.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4572
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 245
تۆھپە : 207
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 01:41:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەركەزدىن چىقتى 4 كىشى، ئۈچى ئەركەك بىرى چىشىدىكى بىرى چىشى ئەشۇ جياڭ چىڭغۇ دەيمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )