قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 322|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كارخانا مەدەنىيىتىدە «ئالتە بولۇش»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

1

دوست

291

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  74780
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-22 23:41:23 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

كارخانا مەدەنىيىتى كونكرېت نەرسە بولۇپ ئىنتىلىش بولۇش، بەلگە بولۇش، پائالىيەت بولۇش،ھېكايە بولۇش، ماركا بولۇشتىن ئىبارەت «ئالتە بولۇش» ئارقىلىق ئۇنى نامايان قىلىشقا بولىدۇ.


كارخانا مەدەنىيىتى بولسا كارخانىنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەن ، پۈتۈن خىزمەتچىلەر ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە رىئايە قىلىدىغان قىممەت قارىشى،تىجارەت مىزانى،تىجارەت ئىستىلى، كارخانا روھى، ئەخلاق مىزانى ۋە تەرەققىيات نىشانى قاتارلىقلارنىڭ يىغىندىسى. كارخانا مەدەنىيىتى كونكرېت نەرسە بولۇپ ئۇنى ئالتەبولۇش ئارقىلىق نامايان قىلىشقا بولىدۇ.


1. ئىنتىلىش بولۇش. ئىنتىلىش بولغاندىلا روھنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ. ئىنتىلىش بولسا كارخانائۈچۈن ئېيىتقاندا قانداق كارخانا قۇرۇش،قانداق قوشۇن تەربىيىلەش ئۈچۈن تۈزۈلگەن نىشاندىن ئىبارەت بولۇپ ئۇ كارخانىنىڭ قىممەت ئىدىيىسىنى ، تەرەققىيات نىشانىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. كارخانىنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ ئېڭىنى نامايان قىلىدۇ.كارخانىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان ئىنتىلىش نىشانى كارخانىغا غايەت زورھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بېغىشلايدۇ.  ئەمەلىي تۇرمۇشتا بەزى كارخانىلار دەسلەپتە گەرچە كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ ئەمما قەدەممۇقەدەم تەرەققىي قىلىپ زورىيالايدۇ، ئاخىرىدا چوڭ كارخانىغا ئايلىنالايدۇ. بۇكارخانىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان نىشاننىڭ تۇرغۇزۇلۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.


2. بەلگىسى بولۇش. بەلگە بولغاندا كىشىلەرنىڭ بايقىشىغا سازاۋەر بولغىلى بولىدۇ. كارخانابەلگىسى بولسا كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ تاشقى جەھەتتىكى مەركەزلىك ئىپادىسى، بىركارخانىنى يەنە بىر كارخانىدىن پەرقلەندۈرىدىغان ئوبرازلىق بەلگە. كىشىلەر ھەمىشەئاۋۋال بەلگە ئارقىلىق بىر كارخانىنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن كارخانامەدەنىيىتىدە چوقۇم كارخانىنىڭ ئۆز بەلگىسى بولۇش زۆرۈر. ياخشى بەلگە كارخانامەدەنىيىتىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بەلگە قانچىكى ئىخچام،ۋە مەدەنىيەت تۈسىگە ئىگە بولسا ئادەمگە شۇنچىكى تەسىر قىلىدۇ، تونۇشقا ۋەئەستە تۇتۇشقا شۇنچىكى ئاسان بولىدۇ.


3. پائالىيەت بولۇش. پائالىيەت بولغاندا ئاندىن كىشىنى شاتلاندۇرغىلى بولىدۇ. پائالىيەت كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ئۈنۈملۈك تارقاتقۇچىسى. بىر كارخانىدا  ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت-سەنئەتپائالىيىتى ،تەنتەربىيە پائالىيىتى، كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى، زېھىن سىناش پائالىيىتى دېگەندەك رەڭدار مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر دائىم ئۇيۇشتۇرۇلۇپ تۇرغاندىلا ، ئاندىن خىزمەتچىلەرنىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدەقوزغاتقىلى بولىدۇ. خىزمەتچىلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە كارخانىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بەزى كارخانىلارداسەنئەت ئەترىتى، تەنتەربىيە ئەترىتى قاتارلىقلار بار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە رادىئو-تېلېۋىزىيە، تور مۇلازىمىتى،كارخانا گېزىتى، كارخانا ژۇرنىلى قاتارلىقلار بار بولۇپ ،دائىم «ئون ياخشى خىزمەتچى»،«ئون ياخشى مىسال»، «ئون ياخشى مۇلازىمەت»،«ئون تەسىرلىك دەقىقە» دېگەندەك باھالاش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ تۇرىدۇ. دەل مۇشۇنداق پائالىيەت ۋاستىلىرى بولغاچقا ، كارخانا مەدەنىيىتىنى جانلىق نامايان قىلالايدۇ.


4. ھېكايە بولۇش. ھېكايە بولغاندا ، باشقىلارنى تەسىرلەندۈرگىلى بولىدۇ. نەزەرىيىۋى نەرسە پەقەت ئاممىبابلاشقان ھېكايە ئارقىلىقلا كىشىنى جەلپ قىلالايدۇ. چوڭقۇر مەزمۇنلار ئاددىي چۈشەندۈرۈشلەر ئارقىلىق كىشىلەرنى قايىل قىلىدۇ.  يولداش ماۋزېدۇڭ «يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى» دېگەن ھېكايىنى سۆزلەش ئارقىلىق مىلىيونلىغان ئاممىنى بوشاشماي كۆرەش قىلىپ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىملىقىنى بىلدۈرگەن. شۇڭا كارخانىنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشنى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ھېكايەئارقىلىق بايان قىلىش كېرەك. مەزكۇر جاينىڭ تارىخ مەدەنىيىتى ۋە كارخانىنىڭئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن ھېكايىلەر تارىخي چوڭقۇرلۇقى ۋە رېئال چىنلىق سېزىمى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تونۇشىغا ئېرىشىدۇ.


5. تىپ بولۇش. تىپ بولغاندا كىشىنى قايىل قىلغىلى بولىدۇ . ئۈلگىنىڭ كۈچى چەكسىز، تىپنىڭ قايىل قىلىش كۈچى ئەڭ زور، تىپنى كارخانىدىكى«چىراغ» ۋە «ئوت» دېيىشكە بولىدۇ.«چىراغ» يولنى يورۇتىدۇ،«ئوت»ئادەمنى ئىللىتىدۇ. ياخشى تىپنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق خىزمەتچىلەرگە ئۆگىنىدىغان  ئۈلگە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا تىپ تۇرغۇزۇشنى كارخانا مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كارخانا تەشەببۇسقىلغان قىممەت ئىدىيىسىنى نامايان قىلىپ خىزمەتچىلەرنى نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ،ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلىشكە يېتەكلەيدۇ، ھەمدەخىزمەتچىلەرنىڭ ئىجادچانلىق كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ كارخانا تەرەققىياتى ئۈچۈن چارە-تەدبىر كۆرسىتىدۇ.


    6. ماركا بولۇش. ماركا بولغاندا كىشىنى رازى قىلغىلى بولىدۇ. ماركا ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى مۇلازىمەت ماركىسى بولۇپ كارخانىنىڭ مۇلازىمەت ئىدىيىسى ، مۇلازىمەت مەزمۇنى، مۇلازىمەت شەكلى ۋە مۇلازىمەت ئۈنۈمى قاتارلىقلارنى  ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ماھىيەت جەھەتتە ئۇ كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەت جەريانىدا بەزى كارخانىلار مۇلازىمەتنى ئاساسىي مۇلازىمەت، قوشۇلما مۇلازىمەت،ھېسسىي مۇلازىمەت، ئۆسۈپ يېتىلىش مۇلازىمىتى، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتى ،جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق ئىنچىكە تۈرلەرگە بۆلگەنبولۇپ ھەر بىر تۈرنىڭ ئىچىدە يەنە بىر قانچە كىچىك تۈر بار . دەل مۇشۇنداق كونكرېت مۇلازىمەت بولغاچقىلا كارخانىنىڭ مۇلازىمەت ماركىسى تىكلەنگەن . مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا كارخانىنىڭ جەمئىيىەتكە تەمىنلىگىنى ئاساسلىقى مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتتىن ئىبارەت. مۇلازىمەت ئارقىلىق مەھسۇلاتنىڭ ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرغىلى بولۇپلا قالماي ، كارخانىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشتەك روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ.              


      تەييارلىغۇچى: شىنجاڭ نۇرفان خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى   

    ئۈندىدار سۇپىسى:    igilik100
bagdax

0

تېما

0

دوست

6463

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   29.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21759
يازما سانى: 618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 1934
توردىكى ۋاقتى: 520
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25

تۆھپىكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-23 13:20:08 |ئايرىم كۆرۈش
بىزنىڭ بەزى مىللى كارخانىلار خىزمەتچىلەرنى قەدىرلەشنى بىلمەيدۇ، ئامال قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتۇۋېلىشقا تىرىشىدۇ، ياكى ۋاقتىدا بەرمەيدۇ. شۇڭا ئىشلەۋاتقان بالىلارمۇ پالانى شىركەتتە ئىشلەيمەن دىيىشتىن نومۇس قىلىدۇ،  خىزمەتچىلەر قاچان شۇ شىركەتتىن پەخىرلەنگەندە كارخانا مەدەنىيىتى شۇ چاغدا ئۆزلىكىدىن بەرپا بولىدۇ.

2

تېما

0

دوست

4770

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   92.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18448
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1497
توردىكى ۋاقتى: 199
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25

ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا

ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-26 20:58:58 |ئايرىم كۆرۈش
UYGRAF يوللىغان ۋاقتى  2016-8-23 13:20
بىزنىڭ بەزى مىللى كارخانىلار خىزمەتچىلەرنى قەدىرلەشن ...

بۇ خىل ئەھۋال راستىنلا مەۋجۇت،

1

تېما

1

دوست

291

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  74780
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
bagdax
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )