ئۇيغۇرلار يەنە قايسى تىلنى ئۆگىنىشى كېرەك؟! ___ ئەركىم [align=justify] ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق ھەم قان ياشلىق تارىخىنى سۆزلەپ يۈرمىسەممۇ ھەممىمىزگە غۇۋا بولسىمۇ ئايان. بۈگۈن بۇيەردە ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغىنىم، قايسى تىلنى ئۆگىنىش مەسىلىسى. لېكىن، ئۇيغۇرلار تارىخىدا قانچە تىل بىلەن ئۇچىراشقان، قانچە خىل يېزىق قوللانغان، قايسى تىللاردا يازمىلار قالدۇرغان دېگەن مەسىلىلەر ئەمەس، بەلكى، ئۇيغۇرلارئەمدى يەنە قانداق تىللارنى تەققەزالىق بىلەن ئۆگىنىشى كېرەك! دېگەن تېمىدۇر. ھەممىمىزگە مەلۇم، ئارىمىزدا ئۇلۇغ قاغانلىرىمىزدىن قالغان مەڭگۈ تاشلارنى ئوقۇپ چۈشەنگۈدەك ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتچىلىرىمىز ساناپ باقساق بارماقلىرىمىزمۇ تۈگىمەيدۇ. ھېلىمۇ ياخشى تەلىيىمىزگە ئاشۇ بىر ئۇچۇم مەدەنىيەت ئوغرىلىرى ئۆز زىمىندا سىڭگەن نېنىنى يىمەي، ئەسىرلەردىن غەپلەت ئۇيقۇسىدا غايىبلىققا يۈز تۇتقان دىيارىمىزغا كەلگەن كۆك كۆز، سېرىق باش ئەجنەبىيلەر ئۇشبۇ بۈيۈك مەڭگۈ تاشلىرىمىزنى تەرجىمە قىلىپ يورۇقلۇققا چىقىرىپ قويۇپتىكەن. بولمىسا، بىز ھازىرغىچە يېزىقنى ئالماشتۇرايلى، ئۇ يېزىق قالاقكەن، بۇ يېزىق بولىدىكەن، دېيىشىپ ياقا سىقىشىپ يۈرەتتىكەنمىز. ئاقىۋەت ئۇ مەڭگۈ تاشلىرىمىز نە-نەلەردىن تۈركۈملەپ كۆچۈپ كېلىۋاتقان كۆچمەنلەر سالغان خىش-سىمونت قۇرۇلمىلىق ئۆيلەرىنىڭ ئۇلىغا ئايلىنىپ كېتەر ئىكەن. ئاللاغا تۈمەن مىڭلاپ شۈكرىلەر بولسۇن. مەڭگۈ تاشلىرىمىز بولمىغان بولسا، بىز قەددىمىزنى تىك تۇتۇپ يۈرەلەمتۇق؟! مىڭ يىللاردىن بىزگىچە يوقالماي يىتىپ كەلگەن <<تۈركى تىللار دىۋانى>>،<< قۇتاتقۇبىلىك>>لىرىمىز بولمىغان بولسىچۇ؟! ھېلىمۇ بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا تىمسىقلاپ يۈرۈشكەن رەھىمسىز ھەم نادان، ۋەھشىلىكتە ئۇچىغا چىققان قىزىل كۆز كېپەنچىلەرنىڭ دەردىدە نىلىغان ئەڭگۈشتەرلىرىمىز بىز بىلەن يۈز كۆرۈشمەي تۇرۇپ، قاراڭغۇ بازارلاردا توزۇپ كېتىۋاتىدۇ. قۇلىقىڭىزنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاپ قويۇڭ سۆيۈملۈك ئوقۇرمەن، ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىشتا باش تارتىپ بولماس مەجبورىيىتى بار. [align=justify] خىزمىتىم سەۋەبىدىنمىكىن، نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن قەدىمى نەرسىلەر توغرىلىق كۆپ سوئاللار سورايدۇ، ئۇلارنىڭ ئايىقى تەگمىگەن زىمىن قالمىغان ئوخشايدۇ. ئۇلار كەزمىگەن ئورخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ پايانسىز يايلاقلىرى، گەنجۇ ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ كەڭرى زىمىنلىرى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ سىرلىق تۇپراقلىرى، قاراخانىلار سۇلالىسى ۋە ئۇلاردىن ئۇزاق يىللار ئالدىدىكى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىزنالىرىنىڭ ئالتۇندىن ھەتتاكى جاندىن قىممەت كۈللىرى كۆككە سورۇلماقتا. مەن مىڭ تەسلىكتە ئۇلارغا قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ خاتالىقىنى ئىزىپ-ئىزىپ چۈشەندۈرىمەن، ھەمدە قەدىمكى يېزىق بايقىلىپ قالسا، چوقۇم بىرنچى بولۇپ مەن بىلەن ئالاقە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىمەن. ئەپسۇس، ئۇلار شۇ كۈندىن باشلاپ غايىپ بولىدۇ. كېيىن باشقىلاردىن ئۇلارنىڭ يەنە قايسى بىر تاغلاردا، خىلۋەتلەردىكى ئەسكى خارابە، قوغدىلىنىش ئورۇنلىرىدا گۆر كولاپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالىمەن. ھېلىمۇ ياخشى گۆر كولىغان كىشى مەڭگۈ ئىلگىرى باسالمايدىكەن. بولمىسا بۈيۈك دىيارىمىزنىڭ تۇپرىقىنى ئاشۇ بىر ئۇچۇم نادانلار قېزىپ ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋېتەر ئىدى.[align=justify] مۇشۇ باش ئاخىرى يوق خىياللىرىمنى قەلىب تۆرەمنىڭ ھۆرمەتخانىسىدىن ئالاھىدە ئورۇن ئالغان بىر تارىخچى ئاكامغا ئېيتتىم. ئۇ كىشى قان-ياشلىق تارىخىمىزدىن مىساللار ئېلىپ سۆزلەپ كېلىپ، بۇ خىل مەدەنىيەت يوقۇلۇش ھادىسىسىنى قۇتقۇزۇشنىڭ بىردىن-بىر توغرا يولى تىل ئۆگىنىشتۇر! دەپ جاۋاپ بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە:- بىز ئۇيغۇرلار نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىمىز جەريانىدا نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر بىلەن دوست،دۈشمەن بولۇپ ئۆتتۇق، بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان تىل ۋە يېزىقلارنى قولاندۇق. ھەتتا، يېزىق ئىجاد قىلدۇق. بىزگىچە كېلەلمىگەن يېزىقلار ۋە ئۇنتۇلغان شانلىق تارىخلىرىمىز ئۆزگە مىللەتلەرنىڭ تارىخى يازما مەنبەلىرىدە بەكمۇ مول ئىكەن.شۇنىڭ ئۈچۈن، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى كاللىسى ئويغاق ياشلىرىمىز چوقۇم چەتئەل تىللىرىنى ئۆگىنىش كېرەك ئىكەن، قايسى تىلنى ئۆگىنىش كېرەك؟ دېگەندە، ھازىر بىزدە كەمچىل بولىۋاتقان پارىس(ئېران)، مۇڭغۇل، تىبەت تىللىرىنىڭ ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى دەپ ئۆتتى. دېمىسىمۇ، چەتئەل تىلى دېسە كاللىمىزغا كېلىدىغىنى ئىنگىلىز، روس، گېرمان، ياپۇن، فىرانسۇز، ئىسپان تىللىرىدۇر. چۈنكى بۇ تىللارنى ئۆگەنگەندە ئىقتىسادى قىممەت ياراتقىلى، بىلىم سەۋىيىمىزنى نەچچە بالداق يۇقىرى كۆتەرگىلى بولىدۇ. ئارىمىزدا بۇ تىللارنى بىلىدىغان مىللىتىمىز ياشلىرى كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. ( ئەپسۇس، ئاشۇ مودا چەت تىللارنى ئۆگەنگەنلەر نىمىلەر قىلىۋاتىدىكىن؟! يا بىرەر ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىرنىڭ ئەسىرىنى تەرجىمە قىلىپتۇ ! دېگىنىنى ئاڭلىغان يوق؟ بۇ بىر ئېچىنىشلىق ھادىسە، ئۆز مىللىتىنى تونۇشتۇرۇش، قۇرقۇزۇش ۋە تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش مەقسىتىدە ئۆگەنمىگەن ھەرقانداق بىلىم نۆلگە تەڭ!)بىراق، ئەڭ ئېچىنىشلىق يېرى، ئارىمىزدا بىرەر يېرىم تال ئۇيغۇرنىڭ مەن مۇڭغۇلچە ئۆگەندىم، مەن تىبەتچە ئۆگەندىم، مەن پارىسچە ئۆگەندىم، دېگىنىنى ئاڭلىيالماي يۈرمەكتىمىز. [align=justify] ئەگەر بىز مۇڭغۇلچىنى ئۆگەنسەك نىمىمىزگە پايدىسى تېگىدۇ؟! دېسىڭىز، بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ قويۇڭ! چىڭگىزخاننىڭ تۆمۈر تاپىنى دۇنيانىڭ كۆپ يېرىمىنى دەسسەپ پېتىقىنى چىقىرىۋاتقان دەۋىرلەردە سۆيۈملۈك ئۇيغۇر تىلىمىز دۆلەت تىلى قاتارىدا تەرەپ-تۇشلارغا ھەربىي يارلىق، ھۆججەت، خەت-ئالاقە ئىشلىرىدا ئىشتىلگەن ئىكەن. مۇڭغۇل ئوردىسىدا خىزمەت قىلىدىغا نھەرقانداق كىشى چوقۇم ئۇيغۇر ئۇستازلاردىن بىلىم ئېلىشى كېرەك ئىكەن. ھەتتاكى شۇ دەۋىرلەردە چاۋشىيەندە ئىككى ئەسىردىن ئارتۇق ئوردا تىلى قىلىپ قوللىنىپتىكەن. يۈەن سۈلالىسى ئۇيغۇر يېزىقى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ شۆھرىتىنى دۇنياغا تېخىمۇ تونۇتتى. مۇڭغۇل تىلىدا ئۇيغۇرچىدىن قوبۇل قىلىنغان ئاتالغۇلار بەك كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ، بۇ پايدىلىق ئەھۋال بۇ تىلنى ئۆگىنىشىمىزگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدۇ. بىز مۇڭغۇلچىنى ئۆگەنسەك، رەھىمسىز يىللار قوينىدا كۆمۈلۈپ ياتقان سىرلىق ھەم قەدىمكى شانلىق تارىخىمىزنى قايتىدىن يورۇقلۇققا چىقىرالايتتۇق.[align=justify] ئەگەر بىز تىبەتچىنى ئۆگەنسەك نىمىمىزگە پايدىسى تېگىدۇ؟! بىلىشىمچە، تىبەتلەر تۆپىلىكىدە، خور دەپ ئاتلىدىغان بىر قەۋىم بولۇپ، دۆلەت نوپۇسىدا تىبەتلەرگە تەۋە دېيىسلىمۇ، لېكىن يەرلىك تىبەتلەر تەرپىدىن ياتلار قاتارىدا سانىلىدىكەن. قىسمەن تارىخچىلارنىڭ سۆزىچە ئۇلار ئۇيغۇر بولىشى مۇمكىنكەن. مەسلەن، تىبەتلەرنىڭ تىل ئادىتىدە بەزى ئاتالغۇلار شۇنداق قىسقىراپ كېتىش ھالىتى بارمىش، ئۇيغۇر- ئۇي-غور، تىبەتلەر غ نى خ دەپ تەللەپپۇز قىلىپ ئۇي نى تاشلىۋېتىپ، غۇرنى ئېلىپ قېلىپ خور دەپ ئاتىۋالغان بولىشى مۇمكىن. خورلانى كۆرگەنلەر ئۇلارنىڭ كېلىشكەن ھەم قاش كۆزلۈك، قاڭشارلىق، قاۋۇل كېلىدىغانلىقىنى سۆزلىشىدۇ. يەنە كېلىپ، ئىسلام دىنى دىيارىمىزغا تارقىلىشقا باشلىغاندا، ئىسلامدىن قاچقان بۇددىسىت ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كېتىشتىن ھەزەر ئەيلىگەن ئەھۋال ئاستىدا، تۈركۈملەپ تىبەت تۆپىلىكىگە كۆچۈپ بارغانكەن. ئۇلار نەچچە يۈز يىللار جەريانىدا، تىبەت يېزىقىدا ئۇيغۇرچە نوملارنى خاتىرلەپ قالدۇرغانكەن. ئەسىرلەر مابايىنىدە، ئوخشاش دىنىي ئېتىقاد تۈپەيلىدىن، تىبەتكە كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلار تىبەتلەرنىڭ ئارىسىغا يۇغۇرۇلۇپ كېتىپتۇ. ئەمما ئۇلاردىن يېزىق قېلىپتۇ. تىبەتلەر ئۇشبۇ 6-7 يۈز يىللىق يىللىق تارىخنىڭ شاھىدى بولمىش يازما ۋە قىممەتلىك جاۋاھىرات سۈپىتىدە ئەتىۋارلىق ساقلىنىۋاتقان نوملارنى ئوقۇيالىسىمۇ، بىر جۈملىنىمۇ چۈشىنەلمەيدىكەن. تىبەت لامالىرى ئۆزلىرى ساۋاب بولىدۇ، دەپ ئەتىۋارلاپ بەتلىرىگە سۆيۈپ ئوقۇۋاتقان ئەسىرلىك كىتابلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ نوملىرى دەپ ئېتىراپ قىلىدىكەن. دۇنخاڭدىكى بۇددا تاش كېمىرلىرىدە مۇنداق بىر قۇر خەت بار ئىكەن: مەنكى قامىل بالىقتىن كەلدىم. دېگەن مەزموندىكى خەت تىبەتچە ھەم قەدىمكى ئۇيغۇرچە يېزىلىپ، ئاپتورنىڭ نام شەرىپى قالدۇرۇلغانكەن. دېمەك، تىبەتچىنى ئۆگەنسەك، بىزگە ئىقتىسادى قىممەت يارتىپ بېرەلمىسىمۇ، يۈتكەن تارىخىمىزنىڭ بىر پارچىسىنى تېپىۋېلىشىمىزغا غايەت زور پايدىسى تەگكەن بولاتتى.[align=justify]ئەگەر بىز پارىسچىنى ئۆگەنسەك نىمىمىزگە پايدىسى تېگەر؟! ھەمىمىزگە مەلۇم، تىلىمىزدا پارىسچە ئاتالغۇلار قەدەمدە بىر ئۇچىراپ تۇرىدۇ. بىرەر پارچە شئېرنى پارسىچىسىز روياپقا چىقىرىشىمىزمۇ مۈشكۈل. پارىسچە بىزنىڭ قايغۇ ھەم شادلىقىمىزنى ئىپادىلەيدىغان بارلىق سۆز -جۈملىلىرىمىزدە مەۋجۈت. شۇڭا بۇ تىلنى ئۆگىنىش بىزگە بارچە تىللاردىن ئاسان توختىشى مۇمكىن. ئۇلۇغ ئەجدادىمىز ئەلشىر نەۋايى پارىس تىلىغا جەڭ ئېلان قىلىپ ئۇنى يەڭمىگەن بولسا، بىزنىڭ ئەدىبلىرىمىز ھېلىھەم پارىسچە بىلەن ئەسەر يازغان بولاتتىمىكىن؟! بىراق، بىز بۈگۈنكى كۈندە، پارىسچىنى بىلىدىغان بىر ئۆتكۈر پىكىرلىك تىلماچلارغا تولىمۇ مۇھـتاجمىز! پارىسلار بىلەن قان كېچىپ كۆرەش قىلغان، دۇنياغا داڭلىق <<شاھنامە>>نىڭ يېزىلىشىغا سەۋەبچى بولغان ئالىپ ئەرتوڭا بوۋىمىز بىزگىچە پەقەت گۈزەل بىر رىۋايەت تۈسىدە يېتىپ كەلدى، ئۇ توغرىلىق ۋە پارىسلار بىلەن قان كېچىپ كۆرەشكەن، مەدەنىيەتتە بەسلەشكەن باتۇر ھەم ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز ھەقققىدىكى يازمىلار بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قىممەتلىك يازمىلارنى، پارىسلارنىڭ موزىيخانىلىرى ھەم كۈتۈپخانىلىرىدىن ئىزلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئامرىكا ئۇلارغا ھۇجۇم قىلماستا، ئېران بىلىم ئەھلىلىرى، ئېران مەدەنىيىتى ئېراقتەك خانۇۋەيران بولۇپ كەتمەستە، ئۇيغۇر ياشلىرىمىزدىن پارىسچىنى ئۆگىنىدىغانلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلايلى![align=justify] ھەركىمگە بىر تىلنى زىيادە بىلىش يۈك بولۇپ قالمايدۇ، ئەكسىچە ئۇ كىشىنىڭ بىلىش، چۈشىنىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ. ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنى ئۇنتۇش، تارىخىنى ئۇنتۇش، خاسلىقىنى ئۇنتۇش ھەر بىر ئىنسان بالىسىغا كۆتۈرۈپ قوپالىغۇسىز زور ھاقارەت ھەم جىنايەتتۇر! بىز چوقۇم، ئۆگەنگەنلىرىمىزنى مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى بىلىشىمىز كېرەك. تىرىشچان ياشلىرىمىزنىڭ ئۇشبۇ تىللار ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ بېقىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن![align=justify] تىللىقنىڭ تىلىغان بەر شېكەر، ناۋات. تىلمىچىم تىلىڭنى ئەللەرگە تارات. تىل دېگەن مەدەنيەت، تىل ئۇ غۇرۇرۇڭ، تىلسىزنىڭ ئۆتمىشى، كەلگۈسى خاراپ. 2012-يىلى1-ئاينىڭ29-كۈنى قومۇل |