قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 11150|ئىنكاس: 26
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

جۇڭگو-شىنجاڭ سەبىيلەرنى ئىزدەيلى ئەترىتى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

5

دوست

5202

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   4.04%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7186
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 338
تۆھپە : 1467
توردىكى ۋاقتى: 645
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-14

پەخىرلىك ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى نادىر يازما چولپىنى تۆھپىكار ئەزا

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-25 19:10:29 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
جاھالەت بىر گەز ئۆرلىسە، ئادالەت مىڭ گەز ئۆرلەيدۇ - خەلق ماقالىلىرىدىن

    ھازىر جەمئىيىتىمىزدە مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان يامان بىر ئۆسمە مەۋجۇت، ئۇ ئاتا-ئانىلارنى ساراسىمىگە سالسا، بالىسى يۈتكەنلەرنى قان-زەرداب يىغلىتىپ جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە، پارتىيە-ھۆكۈمەت بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ كۆپلىگەن چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ج خ ئورگانلىرىنىڭ زور كۈچ  چىقىرىشىدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا مەسىلىلەر ساقلانماقتا. ھەر كۈنى  بالىلارنىڭ  يىتكەن خەۋەرلىرى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئالتە يەتتە  يىل  بولغانلىقى ئېيتىلماقتا، بۇ  رەزىل قارا نىيەت ئوغرىلارغا،  ئادەم  بىدىكلىرىگە  قارشى كۈرەشكە ئاپتونوم رايونىمىزدا زور  بىر  قوشۇن  قۇرۇلدى، ھازىر  بۇ  قوشۇن كېڭىيىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىچە قاپلىدى، بۇ  قوشۇن جۇڭگو شىنجاڭ سەبىيلەرنى ئىزدەيلى پىدائىيلار ئەترىتى بولۇپ، بۈگۈن مەن مۇشۇ ئەترەت توغرىسىدا سۆزلىمەكچىمەن.

    ئالدى بىلەن بۇ ئەترەتنى قۇرغۇچى ياش قابىل ئەزىمىتىمىز ئالىم ئەنۋەر تەخەللۇسى (بوران ) توغرىسدا تۇقتۇلۇپ ئۆتەي، مەن بۇ يەردە شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ  ياش  مۇخبىرى ئەركىن مۇسا بىلەن بولغان سۆھبىتىدىن نەقىل كەلتۈرەي. ئالىم ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ ئاتامنىڭ  لەقىمى بوران ئىدى، مەندىمۇ ئاتامغا ئوخشاش چاققانلىق، ۋاقىت قوغلىشىدىغان خاراكتېر بولغاچقا بۇ لەقەمنى تەخەللۇس قىلىپ قوللاندىم، ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەن ئەسلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 60- ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى ئىدىم، 2013-يىلى ئىيۇندا ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەش ئويىدا خىزمىتىمدىن ئىستېپا بېرىپ شېنجېنغا باردىم ، ۋە شۇ  جايدىكى ئايرودرۇم، ۋوگزال، سودا-سارىيى قاتارلىق ئاۋات جايلاردا بالىسى يۈتۈپ كەتكەنلەر بالىسىنى تېپىپ بەرگۈچىلەرگە تۆۋىنى نەچچە يۈزمىڭ يۈەن، يۇقىرىسى نەچچە مىليۇن سۆيۈنچە بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئېلانلارنى كۆردۈم، شۇ چاغدىلا پەرزەنتى يۈتۈپ كەتكەن ئاتا –ئانىلارنىڭ  پەرزەنتىنى تېپىش ئۈچۈن  قانچىلىك  روھى ئازاب. ئىقتىسادىي چىقىمغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى  ھېس قىلدىم، پەرزەنتىنى يۈتتۈرۈپ  قۇيغانلارغا ياردەم  قىلىش خىيالىغا كەلدىم. 2014-يىلى يانۋاردا غۇلجا شەھەردە ئۆي-زېمىن ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتىنى  قۇردۇم، ئالاقىلىشىدىغان كىشىلەر كۆپ  بولغاچقا پەرزەنتلىرى  يۈتۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى تېخىمۇ  كۇپ ئاڭلايدىغان بولدۇم، بۇلتۇر فېۋرالنىڭ باشلىرى ئەتراپىمدىكى دوستلىرىمغا يۈتكەن سەبىيلەرنى ئىزدەش توپى قۇرۇش خىيالىمنى ئېيتتىم . ھەم 15-فېۋرال ئۇلارنىڭ قوللىشى  بىلەن، 10كىشىدىن تەركىب تاپقان سەبىيلەرنى ئىزدەش  توپى قۇردۇم.

     جۇڭگو شىنجاڭ سەبىيلەرنى ئىزدەيلى ئەترىتى 2015- يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى غۇلجا دىيارىدا قۇرۇلۇپ  كىچىكلىكتىن زورۇيۇپ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەر  قايسى ۋىلايەت شەھەردىن يېزا –قىشلاقلىرىغىچە كېڭىيىپ ، ھەتتا  ئىچكى ئۆلكىلەرگىچە  كېڭەيدى.  ئۈندىدار توپ سانى 1000 غا پىدائىيلار يسانى 100 مىڭدىن ئاشتى. ھازىرغا قەدەر تاپشۇرۇپ ئالغان ئۇچۇر 1000 ھەل بۇلغانلىرى 600 دىن ئاشتى. بۇ ئەترەت ئاساسەن ياخشىلاردىن  تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ ئەىرەتتە ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق ،خۇيزۇ، قىرغىز،  قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان، بۇلار پەقەت سەبىيلەر بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، ياشانغان، نېرۋىسى ئاجىز ئۇنۇتقاق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغىمۇ ياردەم قىلىدۇ، ئۇلار قېيىنچىلىققا يولۇقسا ياردەم تەلەپ قىلسا ھەرىكەتكە كېلىپ ياردەم قىلىدۇ، بۇ ياشلارنىڭ كىرىمى تۆۋەن بەزىلىرى ئىش كۈتۈپ تۇرغانلار، خىزمەت بېسىمى ئائىلە بېسىمى ئېغىر ، لېكىن ئۇلار قىلچە  بوشاشماستىن خالىسانەساخاۋەت قىلىش روھى بىلەن ئۆز  يانلىرىدىن پۇل  چىقىرىپ ئۆز  قېرىنداشلىرى ئۇچۇن جاپا چېكىپ باشقىلارنىڭ مەسىخىرىسىگە قارىماي ئىشلىمەكتە، بۇنداق روھ ھەقىقەتەنمۇ ماختاشقا ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان ئالىيجاناب روھ، بۇ بىزنىڭ ياشىلىرىمىزنىڭ نەقەدەر ساپالىقلىقىنىڭ نامايەندىسى، ھازىر جەمئىيىتىمىزدە قۇرۇلۇۋاتقان پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرى، مېھرىبان ئانىلار توپى، ساخاۋەتلىك ئاتىلار توپى ۋە باشقا توپلار كەينى-كەينىدىن بارلىققا  كەلگەن يېڭى شەيئى.

    بۇلارنىڭ  ئىشلىرىدىن بىر نەچچە مىسال كەلتۈرەي، قورغاس ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچىگە ئىشلىگىلى كەلگەن ئەر-ئايالىنىڭ 2000-يىلى 19-فېۋرالدا ھويلىدا ئويناۋاتقان ئىككى ياشلىق قىزى بىر نەچچە  مىنۇتتىلا يوقاپ كەتكەن، ئۇلار  ساقچىغا مەلۇم قىلغان ھەر –تەرەپتىن ئىزدىگەن،  لېكىن خەۋىرى بولمىغان مۇشۇ  سەۋەبلىك ئەر- ئايال بىر – بىرىگە تاپا –تەنە قىلىشىپ نىكاھدىن ئاجرىشىپ كەتكەن. ئۇلار بۇلتۇر دېكابىردا سەبىيلەرنى ئىزدەش ئەترىتىگە بۇ ئەھۋالنى ئېيتقاندىن كېيىن، سەبىيلەر ئەترىتى ھەر -يەر ھەر -يەردىكى  توپلارغا ئۇچۇر  يوللاپ ئاخىرى  توقسۇن ناھىيەسىدە بىر قىزنىڭ ئالتە يىل ئىلگىرى مەلۇم ئادەم تەرىپىدىن بېقىۋالغانلىق خەۋىرىنى بىلىپ، توقسۇن ناھىيەسىدىكى سەبىيلەرنى ئىزدەش ئەترىتى ساقچى ئورگانلىرىغا ماسلىشىشى بىلەن ، ئاتا- ئانىلار  قىزىنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئىلىپ د ن ئا سىنى تەكشۈرۈش  ئارقىلىق ئەينى چاغدا يۈتكەن قىزىنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ، جەزملەشتۈرىدۇ، ئىشنىڭ جەريانى ئادەم  بىدىكى بۇ بالىنى ئوغرىلاپ قىزى يوق بۇ ئائىلىگە 5000 يۈەنگە ساتقانلىقى ئېنىقلاندى.


    قارامايدا يۈتكەن  بالا 17سائەت ئىچىدە تېپىلدى، 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە ئىسىمىنىدا ئىشلەۋاتقان باش باشقۇرغۇچى پاتىمە، بىر خەنزۇ بالىنىڭ يۈتكەنلىكىنى ئاڭلاپ ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ ئىسپاتىنى ئالغاندىن كېيىن، خىزمەت ئورنىدىن رۇخسەت ئىلىپ دەرھال پىدائىيلارغا خەۋەر قىلىدۇ، يىگىرمىدەك پىدائىينى باشلاپ ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە ئىزدەشكە باشلايدۇ، بىر كېچە ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن پىدائىيلارنى ئەتىكى خىزمەتكە تەسىر قىلماسلىقى ئۈچۈن قايتۇرۇپ، ئۆيگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ چاغدا تاڭ سۈزۈلۈپ قارا سوغۇق كۈچەيگەن ئىدى، ئۇ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ يەنە كۆڭلى تىنماي يالغۇز ئىزدەشكە باشلايدۇ، ئۇ ئىزدەپ قاراماي چوڭ مەسچىتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە بۇلۇڭدا تۇرغان ئىككى بالىغا كۆزى چۈشىدۇ، چوڭى 15 ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ، قولىدا ئېسىل ئەرمەك كۈچۈك يىتىلىۋالغان، كىچىكى يىغلامسىراپ تۇراتتى، ئۇ دەرھال ئۇلارنى توسۇپ يوقالغان بالا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ ساقچىغا مەلۇم قىلىدۇ، ئېنىقلاش ئارقىلىق بۇ بالىنىڭ يۇقالغان بالا ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ، ئاتا–ئانىسىنىڭ قويىنىغا قايتىدۇ، ئەسلىي ئىش چوڭ بالا ئادەم بىدىكلىرىگە ھەمكارلىشىپ ئەرمەك كۈچۈك ئارقىلىق بالىلارنى ئالداپ ئاپىرىپ ساتىدىكەن، بۇ ئىشتىن خۇشال بولغان ئاتا-ئان مىننەتتارلىق بىلدۈرۈپ سەبىيلەر ئەترىتىگە لەۋھە سۇۋغا قىلىدۇ، بۇنداق  كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىشلار كۆپ، مەن پەقەتلا ئىككى ئىشنى دەپ قۇيدۇم، بۇلاردىكى ئالىيجاناب روھ ئادەملەرنى تەسىرلەندۈرىدۇ. ئاپىرىن ئەزىمەتلەر مانا بۇ ۋەتىنىمىزدە چېچەكلەپ، پورەكلەپ ئېچىلىۋاتقان لېي فىڭ روھى، ئادەم بىدىكلرىگە شۇنى دىگۈم كېلىدۇ، سىلەر كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپ سەبىيلەرگە زىيانكەشلىك قىلىۋاتىسىلەر، ئەگەردە سىلەرنىڭمۇ پەرزەنتلىرىڭ بولۇپ يوقالسا قانداق قىلاتىڭلار، سىلەردە ئادىمىيلىك، ۋىجدان بارمۇ، ئەل قىساسى مىنەلھەق چوقۇم جازاسىنى تارتىسىلەر شۇ ئالغان پۇلۇڭلار خەنجەر بولۇپ يۈرۈگۈڭلارغا سانجىلىدۇ، كوچىدا ئۆتكەن چاشقان ئۇر- ئۇرغا قالغاندەك كۈنگە قالىسىلەر...   


    مەن سەبىيلەر ئەترىتىنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن تەسىرلەندىم، ھاياجانلاندىم. پەرزەنتلەر بىزنىڭ كېلەچىكىمىز ئۈمىدىمىز ئۇلارنى ئاسراش، قوغداش ھەر بىر  ئاتا –ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيلەيلى، ئاشۇ  يوقالغان سەبىيلەر ئىچىدە تالانتلىق ياراملىق سەبىيلەر بار، مەن يوقالغان سۈرىيە بىلەن بىر يۇرتلۇق سۈرىيە ھەر تەرەپتىن ئەلا ئىدى، ئەپسۇس، ھازىرغىچە دېرىكى يوق. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كۈچلۈك ياردىمى ئاستىدا ۋە مۇشۇنداق زور قوشۇننىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى ئاستىدا، ئۇ  چوقۇم تېپىلىدۇ، بۇ ۋاقىت مەسىلىسى، سەبىيلەرنى ئىزدەش ئەترىتى مۇنتىزىم قوشۇن يۇقىرى تەشكىلچانلىققا ئىگە  ئۇلاردا تەشۋىق گۇرۇپپىسى، ئۇچۇر گۇرۇپپىسى، ئۈندىدار سالونى بار، ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا تۆۋەنگە  تارقىتىدۇ.

    مەن بوران ئەپەندىنى كۆرمىگەن، مەن بۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئاڭلاپ بوران ئەپەندىنى يازماقچى بولۇپ تېلېفون بېرىپ ئويۇمنى ئېيتىم، ئۇ ناھايىتى كەمتەرلىك بىلەن مېنى يازماڭ، يېزىش توغرا كەلسە سەبىيلەر ئەترىتىنى يېزىڭ، دېدى، بۇ سۆزدىن ناھايىتى سۆيۈندۈم، ھەقىقىي ئەزىمەت، ياشلارنىڭ  ئۇلگىسى بولۇشقا لايىق دەپ ئويلىدىم. مەنمۇ يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا قارىماي ئەزا بولۇپ كىرىشنى تاللىدىم، ئاز بولسىمۇ ئۆز ھەسسەمنى قوشاي دېدىم، مەن شۇنىڭغا  ئىشىنىمەن سەبىيلەرنى ئىزدەش ئەترىتى تېخىمۇ زورىيىدۇ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ، بوران ئەپەندىم ھەر قانداق شەيئى يوقتىن بارلىققا  كېلىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ يوقىلىدۇ قاچان جۇڭگو زېمىندا سەبىيلەر يوقالمايدىكەن، شۇ چاغدا بۇ ئەترەتمۇ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇ ئۆز رولىنى جارى قىلىدۇ. ئاپىرىن سىلەرگە زور نەتىجە بەخت ئامەت يار بولسۇن، بىرلىكتە كۈرەش قىلايلى.

    2016-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى

bagdax

3

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 596
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 644
تۆھپە : 3199
توردىكى ۋاقتى: 890
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-25 20:12:13 |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت،قوشۇنۇڭلار يەنىمۇ زورىيىپ،بالا ئوغرىلىرىغا قارا كۈن يەتكەي.

‹‹بىر گەز ئۆرلىسە جاھالەت،مىڭ گەز ئۆرلەر ئادالەت››--ماقالنىڭ ئەسلى تۈزۈلۈشى مۇشۇنداق ئىدى.

0

تېما

0

دوست

153

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  67601
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 50
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-20
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-25 23:18:13 |ئايرىم كۆرۈش
ئىشىنىمەنكى ئەترىتىمىزنىڭ ئىشلىرى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ يۈكسىلىپ تەرەققىي قىلىدۇ ۋە يۈتۈپ كەتكەن سەبىيلىرىمىزنىڭ ئازلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچ چىقىرىدۇ
سەبىيلىرىمىز ئۈچۈن ھەممىمىز ئورتاق تىرىشايلى

0

تېما

0

دوست

250

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   83.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69983
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-22
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-26 01:42:03 |ئايرىم كۆرۈش
بوران ئەپەندىم ۋە بۇلارنىڭ ئالاقىلشىش نومىرىنى قوشۇپ يوللىغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن !!!
مەسلەن ؛
ھەرقايسى ۋېلايەتتىكى مەسئۇل پىدايىلارنىڭ ئۈندىدار نومۇرى ،ئالاقىلشىش نومۇرى دىگەندەك!!!
bagdax

1

تېما

5

دوست

6255

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23932
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1924
توردىكى ۋاقتى: 326
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-26 07:48:39 |ئايرىم كۆرۈش
قوشنىمىزنىڭ 11ياشلىق بالىسى 2015-يىلى قىشتا ئاپىسىغا قېيداپ ، ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، كەچتە ئاقسۇ شەھرىگە بارىدۇ. قاتتىق سوغوق بولغاچقا بالا كوچىلاردا توڭلاپ، تەمتىرەپ يۇرىدۇ. كېچىدە بۇ ئەترەتنىڭ ئەزاسىغا ئۇچراپ قېلىپ ، تاڭ سەھەردە ئاتا ئانىسىغا -خەۋەر قىلىنىدۇ.كېچىدە بالا ئىزدەپ ساراڭ بولايلا دەپ قالغان ئاتا-ئانىسى بالىنىڭ ئاقسۇدىن تېپىلغانلىقىنى بىلىپ ھەيران قالىدۇ ھەم ‹‹سەبىيلەرنى ئىزدەيلى›› ئەترىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن شۇ چاغدىلا خەۋەر تاپىدۇ. كۆپ مىننەتدارلىق بىلەن بالىسىنى ئېلىپ كېلىپ ، بىر ئائىلە قايتا جەم بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.
بۇ ئەترەتنىڭ خالىس ياردەملىرىگە چىن كۆڭلۈمدىن قايىل بولدۇم. رەھمەت سىلەرگە! مۇنبەردىكى بارلىق ئەزالارنىڭ ۋە مۇنبەر كۆرگۈچىلەرنىڭ ‹‹شىنجاڭ سەبىيلەرنى ئىزدەيلى›› ئەترىتىنى قولىدىن كېلىشىچە قوللاپ، ھەمدەم بولىشىنى، تەشۋىق قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن!
تېما ئىگىسىنىڭ بۇ ئەترەتنىڭ سالون ئادرىسىنى ۋە باشقا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قويۇشىنى تەكلىپ قىلىمەن.

0

تېما

0

دوست

153

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  67601
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 50
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-20
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-26 09:35:21 |ئايرىم كۆرۈش
بۇرھان ئەپەندىمنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى، بارلىق پىدائىي ۋە ھەيەتلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلىشنى تىلەيمەن  رەھمەت سىلەرگە ئەزىزلەرگە جاپا چەكتىڭلار.

0

تېما

0

دوست

2704

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12975
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 77
تۆھپە : 819
توردىكى ۋاقتى: 156
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-14
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-26 09:52:10 |ئايرىم كۆرۈش
بەك ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ

9

تېما

5

دوست

5202

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   4.04%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7186
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 338
تۆھپە : 1467
توردىكى ۋاقتى: 645
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-14

پەخىرلىك ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى نادىر يازما چولپىنى تۆھپىكار ئەزا

8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-26 10:22:52 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسىلى ماقالا بىلەن ردسىمى بار  ئىدى، ئەپسۇس  سەۋيەم تۇۋەن  تورغا چىقىرالمدىم ، بىلىگەن  تورداشلارىنىڭ  چىقىرىپ  قۇيۇشىنى  ئۇمۇت  قىلىمەن  رەسىملەر ئۇندىداردا  بار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )