- تىزىملاتقان
- 2011-11-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2210
- نادىر
- 0
- يازما
- 132
ئۆسۈش
7%
|
دەرۋەقە، ئىنتېرنىتنىڭ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئىنتايىن زور قۇلايلىقلارنى ئىلىپ كەلگەنلىكى رېئالنى ئەمەلىيەت. بۇ قۇلايلىقلارنىڭ بىرى، كېشىلەر ئويلىغانلىرىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ 35- ماددىسىدا بەلگۈلەنگەن-، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرى سۆز، مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە ئىگە، دېگەن ماددىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن بۇ ئىنتېرنىت دۇنياسىدا ئەركىن بايان قىلىشىدىغان، مۇنازىلىشىدىغان تەرەپلەردە ئىپادىلەندى.
يېقىندىن بۇيان ئىنتېرنىتتىكى،
مائارپ نازارىتىگە ئوچۇق خەت
كۆرۈش ئادىرىسى : ./read.php?tid=6366
بىر ئوقۇقۇچىنىڭ ئاھۇ زارى
كۆرۈش ئادىرىسى : ./read.php?tid=3740
«بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ-زارى»غا كىم جاۋاب بېرىدۇ؟
كۆرۈش ئادىرىسى : ./read.php?tid=5357
قاتارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مۇنازىرە مۇنبەرلىرى ئىچىدىكى تېمىلار ئىچىدە چېكىلىشى، كۆرۈلۈش قېتىم سانى ۋە قالدۇرۇلغان ئىنكاس قاتارلىق تەرەپلەردە رېكورت ياراتقان تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئەلۋەتتە، بۇ تېمىلارغا بىرىلگەن ئىنكاسلاردا بەزى تورداشلار قىزىققانلىقتىن ساقلىنالمىدى. شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك بەزى قۇلىقى سەگەك، مەسئۇلىيەتچان مۇنبەر مەسئۇللىرى ۋە باشقۇرغۇچىللىرى شەبنەم، سەلكىن، دىيارىم قاتارلىق مۇنبەرلەردەك ‹‹رەھمەتلىك›› بولۇپ كەتمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۆز مۇنبەرلىرىدىكى بۇ مەزمۇندىكى تېمىلارنى تەستىقلىمىغان ياكى ئۆچۈرىۋەتكەنمۇ بولدى. بىراق باغداش مۇنبىرى ئىزچىل ھالدا بۇنداق تېمىلارغا ئورۇن بىرىپ، تورداشلارنى ئەركىن مۇنازىرە قىلىش سورۇنى بىلەن تەمىنلەپ كىلىشتە باشلامچى بولۇپ كەلدى.
بۇ تېمىلارغا بېرىلگەن ئىنكاسلار ھەقىقەتەن ئۇيغۇر مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدىكى تېمىلار ئىچىدە رېكورت ياراتتى. بۇ تېمىلاردىكى بىر ئورتاقلىق- بۇ تېمىلاردا تېما مەزمۇنىغا ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار ۋە رەھبەرلىكنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسى جۈملىدىن تورداشلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مەسىللەرگە تېزدىن جاۋاب بىرىشنى تەلەپ قىلدى. ھالبۇكى نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتسىمۇ تورداشلارنىڭ مۇراجەتلىرىگە ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار ۋە رەھبەرلىك تېخىچە بىر قانائەتلىنەرلىك جاۋاب ياكى چۈشەنچە بەرمىدى. ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار ۋە رەھبەرلىكلەر تا بۈگۈنگىچە مۇنبەرلەردىكى بۇ قىزىق نوقتىلاردىن بىخەۋەر دېسە كىم ئشىنىدۇ؟!!! بۇ ھال ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار ۋە رەھبەرلىكنىڭ قۇلاقنى ئىتىۋىلىپ قوڭغۇراق ئوغۇرلىشىمۇ ياكى سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتىشىمۇ؟!!!
ھەممەيلەنگە ئايان. يۇقىرى-تۆۋەن بارلىق ‹‹ Xجاڭ ››(长)لارنىڭ ‹‹ Xجاڭ››(长)لىق ئورنىغا چىقىشنىڭ ئالدىنقى زۆرۈر شەرتلىرىنىڭ بىرى جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسى ئەزاسى بولۇش. شۇ تەرىپى كۆپچىلىككە 5 قولدەك ئايانكى؛ جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسى ماركىزىم- لېنىنىزىم- ماۋزىدۇڭ ئىددىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىنى يېتەكچى قىلىدىغان، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان، خەلقنىڭ زارىغا قۇلاق سالىدىغان، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان توغرا شەرەپلىك پارتىيە. 28 يىللىق ئازادلىق ئۇرۇشىدا ج ك پ نىڭ كۈنسىرى ئاجىزلىقتىن زورىيىپ ئامېرىكىنىڭ ئىلغار قوراللىرى بىلەن قوراللانغان گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ، يېڭى جۇڭگونى قۇرۇپ چىقالىشىدىكى تۈپ سەۋەب: كەڭ خەلق ئۈچۈن ئىنقىلاب قىلىپ خەلقنىڭ قوللىشى ۋە ھېمايىسىگە ئېرىشكەچكە. دېمەك: يۇقىرى-تۆۋەن بارلىق ‹‹ Xجاڭ ››(长)لاردا ھەممىدە خەلق ئۈچۈن دېگەن كومۇنىستىك ئىددىيە بولىدۇ ياكى بولىشى كېرەك.
خوش، ئەسلى گەپكە كىلەيلى. مۇنبەرلەردىكى يۇقارقى تېمىلارغا نسبەتەن نەچچە ئايدىن بىرى تېخىچە بىر چۈشەنچە، ئىزاھاتنىڭ بېرىلمەسلىكىدىن ھازىر تۈرلىك تاراتقۇلاردا ‹‹خەلق چاكىرى›› دەپ تىلغا ئىلىنىدىغان يۇقىرى-تۆۋەن بارلىق ‹‹ Xجاڭ››لاردا يۇقىرىدا دىيىلگەندەك كومۇنىستىك روھ بار دېسە كىممۇ گۇمانلانماي قالسۇن! جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ 27- ماددىسىدا؛ بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ئىخچام بولۇش پرىنسپىنى يولغا قويىدۇ، خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، خادىملارنى تەربىيىلەش ۋە سىناش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، خىزمەت سۈپىتىنى ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ، بيۇروكراتلىققا قارشى تۇرىدۇ.
بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت خادىملىرى خەلقنىڭ قوللىشىغا تايىنىشى، خەلق بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ تۇرۇشى، خەلقنىڭ پىكىرى ۋە تەكلىپلىرىگە قۇلاق سېلىشى، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىشى شەرت، دەپ ئىنىق بەلگۈلەنگەن. قانۇن نوقتىسىدىن ئالغاندىمۇ دۆلەتنى قانۇن ۋە ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە يۇقىرى-تۆۋەن مۇناسىۋەتلىك تارماق ۋە ئاساسىي قانۇننىڭ 27- ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن دۆلەت خادىملىرى بولغان بارلىق يۇقىرى-تۆۋەن ‹‹ Xجاڭ››لارنىڭ يۇقارقى تېمىلارغا نىسبەتەن بىپەرۋالىق قىلىشى، ۋاقتىدا چۈشەنچە ۋە ئىزاھات بەرمەسلىكى ئىنىقلا ئاساسىي قانۇننى كۆزگە ئىلمىغانلىق ھېسابلىنامدۇ-يوق؟!!! ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنىڭ مەخسۇس تور بېتى بولغان تەڭرىتاغ تورى مۇنبىرىنىڭ بۇنداق تېمىلارغا ئورۇن بەرمەسلىكى تورداشلارنى قانداق ئويغا كەلتۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى- يۇقىرى-تۆۋەن مۇناسىۋەتلىك تارماق ۋە دۆلەت خادىملىرى بولغان بارلىق يۇقىرى-تۆۋەن ‹‹ Xجاڭ››لار ئەجەبا ھىس قىلىپ يىتەلمەسما؟!!!
يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى سىياسىي داۋالغۇش، ۋە ئۇرۇشلاردىن مۇقىمسىزلىق، بۆلگۈنچىلىكنىڭ خەلق تۇرمىشىغا نىمىلەرنى ئىلىپ كىلىدىغانلىقى پۈتكۈل ئ.اۋامغا ئايان. قىسقىسى ھېچكىم بۈگۈنكى مۇقىم، بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشنىڭ بۇزۇلىشىنى خالىمايدۇ؛ بارلىق خەلق جۈملىدىن بارلىق تورداش بۈگۈنكى تېنچ، خاتىرجەم، ھەممە مىللەت باراۋەر، ئىقتىساد كۈنسىرى ياخشىلىنىۋاتقان سوتسىيالىستىك ۋەتەننى قىزغىن ھېمايە قىلىدۇ. مەسىلە شۇكى؛- مۇقىمسىزلىق نېمە سەۋەپتىن كىلىپ چىقىدۇ، دېگەن سۇئالغا بولغان تونۇشنىڭ يېتەرسىز بولىشى.
كەڭ تورداشلارنىڭ جۈملىدىن كەمىنىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە خادىملىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمۈدىمىز شۇكى:
1. ئىنتېرنىت تورىغا پات-پات كېرىپ خەلقنىڭ، تورداشلارنىڭ تەلەپ-پىكىرلىرىگە قۇلاق سالساڭلار ھەمدە مەسىللەرنى ۋاقتىدا، ئادىل بىر تەرەپ قىلىشقا كۈچ چىقارساڭلار.
2. ھۆكۈمەت تورى بولغان تەڭرىتاغ تورى مەخسۇس ‹‹تورداشلار ساداسى›› ياكى ‹‹ئاۋام نېمە دەيدۇ›› قاتارلىق تېمىلارنىڭ بىرىنى تاللاپ ياكى مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر تېما بەلگۈلەپ خەلقنىڭ ئاۋازىنى ھەر دائىم ئاڭلاپ تۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس بىر سەھىپە ئاچساڭلار.
3. يۇقارقى تېمىلاردا ئوتتۇرىدا قويۇلغان مەسىلىلەرگە ئەڭ قىسقا ۋاقت ئىچىدە مۇۋاپىق ئىزاھات ۋە چۈشەنچە بېرىلسە. مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە مەسئۇللار مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارنىڭ روھى بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنسا.
4. ئازادلىقنىڭ ئالدى-كەينىدە پارتىيىمىز قانات يايدۇرغان ‹‹ئىستىل تۈزۈتۈش ھەرىكىتى›› ئەنئەنىسى جارى قىلدۇرۇلۇپ شۇنداقلا قايتا قانات يايدۇرۇلۇپ، پارتىيە ئىچىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان، پارتىيە ئەزاسى بولۇشقا سالاھىتى توشمايدىغان ئاز ساندىكى ئاتالمىش ‹‹خەلق چاكىرى››لىرى تەربىيەلەنسە ياكى پارتىيەدىن تازىلانسا.
5. دۆلەتنى قانۇن ۋە ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش- ھەقىقىي مەنىسىنى تاپسا.
مەنبە: قەلىمىم |
|