قانداق كىشىلەر ئەيدىز ۋىروسى بىلەن ئەڭ ئاسان يوقۇملىنىدۇ؟ ئېھتىمال، كىشىلەر بۇ سۇئالغا ھەر خىل نوقتىلاردىن جاۋاب بېرىشى مۇمكىن.
ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىلشات ياقۇپ 25-ماي سۇئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى؛ «بىپەرۋا كىشىلەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئەڭ ئاسان يوقۇملىنىدۇ.»بۇ جاۋاب بىزنى چوڭقۇر ئويغا سالدى. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، كېسەل داۋالاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى يىلتىزىدىن داۋالاش. ئۇنداقتا، بىپەرۋالىقنىڭ يېلتىزى زادى نەدە؟ قانداق قىغلاندا بىپەرۋالىقنىڭ يىلتىزىدىن يوقاتقىلى بولىدۇ؟ بىز مۇشۇ سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، زىيارىتىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردۇق.
خەتەرلىك سىگنال
ئەيدىز ئىنسانىيەت ساغلاملىقىدىكى يوشۇرۇن ئاپەت، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، شۇڭا، ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرىستېتى 1-دوختۇرخانىسى يوقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ مەمەتئېلى ئوبۇل ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملانغۇچىلارنى ئەڭ بالدۇر داۋالاشقا باشلىغان دوختۇرلارنىڭ بىرى.
_مەن 2001-يىلى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملانغۇچىلار بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشتىم ھەم ئۇلارنى داۋالاشقا كىرىشتىم. ئەينى چاغدا ئەيدىز ۋىروسىنى تىزگىنلەشكە ئىشلىتىلىدىغان دورىلار ئازھەم ھەقلىق ئىدى. شۇنداقتىمۇ مەن ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەردىن دورا ئەكەلدۈرۈپ داۋالىدىم. شۇ چاغدا بىزنىڭمۇ بۇ جەھەتتە ھېچقانداق ئەمەلىي تەجرىبىمىز بولمىغاچقا، ئاساسلىقى، كىتابقا تايىناتتۇق. ئەينى چاغدىكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئۆلۈپ كەتتى. بۇنىڭدىن بەك ئۆكۈندۇق. 2004-يىلىدىن باشلاپ، بۇ جەھەتىكى مەخسۇس تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا قاتناشتىم. 2005-يىلى ياپونىيەدە بىر يىل بىلىم ئاشۇردۇم. ھازىر ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسپىتى زور ھەجىمدە تۆۋەنلىدى،-دېدى مەمەتئېلى ئۇبۇل.
ئىلگىرى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ سېلىش ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئاساسلىق يولى ئىدى. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇملىنىش ئاساسلىق يول بولۇپ قالغان. دىلشات ياقۇپنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ چاغدا نۇرغۇن زەھەر چەككۈچى ياش ناھايىتى ساددا بولۇپ، نۇرغۇن نەرسىلەردىن دوستلار ئارا ئورتاق بەھرىلەنگەندەك، ئوكۇل ئىشپىرىسىدىنمۇ ئورتاق بەھىرلەنگەن. نەتىجىدە زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ سېلىش ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئاساسلىق يولى بولۇپ قالغان. ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملىنىشنىڭ ئاساسلىقى يولىنى تۇسۇش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار زەھەر چەككۈچىلەرنى ئىشپىرىس بىلەن ھەقسىز تەمىنلىگەن، ج خ تارماقلىرىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، زەھەر چەككۈچىلەرنى مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزغان،، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ھەقسىز داۋالاش تۈرلىرى يولغا قۇيۇلغاچقا، ئىلگىرى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆپ دەپ قارالغان غولجا، ئۈرۈمچى قاتارلىق شىمالىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم شەھەرلەردە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئەمما، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەبۇنى شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستتا، بولۇپمۇ دېھقانلار ئارىسىدا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىش بارغانسېرى ئېغىرلاشقان.
ئەيدىز نېمىشقا شەھەرلەردىن يېزىلارغا كۆچتى
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى خېلى كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ مەدەنيەت سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكى، نادانلىقى ئەيدىزنىڭ بۇ رايۇنلاردا يامرىشىغا سەۋەب بولغان.
قەشقەر ۋىلايەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ سابىق باشلىقى، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر بۇيىچە مۇدىر ۋىراچ يۈسۈپ قادىرنىڭ ئېيتىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلىنىپ، بەلگىلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، نادانلىق، بولۇپمۇ بىپەرۋالىق قىلمىشلىرى تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمىنى ئاجىزلاشتۈرۋەتكەن.
خوتەن ۋىلايىتىدە ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تېزگىنلەشكە ئائىت تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەر يەنىلا ناھايىتى كۆپ ئىكەن. كېرىيە ناھىيىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تېزگىنلەش مەركىزىنىڭ خادىمى غەيرەت قۇرباننىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئاڭلىق داۋالىنىدىغان بولغان. ناھىيە بازارلىرىدىن يىراقراق يېزا-قىشلاقلاردا قالاقلىق، خۇراپاتلىق ئىللەتلىرى ئېغىر بولغاچقا، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يېتىش تەس بولۇۋېتىپتۇ.
قىزىلسۇ ئوبلاستلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ خادىمى گۈلمىرە خۇدابەردىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە، 2015-يىلى 31-دېكابىرغىچە قىزىلسۇ ئوبلاستى بۇيىچە ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 486 گە يەتكەن. 2015-يىلىلا يېڭىدىن 80 يوقۇملانغۇچى بايقالغان. گۈلمىرە خۇدابەردى مۇنداق دېدى: ئەيدىز ۋىروسىدىن يوقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنىڭ چەكلىك بولۇشى، يىراق، چەت يېزا-قىشلاقلارغا يېتىپ بارالماسلىقى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش، ئاسراش ئېڭىنىڭ تۆەن بولۇشى سەۋەبىدىن باشقا، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ داۋالاشقا ماسلاشماسلىقىدىنمۇ يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار كۆپىيىپ كەتتى.
تەشۋىق-تەربىيە ۋە كونكرېت چارىلەر ئوخشاشلا مۇھىم
ئىگىلىگەن ئەھۋاللىرىمىز ئىچىدە، توقسۇن ناھىيەسىدىكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بىرقەدەر كۆپ بولۇشى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغىدى. بۇ يىل يانۋاردىن مايغىچە بولغان بەش ئايلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، يېڭىدىن 28ئادەمنىڭ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. توقسۇن ناھىيەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ خادىمى رەيھانگۇل توختى مۇنداق دېدى: يېقىندىلا ناھىيىەمىزدىكى 15 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان 108 مىڭ ئادەمنى ئاساس قىلىپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى مەخسۇس تەكشۈردۇق. ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلدارلارنىڭ ئەھۋالىنى ئايدا ئىككى قېتىم تەكشۈرۈپ تۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن، يېقىندىن بۇيان تۇغۇلغان 30 بوۋاقنىڭ ھېچقايسىسى يۇقۇملانمىدى. ناھىيىمىزدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك يۇقىرىقىدەك خىزمەتلەر چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بىر قىسىم ئەھۋاللار يەنىلا ساقلىنىۋاتىدۇ. جىنسى يولدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ يوقىرى، دېھقان ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نېسبىتىمۇ خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. مېنىڭچە، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىدا باسقۇچلۇق تەشۋىقات بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، تەشۋىقاتنىڭ ئىزچىللىقىغا، شەكىلگە ئايلىنىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
ئىگىلىشىمىزچە، يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملانغۇچىلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستتا بارغانسېرى كۆپىيىپ بېرىۋېتىپتۇ. مانا شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملانغۇچىلار 6600 دىن ئاشقان. جىنسى يولدىن يوقۇملانغانلار %80 نى ئىگىلىگەن. كۇچا ناھىيەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتىرول قىلىش مەركىزىدىن رەيھانگۇل ئېلى مۇنداق دېدى.؛ بىزمۇ ئەھۋالنىڭ خەتەرلىكلىكىنى ھېس قىلىپ، تەشۋىقاتنى يېزىلارغىچە، ھەر بىر ئائىلىگىچە قىلغاندىن باشقا، يەنە ئاياللارغا، ياشلارغا قارىتا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالاھىدە تەربىيە بېرىۋاتىمىز. ھەتتا قەرەللىك ھالدا ھەرقايسى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بېرىپ زەھەر چەككۈچىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، تەشۋىق قىلغاچ، ئۇلارغا ئىشپىرىس، گاندوننى ھەقسىز تارقىتىپ بېرىۋاتىمىز.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزىدىن مۇبارەك ھەببۇللا مۇنداق دېدى: ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئاددىي ساۋاتلارنىڭ %90 تىنى ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقانداق بىر ئادەمدىن سورىسىڭىز دەپ بېرەلەيدۇ. ئەمما شۇ بۇيىچە ئىش قىلىدىغانلارنىڭ نىسبىتى %10 كىمۇ يەتمەيدۇ. مانا بۇ ئادەمنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بىر ئىش.
غولجا شەھىرىدىكى ئا XX نىڭ ئېرى 1995-يىلى زەھەر چېكىش سەۋەبىدىن ئەيدىز كېسىلى بىلەن قازا قىلغان. ئاXX ئۆزىنىڭمۇ بۇ كېسەلنى يوقتۇرۇۋالغانلىقىنى قوبۇل قىلالمىغاچقا، خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئۆزىنى ئۇرۇق-توغقانلىرىدىن، خولۇن-خوشنلىرىدىن قاچۇرۇپ، ھېچكىم بىلەن باردى-كەلدى قىلماي يۈرگەنىدى. غولجا شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تېزگىنلەش مەركىزىدىكى خادىملارنىڭ قايتا-قايتا تەربىيە بېرىشى نەتىجىسىدە ئۇ ئاخىر بۇ رېئاللىققا يۈزلىنىپ داۋالاشقا ماسلاشتى. بۇ مەركەزدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە ئۇ مۇھىت ئىشچىسى بولدى. ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئىككى بالىنى يېقىۋالدى. ئۇنىڭ ھازىر قۇلۇم-قوشنا، ئۇرۇق-توغقانلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ نورماللاشتى.
غولجا شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ خادىمى جەزىلە پەرىھات ئا XX نىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ كېلىپ مۇنداق دېدى: ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى باشقا يۇقۇملانغۇچىلارغا سۆزلەپ بېرىش ئارقىلى، ئۇلارنى ھاياتقا ئۈمىد بىلەن قاراشقا، بالدۇرراق داۋالىنىشقا يېتەكلەشتە رول ئويناۋاتىدۇ. بىز مانا مۇشۇنداق پىدائىيلارغا مۇھتاج. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بويان ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملىنىشنىڭ جىنسى يولدىن يۇقۇشقا يۈزلىنىشى بىلەن، تېخىمۇ ئېغىر سىناقلار بىزنى كۈتىۋاتىدۇ. شۇڭا ھەممىز ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى يالغۇز سەھىيە تارماقلىرى ياكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى دەپ قارىماي، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى دەپ قارايدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈپ، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ئىشنى ئۆزىدىن ھەم ئۆز ئائىلىسىدىن باشلىشى كېرەك.
ئەيدىز ئەڭ ئېغىر راكمۇ
ھېچكىمنىڭ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇسى يوق. مۇبادا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالسا، ئۈمىدسىزلىنىپ ھەممىدىن ۋاز كېچىش كېرەكمۇ ياكى دوختۇرغا ماسلىشىپ، ھاياتنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكمۇ؟
مەمەتئېلى ئوبۇلنىڭ ئېيتىشىچە، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىش قورقۇنچلۇق بولسىمۇ، ئۇ B تىپلىق، Cتىپلىق جىگەر ياللۇغى، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز قاتارلىقلاردەك ئاسان يۇقمايدىكەن. ئۇنىڭ يۇقۇش يوللىرى ئېنىق بولغاچقا، دىققەت قىلسىلا، يۇقۇملىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرھەقسىز تەمىنلىۋاتقان ئەيدىز ۋىروسىنى تىزگىنلەش دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى ئىكەن. ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار دورا ئېچىپ بەرسىلا، نورمال كىشىلەرنىڭ ياشاۋېرىدىكەن. ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئۆز-ئارا توي قىلغان تەقدىردىمۇ، ۋىروس تىزگىنلەش دورىلىرىنى ئىچىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرسىلا، ھامىلە ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانمايدىكەن.
دىلشات ياقۇپنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر شىنجاڭدا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار مەملىكىتىمىز بۇيىچە ئالدىنقى ئورۇندا، تۇغما ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان بوۋاقلار مەملىكەت بۇيىچە ئالدىنقى ئورۇندا ئىكەن.
ئەيدىز ۋىروسىنى تىزگىنلەش دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى، ئەكىس تەسىرى تۆۋەن تۇرسا، نېمىشقا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان بوۋاقلار شۇنچە كۆپ بولىدۇ؟مەمەتئېلى ئوبۇلنىڭ ئېيتىشىچە، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ۋىروس تىزگىنلەش دورىلىرىنى ئېچىشنى داۋاملاشتۇرمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ دوختۇرغا ئىشەنمەي ھامىلدارلىق مەزگىلدە دورا ئىچىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن. ئادەمنى ھەممىدىن بەك ئېچىندۈرىدىغىنى، دۆلەتنىڭ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان ھەر بىر كىشى ئۈچۈن ئايدا ھەقسىز تەمىنلىندىغان 10مىڭ يۈەنلىك دورىلىرىنى دوختۇرخانىدىن ئالغان بىلەن ئىچمەيدىغانلار كۆپ ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ۋىروس ۋاقتىدا تىزگىنلەنمىگەچكە، ھاياتى خەۋپتە قالغاندىن باشقا، جورىسى ۋە ھامىلىگە ئەيدىز ۋىروسى يوقىدىكەن. شۇڭا، تەشۋىقات يەنىلا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
تېۋىپلىرىمىز ئەيدىزنى داۋالىيالامدۇ؟
_نەدە قالاقلىق ئېغىر بولسا، شۇ يەردە ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى يوقىرى بولىۋاتىدۇ. -دېدى دىلشات ياقۇپ بىزگە كەسكىنلىك بىلەن.
دىلشات ياقۇپنىڭ ئېيتىشىچە، بىر خەلقئارالىق تەشكىلات خوتەن ۋىلايىتىدە گاندون تارقىتىش ئارقىلىق، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تېزگىنلەش تۈرىنى يولغا قويغان. تۆت يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۇرغۇن ئەللەردە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان بۇ تۈرنىڭ رايونىمىزدا ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغان. ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ جايدىكىلەرنىڭ گاندون سوغۇق كېلىدۇ دەپ، ئىشلىتىشنى خالىمىغانلىقى ئېنىقلانغان، تەتقىقاتچىلارمۇ بۇ ئىشتىن بەك ئەپسوسلانغان.
دىلشات ياقۇپ شۇنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتتىكى، ھازىرغىچە ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكتە ئەيدىز ۋىروسىنى تىزگىنلەش جەھەتتە ھېچقانداق نەتىجە كۆرۈلمىدى. جەمئىيەتتىكى بەزى «ياۋا تېۋىپ»لارنىڭ «ئەيدىزنى داۋالاشنىڭ رېتسېپىنى تاپتىم، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلاردىن نەچچىنى داۋالاپ ساقايتتىم» دېگەندەك گەپلىرى پۈتۈنلەي يالغان بولۇپ، بۇ ھەقتە بەزى ئاچچىق ساۋاقلارمۇ بار. ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر قىسىم كىشىلىرىمىز مۇشۇنداق ئاساسسىز گەپلەرگە ئىشىنىپ، مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا كۆرۈنمەي، «ياۋا تىۋىپ»لارغا كۆرۈنگەنلىكتىن، داۋالىنىشنىڭ ئەڭ ھالقىلىق پەيتىنى ئۆتكۈزۈۋەتتى. ھەتتا بىر قىسىملىرى شۇ سەۋەبتىن ئۆلۈپ كەتتى.
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ساھەسىدىكى مۇتەخەسسسىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىسىنى تا ھازىرغىچە بارلىققا كەلمىگەن بولسىمۇ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئائىت ئىلمى ساۋاتلارنى شەھەرلەردىن يېزىلارغىچە، قۇرامىغا يەتكەنلەردىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگىچە ئومۇملاشتۇرۇش ھازىرقى ئەڭ ئۈنۈملۈك «ۋاكسىنا»ئىكەن. خېلى كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىزدىكى بىخودلۇق، بىپەرۋالىق ئىللەتلىرى بۇ «ۋاكسىنا» نىڭ «ئەملىنىشى»دىكى ئېغىر توسالغۇ بولۇپ قالغان.
ئەيدىز ساۋاتلىرى
يەرشارى ئەيدىزنىڭ ئېغىر سىناقلىرىغا دۈچ كەلدى
سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 1981-يىلى ئامېرىكا تۇنجى بولۇپ 200 نەچچە دۆلەت ۋە رايۇندا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلغاندىن تارتىپ، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەيدىز بىلەن ئۆلگەنلەر جەمئى 34 مىليۇندىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە 2014-يىلى يەرشارىدا 12 مىليۇن ئادەم ئەيدىز ۋىروسىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر بىلەن ئۆلگەن. ئەيدىز ۋىروسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر 36مىليۇن 900 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، شۇيىلى 2مىليۇن ئادەم ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يىڭىدىن يۇقۇملانغان.
2015-يىلى ئۆكتەبىرگىچە دۆلىتىمىزدە ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملانغۇچىلار 575 مېڭغا ئەيدىز بىلەن ئۆلگەنلەر 177 مىڭغا يەتكەن. دۆلىتىمىزدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نوقتىسى ياشلارغا قارىتلغان بولۇپ، 2011-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە 15ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى يىلىغا %35لىك سۈرئەتتە ئاشقان. جىنسى يول بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئۇمۇمىي نسپىتىنىڭ %96 تىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەر ھەمجىنىسلىقلارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى %57 تىنى ئىگىلىگەن؛ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا 1995-يىلى قۇمۇل شەھىرىدە تۇنجى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن بۇيانقى 21 يىلدا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 46 مىڭدىن ئاشقان.
ئەيدىز ۋىروسى قايسى يوللار بىلەن يۇقىدۇ
ئەيدىز ۋىروسى ئاساسلىقى، جىنسى يولدىن، قاندىن، ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ. دۇنيادا جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئۇمۇمىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %75 تىنى ئىگىلىگەن. ئەيدىز قول ئېلىشىش، قۇچاقلىشىش، سۆيۈشۈش، ئەمگەك قۇراللىرىنى، ئىشخانا بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش، بىللە سۇ ئۈزۈش، بىللە چېنىقىش، بىللە تاماقلىنىش، پاشا چېقىش، يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۆز-ئارا ئۇچرىشىشتىن يۇقمايددۇ. ئەمما، شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، چىش چوتكىسىنى ئورتاق ئىشلىتىش، ساقال-بۇرۇت ياسىتىش، پۇت-قوللارنىڭ تىرنىقىنى ئالدۇرۇش، بەدەنگە گۈل چەكتۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردا زەخمىلىنىشتىن ساقلىنىش زۆرۆر بولۇپلا قالماي، تىغلىق ئەسۋابلارنىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
قانداق قىلغاندا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
پەقەت ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغىلا كۆڭۈل بۆلۈش كۇپايە قىلمايدۇ. يۇقۇملىنىشنىڭ خەتەرلىك يوللىرىنى ۋە ئۇنىڭدىكى ئاجىز نوقتىلارنى تەكىتلەش تېخىمۇ مۇھىم: پەقەت يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى بىلىشلا كۇپايە قىلىمايدۇ. ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىدا ئۆز-ئارا چۈشىنىش، گاندون ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش تېخىمۇ مۇھىم. گاندوننى توغرا ۋە ئىزچىل ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىىن ساقلىنىش نىسبىتىنى %98 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
دۆلەتنىڭ «تۆت ھەقسىز» سىياسىتى قايسى؟
ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ۋىروسقا قارشى دورىلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ھەقسىز تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارغا ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش؛ ھامىلدار ئاياللارنى ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى ئۈزۈپ تاشلاشتىكى دورىلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش ۋە بوۋاقلارنى ھەقسىز تەكشۈرۈش، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ يېتىم قالغان پەرزەنىتلىرىنى ھەقسىز ئوقۇتۇش.
مەنبە: «ئامانلىق»ژورنلىدىن ئېلىندى. |