قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1115|ئىنكاس: 0

ئاچچىق-چۈچۈك پاراڭلار(1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

31

تېما

0

دوست

3080

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2064
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 785
تۆھپە : 418
توردىكى ۋاقتى: 524
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 17:50:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچچىق-چۈچۈك پاراڭلار(1)
باشلىقنىڭ دۇدۇقلىشى
چېرىكلىكنى چەكلىگەنسىرى، چېرىك ئۇنسۇرلار قاتارلىشىپ ئۇچقان غازلاردەك ئايىغى ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرىدۇ. چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەققىدە يىغىن-لېكسىيەلەر بولۇپ تۇرىدۇ. بىر قېتىملىق يىغىندا مەلۇم بىر باشلىق نۇتۇق سۆزلىدى. دەي دېسە، بار-يوقى بەش مىنۇتلۇقلا قىسقا سۆز ئىكەن، لېكىن، نۇتۇق ئارگىنالىنى كاتىپ يېزىپ بېرىپمىدىكىن ياكى قوش تىلدا ئوقۇپمىدىكىن، باشلىق نۇتۇقنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ تۇرۇپ خېلى ئۇزاق دۇدۇقلاپ ئوقۇدى. ئارىلىقتا ھەتتا «مەركەز» دېگەن بىر سۆزنى «مەرەز» دەپ ئوقۇپ ساپتى، زال ئىچىنى پىچىر-پىچىر قاپلاپ كەتتى.
باشلىق، كاتىپ، شوپۇر
بىرقانچە باشلىقنى تونۇيمەن، ئالامەت سادىق كاتىپلىرى ۋە شوپۇرلىرى بار، بۇ ئۈچى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغاندەكلا ھېس قىلدىم. باشلىقلار قانچىكى بەگ-غوجاملاردەك ئىش قىلسا، كاتىپلارنىڭ خورىكى شۇنچە ئۆسۈپ كېتىدىكەن، كاتىپ «مۇئاۋىن باشلىق»تەك چوڭ غوجىدار بولۇپ قالىدىكەن. كاتىپ ئىمتىيازلىق بولۇپلا قالماي، شوپۇرلىرىمۇ ھال پەيدا قىلىۋالىدىكەن.
ياخشى دېھقان
يىراقتىن كېلىپ، يۇرتىمىزدا ئەمەلدار بولغان بىر باشلىق بار ئىدى. «بۇ يەرنىڭ دېھقانلىرى بەك ياخشىكەن» دېگەن گەپنى بىر قانچە سورۇندا، يىغىندا دەپ قالدى. مەلۇم بىر پۇرسەتتە:
-«بۇ يەرنىڭ دېھقانلىرى بەك ياخشىكەن» دەيسىز، قانداق ياخشىكەن، دەپ سورىدىم گەپ كوچىلاپ.
- بۇ يەرنىڭ دېھقانلىرى بۇيرىغان ئىشنى كەم-كۈتىسىز قىلىدىكەن، چاتاق چىقارمايدىكەن، ئۇۋالچىلىققا قالسىمۇ دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، خوش-خوش دەپ، قول باغلاپ تۇرىدىكەن، ھەرگىزمۇ يۇقۇرىغا ئەرز قىلىپ يۈرمەيدىكەن. «بۇنداق دېھقانلارنى بەك ياخشىكەن» دېمەي، نېمە دەيمەن،- دېدى باشلىق.
(ئابلاجان تۇردى تەييارلىغان)
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )