قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5409|ئىنكاس: 7

خروششىۋنى يوقىتىمەن دەپ ئۆزى ھالاك بولۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

234

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 4076
تۆھپە : 2348
توردىكى ۋاقتى: 4588
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 17:37:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
               _ كېرىمىل سارىيىدا بولۇپ ئۆتكەن ھوقۇق تالىشىش كۆرىشى
             
              مەركىزى كومېتىت ئاشخانىسىدىن باشلانغان سۈيىقەست
     1957-يىل 18 - ئىيۇن ،سەيشەنبە . لېنىن تېغىدىكى ئويدە دەم ئېلىۋاتقان خروششىۋ تۇيۇقسىز بولگانىندىن كەلگەن تېلېفۇننى ئالدى . بولگانىننىڭ تەلەپپۇزى قاتتىق ۋە سوغاق ئىدى . ئۇ كېرىمىل سارىيىدىكى ئاشخانىدىن تېلېفۇن بېرىۋاتاتتى . ئۇ چاغلاردا سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ كۆپ سانلىق ئەزالىرى مۇشۇ ئاشخانىدا تاماق يەيتتى . ئۇلار تېزدىن ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنى چاقىرىشنى تەلەپ قىلىۋاتاتتى .
      خروششىۋ : ھەيئەت رىياسىتىنىڭ يىغىنى بەلگىلىمە بويىچە پەيشەنبە كۈنى ئېچىلىدۇ ، ئالدىغا سۈرۈپ سەيشەنبە كۈنى ئېچىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ، دېدى . ئەمما بولگانىن ئۇنىماي چىڭ تۇرىۋالدى . نەتىجىدە خروششىۋ ئىلاجىسىز كېرىمىل سارىيىغا بېرىشقا ماقۇل بولدى .
      يىغىن چۈشتىن كېيىن سائەت 4 دە ئېچىلدى . يىغىنغا بولگانىن ، ۋوروشىلوۋ ،  كاگانوۋېچ ، مولوتوۋ ، مالىنكوۋ ، مىكويان ، پېرۋۇخىن ۋە خروششىۋ بولۇپ جەمئى سەككىز كىشى قاتناشتى . يىغىندا تالاش - تارتىش بولدى . پەقەت بىرلا مىكويان خروششىۋ تەرەپتە تۇردى .
      مالىنكوۋ لېنىنگرتقا بېرىش مەسىلسىنىلا مۇزاكىرە قىلماي ، يەنە 1 - سېكرىتار خروششىۋنىڭ قىلمىشى مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرە قىلىشنى ئېيتتى . بومبا ئاخىر پارتىلىدى .
      _ يىغىنغا بولگانىن رىياسەتچىلىك قىلسۇن ، _دېدى مالىنكوۋ چورتلا كېسىپ . مالىنكوۋنىڭ بۇ تەكلىپىگە باشقىلارمۇ قوشۇلدى . ئۇلار ھەيئەت رىياسىتىنىڭ يىغىنىنى بىرلا خروششىۋ باشقۇرىدىغان ئوسۇلنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىشتى . پەقەت مىكويانلا سۈكۈت قىلىپ ئولتۇردى .
      _ مەنمۇ  ھەيئەت رىياسىتىنىڭ يىغىنىغا ھەيئەت رىياسىتى ئەزالىرىنىڭ نۆۋەت بىلەن رىياسەتچىلىك قىلىشىنى تەكلىپ قىلىمەن ، _ دېدى خروششىۋ رەدىيە بېرىپ .
      ئۇلار بىر سائەتتىن كۆپرەك تالاش - تارتىش قىلىشتى، ئاخىرىدا خروششىۋ يېڭىلدى ۋە كېيىنكى نۆۋەتلىك يىغىنغا بولگانىننىڭ رىياسەتچىلىك قىلىشىغا ماقۇل بولۇپ ، بۈگۈنكى يىغىنغا كېلەلمىگەن ھەيئەتلەرنى تۇلۇق قاتناشتۇرۇش شەرتىنى قويدى . ئۇ بۇ ئارقىلىق كۈچ سېلۇشتۇرمىسىنى ئۆزگەرتمەكچى ، ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى .
      قايتا - قايتا سودىلىشىش نەتىجىسىدە ، يىغىن ئەتىسى يەنە 19 - ئىيۇندا ئېچىلىدىغان بولدى  ۋە كرىلىنكو ، سۇسلوۋ ، سابروۋ  قاتارلىق ھەيئەتلەرنىمۇ قاتناشتۇرۇش قارار قىلىندى .

                   ئۆكتىچىلەرنىڭ مەقسىتىنى ئاشكارلىشى
      ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى ئەتىسى كېرىمىل سارىيىدا ئۆز ۋاقتىدا باشلاندى . ھەيئەتلەر ۋە كاندىدات ھەيئەتلەر ئۇزۇن شىرەنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشتى . بوگانىن شىرەنىڭ تۆرىدە ئولتۇرۇپ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدى .
      بولگانىن ھۇجۇمغا ئۆتتى . ئۇنىڭ مەقسىدى ناھايىتى ئېنىق ئىدى ، يەنى خروششىۋنىڭ 1- سېكرىتارلىق ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاشنى مەقسەت قىلاتتى .
      مالىنكوۋ بىرىنجى بولۇپ سۆز ئالدى . ئاندىن مولوتوۋ ، كاگانوۋېچ ، ۋوروشلوۋ ، بولگانىنلار سۆزلىدى . باشقىلارنىڭ سۆزلىشىگە پۇرسەت بولمىدى . بۇ باش قاتۇرۇپ پىلانلانغان تاكتىكا بولۇپ ، بىر پەس شىددەتلىك ئوققا تۇتۇپ ، سېكرىتارنىڭ ئاز سانلىق قوللىغۇچىلىرىنى قورقۇتىۋىتىش ، ئۇلارنى بېسىۋېتىشى كېرەك ئىدى .
      _ خروششىۋنىڭ رەھبەرلىكىدە ھەيئەت رىياسىتىدە ۋە پارتىيىدە ئىتتىپاقلىق بولمىدى ، _ دېدى مالىنكوۋ بىرىنجى توپنى ئېتىپ ، _ دۆلەتنىڭ مەركەزلەشكەن رەھبەرلىكى بۇزۇلۇپ كەتتى . مەركەزلەشكەن رەھبەرلىك بولمىسا ، پىلانلىق ئىگىلىكنى ئورۇندىغىلى بولمايدۇ .
      _ ئىگىلىككە قارىتا مەركەزلەشكەن رەھبەرلىكنى يولغا قويۇش بىزنىڭ ئاساسلىق باشقۇرۇش ئۇسۇلىمىز ، _ دېدى مولوتوۋ ئۇنى قوللاپ ، _ بۇ مىللىتىمىزنى پارچىلايدىغان توسالغۇنى سۈپۈرۈپ تاشلايدىغان لېنىنزملىق يول . خروششىۋنىڭ ھوقۇقنى تارقاقلاشتۇرۇش سىياسىتى دۆلەتنىڭ كىنەزلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ھالبۇكى ، مۇنداق كىنەزلىكلەر شوۋىنىزمغا ۋە مىللەتچىلىككە ئىلھام بېرىدۇ .
      _ شۇنى بىلىش كېرەككى ، _ دېدى خروششىۋ ئۈنلۈك قىلىپ ، _ ھازىر دەۋر ئوخشىمايدۇ . سوۋېت ئىتتىپاقىغا بىرلا مەركىزى كومىتېت رەھبەرلىك قىلالمايدۇ . دۆلىتىمىزدە ئىككى يۈزمىڭ كارخانا بار ، يەنە كېلىپ بىز يادرو دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز . ئەگەر موسكۋا پاچاقلىنىپ كەتسە ، دۆلىتىمىز قانداق بولۇپ قالىدۇ . 
      خروششىۋنىڭ گىپى تۈگە - تۈگىمەيلا مولوتوۋ سۆزلەپ كەتتى . ئۇ : خروششىۋ دىپلوماتىيە سىياسىتىدە ئېغىر خاتالىق سادىر قىلدى ، دېدى .
      _ خروششىۋنىڭ مادارا قىلىش پوزىتسىيىسى ۋېنگىرىيىدىكى ئەكسىلئىنقىلابى ۋاقەنى پەيدا قىلدى ، _ دېدى مولوتوۋ ، _ بۇ ھوقۇقنى تارقاقلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە دېموكراتىيە بىلەن ئەركىنلىكنىڭ چەك - چېگرىسىنى ئېنىق ئايرىماسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاستە ئاقىۋەت . تىتونىڭ يول قويۇشى ۋېنگىرىيىلىكلەر چىقارغان توپىلاڭنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدى . بىز بىرىنجىدىن ، ياۋروپادا ئېنىق سىزىق سىزىپ چىقىشىمىز ، ھەر قانداق ئەھۋالدا بۇ سىزىقتىن چىكىنمەسلىكىمىز لازىم . ئىككىنچىدىن ، بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرغان دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىنى جاھانگىرلار بىلەن بىللە مۇھاكىمە قىلىشنى مەڭگۈ توختۇتىشىمىز كېرەك .
      يىغىن ئېچىلغانسېرى، چېتىلىدىغان ئىشلار كۆپىيىپ كەتتى . برەيلەن ، ك گ ب نىڭ ھوقۇقىنى قالايماقان ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ، شروۋنى ك گ ب نىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى . بىرەيلەن ، خروششىۋنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئۆيىگە ئوغرىلقچە ئاڭلاش ئەسۋابى ئورناتقۇزدى ، دەپ ئەيىپلىدى . يەنە برەيلەن ، خروششىۋ قوزغىغان گوش ، ماي ، سۈت ئىشلەپچىقىرىشىدا ئامېرىكىدىن ئېشىپ كىتىش دېگەن ھەرىكەتنى تەنقىد قىلىپ ، بۇ خەلقنى ئالدىغانلىق ، دېدى .
      ھەممىدىن شىپلوۋ ئېشىپ چۈشتى . ئۇنى خروششىۋ ئۆستۈرگەن ، خروششىۋنىڭ يېقىن دوستى دېيىشكە بولاتتى . ئۇ خروششىۋ قاملاشماي قالدى ، ھاراققا بېرىلىپ كەتتى ، ھە دېسىلا تىل - ھاقارەت ياغدۇرىدۇ ، فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشكەندە ، خۇددى بىر توپ بۈرگە كىرىۋالغاندەك قولتۇغىنى قاشلاپلا ئولتۇردى . مەركىزى كومىتېتنىڭ 1 - سېكرىتارلىق سالاھىيىتىگە لايىق ئىش قىلمىدى ، دېدى . 
           ( داۋامى بار )

234

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 4076
تۆھپە : 2348
توردىكى ۋاقتى: 4588
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 20:51:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
برېژنىۋ ھوشىدىن كەتتى

       خروششىۋ ۋاقىتنى سوزۇپ ھەيئەت رىياسىتىگە قارار ماقۇللاتماسلىق تاكتىكىسى قوللانغانىدى . ئۆزىنىڭ ئاز سانلىق ئىكەنلىكى ئۆزىگە ئايان ئىدى . مىكويان ، كرېلىنكو ۋە سۇسلوۋلار ئۇنى قوللايتتى . ئۇ سابروۋدىن ئۈمىد كۈتكەنىدى ، بىراق سابروۋمۇ ئاخىرى ئۆكتىچى بولۇپ كەتتى . بۇنىڭ بىلەن ھەيئەت رىياسىتىدە كۈچ سېلۇشتۇرمىسى 7 دە 4 بولۇپ قېلىپ ، خروششىۋقا پايدىسىز ھالەت شەكىللەندى .  ھەيئەت رىياسىتىنىڭ كاندىدات ئەزالىرى ئۇنى قوللايتتى . فورتسېۋا ، برېژنىۋ ،مۇھىتدىنوۋ ۋە ژوكوۋلار خروششىۋ تەرەپتە ئىدى . ئۇلار ئۆكتىچىلەرنى گۇرۇھۋازلىق ۋە سۈيقەستلىق قىلىۋاتقان پارتىيىگە قارشى گۇرۇھ ، ستالىننىڭ باستۇرۇش ھەىكىتىگە قاتناشقانلار دەپ ئەيىپلەيتتى .
      كاگانوۋېچ ستالىن دەۋرىدىلا خەلق كومىسسارى بولۇپ ، قاراملىقى بىلەن مەشھۇر ئىدى . ئۇ برىژنىۋ غا قاراپ تۇرۇپ : سەن نىمىگە ئارىلىشىسەن ، كىم سەندىن پىكىر سۇراپتۇ ، دەپ ۋاقىرىدى .
       ئۇ چاغلاردا برېژنىۋ ھەربىي سۈپەت قىياپەتتە ئىدى . كا گانوۋېچ بىر ۋاقىرىۋىدى ، ئۇ قورققىنىدىن ھوشىدىن كەتتى ۋە كونسىۋو دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كىتىلدى ، دوختۇر برېژنىۋنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغالغان دەپ دىئاگنوز قويدى .
        ھەيئەت رىياسىتىنىڭ يىغىنى مۇشۇ تەرىقىدە ئۈچ كېچە - كۈندۈز داۋاملاشتى . ئۆكتىچىلەر 4 كە قارشى 7 ئاۋاز بىلەن خروششىۋنى ھەيئەت رىياسىتىدىن قوغلىۋەتمەكچى ، 1 - سېكرتارلىقتىن قالدۇرۇۋەتمەكچى بولدى . لېكىن ، تەرسا خروششىۋ ھەدېگەندىلا تەسلىم بولمىدى ۋە ھەيئەت رىياسىتىنىڭ قارار چىقىرىشى قانۇنسىز ، پارتىيىنىڭ ئەڭ ئالى ئاپپاراتى مەركىزى كومىتېت ئۇمۇمى يىغىنىدىلا مۇشۇنداق قارار چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق ، دەپ تۇرىۋالدى .
        لېكىن ، ئۆكتىچىلەر مەركىزى كومىتېت ئۇمۇمى يىغىنىنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىسىز قارار چىقىرىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيتتى . شۇڭا ، ئۇلار ئۇسۇل يەڭگۈشلەپ ، خروششىۋنى ئىستىپا بەرگۈزمەي ، بەلكى 1 - سېكرتار دېگەن ۋەزىپىنى تۈپتىن يوقۇتىۋەتمەكچى ، مولوتوۋ ، مالىنكوۋ  ۋە كاگانوۋېچ باشچىلىقىدىكى كوللىكتىپ رەھبەرلىكنى شەكىللەندۈرمەكچى ، سۇسلوۋنى مەدەنىيەت مىنىستىرى ، بولگانىننى ك گ ب نىڭ رەئىسلىكىگە قويماقچى بولدى .
         
                  « بىر تانكىنىمۇ ئىشقا سالىمەن دەپ ئويلىماڭلار »
         مولوتوۋ گۇرۇھى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ستالىنلاشتۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارىنى ئىجرا قىلىشنى توختۇتۇشنى تەلەپ قىلدى . دىپلۇماتىيە سىياسىتىدە ئۇلار تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش فاڭجىنىغا قارشى تۇردى . ئۇلار يەنە پارتىيە ۋە مەركىزى كومىتېتنىڭ رولىغا چەك قويماقچى بولدى . مەركىزى كومىتېت پارتىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ، ئىدېئولوگىيە ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىلا تۇتسا بولىدۇ ، دەپ قارىدى . ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەممىسى دېگەندەك ئاللىبۇرۇنلا پارتىيە ئورگىنىدا يوق ئىدى ، بەلكى مىنىستىرلار سوۋېتىدە ئىشلەيتتى .
        خروششىېۋ كۈچلۈك قايتارما زەربىگە ئۆتۈپ ، قانداقتۇر بىرەر قارارنى ماقۇللاشقا قارشى تۇردى ۋە مەركىزى كومىتېت ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلىش كېرەك ، دېگەن گېپىدە چىڭ تۇردى .
        بۇ چاغدا كرلىنكو ، فوتسېۋا ۋە بېليايېۋ پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەركىزى كومىتېت ئەزالىرىغا تېلېفۇن بېرىپ ، ئۇلارنى خروششىۋ تەرەپتە تۇرۇشقا كۈندۈردى . ھەيران قالارلىقى شۇكى ، خروششىۋچىلارنىڭ ھەرىكىتى ئاكتىپ ، ئۆكتىچىلەرنى پائالىيىتى پاسسىپ ئىدى . كېيىن بۇ ھەقتە كاگانوۋېچ : بۇنىڭدىكى سەۋەب ھەيئەت رىياسىتى ئەزالىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىدى ، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاساسى مەقسىدى خروششىۋنىڭ ئىسلاھاتىغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بولدى ، دېدى . ئۆكتىچىلەر ئارمىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكچى بولدى . 18 -ئيۇن مالىنكوۋ ژوكوۋغا خروششىۋنى ئېلىۋېتىشنى قوللاشنى تەۋسىيە قىلدى . ئەمما ، ژوكوۋ : ئارمىيە بۇنداق قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ ، مىنىڭ بۇيرۇقۇمسىز  بىر تانكىنىمۇ ئىشقا سالىمەن دەپ ئويلىماڭلار ، دېدى .
       ھەيئەت رىياسىتىنىڭ يىغىنى 4 كۈن داۋاملاشتى . يىغىن مەركىزى كومىتېتنىڭ 93 نەپەر ئەزاسىنىڭ باياناتىنى تاپشۇرىۋالدى . ئۇلار  ھەيئەت رىياسىتى ئەزالىرىنىڭ كېرىمىل سارىيىغا كېلىپ نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئېنىق ئۇقتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى . ئۆكتىچىلەر ئاخىر يول قويدى . ھەيئەت رىياسىتى سۇسلوۋنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ مەركىزى كومىتېت ئۇمۇمى يىغىنىدا چۈشەنچە بېرىشىنى بەلگىلىدى . مولوتوۋ ۋە مالىنكوۋ ، كاگانوۋېچ ، بولگانىنلارمۇ سۆزلىدى . ئۇلارنىڭ دېگەنلىرى يەنىلا شۇ كونا مۇقام ئىدى .
       مەركىزى كومىتېت ئۇمۇمى يىغىنى 22 - ئىيۇندىن 29 - ئىيۇنغىچە ساق بىر ھەپتە ئېچىلدى . سۆزگە چىققانلارنىڭ ھەممىسى خروششىۋنى قەتئىي قوللىدى . مولوتوۋ : خروششىۋ فىنلاندىيىگە زىيارەتكە بارغاندا ، فىنلاندىيە زۇڭتۇڭىنىڭ تەكلىۋى بىلەن يېرىم كېچىدە يۇيۇندى ، دېگەن گەپنى كۆتۈرۈپ چىقتى . بۇ ئىش بىر پەس تالاش - تارتىشقا سەۋەب بولدى . سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر رەھبىرى قىپيالىڭاچ بولۇپ چەت ئەللىكلەر بىلەن يۇيۇنسا بولامدۇ ؟ دېگەن بۇ مەسىلە نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىندى . ك گ ب نىڭ رەئىسى شىروۋ بىلەن مەدەنىيەت مىنىستىرى مىخايلوۋنىڭ سۆزى ئاخىر جىڭ باستى . ھەممەيلەن ،  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى چەت ئەللىكلەر بىلەن بىللە يۇيۇنسا بولىدۇ ، دېگەن قاراشقا كەلدى . پەقەت مولوتوۋ ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرىۋالدى . ۋوروشىلوۋ ، بولگانىن ۋە سابروف توۋا قىلىش خاراكتىرىدە سۆز قىلدى ، مالىنكوۋمۇ خاتالاشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى . خروششىۋ ئەسلىدە ئۇلارنى ناھايىتى ئاسانلا جايلىۋېتەلەيتتى . ئەمما ، ئۇ بۇنداق قىلمىدى .
       مەركىزى كومىتېتنىڭ يىغىنى 29 - ئىيۇن يېپىلدى . ئەمما ، ئۇمۇمى يىغىننىڭ قارارى 4 ئىيۇلدىكى گېزىتكە بېسىلىپ چىقتى . قارار ماقۇللانغاندا بىرلا مولوتوۋ قارشى ئاۋاز بەردى . مولوتوۋ ، مالىنكوۋ ، كاگانوۋېچ پارتىيىگە قارشى گۇرۇھى كەسكىن تەنقىد قىلىندى . ئۇلار       ھەيئەت رىياسىتىدىن ۋە مەركىزى كومىتېتتىن تازىلاپ چىقىرىلىپ ، بارلىق مەمۇرى ۋەزىپىلىرىدىن ئېلىپ تاشلاندى . لېكىن پارتىيىۋىيلىكى ساقلاپ قېلىنىپ باشقا ئىشقا قويۇلدى .

       ( « ئەدەبىي تەرجىمىلەر » دىن ئېلىندى ) « باغداش تورى » غا مەنسۇب .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

2517

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5696
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 608
تۆھپە : 357
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 21:50:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مەن بۇ روسلا توغۇرلۇق گپنى كۆرسەملا ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ دىسە.....
http://www.kuznak.com/

1

تېما

0

دوست

888

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   77.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5399
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 115
تۆھپە : 204
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 16:08:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخنى غەلبە قىلغانلار  يازىدۇ .  گەرچە ئۇ  تارىخ يالغان بۇلسىمۇ؛  

20

تېما

3

دوست

2651

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5753
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 353
تۆھپە : 582
توردىكى ۋاقتى: 407
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 21:26:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخنى غەلبە قىلغانلار  يازىدۇيەنىلا شۇ كونا مۇقام

0

تېما

0

دوست

86

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   28.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21765
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت تېمىڭىز غا  كۆرۈشكە ،بىلىپ قىلشقا تېگىشلىك ياخشى مەزمۇنلاركەن..

karahanjar

1

تېما

0

دوست

2802

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9452
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 687
تۆھپە : 392
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روس چوشقىلىرى ھەممىسى ھايۋانلار

0

تېما

0

دوست

710

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2821
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 71
تۆھپە : 190
توردىكى ۋاقتى: 156
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت يازمىڭىزغا جاپا چەكتىڭىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )