قۇمۇلدا بار مۇقەددەس يايلاق، يايلاق يانباغرىدا نامى بار چوققا، ئىرادىسىز بېسىلماس قەدەم، قەدەم باستۇق كۆرۈنەر قۇمۇلنىڭ تۆت تەرىپى، سەككىز بۇرجىكى، ھەم كۆرۈنەر تۆت تەرەپتىن، سەككىز بۇرجەكتىن «خېنىم»① يايلىغان، (①قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ خانىشلىرىدىن بىرى.) ئولتۇرغان، قوپقان، تېشى سىلىق، ئوتلىرى يېشىل «سەرۋەڭ» دېگەن خاسىيەتلىك تاغ . تۆت مىڭ مېتىر مۇئەللەقتىكى.
ھېلىمۇ ئېسىمدە قالدى، «خېنىم»غا ئوخشاش ئىززەتلىك بىر قىز، ئوي ئويلىغان قەلبىم خانىشى، ماڭا بىر رەت قارىمىغان، لېكىن مىڭ رەت ئويلىغان يۈرىكىنىڭ بېغىشىغا يېزىپ ئىسمىمنى.
ھېلىمۇ ئېسىمدە تاغ چىغىرتمىقى، تۇنجى قېتىم ئېچىلغان يەردىن، بىر تۈپ گۈلنى ئېلىپ چاپىنىمنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويغان قىزىرىپ تۇرۇپ.
ھېلىمۇ ئېسىمدە، مۇھەببەت تارىخىم يېزىلغانىكەن ياشلىق خاتىرەمگە، قوي سۈتىدەك پاك ۋە ھالال، ئوغلاق چىشىدەك سۈزۈك ۋە رەتلىك.
سەرۋەڭ تاsغلىرى، قىز باغرىدەك نازۇك ۋە گۈزەل . يارىلىشنى تونۇتقان دۇنيا . بولغان شۇڭا ئون ئىككى تاغنىڭ بىرىگە ئىسىم.
كۆز يېشىدەك سىرغىيالايدۇ ھەم قاتالايدۇ ئات جىگىرىدەك.
بوران ئاققاننى كۆرمىگەنلەر بار، سۇلار ئۇچقاننى بىلمىگەنلەر بار، سىرلىرىنى سىرداشمىغانغا بىر ئېغىزمۇ ئېيتمىغانلار بار.
سەرۋەڭ دېگەن سەرخىلىنى تاللاپ، سەرۋازلارغا يار-يۆلەك شۇنچە، يۆلەكسىزنى يۆلەيدۇ تاغدەك . قۇمۇللۇقلار قول قوۋۇشتۇرمايدۇ، قۇمدەك ھالسىز چېچىلغانلارغا . تۈتەكتەك پورەكسىز ئېچىلغانلارغا.
سەرۋەڭ تاغلىرى قۇمۇللۇقنىڭ يېشىل يۈرىكى . تاش ئۈستىدە ئوتتەك تاۋلانغان |