قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: anas

جىنكەش،باخشى داخان ،سېھىرگەرلەر قانداق كىشىلەر؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

672

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   34.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5759
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 160
تۆھپە : 96
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2012-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 16:19:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سۆھبەتىن خىلىلا جىق نەرسلەرنى بىلىپ قالدىم رەھمەت
 
كۈلۈپ ياشايمەن
uyghuray

71

تېما

0

دوست

6187

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   23.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1558
تۆھپە : 832
توردىكى ۋاقتى: 541
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 16:50:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

                                         
                               بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم


                (ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھىربان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)



ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺟﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔ، ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﻨﻰ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻦ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﮬﻪﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻳﯧﭙﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﻏﺎﻳﯩﺐ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯜﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﭼﯘﻗﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﯩﻦ ﯞﻩ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯩﻤﯩﺰ.

1- ﺟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺶ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ

ﺟﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻣﻪﺧﻠﯘﻕ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯗﺭ. ﺑﯘ ﻣﻪﺧﻠﯘﻕ ﺋﻮﺕ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯘﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ. ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ : « ﺷﻪﻙ – ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺑﯩﺰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ) ﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﻻﻳﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﭗ ﺷﻪﻛﯩﻠﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ (ﭼﻪﻛﺴﻪ ﺟﯩﺮﯨﯖﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ) ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻻﻳﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﯘﻕ﴿26﴾. ﺟﯩﻨﻼﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﺒﻠﯩﺲ) ﻧﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺗﯜﺗﯜﻧﺴﯩﺰ ﺋﻮﺕ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ﴿27﴾.» (ﺳﯜﺭﻩ ﮬﯧﺠﯩﺮ 26-27- ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ) ﺟﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺟﺎﻧﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﯘ ؟ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﯨﻨﻰ ﻧﻪﺳﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻲ ﺳﯘﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺟﺎﻧﻨﻰ ﺋﻮﺗﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﯨﻨﻰ ﻧﻪﺳﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﺘﻪﻙ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﺎﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻧﻤﯘ؟ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻰ ﺑﺎﺭ. ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ.

2- ﺟﯩﻦ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ؟

ﺟﯩﻦ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ. ﺟﯩﻨﻼﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻣﻪﺧﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺟﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﻨﻰ، ﺑﺎﺷﻨﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﻳﻮﺷﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ «ﺟﯘﻧﻨﻪﺗﯘﻥ » ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﯩﻜﻰ «ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ» ﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺩﻩﺭﻩﺧﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﺩﺍﻟﺪﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ . ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯧﭙﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ «ﺟﻪﻧﯩﻨﯘﻥ » ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺷﻪﻳﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: « ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯗ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺴﯩﻠﻪﺭ،» (ﺳﯜﺭﻩ ﺋﻪﺋﺮﺍﻑ 27- ﺋﺎﻳﻪﺕ)

3- ﺟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻏﯩﺰﺍﻏﺎ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ

ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ. ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﻏﯩﺰﺍ (ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ) ﻏﺎ ﻣﻮﮬﺘﺎﺝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺟﯩﻦ، ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﻏﯩﺰﺍﻏﺎ ﻣﻮﮬﺘﺎﺝ . ﺑﯘ ﺭﺍﺳﺖ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﻩﻟﯩﻠﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯩﺮﯨﭗ: «ﺑﯩﺴﻤﯩﻠﻼﮪ» ﺩﻩﭖ ﻳﯧﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﮔﯚﺷﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺟﯩﻨﻼﺭﻏﺎ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﮔﯚﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺳﯚﯕﻪﻛﺘﻪ ﺗﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﺗﺎﺯﯨﻼﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﺳﺘﻰ ﯞﻩ «ﺳﯚﯕﻪﻛﻠﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﻦ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻰ » ﺩﯦﺪﻯ. ﮬﻪﻡ: ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯩﭽﯩﺪﯗ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﭖ، ﺋﯩﭽﻤﻪﯕﻼﺭ! ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﯩﻤﺎﻣﻰ ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺎﻣﻰ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺭﺍﺳﺖ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺪﯨﻜﻰ: «ﺟﯩﻨﻼﺭ، ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﻏﯩﺰﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯩﭽﯩﺪﯗ.

4- ﺟﯩﻨﻼﺭﻣﯘ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪﯗ

ﺟﯩﻦ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﮕﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺵ ، ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﺵ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﺩﻩﻙ ﺋﯘﺭﯗﻕ – ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﺪﺍ ﺷﻪﻙ – ﺷﯜﺑﮭﻪ ﻳﻮﻕ. ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺘﺎ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻳﻮﻝ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺳﯜﺭﻩ ﻛﻪﮬﻒ 50 – ﺋﺎﻳﯩﺘﯩﺪﻩ :« ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﺎﺋﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ .ﻣﯧﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯩﺒﻠﯩﺴﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﯨﻨﻰ ﺩﻭﺳﺖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻻﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ ﮬﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﺪﯗﺭ،ﺋﯩﺒﻠﯩﺲ ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯧﻤﯩﺪﯦﮕﻪﻥ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻪﺩﻩﻝ!(ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪﻏﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻐﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﻧﯧﻤﯩﺪﯦﮕﻪﻥ! ﻳﺎﻣﺎﻥ)[50].» ﺩﯦﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺭﺍﺳﺖ ﮬﻪﺩﯨﺴﺘﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ: «ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﺎ (ﺑﯩﺴﻤﯩﻠﻼﮪ) ﺩﯦﻤﯩﺴﻪ ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪﻙ – ﺋﯩﭽﻤﯩﻜﯩﮕﯩﻤﯘ ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﯩﻤﯘ ﺷﯩﺮﯨﻜﻠﯩﺸﯩﺪﯗ » ﺩﯦﺪﻯ. (ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎﻥ) ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: «ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ «ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻳﻤﻪﻥ، ﺋﻰ ﺍﻟﻠﻪ! ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ، ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺭﯨﺰﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ» ﺩﻩﭖ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭ – ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺋﯘ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.» . (ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﻨﮕﻪﻥ ﮬﻪﺩﯨﺲ) (ﮬﻪﺩﯨﺲ ﺷﻪﺭﭘﺘﯩﻦ ﺋﯜﻧﭽﻪ ﻣﺎﺭﺟﺎﻧﻼﺭ)

5- ﺟﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﭘﻪﺭﻕ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟

ﮬﻪﺋﻪ ، ﺟﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﭘﻪﺭﻕ ﺑﺎﺭ، ﻣﯘﺷﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺴﯘﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺷﯘﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﻤﯩﺰﻛﻰ ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺧﻠﯘﻕ ﺗﯚﺕ ﺗﯜﺭﻟﯜﻛﺘﯘﺭ. ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ، ﺟﯩﻨﻼﺭ، ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭﺩﯗﺭ. ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺭﻭﮬﺎﻧﯩﻲ ﺋﻪﻟﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ، ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺮﻯ، ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﺑﺎﺭ.
ﺟﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯜﻛﻰ ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ، ﺑﯘﻻﺭﺩﺍ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻳﻮﻕ، ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺟﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ . ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ. ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺧﺎﺗﺎﻻﺷﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ. ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ. ﻛﺎﭘﯩﺮ (ﺋﯩﺸﻤﯩﮕﯜﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ) ﻣﯘ ﺑﺎﺭ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺟﯩﻨﺪﯗﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯩﺒﻠﯩﺲ ﺟﯩﻦ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ. ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ : « ﺋﯩﺒﻠﯩﺴﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺳﻪﺟﺪﻩ ﻗﯩﻠﺪﻯ ، ﺋﯩﺒﻠﯩﺲ ﺟﯩﻨﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ .ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﺎﺋﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ» (ﺳﯜﺭﻩ ﻛﻪﮬﻒ 50- ﺋﺎﻳﻪﺕ) ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺳﯩﺰﻟﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﺭﻩﮬﻤﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﯨﻤﯘ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﮬﯚﻛﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻤﯘ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻳﻮﻕ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﻣﺎﻳﺪﯗ ، ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻐﺎ ﻛﯧﺸﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﻣﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺴﺎﻝ، ﻳﯩﻼﻥ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻳﯩﻼﻥ ﺗﯘﻏﯩﺪﯗ. ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻳﯩﻼﻥ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﮬﺎﺯﯨﻐﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﯨﻐﺎ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ. ﺯﻩﮬﯩﺮﻯ ﻳﻮﻕ، ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﻮﻕ، ﻳﯩﻼﻥ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ. ﺟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﯞﻻﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﮬﻪﺭﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﻧﯩﺠﯩﺲ، ﻗﯩﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺳﻜﯩﻠﯩﻜﻰ (ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ) ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺋﻪﺳﻜﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺴﺎ (ﻣﺎﺭﯨﺪ ) ﺩﯨﻴﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺳﻜﯩﻠﯩﻜﻰ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﭙﺮﯨﺖ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺪﻯ. ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﻩ ﺟﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ، ﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺳﯜﺭﻩ ﺋﻪﻧﺌﺎﻣﻨﯩﯔ 112- ﺋﺎﻳﯩﺘﯩﺪﻩ : «ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘ ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ) ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺟﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﮔﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ،ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻟﺪﺍﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯧﺮﯨﻦ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﯞﻩﺳﯟﻩﺳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ»
ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ : ﺟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺳﯜﺭﻩ ﺟﯩﻨﻨﯩﯔ 11- ﺋﺎﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺟﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ: «ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺭﻣﯘ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺑﯩﺰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻳﻮﻟﻼﺭﻏﺎ ﺑﯜﻟﯜﻧﺪﯗﻕ .»ﺩﯦﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﻤﯘ ﺟﯩﻨﻨﯩﻤﯘ ﺍﻟﻠﻪ ﻗﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯜﺭﻩ ﺯﺍﺭﯨﻴﺎﺕ 56- 57-58- ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ: «ﺟﯩﻨﻼﺭﻧﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﯩﻢ، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻥ ﺭﯨﺰﯨﻖ ﺗﯩﻠﯩﻤﻪﻳﻤﻪﻥ. ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻮﺯﯗﻗﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﯩﻤﻪﻳﻤﻪﻥ. ﺍﻟﻠﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺭﯨﺰﯨﻖ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﯩﺪﯗﺭ. ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﺘﯘﺭ.» ﺩﯦﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﻗﻪﺑﯩﮫ ﻗﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﯜﺭﻩ ﺑﻪﻗﻪﺭﻩ 268- ﺋﺎﻳﯩﺘﯩﺪﻩ: « ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﯧﻘﯩﺮﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﺗﯩﺪﯗ ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯧﺨﯩﻠﻠﯩﻘﻘﺎ،ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻜﻪ) ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ ؛ ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﭘﻪﺯﻟﯩﻨﻰ ﯞﻩﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.» ﺩﯦﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﺩﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺩﻭﺯﺍﺥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯜﺭﻩ ﮬﻪﺝ 3- 4- ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ: «ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ (ﻧﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺮﻯ) ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻟﯩﻠﺴﯩﺰ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﯩﺸﯩﺪﯗ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﺭﻛﻪﺵ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻐﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﮬﻪﻗﺘﯩﻦ ﺗﻮﺳﻘﯘﭼﻰ ﻛﯘﻓﻔﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﺗﺘﯩﺒﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ) ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺪﯗ [3]. ﺍﻟﻠﻪ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗﻛﻰ، ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻪﻥ, ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﺟﻪﮬﻪﻧﻨﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻐﺎ ﺳﯚﺭﻩﻳﺪﯗ [4].» ﺩﯦﺪﻯ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻳﻮﻕ. ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﻟﻪﻧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺒﻠﯩﺴﺪﯗﺭ.

ﺟﯩﻦ، ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺑﻮﻻﻻﻣﺪﯗ ؟

ﺟﯩﻦ، ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﯞﻩ ﮬﻪﺭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺭﻩﯕﺪﻩ ﺑﯘﻻﻟﯩﺸﯩﺪﺍ ﺷﻪﻙ ﻳﻮﻕ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﯘﻻﻕ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ، ﻛﯚﺯ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ. ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﯩﺶ. ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺯﯨﺖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﻮﻕ.

ﺟﯩﻨﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﺭ، ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ:

1. ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ (ﺋﯩﺒﻠﯩﺴﻨﯩﯔ) ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﻰ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺧﺎﻻﻳﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﻨﻰ ﻗﺎﻣﺎﺵ، ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﻳﺪﻩﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﻧﻪﺟﯩﺪ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﻳﯧﻐﯩﻨﻐﺎ ﯞﻩ ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ، ﻛﯚﭘﺮﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﭘﯩﻜﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯘ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺑﯩﮫ ﯞﻩ ﺑﯘﺯﯗﻕ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭﻛﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﯩﻤﯘ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﻳﻮﻕ.
2. ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﺪﻩ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﺧﻮﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯗﺭ . ﺋﯩﻤﺎﻣﻰ ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﺋﻪﺑﯘﮬﯜﺭﻩﻳﺮﻩ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﺩﯨﻦ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ: ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﻪﺑﯘﮬﯜﺭﻩﻳﺮﻩ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﻧﻰ ﺯﺍﻛﺎﺗﻘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﻮﺭﻣﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﺧﻮﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﺋﻪﺑﯜ ﮬﯘﺭﻩﻳﺮﻩ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﯘﻟﯩﯟﯦﺪﻯ . ﺋﯘ ﺋﯚﺯﻯ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﭺ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﺭﻩ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. ﺋﻪﺑﯘ ﮬﯘﺭﻩﻳﺮﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﺪﻯ . ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺧﻮﺭﻣﺎ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﺑﯘ ﮬﯘﺭﻩﻳﺮﻩ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ ﺗﯘﺗﯘﯞﯦﻠﯩﭗ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺋﯚﺯﺭﻩ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺋﺎﻳﺎﻟﻤﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﻠﻪﭖ ﻳﺎﻟﯟﯗﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﺑﯘ ﮬﯘﺭﻩﻳﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﭘﯘ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺋﯜﮔﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺎﻱ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ . ﺩﻩﭖ ﺋﻪﺑﯘ ﮬﯘﺭﻩﻳﺮﯨﮕﻪ ﯞﻩﺩﻩ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﺎﻳﻪﺗﻪﻝ ﻛﯘﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﺗﯜﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺋﻪﺑﯘ ﮬﯘﺭﻩﻳﺮﻩ ﺋﻪﭘﯘ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻪﺑﯘ ﮬﯘﺭﻩﻳﺮﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﺑﯘ ﮬﯘﺭﻩﻳﺮﻩ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ: «ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﻗﻮﻟﯘﯕﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺋﻮﻏﺮﻯ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﺪﻯ؟» ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺋﻪﺑﯘ ﮬﯘﺭﻩﻳﺮﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﻯ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ: «ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﻰ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﺎﯕﺎ ﺭﺍﺳﺖ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ» ﺩﯦﺪﻯ. (ﺋﺎﻳﻪﺗﻪﻝ ﻛﯘﺭﺳﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻯ ﺭﺍﺳﺖ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ) (ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎﻥ)

ﺋﺎﮔﺎﮬﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ:

ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺑﯘﻻﻟﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ، ﺟﯩﻦ، ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﮔﺎﮬﻼﻧﺪﯗﺭﻣﯩﺰﻛﻰ : ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ، ﺟﯩﻨﻼﺭ، ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﮬﻪﺭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ (ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﭼﺎﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ) ﺭﺍﺳﺖ، ﺋﯧﻨﯩﻖ ، ﺑﯩﺮ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﻳﻮﻕ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﺗﯜﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﺍﺋﯩﺮﻩ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺳﺎﻧﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﻟﯩﻠﯩﺪﯗﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ: «ﮬﻪﺭﻛﯩﻢ ﻣﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﺳﻪ، ﺭﺍﺳﺖ ﻛﯚﺭﯛﺩﯗ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﻤﺪﻩ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ » ﺩﯦﮕﻪﻥ. (ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﻨﮕﻪﻥ ﮬﻪﺩﯨﺲ )

0

تېما

0

دوست

878

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   75.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5582
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 205
تۆھپە : 129
توردىكى ۋاقتى: 303
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 16:55:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
               جىن بىلەن پاراڭلىشىش ھەققىدە قۇرئان كەرىمدە بىرەر مەلۇمات بارمۇ؟             

0

تېما

0

دوست

210

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   70%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5570
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 50
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 17:33:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېسەل كۆرگىلى ئۆتكەن يىلى پىچاندىن بىر پالچى ئايال كەپتىكەن،تاھارەت ئالمايلا كېسەلنى ئوقۇشقا تەمشىلۋىدى(تاھارەتسىز ئىكەنلىگىنى بىلەتتم)تاھارەت ئالماملا ؟دەپ سورىسام مېنى ئېلىپ  قاچقان جىنلار پاكىزە جىنلار ئەمەس ئىكەن،تاھارەت ئېلىپ   ئوقۇسام بولمايدۇ  دېدى،      ھە! سىلىنى جىن ئېلىپ قاچقانما ؟ ھەيران قېلىپ سورىسام ،شۇنداق،مېنى بىرسى كېلىپ ئۇسۇلغا تارتىۋىدى،ئورنىمدىن تۇرغىنمنى بىلىمەن ،ئۆزەمنى بىلسەم يوقاپ كەتكىنمگە 40 كۈن بوپتۇ ئويدىكىلەر نېزىر لىرىمنىمۇ چىقىرىپ كېتىپتىكەن دىگەن ئىدى.
uyghuray

1

تېما

0

دوست

1019

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5399
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 115
تۆھپە : 248
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 17:34:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىنلار شۇ قەدەر يالغانچى ،ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان كېلىدىكەن. ئۇلار ئامال بار سىز بىلەن سۆزلىشىپ ئىماندا سىزنى تېيىلدۇرۇشنى ئويلايدىكەن ،گەرچە شۇنچە سەزگۈر بولسىڭىزمۇ؟
ئەمەلىيەتتە سىز سۆزلەشكەن زامات ،سۆزلىرىگە ئىشەنگەن بىرىنجى قەدىمىڭىزدىلا ئاز تولا تېيىلىپ بولغان بولىدىكەنسىز، مەيلى ئۇ نېمە دېسۇن؟
چۈنكى ئىش ھەرىكەتلىرىدىن ، ئۇ ئېيتقان غايىپتىن بىخەۋەر بىر مۆئمىننىڭ ئۇنىڭ گەپلىرىنى ھە مانداقكەن دەپ تەستىقلىشىغا نېمە ئاساسى بولسۇن ...                                                   بۇ ناھايتى تۇغرا سۆز  چۈنكى بىزنىڭ غەيىپكە بۇلغان چۆشەنچىمىز بەك تۈۋەن        غەيىپكە بۇلغان ئېمانىمىز  ئاجىز.

0

تېما

0

دوست

367

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   33.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5772
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 74
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 18:48:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى jenibakدە2012-02-07 16:55يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
               جىن بىلەن پاراڭلىشىش ھەققىدە قۇرئان كەرىمدە بىرەر مەلۇمات بارمۇ؟               

بىلىشىمچە جىن بىلەن پاراڭلىشىش ھەققىدە قۇرئان كەرىمدە ھىچبىر مەلۇمات يوق . پەقەت ئۇلارنىڭمۇ ھەرخىل يوللارغا بۆلۈنگەنلىكى (ھەرخىل مىللەت ،ھەرخىل تائىپىلەرگە) ھەققىدە جىنلارنىڭ تىلىدىن مەلۇمات بار ۋە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇرئان ئوقۇسا ،بىر قىسىم جىنلارغا تەسىر قىلىپ ئىمان ئېيتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بار.
جىننىڭ ،شەيتاننىڭ بار بولىشى قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت . كىشىنى داۋاملىق بۇزۇقچىلىققا ، كىبىرگە ، شىرىككە ،كۇفرىغا بۇيرۇيدىغان كىشىلەر - ئادىمى شەيتان بولغىنىغا ئوخشاش ،جىنلارنىڭ ئەڭ ئەشەددىيلىىرى ۋە ئەسكىللىرى ھەم شەيتاندۇر .

0

تېما

0

دوست

878

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   75.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5582
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 205
تۆھپە : 129
توردىكى ۋاقتى: 303
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 19:28:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
             قۇرئان كەرىمدىمۇ مەلۇمات بولمىسا سىز نېمىشقا جىن بىلەن پاراڭلاشقىلى بولىدۇ، ئەمما پاراڭلىشىشقا بولمايدۇ دەيسىز؟!        قۇرئان كەرىمدىمۇ بولمىغان نەرسىنىڭ بىزنىڭ تۇرمىشىمىزدا بولىشى مۇمكىنمۇ؟؟؟

0

تېما

0

دوست

367

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   33.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5772
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 74
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 19:40:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 14قەۋەتتىكى jenibakدە2012-02-07 19:28يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
             قۇرئان كەرىمدىمۇ مەلۇمات بولمىسا سىز نېمىشقا جىن بىلەن پاراڭلاشقىلى بولىدۇ، ئەمما پاراڭلىشىشقا بولمايدۇ دەيسىز؟!        قۇرئان كەرىمدىمۇ بولمىغان نەرسىنىڭ بىزنىڭ تۇرمىشىمىزدا بولىشى مۇمكىنمۇ؟؟؟  

سىز قۇرئان ھەققىدىلا مەلۇمات سوراپتىكەنسىز. مەن قۇرئان ھەققىدە ئوچۇق مەلۇمات يوقلىقىنى ئېيتتىم .ئەمما ھەدىسلەردە بۇ ھەقتە بىر قىسىم مەلۇمات بار .ئاساسلىقى جىنلار ياكى شەيتاننىڭ ئىنسان سۈرىتىدە كېلىپ كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقانلىقى  يېزىلغان. خورما ئوغۇرلىغان شەيتان ھەققىدىكى ئەبۇ ھۈرەيرەنىڭ رىۋايىتى ۋە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆيدە يىلان (ئەمەلىيەتتە يىلان بولىشى ئانچە مۈمكىن ئەمەس ئۆيدە پەيدا بولغان يىلان دەل جىندۇر.) بايقالسا ،ئۇنىڭغا ئاغزاكى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە چىقىپ كېتىشكە مۇددەت بېرىش ئەگەر يەنە چىقىپ كەتمىسە ئۆلتۈرىۋىرىش ھەققىدىكى ھەدىسى نېمىلا بولمىسۇن جىنلار بىلەن سۆزلىشىشنىڭ مۈمكىن ئىكەنلىكىگە بىشارەت بولماقتا . ئەسلىدىنغۇ شەيتان ۋە جىنلارنىڭ ئىنساننىڭ گەپلىرىنى بىلەلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى دەلىللەر تولىمۇ كۆپ. ئەمما ئىنساننىڭمۇ ئۇلار بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل سۆزلىشىشى ھەققىدە :
1. جىن ياكى شەيتان باشقا ئىنسان ياكى نەرسە ھالەتتە كۆرۈنىدۇ . ئىنسان سۈرىتىدە كۆرۈنسە ،نورمال ئىنسان بىلەن سۆزلەشكەندەك سۆزلىشىش بۇنى ھەتتا شۇ ئىنساننىڭ ئۆزىمۇ بىلەلمەي قېلىشى مۈمكىن. بۇ سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن دەلىللەنگەچكە بۇنىڭدا ھېچ شەك يوق.
2. بىمار ھالەتتە بىمارنىڭ تىلىدا -  سۆزلىشىش. بۇنىڭغا ھېچ بىر يەردە مەيلى قۇرئان ياكى ھەدىستە روشەن دەلىل يوق .بۇ خىل ھالەتتە سۆزلەشكىنى بولماسلىقىغىمۇ روشەن دەلىل يوق. ئەمما نۇرغۇن ئالىملار بۇنى تەستىقلىغان . ئۇلارنىڭ تەستىقلىشىمۇ خۇددى بىزنىڭ ھېلىقىدە م پ 3 ۋە فىلىملارنى كۆرىشىمىزگە ۋە ئۆز كۆزىمىز بىلەن شۇ ھالەتكە ئۇچۇرشىشىمىزغا ئاساسلانغان بولىشى مۈمكىن. سۆزلىشىش مۈمكىن ئەمەسلىكىگە ھېچبىر دەلىل بولمىغاچ ۋە مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن بىر قىسىم ھالەتلەرگە شاھىت بولغاچ - مەن ئەشۇ ئالىملارنىڭ قاراشلىرىغا ئەگەشتىم. بىلگۈچى ئاللاھ !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )