قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 22715|ئىنكاس: 46

جىنكەش،باخشى داخان ،سېھىرگەرلەر قانداق كىشىلەر؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

367

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   33.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5772
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 74
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 11:09:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار:
ئۇزاقتىن بۇيان خەلقىمىز ئىچىدە جىنكەش،داخان-باخشى ،سېھىرگەرلەرگە بىرقەدەر مۆتىدىل پوزىتسىيىدە بولۇپ كەلدى. 1000يىللىق مۇسۇلمان بىر خەلقنىڭ بۇنداق ھالەتتە يۈرىشى ،ھەتتا مەن مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ ،ئىلگىرى كېيىن ئىشلاردا ئۇلارنى ئىزدەپ تۇرىشى  - ھەممىمىزنىڭ بۇ تائىپىلەر (يەنى جىنكەش،باخشى داخان ،سېھرگەرلەر ھەققىدە) تېخى ھېچبىر تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسلىكىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
ھالبۇكى ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى ، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:
كىمكى غايىبنى دەۋا قىلىدىغان ،داخانغا ،پالچىغا ،كاھىنغا ،جىنكەشكەبارسا ،ئاندىن ئۇ دېگەن سۆزلەرنى تەستىقلاپ ئىشەنسە، ھەقىقەتەن ئۇ مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نازىل بولغان قۇرئانغا كاپىر بولدى. ئەھمەد، ھاكىم توپلىغان .سەھىھ 
ئالاقىدار ماتىرىياللاردىن مەلۇمكى ، بۇ تاپىئە كىشىلەر ئىنسانىيەت ئىچىدىكى ئەڭ ناچار ۋە ئەڭ ھەددىدىن ئاشقۇچى پەس كىشىلەردۇر. چۈنكى بۇلار قىلغان ئىشلارنىڭ ھەتتا ھېچبىر غەيرى مۇسۇلمانمۇ ، نەزىرىمىزدە يامان كىشىلەرمۇ قىلمايدۇ. بۇلار مەيلى قانداق زاماندا ياشىسۇن ،قانداق جەمىئەتتە ياشىسۇن ئەشۇ جەمىئەت ئۈچۈن زەھەرلىك ئۆسمە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇلار شۇ دەۋىر كىشىلىرىنىڭ ئىنسانىيلىقىدىكى نومۇسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمىز؟ بۇلارنىڭ "ئۆز كەسپى"دىكى رەزىل ئۇسۇللىرىغا نەزەر سالغايسىز:
بىرىنجى ئۇسۇلى :
ئەقسام ئۇسۇلى
سېھىرگەر خالى ،قاراڭغۇ ئۆيگە كىرىپ ،قاچىغا چوغ ئېلىپ مەقسەتكە مۇۋاپىق بولغان نەرسىلەردە بوي سېلىپ ئولتۇرۇپ ،ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرىدىغان مەزمۇنلارنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان ،جىنلارنى ئۇلۇغلايدىغان ،ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان ،قەسەمنامە - ۋەدىنامىلەر مەزمۇنىدىكى ھەرخىل ئەزايىم ،ئەپسۇن تىلسىملارنى ،ئۇلارنىڭ باشلىقلىرىنى چاقىرىدۇ ،،ئۇلاردىن ھاجەت تەلەپ قىلىدۇ .بەزى مەلئۇن سېھىرگەرلەر بۇنداق چاغدا تاھارەتسىز ،ياكى جۇنۇپ ھالەتتە ،نىجاسەت كېيىملەرگە ئورىنىپ ئولتۇرىدىكەن ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ،كاتتىۋاشلىرى تېز كېلەرمىش...
مەلۇم ساندا مەلۇم مەزگىل ئەپسۇن ئوقۇغاندىن كېيىن ،جىنلار سايىدەك ، خىيالەن ئىت ،مۈشۈك ،يىلا ياكى باشقا نەرسىلەرنىڭ شەكلىدە زاھىر بولىدۇ. بەزى چاغلاردا ئۆزى كۆرۈنمەي ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ ۋە بەزى ئەھۋالدا ئۆزىمۇ ،ئاۋازىمۇ بىلىنمەيدۇ ،سېھىرلەنگۈچىنىڭ ئىز توپىسى ،كېيىم پارچىسى ،سۈرىتى قاتارلىق نەرسىلەرگە باشلىنىدۇ ،بۇ چاغدا سېھىرگە ئانداق مۇنداق قىلغىن دەپ بۇيرۇيدۇ.
بەزى ئالىملارنىڭ دېيىشىچە ،جىن قاراڭغۇ ئۆينى ياقتۇرىدۇ .ئاللاھنىڭ ئىسمى ئاتالماي نامى ئاتالغان يېد بۇيدىن ئوزۇقلىنىدۇ .
ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ ،ئاللاھنى تاشلاپ ئۇلاردىن ھاجىتىنى تىلىگەندە ئۇلار سۆيۈنۈپ كېتىدۇ .
نىجاسەت كېيىم قاتارلىق نەرسىلەر ئۇلارغا ئىللىق بىلىنىدۇ ،ئۇنىڭغا ئىنتايىن تېز يېقىنلىشىدۇ .بۇ يەردە كافىر جىن شەيتان كۆزدە تۇتۇلىدۇ .ئەمما ،مۇسۇلمان جىنلار بولسا ئۇلارمۇ ئىنسانلارغا ئوخشاش پاكىزلىقنى ياقتۇرىدۇ...
 
2. جانلىق بوغۇزلاش (قان قىلىش) ئۇسۇلى
سېھىرگەر چارۋا مال ،ئۆي قۇشلىرى قاتارلىق جانلىقلاردىن ،ئاق ،قارا، سېرىق ،چار، مەھەللە ،قىزىل رەڭدىكىللىرىدىن ھاجەت مەقسىتىگە مۇۋاپىق رەڭدىكىنى تاللاپ ،ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتىماي ياكى جىنلارنىڭ ئىسمى بىلەن ئاللاھنىڭ ئىسمىنى بىللە ئاتاپ ،ئۇلارنى ئاللاھقا شىرىك قىلىپ (جان خۇدانىڭ ھەققىدە ،قان يېغىنلارنىڭ ھەققىدە دېگەن سۆزلەر بىلەن ) بوغۇزلايدۇ . بەزىلەر بولسا ،قاننى بىمارنىڭ تېنىگە سۇۋايدۇ. قانلارنى بولسا ،قەبرىستانلىق -مازارلىق ،كونا خارابىيلىق ،يوغان دەرەخ ، يالغۇز دەرەخ ،ئۈجمە دەرىخى ،سېدە ، ئاكاتسىيە ، جىگدە قاتارلىق شوخىلىق دەرەخلەرنىڭ تۈۋى ،يۇلغۇن جاي ،سۇ بويى ، تۈگمەن غۇلىسى ،قۇدۇق لېۋى ، چۆل - جەزىرە ،ئوتنىڭ يېنى ،ئەسكى تامنىڭ تۈۋى قاتارلىق جايلارغا ئاپىرىدۇ ياكى شۇ يەرلەرگە ئېقىتىدۇ .تۇغ باغلايدۇ ،نۆكچە قويىدۇ ،پىلىك كۆيدۈرىدۇ ،چىراغ نېنى ئېتىدۇ ،غايىبلارغا ئاتاپ ياغ پۇرىتىدۇ ،كېپەك كۆيدۈرىدۇ . ئوتلاق قاقىدۇ ،قاپاق ئاسىدۇ ،تۇلۇم باغلايدۇ ،كونا كېيىملەر ،جۇۋا ،تەلپەكلەردە قارانچۇق ياسايدۇ ،لاتىدا ،ئارپا خېمىرىدا قونچاق ياسايدۇ .ئاتنىڭ تاقىسىدا ،تۆمۈر ئەسۋابلاردا قورچاق ياسايدۇ . (تۆمۈر قورچىغى بار دېگەن گەپ شۇنىڭدىن قالغان .)
 
3. تۆۋەن تەبىقىگە تەۋە ئۇسۇل
بۇ ئەڭ كۆپ تارقالغان سېھىرگەرلىك ئۇسۇلى بولۇپ ،جىن شەيتانلارنىڭ كاتتىۋاشلىرىنىلا مۇسەخخەر قىلىپ ،ئۇلارغا ھۆكۈم يۈرگۈزىدۇ .بۇ چوڭ تىپتىكى سېھىرگەرلىك بولۇپ ،ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈش ،كاپىرلىقتا ئەڭ ئەشەددىىي تۇرىدۇ.
بۇ مەلئۇنلار شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى ،"قۇرئان كەرىم" نى ئىككى ھوشۇقىغا تېڭىپ خالاغا كىرىدۇ . شۇ يەردە تۇرۇپ ئاللاھنى ئىنكار قىلىدىغان مەزمۇندىكى تىلسىملارنى ئوقۇيدۇ . كاپىر جىنلارنى ئىشقا سالىدۇ . بۇ ھەرىكەت شەيتاننىڭ بىر تۇغقىنى ،كاپىرلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.سېھىرگەر شەيتاننى خۇش قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەڭ رەزىل گۇناھلارنى قىلىشقا ۋەدە بېرىدۇ.
 
4.نىجاسەت ئۇسۇلى
بۇنىڭدا سېھىرگە مەلئۇن "قۇرئان كەرىم"ئايەتلىرىنى ھەيز ،نىپاس خۇنى ،ئۆلتۈرۈلگەن ئادەمنىڭ قېنى ،كەپتەر ،كەكلىك ،قۇشقاچ ،قارلىغاچ ،دەمدەر ،تۆگە ،مايمۇن ،ئېشەك قاتارلىق جانلىقلارنىڭ قېنى ،مۇنچىنىڭ سېسىق يۇندىسى قاتارلىق نىجاسەت نەرسىلەر بىلەن يازىدۇ .ئۇنىڭ شېرىك مەزمۇندىكى تىلسىملارنى ئوقۇيدۇ.
ھالبۇكى بۇنچىلىك ئەشەددى ھەدىدىن ئېشىش يەنە بارمۇ؟
 
5.تەتۈر ئۇسۇلى
بۇنىڭدا سېھىرگەر مەلئۇن "قۇرئان كەرىم " ئايەتلىرىنى ھەرپمۇ ھەرپ بويىچە تەتۈر ئوقۇيدۇ .بۇ ھەرىكىتىمۇ كەسكىن شېرىكتۇر ،كۇفرىدۇر ،ھارامدۇر.
 
6.يۇلتۇزغا سېلىش ئۇسۇلى
بۇ ئۇسۇلنى رەسەد ئۇسۇلى دەپمۇ ئاتىلدىۇ ،بۇنىڭدا سېھىرگەر مۇئەييەن بىر يۇلتۇزنىڭ چىقىشىنى كۈتىدۇ . شۇ يۇلتۇز چىققاندا ئۇنىڭ روھانىيلىرى كېلىدۇ .ئۇلار تىلىكىمىزگە يەتكۈزىدۇ دەپ قارايدۇ . سېھىر تىلىدىم دەپ ،چۈشۈنۈكسىز ئەپسۇنلارنى ئوقۇپ ، يۇلتۇزغا خىتاب قىلىشقا باشلايدۇ .يۇلتۇز بېگى - مۇئەككەللىرىنى چاقىرىدىغان ئاللىقانداق ئۇسۇل ،ھەرىكەت مۇراسىملارنى قىلىدۇ .يىلدا بىر قېتىم چىقىدىغان يۇلتۇزلاردۇ ،بۇ يۇلتۇزدىن تىلەك تىلىگەنلىك ماھىيەتتە يۇلتۇزغا چوقۇنغانلىق ھېسابلىنىدۇ .ئىلمى نۇجۇم بىلەن شۇغۇللانغۇچى ھەرىكىتىنىڭ خاراكتىرىنى بىلمەسلىكتىن قىلغان بولسا چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ ،بىلىپ قىلغان بولسا ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ.
 
7.ئالىقان گۇمپىسى
بۇنىڭدا سېھىرگەر قۇرامىغا يەتمىگەن سەبى بالىدىن بىرنى ئەكىلىپ ،تاھارەت ئالغۇزمايلا ئۇنىڭ قولىغا چاسا شەكىللىك سېھىر تىلسىملىرىنى يازىدۇ .ئۇنىڭ چۆرىسىگە ئاللاھنىڭ قويۇپ پەرىشتىلەردىن تىلەك تىلەيدىغان (يا جىبرائىل ،يا مىكائىل ، يا ئىسرافىل ، يا ئەزرائىل ،يا ئابدۇرىھىم مەشرىقى ، يا ئابدىلجەلىل جەنۇبى ،يا ئابدىرەشىد شىمالى ،يا ئابدىل ئەزىز مەغرىبى دېگەندەك ياكى جىنلارنىڭ ئىسمىدەك) ئەپسۇنلارنى يازىدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇراقلىق ماي ،ھەرخىل رەڭدىكى گۈل چېچەكلەرنى قويىدۇ .ئۇزۇن بىر قەغەزگە يەككە ھەرپ بىلەن تىلسىملارنى يېىزپ ،كىچىك بالىنىڭ يۈزىگە قويۇپ ،بېشىغا باش كېيىم كەيگۈزگەندىن كېيىن قاراڭغۇ ئۆيدە ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ ئېغىر يېپىنچا بىلەن يۆگەپ قويىدۇ ،بالىنى ئالقىنىغا قاراپ تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ . سېھىرگەر ئەپسۇن ئوقۇشقا باشلايدۇ ،بالىدا قاراڭغۇ ئۆينىڭ بىردىنلا يورۇپ كەتكەندەك سېزىم پەيدا بولىدۇ . سھىرگە ئۇنىڭدىن نېمىنى كۆرگەنلىكىنى سورايدۇ .
بالا: ئالدىمدا قاراپ تۇرغان بىر ئەركىشىنىڭ سۈرىتىنى ...دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.
سېھىرگەر : ئۇنىڭغا مۇنداق مۇنداق قىلغىن دە ...دەپ بۇيرۇيدۇ . كۆرۈنمە سېيما بۇيرۇق بەرگەن تەرەپكە قاراپ ھەركەتلىنىدۇ ،ماڭىدۇ .بۇنى كېيىنچە بىرەر نەرسە يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىلەر توغۇرۇلۇق سوراش مەقسىتىدە ئىشلەيدۇ .بۇلارمۇ كەسكىن ھارامدۇر...
 
سەككىزىنچى ئۇسۇل
ئىز نىشان ئۇسۇلى
بۇنىڭدا سېھىرگەر بىماردىن لۆڭگە ،باش كېيىم ،ئىچ كىيىم ،پايپاق قاتارلىق ئۇنىڭ پۇرىقى تېپىلىدىغان نەرسىلەرنى سوراپ ئالىدۇ ، ئۇنىڭ تۆتلىك يېرىنى چىڭ سىقىمداپ ،ئۇنىڭغا تاكاسۇر سۈرىسىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ ،شېرىككە ياتىدىغان ئەپسۇننى ئىچىدە ئوقۇغاندىن كېيىن جىنلارنى چاقىرىپ مۇنداق دەيدۇ :
" بۇ بىماردىكى كېسەللىكنىڭ سەۋەبى جىن تەرەپتىن بولسا ، ئۇنى قىسقارتىۋىتىڭلار ! كۆزدىن بولسا ئۇزارتىڭلار ! ماددى سەۋەبتىن بولسا ،ئەسلى بويىچە قالدۇرۇڭلار !...دەپ ئۇنى قايتا ئۆلچەيدۇ .ئەسلىدىكىدىن ئۇزۇن چىقسا ،"كېسەللىكىڭ چىدىماس ئادەمنىڭ كۆزى تەگكەنلىكتىن " دەيدۇ .قىسقا چىقسا ،"جىن چېپىلىپتۇ " ديدۇ . ئەسلىدىكى بىلەن تەڭ چىقسا ، "دوختۇرنىڭ يېنىغا بېرىڭ " دەپ بۇيرۇيدۇ .
ئەشەددى تەرىپى:
"قۇرئان ئايەتلىرى"نىنى ئاشكارا ئوقۇپ ،شېرىككە ياتىدىغان تىلسىملارنى ئىچىدە ئوقۇپ كىشىلەرنى ئالدايدۇ .كېسەللىككە شىپالىق تىلەش مەقستىدە جىنلاردىن ياردەم سورايدۇ ،بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈشتۇر.
داۋامى بار...
uyghuray

0

تېما

0

دوست

672

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   34.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5759
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 160
تۆھپە : 96
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2012-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 12:22:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئويلاپ قالدىم چوڭلارنىڭ ئىسىرىق سالدۇق دىگىنىنى قانداق چۈشنىمىز <چەتنەپ >قالدى دىگەن گەپلەرنىمۇ ئاڭلاپ قالمىز بۇلارنىڭ ھەمسىلا خاتا ئىشلارمۇ ؟؟؟؟؟داخان پېرخۇن دىگەنلەنىڭ بۇنچۋالا ئۇقىۋتىدىخىنىنى بىلمايدكەنمەن 
كۈلۈپ ياشايمەن

0

تېما

0

دوست

367

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   33.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5772
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 74
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 12:37:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسرىق سالدۇق دېگىنىدە ،مۇشۇ ئىسرىق مېنى بالا ،كېسەللىكلەردىن ساقلايدۇ ياكى ساقايتىدۇ دەپ چۈشەنگىلى بولمايدىغان ياكى شەرىئەتكە زىت بىرنېمىلەرنى ئوقۇسا ئۇمۇ ئانچە پەرقلەنمەيدۇ.
مۇھىمى بۇ تېمىدا ئاشكارلانغان داخان ،جىنكەش سېھىرگەرلەرنىڭ سھىر ئىشلەشتىكى رەزىللىكى .

0

تېما

0

دوست

672

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   34.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5759
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 160
تۆھپە : 96
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2012-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 12:54:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىتقۇ سۇۋۇتقۇ دىگەنلەرنىڭ ھەمسىلا ئالدامچىلىق دەپ قاريمەن لىكىن مۇشۇ كىشلەرنىڭ <ئېرىمنى ئاران ئۆيگە ئەكىرگۈزۋالدىم  ئۇنى ئىسىتۋاپتىكەن مەن ياندۇردۇم ھازىر ياخشى >دەپ ھاياجالىنىپ سۆزلەشلىرىئادامنى دەرگۇمان قىلىپ قويدۇ ،، ، ھازىرقى زاماندا ئەرلارنىڭ سىرتقا قارشى ئامالسىز قالغان ئايالارنى داخانلارنىڭ يىنىغا چاقىرۋاتدۇ ئىشەنمەي دىسە ئىللىق ئائىلسنىڭ بۇزۇلۇپ كىتۋاتقنىغا     ئىچى ئىچشقان شۇ بىچارە بالىرىم ئۈچۈن بىر سەۋەپ قىلايچۇ دەپ چىقىپ كىتىۋاتقان بۇ ئىشلار ئادەمنى چۆچىتىدۇ .
كۈلۈپ ياشايمەن
uyghuray

0

تېما

0

دوست

878

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   75.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5582
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 205
تۆھپە : 129
توردىكى ۋاقتى: 303
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 13:39:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    جىن چاپلىشىپتۇ ، جىن بېسىۋاپتۇ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،                 پالامچى موللام   جىن بىلەن سوزلىشىپتۇ،     دېگەندەك گەپلەرنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟        دىنىمىزغا ئۇيغۇنمۇ بۇ گەپلەر؟؟؟ 

0

تېما

0

دوست

367

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   33.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5772
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 74
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 14:33:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى jenibakدە2012-02-07 13:39يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    جىن چاپلىشىپتۇ ، جىن بېسىۋاپتۇ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،                 پالامچى موللام   جىن بىلەن سوزلىشىپتۇ،     دېگەندەك گەپلەرنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟        دىنىمىزغا ئۇيغۇنمۇ بۇ گەپلەر؟؟؟   

نەق سوئالنى سورىڭىدىڭىز.
ھازىرقى جىن جاپلىشىۋاپتۇ ،جىن بېسىۋاپتۇ....دېگەن گەپلەر توغرا ،بار ئىش. گەرچە بۇرۇنقى ئۆلىما ئالىملاردىن ئىمام غەززالى قاتارلىق بىر بۆلۈك كىشىلەر جىن چېپىلىۋىش دېگەننى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ ،ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسىم ئالىم ئۆلىمالار بۇنى راست ئىش دەپ قارايدۇ.
چۈنكى بۇنىڭغا قۇرئاندا روشەن دەلىل بار.
ئاللاھ ھەق سۇبھانە ۋەتەئەلا سۈرە بەقەرەنىڭ 275-ئايىتىدە مۇنداق دېگەن :
...جازانە ئۆسۈم يىگەن ئادەملەر (قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن) جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ. ...
---
ۋە بەزى ھەدىسلەردە بۇنىڭغا ھەم ئىشارە باردۇر.
دېمەك جىن چېپىلىۋىش ،جىن چېپىلىۋالغاندىكى ھالەت راست ئىشتۇر.
ئەمما جىن بىلەن سۆزلىشىشنى نۇرغۇن ئالىملار (زامانىمىزدىكى دوكتۇر ئابدۇلئەزىزمۇ بار) راست ئىش دېگەن بولسىمۇ ،ھەم نۇرغۇن ئۈنئالغۇ ۋە سىنئالغۇ فىلىملەر بۇنى تەستىقلىغان بولسىمۇ ،ئەمما جىن بىلەن سۆزلىشىش ۋە ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە ئىشىنىش - ئېغىر خاتالىقتۇر.
چۈنكى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ بۇنداق قىلمىغان .ساھابىلەر ،تائىبىنلەر دەۋىردە ھەم بۇنداق بىر رىۋايەت كۆرۈلمىگەن.
سەھىھ ھەدىسلەردە زىكرى قىلىنىشىچە:
تۇتقاقلىقى بار بىر ئايال پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ ،ئۆزىنىڭ تۇتقاقلىقى بارلىقىنى ۋە ھەر قېتىم تۇتقاندا ئەۋەرتلىرىنىڭ ئېچىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا ،پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:
خالىساڭ سەن ئۈچۈن دۇئا قىلاي ،ئاللاھ شىپاتلىق بەرسۇن ،خالىساڭ سەۋرى قىل ،ئاللاھ جەننەتنى بەرسۇن (ئاساسى مەزمۇنى مۇشۇنداق).
ئايال ئويلىنىپ ،ئۇنداقتا سەۋرى قىلاي ،ئەمما مەن ئۈچۈن دۇئا قىلساڭ، تۇتقاقلىقىم تۇتقاندا ئەۋرەتلىرىم ئېچىلىپ قالمىسا دېگەن.
...
ئۇستاز ئىبنى تەيمىييەغۇ دەيمەن. بۇ ھەدىسنىڭ بارلىق رىۋايەت شەكىللىرىنى تەتقىق قىلىپ ،دەل بۇ ئايالنىڭ جىن چېپىلىپ قالغان ئايال ئىكەنلىكىنى ئېيتقان .
دېمەك ،پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئەينى چاغدا ھېچبىر بۇ تائىپە بىلەن سۆزلىشىشنى تاللىمىغان .
ئەمدى تەھلىل قىلىپ باقايلى:
بىر نەرسىگە ئىشىنىشنىڭ لوگىكىلىق ئاساسى قانچە خىل بولىدۇ؟
جىننىڭ بارلىقى ھەقتۇر ،بۇ ھەم ئىماننىڭ بىر قىسمى .ئەمما جىن دېگەن گەپلەرگە ئىشىنىشكە نېمە ئاساسىمىز بار؟ بىز ھەم ئۇنداق گەپلەرگە ئىشىنىشكە بۇيرۇلغانمۇ؟ نۇرغۇن ئالىملارنىڭ يازمىللىرىدىن ، ھەدىسلەردىن شەخسەن پېقىرنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلاردىن شۇ نەرسە ئايان بولدىكى : ئىنسان بىلەن سۆزلەشكەن (مەنمۇ سۆزلىشىپ باققان) جىنلار شۇ قەدەر يالغانچى ،ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان كېلىدىكەن. ئۇلار ئامال بار سىز بىلەن سۆزلىشىپ ئىماندا سىزنى تېيىلدۇرۇشنى ئويلايدىكەن ،گەرچە شۇنچە سەزگۈر بولسىڭىزمۇ؟
ئەمەلىيەتتە سىز سۆزلەشكەن زامات ،سۆزلىرىگە ئىشەنگەن بىرىنجى قەدىمىڭىزدىلا ئاز تولا تېيىلىپ بولغان بولىدىكەنسىز، مەيلى ئۇ نېمە دېسۇن؟
چۈنكى ئىش ھەرىكەتلىرىدىن ، ئۇ ئېيتقان غايىپتىن بىخەۋەر بىر مۆئمىننىڭ ئۇنىڭ گەپلىرىنى ھە مانداقكەن دەپ تەستىقلىشىغا نېمە ئاساسى بولسۇن ...؟
تورداشلاردىن ، بۇنداق ئىشلاردا سەزگۈر بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. كېيىنكى بايانلىرىمىز ،ئىنشائاللاھ يەنە داۋاملاشقاي!

0

تېما

0

دوست

878

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   75.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5582
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 205
تۆھپە : 129
توردىكى ۋاقتى: 303
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 14:54:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
             تولىمۇ  ئەھمىيەتلىك قۇرلار بولۇپتۇ،   رەھمەت سىزگە                                                                                                                                        ئادەمنىڭ جىن بىلەن سۆزلىشىشىنى مۇمكىن ئەمەس دەپسىز ،        مېنىڭمۇ بېشىمدىن مۇشۇنداق ئىش ئۆتكەن دەپسىز ،      مەن چۈشىنەلنىدىم ،            ئېغىىر كۆرمەي مۇشۇ  قۇرلارنى يەنىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن؟!        رەھمەت!!!

0

تېما

0

دوست

367

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   33.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5772
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 74
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 16:14:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى jenibakدە2012-02-07 14:54يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
             تولىمۇ  ئەھمىيەتلىك قۇرلار بولۇپتۇ،   رەھمەت سىزگە                                                                                                                                        ئادەمنىڭ جىن بىلەن سۆزلىشىشىنى مۇمكىن ئەمەس دەپسىز ،        مېنىڭمۇ بېشىمدىن مۇشۇنداق ئىش ئۆتكەن دەپسىز ،      مەن چۈشىنەلنىدىم ،            ئېغىىر كۆرمەي مۇشۇ  قۇرلارنى يەنىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن؟!        رەھمەت!!!  

ئادەمنىڭ جىن بىلەن سۆزلىشىشىنى ئىنكار قىلغىنىم يوق ،مەن  پەقەت جىن بىلەن سۆزلەشمەسلىك كېرەك ۋە ئۇ دېگەن گەپكە ئىشەنمەسلىك كېرەك ! دېمەكچى . 
ئەمىسە قانداق ئۇسۇللار بىلەن جىن سوقۇۋەتكەن كىشىلەرگە ياردەم بېرىش كېرەك!
1. ئاللاھقا يىغلاپ ،يېلىنىپ دۇئا قىلىش.
2. جىن سوقۇۋەتكەن كىشىلەرنى ئىمكانقەدەر ئوبدان غىزالاندۇرۇش ، ئىمكانقەدەر كۆپرەك ،تىنىچ ئازادەمۇھىتتا  ئۇخلىتىپ دەم ئالدۇرۇش.
3. جىن سوقۇۋەتكەن كىشىلەر ساق ۋاقتىدا يەنە تېخى تۇتمىغان ياكى جىن ھوجۇم قىلمىغان چاغدا ،ئۇلارغا مەنىۋى تەربىيەنى بولۇپمۇ ئاللاھقا بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتىش ،تەۋھىد ئەقىدىسىنى چوڭقۇر سىڭدۈرۈش .
4. جىن سوقۇۋەتكەن كىشىنى ئىمكان بار مۇكەممەل شەرىئەت ئاساسىدا كېيىندۈرۈش.
5. ئۇلارنى سۈننەت بويىچە غۇسلە قىلدۇرۇش، داۋاملىق تاھارەت بىلەن يۈرۈشكە بۇيرۇش.
6. ئۇلارنى ھېچقانداق ۋاقتتا يالغۇز قويماسلىق ، قاراڭغۇ جايلاردا قويماسلىق ،كېچىلەر ياتقاندىمۇ چىراغنى يېقىپ ياتقۇزۇش.
7.ئۇلارنى قۇرئاننى داۋاملىق ئاڭلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش ياكى ئۆيلەردە داۋاملىق قۇرئان دەيلىرىنى قويۇپ بېرىش...
8. يېمەكلىكنىڭ ھالال پاكىز بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش.
9. جىن ھۇجۇم قىلغان ۋاقتتا - قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇش ،بولۇپمۇ ئايىتەل كۇرسى ،فەلەق ناس ،فاتىھە قاتارلىقلارنى چىن دىلىدىن ئوقۇش.
...ۋەھەكازالار...

دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ،ئالدام خالتىغا چۈشمەسلىككە تېگىشلىك مۇھىم ئىش:
1. قۇرئان ئوقۇلغان ،ئايەتلەر ئوقۇلغان زامات ياكى بىمارنىڭ كۆز قارچۇقلىرى تارتىشىپ ، بىمارنىڭ بايانىدا ياكى بىمارنىڭ ئۆز ئاغزى بىلەن جىن سۆزلىشى مۈمكىن. بۇ ھالدا ئۇنىڭ پاراڭلىرىنى ھېچبىر پىسەنتكە ئالماسلىق ،ئۇنىڭ ۋەسۋەسىلىرىنى نەزەرگەئىلماسلىق كېرەك.ئادەتتە چاپلىشىۋالغان جىنلار ئامال بەر ئۇششاق گەپ قىلىپ ،ۋاقتنى كەينىگە سوزۇپ ،ئۇزاق پاراڭلىشىشنى ئىستەيدىكەن ۋە پاراڭلىرى ئارىسىدا شەرىئەتكە خىلاپ تەكلىپلەرنى قويىدىكەن ۋە ئىمانغا دەز كەتكۈزىدىغان بەزى تەلەپلەرنى دەپ ، شۇ تەلەپلەر ئورۇنلانغاندا ،ئاندىن ئۆزىنىڭ زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدىكەن. ھالبۇكى بۇلارنىڭ ھەممىسى بىرقىلتاق .
ھەقىقى بىر مۇسۇلمان جىن ھەرگىزمۇ بىراۋغا ئۇنچىلىك دەرىجىدە زىيان يەتكۈزمەيدۇ چۈنكى مۇسۇلمان ئاللاھتىن قۇرققۇچىدۇر .ئادەتتە چېپىلغاننىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇشرىك ،بىدئەتچى ياكى كافىر جىن بولىشى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن . ھەتتا ئۇلار ئۆزىنى مۇسۇلمان دېگەن تەقدىردىمۇ ئۇلار بىلەن زىنھار پاراڭلاشماسلىق كېرەك. چۈنكى ئىنسان يارالغان بىز - ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئىسپاتلاشقا ئامالسىز . ئۇلارنى كۆرەلمەيدىغان ،ئۇلار ھەققىدە تۈزۈك مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس بىزلەر ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىشىنىشكە تېىخىمۇ ئامالسىز .قۇرئان ۋە ھەدىسمۇ بىزنى ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىشقا ياكى ئۇلار گەپ قىلسا ئىشىنىشكە بۇيرۇمىغان .بۇ پاراڭلىشىش ھالبۇكى ئىنتايىن خەتەرلىك ئىشتۇر. بىزمۇ ئەينى چاغدا (ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن!) 4سائەتتىن ئارتۇق پاراڭلاشقان . ئۇ بەزى يولسىز ،بولمىغۇر ،شەرىئەتكە زىت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان - ئەمما بىز كەسكىن رەت قىلغان ، تەۋھىدتە مۇستەھكەم تۇرغان ،بارلىق تىلەكنى ئاللاھقا قىلىپ ،ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ دۇئا قىلغان بولساقمۇ ،كېين سەزگۈرلۈك بىلەن ئويلىساق ،بەزى ئەسكەرتمىلەرگە دېققەت قىلساق ،ئەسلى پاراڭلاشقىنىمىزنىڭ ئۆزىلا خاتاكەنتۇق .چۈنكى پاراڭلىشىش قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ نۇرغۇن گەپلىرىگە قىسمەن ئىشىنىشنى تەلەپ قىلىدىكەن. شۇڭا مۆئمىن كىشى ھەرگىز بۇنداق بولمىغۇر ،بىدئەت ئىشلارغا يېقىن يولىماسلىق كېرەك .ئەينى ۋاقتتا شۇ سورۇندا يۇرتىمىزدىكى بارلىق مۆتىۋەر ئۆلىمالار ھەممىسى كەلگەن بولسىمۇ ،ئەمما ھېچكىممۇ پاراڭلىشىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى دەل ئېيتالمىغان. دېمەك گەرچە شۇ سورۇندا بىزدىن گەپ سۆزدە خاتالىق ئۆتمىگەن (ئاللاھدىن شۇنى تىلەيمەن ۋە خاتا گەپلەر ئۆتكەن بولسا كەچۈرىشىنى تىلەيمەن) بولسىمۇ ،ئەمما سۆزلىشىش دېمەك - ئېتراپ قىلماق دېمەك ،گەپ سۆزلىرىنى نەزەرگە ئىلماق دېمەك ئىدى...
زەن سېلىپ قارىسىڭىز،بۇ كىچىك ئىش ئەمەس. قېنى كىم ،قايسى ئالىم ياكى قايسى داموللا - ئۇلارنىڭ ھەربىر سۆزىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئېيتىيالايدۇ ياكى دەلىل كەلتۈرەلەيدۇ؟ ئۇلارغا ئىشەنمەي پاراڭلىشىمەن دېگۈچىلەر ئەمىلىيەتتە ئۆز گېپىنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر!...چۈنكى ئىشەنمىگەن كىشى بىلەن قانداق پاراڭلاشقىلى ،گەپلىرىنى تەستىقلىماسلىققا تېگىشلىك كىشىلەر بىلەن قانداق پاراڭلاشقىلى بولسۇن ؟
مەسلەن : جىن : مېنىڭ ئىسمىم ھەسەن ...دېسە،
پاراڭلاشقۇچى : ئۇنداقتا سەن مۇسۇلمانمۇ؟...دەپ سورىشى مۈمكىن.
جىن : ھەئە ،مەن مۇسۇلمان ...دەپ ئالدىسا،
پاراڭلاشقۇچى : بىر تالاي تەبلىغلەرنى قىلىپ ،سەن مۇسۇلمان تۇرۇپ ...نېمىشقا....دەپ بىر تالاي گەپلەرنى قىلىشى مۈمكىن.
--
خوش : ئاتالمىش جىننىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمىگۈچى ۋە تەستىقلىمىغۇچى قانداقسىگە قەدەممۇ قەدەم مۇنداق پاراڭلىشالىسۇن؟ چۈنكى ئىسمىنىڭ ھەسەن ئىكەنلىكىگە 10 پىرسەن بولسىمۇ ئىشەنمىگەن كىشى ئۇنىڭ ئېتىقادى ھەققىدە سورىمايدۇ . ئېتىقادى ھەققىدە ئىشەنمىگۈچى ،ئۇنىڭ "سەن مۇسۇلمان تۇرۇپ...."دەپ تەبلىغ باشلىمايدۇ .
مانا ئاتالمىش پاراڭلاشقۇچىلار - ئېغىر بىر خاتالىقنى سادىر قىلىدۇ دە...چوڭ بىدئەتتىن بىرنى بەرپا قىلىدۇ.
ئېھتىمال بۇ قىيامەتنىڭ پىتنىللىرىدىن بىرسى بولسا كېرەك! چۈنكى ئەڭ ئۇششاق ئىشلارمۇ يۈز بەرگەن پەيغەمبەر زامانىسىدا ،بۇنداق ئىش ھېچبىر يۈز بېرىىپ باقمىغان .مانا بۈگۈنكىدەك بۇزۇقچىلىق ئېغىرلاشقان دەۋىردە ،مانا ھېچقاچان ئاڭلاپ باقمىغان ئىشلار كۆز ئالدىمىزدىلا كۆرۈلمەكتە ۋە ھەتتا نۇرغۇن ئەھلى ئىلىملەرمۇ خاتالاشماقتا!

2. مەيلى نېمە كېتاب بولسۇن ،قۇرئان ھەدىستە كۆرسىتىلمىگەن ھېچقانداق بىر شەكىلنى قوللانماسلىق ،نەرسىلەرنى ئوقۇماسلىق كېرەك.

3. ئەگەر بىمارنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى قۇرئاننى تەجۋىدلىك ئوقالايدىغان ، سالىھ مۇسۇلمانلار بولسا - ھەدېسىلا قارى ،ئەھلى ئىلىملەرنى تەكلپ قىلىپ تۇرىۋالماسلىق كېرەك .ئېنىقكى ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرىسدا ھېچنىمە يوقتۇر ! ئىشىنىڭكى سىزنىڭمۇ دۇئايىڭىز ئەڭ تورلۇق ،ئىخلاسىڭىز بولسىلا ئەڭ ئۆتكۈردۇر .ئىمكان بار دۇئا قۇبۇل بولىدىغان پەرز نامازلارنىڭ كەينىدە، يېىرم كېچىلەردە تۇرۇپ دۇئا قىلىڭ ،ئاللاھقا يېلىنىپ زارۇ تەزەررۇ ئەيلەڭ . جىنمۇ بىزگە ئوخشاش بىر مەخلۇق ، ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ئۇ ئىنساننى نېمە قىلالىسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگەئىنسان ئۇلاردىن ئەزىز يارىتىلغان تۇرسا؟>>>.

....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )