قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1413|ئىنكاس: 5

جاڭ رېنلياڭنىڭ قايتا سايلىنىشى__مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

51

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 554
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 3031
تۆھپە : 2094
توردىكى ۋاقتى: 1828
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 18:38:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     شاڭخەي«15-نويابىر» چوڭ ئوت ئاپىتى سەۋەبلىك مەمۇرىي ۋەزىپىسى، پارتىيە ئىچى ۋەزىپىسى ئېلىنىپ تاشلانغان شاڭخەي جىڭئەن رايونلۇق پارتىكۇم مۇئاۋىن شۇجىسى، رايون باشلىقى جاڭ رېنلياڭ، 2011-يىلى 11-ئايدا شاڭخەي شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق شىتابىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى،2012-يىلى1-ئايدا قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىكوم مۇئاۋىن شۇجىلىقى، شاڭخەي شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق شىتابىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى.
جاڭ رېنلياڭ ھەرگىزمۇ تۇنجى قايتا ۋەزىپىگە قويۇلغان ئەمەلدار ئەمەس
     جاڭ رېنلياڭنىڭ بۇ قېتىمقى قايتا سەھنىگە چىقىشى ئىلگىرىكى ۋەزىپىسىدىن ئۈزۈل-كېسىل قالدۇرۇلۇشنى ئۆتمۈشكە ئايلاندۇردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمەلدارلارنىڭ ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلۇشى سىياسىي كۆز بويامچىلىققا ئايلىنىپ قالدى. مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئاۋام خەلقنىڭ غەزىپىنى بېسىشنىڭ قورالى بولۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە، جاڭ رىنلياڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، قايتا سەھنىگە چىققان تۇنجى ئەمەلدار ئەمەس. 2008-يىلى 12-ئايدا، چىتەيخې شەھەرلىك يېڭى تەرەققىيات رايونلۇق پارتىكوم شۇجىسى، رايون باشلىقى ليۇلى بىر قېتىملىق كۆمۈر كان ۋەقەسىدىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى. كېيىنكى يىلى 2-ئايدا ليۇلى چىتەيخې شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ پارتىكوم شۇجىلىقى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ھەم شەھەرلىك ھۆكۆمەت قۇرۇلۇش باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى.2008-يىلى9-ئاينىڭ22-كۈنى، دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى لى چاڭجياڭ «ئۈچ بۇغا» سۈت پاراشۇكى ۋەقەسى سەۋەبلىك سەۋەنلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئىستىپا بەردى. 2009-يىلى 12-ئايدا، ئاخبارات ۋاستىلىرى لى چاڭجياڭنىڭ دۆلەتلىك «ساختىلىققا زەربە بېرىپ، سېرىق تازىلاش» خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كەسپىي مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى ئاشكارلىرى.
     ئوخشاش «ئۈچ بۇغا» سۈت پاراشۇكى ۋەقەسىدە ۋەزىپىسىدە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان شىجياجۇاڭ شەھەرلىك پارتىكۇم شۇجىسى ۋۇشيەن،2011-يىلى خېبېي پارتىيە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا چىقتى؛ 2009-يىلى6-ئايدا، مۇخبىر جېنجۇ شەھەرلىك پىلان تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لۇجۈندىن ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ ئېچىش سودىگەرلىرى تەرىپىدىن داچا رايونى قىلىپ قۇرۇلۇش قىلغانلىقى توغرىسىدا سوئال سورىغاندا، لۇجۈن «سىز پارتىيە ئۈچۈن سۆزلىمەكچىمۇ ياكى ئامما ئۈچۈنمۇ؟» دىگەن. كەينىدىنلا جىنجۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۆمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پىلان تەرەققىيات ئىدارىسى مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لۇجۈننىڭ خىزمەتتىن توختۇتۇلۇپ، چوڭقۇر ئويلىنىش، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا بۇيرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 2011-يىلى1-ئايدا ئاخبارات ۋاستىلىرى لۇجۈننىڭ 2010-يىلى3-ئايدا ئەسلىدىكى ئىدارە ئەسلىدىكى ۋەزىپىسىگە قايتا قويۇلغانلىقى ۋە قوشۇمچە ئارقا سەپ خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىنغانلىقىنى ئاشكارلىدى، قاتارلىق. كەينى-كەينىدىن ئەمەلدارلارنىڭ قايتا سەھنىگە چىقىشى ئاۋام خەلقنىڭ مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيتى نىمە دەپ گۇمانلىنىشقا مەجبۇر قىلماقتا. ئەمەلدارلارنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى سىياسىي كۆز بويامچىلىقمۇ؟
ئەمەلدارلارنىڭ مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى
       مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرى دۆلىتىمىز ئەمەلدارلار مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى، 10يىللىق تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە دۆلىتىمىزنىڭ مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى قېلىپلىشىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئەمەلدارلارنىڭ قايتا سەھنىگە چىقىشىمۇ يۈزلىنىشكە تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى. مەسىلىسى بار ئەمەلدارلارنىڭ قايتا سەھنىگە چىقىشىغا نىسبەتەن قانداق قىلغاندا ھەم قانۇن-تۈزۈم ئاساسىغا ئىگە ھەم قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش ئۈنۈمىگە ئېرىشىپ، مەسىلىسى بار ئەمەلدارلانىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنى ئوچۇق-ئاشكارا قىلغىلى بولىدۇ؟ مانا بۇ جۇڭگو بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر باسقۇچ. گەرچە بۇ يول جاپا-مۇشەققەتلىك بولسىمۇ ماڭمىساق بولمايدۇ!
       بەزى تەھلىللەرگە ئاساسلانغاندا، 2003-يىلى جۇڭگو ئەمەلدارلىرى مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بېرى، نۇرغۇن ئەمەلدارلار سەۋەنلىكىنى تونۇپ ئىستىپا بەرگەن ياكى مەمۇرىي جەھەتتىن مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنغان. مەمۇرىي جەھەتتىن مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئارقىلىق ئەمەلدارلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى، قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرگىلى، زىممىسىدىك يۈكنى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ،  بۇنىڭ بىلەن ھۆكۆمەتنىڭ ئىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، يوقۇرى قاتلامنى رەتلەپ تۈزەش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ. لېكىن ئەمەلىي ئەھۋالدىن قارايدىغان بولساق، مەمۇرى جەھەتتىن مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈشتەك تۈزۈملەشكەن ئاگاھلاندۇرۇش ۋاستىسى، ئىسمى بار جىسمى يوق ئىقتىدارغا ئايلىنىپ قالدى، بارغانسېرى تۈزۈم جەھەتتىكى ئاجىزلىقنى ئاشىكارلاشقا باشلىدى ــــ مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈلىشى كېرەكمۇ يوق، قانداق سۈرۈشتۈرىمىز، بۇيەردە تۈزۈمنىڭ دىگىنى ھېساب ئەمەس يەرلىك ھوقوقدارلارنىڭ ئىرادىسى بەلگىلەش كۈچىگە ئىگە، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىش ھەتتا «ئاممىنىڭ غەزىپىنى بېسىش» قورالىغا ئايلىنىپ قالدى. ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ئەمەلدارلار ئۇياقتىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، بۇياقتىن ۋەزىپىگە تەيىنلەندى، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان مەزگىلدىمۇ خېلى داغدۇغۇسى بار ئەمەلدارلارنىڭ قايتا سايلىنىشى جىمجىتلا ئەمەلىيلەشتى، تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىغىنى ھەم دىققەت قىلىنغان قايتاسەھنىگە چىققانلار ناھايىتى ئاز ساندا، كۆپىنچىسى ئاللىبۇرۇن ھەشەمەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى تاماملاپ بولدى.
        مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش ھەرگىزمۇ بىر توقماق بىلەنلا جېنىنى ئېلىش ئەمەس، ئەمەلدارلارغا قەتئىي پۇرسەت بەرمەسلىكمۇ ئەمەس. لېكىن ھازىرقى مەسىلە نۇرغۇن مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش، قايتا تەيىنلىنىش ئىشلىرىدا بىر تەرەپ قىلىش ئادىل بولماسلىق، جەريان ئاشكارە بولماسلىق، نەتىجە ئېلان قىلىنماسلىق، ئالاھىدە سىرلىق تۈس بېرىپ خۇددى ئاۋام بىلەن مۆكۈشمەك ئويناۋاتقاندەك ھالەتنىڭ شەكىللىنىشى. بۇنداق ئىنسى-جىنغا تۇيدۇرۇلمىغان مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش، قايتا تەيىنلەشلەر تەبئىيلا ئاۋامنىڭ رازىلىقىدىن ئۆتمەيدۇ؛ بۇنداق يەڭ سودىلىرىنىڭ كىشىلەرگە قالدۇرىدىغىنى پەقەتلا تېخىمۇ كۆپ پەرەز ۋە تەسەۋۋۇر بوشلۇقى خالاس. ئاۋامنىڭ چىن كۆڭلىدىن قايىل بولۇشى، ھەقىقىي تۈردە خاتالىقنى تۈزىتىش سەمىمىيتىنى ھېس قىلىشى ئۈچۈن، چوقۇم خاتالىقىنى تۈزىتىش جەريانىنى ئوچۇق ئاشكارلىشى، ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋامنىڭ ئەيىبلىشى ۋە نازارەت قىلىشىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.
مەسىلىسى بار ئەمەلدارلارنىڭ قايتا تەيىنلىنىش تەرتىپى
       مەسىلىسى بار ئەمەلدارلارنى قايتا ۋەزىپىگە تەيىنلەش قوبۇل قىلغۇسىز ئىش ئەمەس، بىر كادىرنى يىتىشتۈرۈپ چىقىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى «مەسىلىسى بار ئەمەلدارلار» بىر تەرەپ قىلىشنى قوبۇل قىلغاندا،ھەقىقەتەنمۇ «تۇتامغا چىقمايدىغان ئىشلار» بىلەن قۇربانلىق بولۇپ كەتكەن. ئەمما مەسىلىسى بار ئەمەلدارلارنىڭ %100 قايتا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلىشى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئادىتىگە ۋە جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كەلمەيدۇ. مەسىلىسى بار ئەمەلدارلارنىڭ قايتا ۋەزىپىگە تەيىنلىشىگە نىسبەتەن چوقۇم بىر چۈشەندۈرۈش بولىشى كېرەك، شۇندىلا پارتىيە، ھۆكۆمەت كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشەلەيدۇ، مەسىلىسى بار ئەمەلدارلارمۇ قايتا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن دادىل ئىشلىيەلەيدۇ. مۇتەخخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىر يۈرگۈزىلىۋاتقان قانۇندا ئەمەلدارلارنىڭ قايتا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش شەرتى ۋە تەرتىپى ھەققىدە ھېچقانداق ئىزاھات يوقكەن. بۇ ھال ئۇزۇندىن بېرى ئەمەلدارلارنىڭ قايتا تەيىنلىنىشىگە نىسبەتەن جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۇمانىنى قوزغاپ كەلمەكتە ھەم  مۇناسىۋەتلىك تۈزۈملەرنىڭ تولۇقلىنىشى ئۇزۇندىن بېرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلدى، دۆلەت بۇ جەھەتتە قانۇن ئورنىتىشنى مۇزاكىرە قىلىپ بېقىشى كېرەك.
      نۆۋەتتە، مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلۈپ ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلغان ئەمەلدارلانىڭ قايتا تەيىنلىنىشى ھەققىدە ئېنىق قانۇن تۈزۈم يوق. 2009-يىلى مەركەز بەنگۇڭتىڭى، دۆلەت ئىشلىرى بەنگۇڭتىڭى ئېلان قىلغان «پارتىيە ھۆكۆمەت كادىرلار مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ۋاقىتلىق تۈزۈمى»دە، سەۋەنلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئىستىپا بەرگەن، بۇيرۇق بىلەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان پارتىيە ھۆكۆمەت كادىرلىرى، بىر يىل ئىچىدە ئەسلىدىكى ۋەزىپىسى بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى كادىرلىق ۋەزىپىلىرىگە تەيىنلىنىشكە بولمايدۇ. بىر يىلدىن كېيىن ئەگەر ئەسلىدىكى ۋەزىپىسى بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشتە، كادىرلار باشقۇرۇش نىزامى بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىن ئۆتۈشى ھەم بىر دەرىجە يوقىرى پارتىكوم تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىش كېرەك،دەپ كۆرسىتىلگەن.
     جاڭ رېنلياڭنىڭ قايتا سەھنىگە چىقىشى يەنە بىر قېتىم ئاۋامنىڭ دىققىتىنى تارتتى. تۈزۈمنىڭ نوپۇزىغا ۋە كەسكىنلىكىگە رىقابەت ئېلان قىلدى. بۇنداق قايتا سەھنىگە چىقىش ئاۋامنىڭ ئەمەلدارلانىڭ قايتا سايلىنىشى سىياسىي كۆز بويامچىلىق دىگەن كۆزقارىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىگە بولغان گۇمانىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. ئەمەلدارلارنىڭ قايتا سايلىنىشى چوقۇم ئوچۇق-ئاشكارە، ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىشى كېرەك.


مەنبە:تەرجىمە

http://house.shangdu.com/shrd/22551.html

0

تېما

0

دوست

2513

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5696
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 608
تۆھپە : 357
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 19:55:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاڭخەي«15-نويابىر» چوڭ ئوت ئاپىتى سەۋەبلىك مەمۇرىي ۋەزىپىسى، پارتىيە ئىچى ۋەزىپىسى ئېلىنىپ تاشلانغان شاڭخەي جىڭئەن رايونلۇق پارتىكۇم مۇئاۋىن شۇجىسى، رايون باشلىقى جاڭ رېنلياڭ،. 2011-يىلى 11-ئايدا شاڭخەي شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق شىتابىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى،
    بۇ نىمە گەپ بولۇپ كەتتى ئەمدى،

http://www.kuznak.com
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12044
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 20:38:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەردىمۇ بىر جىڭئەن ئاھالە رايۇنى بار ئىدى ، بىلىشمچە

2

تېما

4

دوست

7443

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3054
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1131
تۆھپە : 1525
توردىكى ۋاقتى: 448
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 13:24:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپيۈن كۆيدۈرۈش ھەركىتىنىڭ سەركىسى لىن زېشۈ غەرىپكە سۈرگۈن قىلىنغاندا ئىلىدا مەنسەپ تۇتقان ئىكەن.
جاڭ رېنلياڭ ئەپەندىم قەشقەردە ئەمەلدار بولسا نىمە بوپتۇ؟ بۇ ھەيران قالىدىغان ئىش ئەمەس. ئۇ  كىشى تېگىدىن غەربى رايۇن ئېھتىياجلىق بولغان ئىختىساسلىق خادىم ئەمەسمۇ؟ جاڭ ئەپەندىم، بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ باغرى كەڭ، مىڭلىغان جىنايەتچىلەر بۇ يەردە ئۆزگىرىپ يېڭى ئادەملەرگە ئايلانغان، سىزنىڭمۇ ياخشى بولغان ئىدىيە، ئىستىل ئۆزگىرىشىنى تاماملاپ، قەشقەردە يەۋاتقان ئاش-نانغا چۈشلۇق ئىش قىلىپ بېرىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.

ئەمەلدارنى ئەمەلدار تەيىنلەيدىغان تۇرسا، <خەلق خوجايىن> ئىكەنلىكىكە ئىشەندۈرۈش قىيىن بولغان كونكىرت مەسىلىلەردە يوشۇرماي قانداق قىلغۇلۇق ئەمدى، چۈشەنچە بەرمەك شۇنچە ئاسانمۇ؟

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12044
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 13:48:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى parangqiدە2012-02-11 13:24يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەپيۈن كۆيدۈرۈش ھەركىتىنىڭ سەركىسى لىن زېشۈ غەرىپكە سۈرگۈن قىلىنغاندا ئىلىدا مەنسەپ تۇتقان ئىكەن.
جاڭ رېنلياڭ ئەپەندىم قەشقەردە ئەمەلدار بولسا نىمە بوپتۇ؟ بۇ ھەيران قالىدىغان ئىش ئەمەس. ئۇ  كىشى تېگىدىن غەربى رايۇن ئېھتىياجلىق بولغان ئىختىساسلىق خادىم ئەمەسمۇ؟ جاڭ ئەپەندىم، بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ باغرى كەڭ، مىڭلىغان جىنايەتچىلەر بۇ يەردە ئۆزگىرىپ يېڭى ئادەملەرگە ئايلانغان، سىزنىڭمۇ ياخشى بولغان ئىدىيە، ئىستىل ئۆزگىرىشىنى تاماملاپ، قەشقەردە يەۋاتقان ئاش-نانغا چۈشلۇق ئىش قىلىپ بېرىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.

ئەمەلدارنى ئەمەلدار تەيىنلەيدىغان تۇرسا، <خەلق خوجايىن> ئىكەنلىكىكە ئىشەندۈرۈش قىيىن بولغان كونكىرت مەسىلىلەردە يوشۇرماي قانداق قىلغۇلۇق ئەمدى، چۈشەنچە بەرمەك شۇنچە ئاسانمۇ؟  
 
،شىنجاڭدا ئىككى قولى قىپقىزىل قانغا بويالغان شىڭشىسەينى ئاپىرىپ دىقانچىلىق ئورمانچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى قىلغان ئىشلارمۇ بولغان ما تارىخ دىگەندە

2

تېما

4

دوست

7443

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3054
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1131
تۆھپە : 1525
توردىكى ۋاقتى: 448
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 16:31:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز مانا مۇشۇنداق ئۇنى-بۇنى دەپ قويۇشتىن باشقىغا ئىجازەتسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )