- تىزىملاتقان
- 2011-2-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 819
- نادىر
- 0
- يازما
- 25
ئۆسۈش
  63.8%
|
ياشاش بىر خىل بەخىت .ياشاشتىن ئىبارەت بۇ ھوقۇقنى ھاياتىڭىزدىكى ئازاب -ئوقۇبەتلەرگە تاشلاپ بەرمەڭ .
-ئاندوىرۋ كارنىگ
ياشاش بىر خىل بەخىت .ياۋا ئوت -چۆپلەر قويۇق ئۆسكەن قەبرىستانلىقتا قەبرە ئىچىدە خاتىرجەم ئۇيقۇغا كەتكەنلەرگە قارىساق ،تىپتىنىچ ۋە قايغۇلۇق مۇھىت قەلبىمىزدە سېلكىنىش ،مۇڭ ،ئەسلىمە ۋە ئازاپ پەيدا قىلىدۇ .چۈنكى ،بىزدە ياشاش ،ھېسىيات ۋە پىكىر قىلىش ئمكانىيتى بار .قازا قىلغانلار مەڭگۈ بۇ بەختتىن بەھرىمان بولالمايدۇ.بىز ھەقىقەتەن بەختلىك .بىز ئۆلۈمدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇشقا ئامالسىز بولساقمۇ ،لېكىن بۇ بەخت بىزگە ھەر ۋاقىت ھايات مېھرىنى ھېس قىلىدۇرۇدۇ .
ئەمەليەتتە ،ياشاشمۇ بىر خىل بەخىت .ھاياتلىق پەيدا بولغان ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپلا بىز ھايات -ماماتلىق كۈرىشى قىلىمىز .ھايات بىلەن مامات قاش بىلەن كىرپىك ئارلىقىدا بولىدۇ .كۆپۈنچە ھاللاردا كىشلەرنىڭ ھايات شامى ئاسانلا ئۆچۈپ قالىدۇ .ئاشۇ ھايات شامى بىزنى ئۆزىنىڭ ئەقلى ۋە ئىقتىدارى ھەققىدە ئەسلىمىگە سالغاندىن سىرىت ،يەنە تېخمۇ كۆپ ھەسرەتلەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ .ئۇلار ھەر قانچە ئېسىل ياشىغان بولسىمۇ بىراق مەڭگۈ بىز بىلەن رىقابەتلىشىشكە ئامالسىز .تۈنۈگۈن بىز ئۇلارنى كۆرگەن بولساق ،بۈگۈن ئۇلار ئەسلىمىسىنى بىزگە قالدۇرۇپ كىتىپ قالدى .ئۆلۈپ كېتىش بەزىدە شۇنداق ئاسان بولۇپ ،بۇنىڭغا پەقەت بىز نەچچە دەقىقىلا يىتىدۇ .مەسلەن ،ئاپەت يۈز بەرگەندە گەرچە بىز بىر ئۆمۈر ھايات -مامات ئارسىدا كۈرەش قىلغان بولساقمۇ ،لېكىن بۇ كۈرىشىمىز بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا بەربات بولىدۇ .ھايات تەسىراتىمىز ئەنە شۇنداق ھايات -مامات تەجرىبىسىگە ئىگە ئادەملەر ئارقىلىق چوڭقۇرلىشىدۇ .
ناۋادا بىز مۇشۇنداق ئويلىيالىساق ،ھاياتنىڭ ھەقىقەتەن گۈزەل ،ياشاشنىڭ بەخت ئىكەنلىكىنى چۈشنەلەيمىز ،ھاياتتىكى ھەر بىر مىنۇتنى ئۆتكۈزۈشنىڭمۇ ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلالايمىز .ئەمەليەتتىمۇ ھاياتتكى ھەر دەقىقە ناھايتى قىممەتلىك .چۈنكى ،ھايات سەپىرىمىزدە سانسىز قېتىم كېسەللىك ۋە ئاپەتلەر ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ ،ھەر بىر مىنۇتنى <كۈتۈلمىگەن بالا-قازا >لاردىن ساقلاپ ،تىنىچ ،ساغلام ۋە بەخىتلىك ياشاش ئاسان ئەمەس .بىز كۆپۈنچە ھاللاردا ھايات نۇرىمىز ئاجىزلاشقاندا ئاندىن ياشاشتىن ئىبارەت بۇ بەختنى تونۇپ يېتىمىز .
مەنبە :شىنجاڭ ئاياللىرىدىن ئېلىندى . |
-
-
|