- تىزىملاتقان
- 2011-2-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 819
- نادىر
- 0
- يازما
- 25
ئۆسۈش
63.8%
|
1. ماتېرىيالى:خام زەنجىۋىلدىن 15گىرام ،غولپىيازدىن ئالتە تال ،تۇرۇپتىن بىر تال
تەييارلاش ئۇسۇلى :ئالدى بىلەن تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ ،يالپاقلاپ توغراپ ،300 مىللىلىتىر سۇغا سېلىپ سۈيى 200مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىپ ،ئاندىن خام زەنجىۋىل بىلەن غوپىيازنى پاكىز يۇيۇپ ،ئۇششاق چاناپ سېلىپ ،سۈيى 100مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىمىز .
شىپالىق رولى :ئۆپكە خىزمىتىنى ياخشىلاپ ،زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
ئىچىش ئۇسۇلى :سۈيىنى ئىچىپ تۇرۇپىنى يېسە بولىدۇ .
يەنە بىر خىل ئۇسۇل .
2.تەييارلاش ئۇسۇلى :يېسۋىلەك غولى بىلەن خام زەنجىۋىلنى پاكىز يۇيۇپ ،توغراپ ،قاينىتىپ پىسەپلىرنى سۈزىۋېتىپ ،قارا شېكەر بىلەن قوشۇپ تەييارلايمىز .
شىپالىق رولى :زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
ئېچىش ئۇسۇلى :قىزىق پېتچە ئىچىلىدۇ .
3. ماتىريالى :غولپىيازدىن تۆت تال ،زەنجىۋىلدىن ئىككى پارچە
تەييارلاش ئۇسۇلى: غولپىيازنىڭ ئېقىنى زەنجىۋىل بىلەن قاينىتىپ ،پىسەپلىرنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلايمىز .
شىپالىق رولى :سۇغۇقتىن بولغان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
4. ماتىريالى :كۈدە يىلتىزىدىن 60 گىرام مۇۋاپىق سۇ .
تەييارلاش ئۇسۇلى:كۈدە يىلتىزىنى پاكىز يۇيۇپ ،چىلاشقۇدەك سۇدا قاينىتىپ ،سىقىپ ،پىسەپلىرىنى سۈزىۋېتىپ تەييارلايمىز .
شىپالىق رولى :قىزىتما قايتۇرىدۇ ،ماغدۇرسزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ .
ئىچىش ئۇسۇلى :ئىككىگە بۆلۈپ ،ئەتتىگەن -كەچتە ئىچىلىدۇ.
مەنبە :شىنجاڭ ئاياللىرى |
-
|