ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇب بۇرجىكىدە پامپىي(庞贝Pompeii) دەپ ئاتىلىدىغان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر قەدىمىي شەھەر بار. ئۇ ئەسلىدە قەدىمكى رىم ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ جەننىتى بولۇپ، 25مىڭ ئاھالىسى بار، مەنزىرىسى گۈزەل بىر ئاۋات شەھەر ئىدى.
لېكىن بۇ ئاۋات شەھەر بىر كىچىدىلا يەر يۈزىدىن يوقۇلۇپ1800يىلدىن كىيىن يەنە قايتا جاھانغا نامايەن بولغان.
1748-يىلى ئەتىياز، بىر دېھقان ئۆز ئۈزۈملىكىدە يەر كولاۋېتىپ تاساددىپىي بىر تۆمۈر ساندۇقنى بايقاپ قالغان، ساندۇقنى ئېچىپ ھەيران قالغان دېھقان خەۋەرنى بىردەمدىلا ھەريان يەتكۈزۈپ، توپ-توپ ئارخىلوگلار، كىپەن ئوغرىلىرى كېلىپ بۇكىچىك بازار قىزىپ كەتكەن. ساندۇقتىن چىققان ئېرىپ كەتكەن ئالتۇن-كۆمۈش زىبۇزىننەت بويۇملىرى ۋە قەدىمكى مىتال پۇلنى كۆرۈپلا كىشىلەر دەرھال پامپىي شەھىرىنىڭ يوقۇلىشىغا ئائىت رىۋايەتلەرنى ئەسكە ئېلىشقانىدى. ئىتالىيە ھۆكۆمىتى1876-يىلى پامپىي قەدىمىي شەھىرىگە بولغان قېزىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىدى. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ قەدىمىي شەھەر كىشىلەرنىڭ كۆزئالدىدا نامايەن بولدى.
مىلادىدىن ئىلگىرى10-ئەسىرلەردە پامپىي پەقەت بىر كىچىك قەبىلە بولۇپ، كىشىلەر دېھقانچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن جان كەچۈرەتتى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى6- ئەسىردە گرىتسىيلىكلەر بۇ رايوننى ئىشخالىيەت قىلغان، ھەمدە دېڭىز سودا لىنىيسى ئۈستىدىكى مۇھىم ئورۇنغا ئايلانغان. كىيىن پامپىي قەدىمكى رىمنىڭ كۈچلۈك ھەربىي تەھتىتىگە باش ئېگىپ رىمنىڭ ئاۋات شەھىرىگە ئايلانغان.
پامپىي شەھىرى چاسا شەكىللىك، كۆلىمى1.5كۋاردرات كىلومېتىر بولۇپ، شەھەرنى شەھەر سېپىلى قورشاپ تۇرىدۇ، تۆت تەرەپكە قوۋۇق ئېچىلغان. شەھەر ئىچى رەت-رەت كوچىلار، يول يۈزىگە تاش پارچىلىرى يېيتىلغان. ئاساسىي كوچىنڭ كەڭلىكى10 مېتىر ئىككى چىتى پىيادىلەر يولى، ئوتتۇرى ھارۋا يولى بولۇپ تاش تاختا يېيتىلغان. يول يۈزىدىكى مىتال چاقلارنىڭ ئۇپرىتىشىدىن قالغان ئىزلاردىن بۇ كوچىلارنىڭ ئەينى چاغدا قانچىلىك ئاۋات ئىكەنلىكىنى كۆرۇش تەس ئەمەس ئىدى.
پامپىي قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇپ بۇرجىكىدە بىر چوڭ ئۈستى ئوچۇق گىلادىئاتورلار مەيدانى بار بولۇپ، يومۇلاق شەكىلدە ئەتراپىدا پەلەمپەيلىك كۆرۈش سۇپىسىغا 20مىڭ تاماشىبىن سىغىدۇ، بۇ ئەينى چاغدىكى شەھەر نوپوسىغا يېقىنلىشىدۇ. ياسىلىش ۋاقتىدىن قارىغاندا مىلادىدىن ئىلگىرى 70-يىلى ياسالغان بولۇپ، رىمنىڭ يۇمۇلاق تىياتىرخانىسىدىنمۇ 40يىل بۇرۇن ياسالغان.
مىلادى79-يىلى8-ئاينىڭ24-كۈنى سەھەر، پامپىي شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى ۋېيسىۋېيئو يانار تېغى تۇيۇقسىز پارتىلىدى. كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە يانار تاغدىن ئېتىلىپ چىققان كۈل ۋە ماگمىلار ئەتراپقا يامرىغان. ئادەم نەپىسىنى قىسىدىغان زەھەرلىك گاز پۈتۈن شەھەرنى قاپلىغان...
18سائەتتىن كېيىن تەخمىنەن 100مىليارد توننا قورام تاش، توپا ۋە يانارتاغ كۈلى پامپىي شەھىرىنى ھاۋا كىرگۈسىز دەرىجىدە كۆمىۋەتكەن. تەبىئەت قىلچە ئىككىلەنمەيلا قەدىمكى رىمنىڭ ئەڭ ئاۋات شەھىرىنى يەر يۈزىدىن تەلتۆكۈس يوقىتىۋەتكەن. پامپىي شەھىرى بىزگە پەقەت ھەيۋەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك مەدەنىيەت ئىزناسىنىلا قالدۇرغان.
بۇ قېتىملىق يانارتاغ پارتىلاش تارىخ بەتلىرىدە ئەڭ ئېچىنىشلىق تىراگىدىيلەرنى قالدۇرغان، پامپىي شەھىرىنى 25مىڭدىن كۆپرەك ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان، پۈتۈن شەھەر يەرئاستىغا كىرىپ كەتكەن. پامپىي قەدىمىي شەھىرىنىڭ «تەبىئىي تارىخىي مۇزىي» دىگەن نامى بار، ھازىرغىچە بۇتۈن شەھەرنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىلا قېزىپ چىقىلغان، قالغان قىسمى تېخىچە قېلىن توپا ئاستىدا تۇرماقتا. تۆۋەندىكىلەر پامپىي شەھىرىدىن قېزىۋېلىنغان كۆرۈنۈشلەر....
تاڭ سەھەر بولغاچقا نۇغۇن كىشىلەر ئۇيقۇ ئىچىدىلا كىتىپ قالغان
تاشقا ئايلانغان جەسەتلەر
مەنبە: «سىرلىق دۇنيا»دىن تەرجىمە |