- تىزىملاتقان
- 2011-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14737
- نادىر
- 0
- يازما
- 602
ئۆسۈش
11.84%
|
[align=justify] [align=justify]بىر پېشقەدەم ياغاچچى خوجايىنغا ئىشتىن ئايرىلىپ دەم ئېلىشقا چىقىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئەركىن-ئازادە تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىپ باققۇسى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ. خوجايىننىڭ بۇ ياخشى ياغاچچىسىدىن ئايرىلىشقا زادىلا كۆزى قېيماپتۇ. شۇڭا ئۇ ياغاچچىغا ئۆزىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ئاخىرقى قېتىم ياغاچچىنىڭ خالىغان ئۇسلۇبتا بىر ئۆي ياساپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ياغاچچى ماقۇل بوپتۇ. ئەمما ئۇ ئۆينى ئانچە كۆڭۈل قويمايلا، ناچار ماتېرىيال ۋە ئاددىي تېخنىكىلار بىلەن ھاپىلا-شاپىلا قىلىپ ياساپ پۈتتۈرۈپتۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇسۇل بىلەن ئۇنىڭ ئۇزاق يىل شۇغۇللىنىپ كەلگەن كەسپىي ھاياتىنى تاماملىشى ھەقىقەتەن توغرا ئەمەس ئىدى. ئۆي پۈتكەندىن كېيىن، خوجايىن ئۆينى بىرەر قۇر كۆزدىن كەچۈرۈپتۇ ۋە ئىشىكنىڭ ئاچقۇچىنى ياغاچچىغا تاپشۇرۇپ بېرىۋېتىپ مۇنداق دەپتۇ:[align=justify]— مېنىڭ بىلەن ئۇزۇن يىللار بىللە ئىشلەپ كەلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت. بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئۇسلۇبى بىلەن ياسىغان ئۆينى سىزگە سوۋغا قىلدىم![align=justify]شۇنداق، ئەگەر ياغاچچى بۇ ئۆينىڭ ئاخىرىدا ئۆزىگە تەۋە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلگىنىدە چوقۇم بۇ ئۆينى ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ياسىغان بولاتتى. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەبىدىن قولىنىڭ ئۇچىدىلا ياساپ قويغان، ئۆزى قىلچىمۇ رازى بولمايدىغان بۇ ئۆيدە ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. شۇڭا ھەر قانداق ۋاقىتتا ھەر قانداق ئىشقا سەل قارىماسلىق كېرەك.[align=justify] | مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |
|
|