قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 3676|ئىنكاس: 24
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

«كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى» نىڭ خەنزۇچە تېكىستى ئۈستىدە مۇلاھىزە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

3

دوست

6646

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   32.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 73
تۆھپە : 2266
توردىكى ۋاقتى: 373
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-4 13:09:43 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahmatjantarimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-9-5 19:32  


«كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى» نىڭ خەنزۇچە تېكىستى ئۈستىدە مۇلاھىزە

ئەخمەت مۆمىن تارىمى(نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇرانتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى)


    مىلادىيە 6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، تېلېلار ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﻧﻘﯩﻠلارغا مەنسۇپ بولغان ، موڭغۇل يايلىقى ، ئالتاي تېغى ۋە تەڭرىتېغى ئەتراپلىرىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق ۋە ھۆنەرۋەنچىلىك ، جۈملىدىن تۆمۈرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ ياشايدىغان ﺋﺎﺷﯩﻨﺎ تۈركلىرى ﺑﺎش ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﭼﯩﻘﯩﭗ،  جۇرجان خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 552 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﻳﺎﻳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺗﯜﻛﻪن ﺗﯧﻐﯩﻨﻰ ﻣﻪرﻛﻪز ﻗﯩﻠﯩﭗ، تۈرك ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘرۇپ چىققان. كېيىن ئىككى بۆلەككە بۆلۈنۈپ كەتكەن. 682-يىلى ﺋﯧﻠﺘﻪرﯨﺶ ﻗﯘﺗﻠﯘق تۈركلەرنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كېيىنكى تۈرك خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان.


    ﻧﯚۋەﺗﺘﻪ مەلۇم بولغان تۈرك خانلىقى دەۋرىگە ئائىت ئەڭ دەسلەپكى يازما يادىكارلىقلار قەدىمكى تۈرك يېزىقىدا پۈتۈلگەن مەڭگۈ تاشلار بولۇپ، بۇلاردا تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ شەكىللىنىشى، تۈرك خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى،   كۈچىيىشى،  ئاجىزلىشىشى، تۈرك قاغانلىرىنىڭ ھەربى يۇرۇشلىرى، ئۇلارنىڭ ئەلنى بىرلىككە كەلتۇرۇش، تېنچلاندۇرۇش ۋە كۇچەيتىش يولىدا ياراتقان تۆھپىلىرى ، تۈرك خانلىقنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى، باشقا ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، تۈركلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتى،  دىنىي ئېتىقادى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرى شائىرانە تىل بىلەن تەسۋىرلەنگەن. ﺑﯘ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎشلار دەۋرداش ۋە ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ دەۋرداش ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﮬﻪم ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘلاردﯨﻜﻰ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟلارﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗلاﺷﺘﺎ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ. بۇ ئالاھىدىلىكى مەڭگۈ تاشلارنى پەۋقۇلئاددە تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە قىلغان بولۇپ، ھەربىر مەڭگۈ تاشنى ئەمەلىيەتتە مەزمۇن ھەم شەكىل جەھەتتىن بولسۇن خېلى مۇكەممەل تارىخى ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە «كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى» مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.


    «كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى»  1889 – يىلى ئورقۇن دەرياسى ۋادىسىدىكى خوشو – سايدام دېگەن جايدىن تېپىلغان بولۇپ(1)، تۆت يۈزلۈك يوغان  ھەم ئۇزۇنچاق بۇ مەرمەر تاشنىڭ ئېگىزلىكى 3.75 مېتىر، شەرقىي ۋە غەربىي يۈزلىرىنىڭ تۆۋەن تەرىپىنىڭ كەڭلىكى 1.32 مېتىر، يۇقىرى تەرىپىنىڭ كەڭلىكى 1.22 مېتىر، شىمالىي يۈزى ۋە جەنۇبىي يۈزىنىڭ كەڭلىكى 46 سانتىمېتىر ۋە 44 سانتىمېتىر كېلىدۇ. تاشنىڭ غەربىي يۈزىگە خەنزۇچە، قالغان ئۈچ يۈزىگە قەدىمكى تۈركچە خەت ئويۇلغان بولۇپ، شەرقىي يۈزىدە 40 قۇر، جەنۇبىي يۈزىدە 13 قۇر، شىمالىي يۈزىدىمۇ 13 قۇر خەت بار. تاشنىڭ شىمالى بىلەن شەرقى، جەنۇبى بىلەن شەرقى، جەنۇبى بىلەن غەربى يۈزلىرىنىڭ ئارىسىدىكى گىرۋەكلىرىگىمۇ بىرقۇردىن قەدىمكى تۈركچە خەت ئويۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا ، خەنزۇچە خەتلىك غەربىي يۈزىگىمۇ بىرقۇر قەدىمكى تۈركچە خەت ئويۇلغان. يەنە تاشنىڭ ئۇلىغىمۇ سەككىزقۇر قەدىمكى تۈركچە خەت ئويۇلغان، لېكىن بۇلاردىن ئاران يەتتە-سەككىز سۆزنى ئوقۇغىلى بولىدۇ. بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ تىكلەنگەن ۋاقتى توغرىسىدا تاشنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى خەنزۇچە تېكىستىدىن مىلادىيە 732-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى تىكلەنگەنلىكىنى ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ، لېكىن قەدىمكى تۈركچە تېكىستىدىن مىلادىيە 732-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى تىكلەنگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. خەنزۇچە تېكىستتىكى ۋاقىت بىلەن قەدىمكى تۈركچە تېكىستتىكى ۋاقىت ئارىسىدا 20 كۈنلۈك پەرق بار. بۇ ئاۋال خەنزۇچە تېكىستنىڭ ، كېيىن قەدىمكى تۈركچە تېكىستنىڭ ئويۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، تۈركچە تېكىستنىڭ ئويۇلۇپ بولۇشى ئۈچۈن 20 كۈن ۋاقىت كەتكەن. تۈركچە تېكىستنى كۆل تېگىننىڭ ۋە بىلگە قاغاننىڭ جىيەنى يوللۇغ تېگىن يېزىپ ئويغان بولۇپ، بۇنى تۈركچە تېكىستتىكى تۆۋەندىكى قۇرلاردىن ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ:


     «بۇنچە پۈتۈكنى يازغان كۆل تېگىننىڭ جيەنى يوللۇغ تېگىن[مەندۇرمەن!مەن] يازدىم.يىگىرمە كۈن ئولتۇرۇپ بۇ تاشقا، بۇ تامغا [مەن] يوللۇغ تېگىن يازدىم.»(2)


     مەڭگۇ تاشنىڭ خەنزۇچە تېكىستى تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى شۇەنزۇڭ خاننىڭ كۆل تېگىننىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ  ئۆز قولى بىلەن يازغان تەزىيەنامىسى بولۇپ، بۇنى شۇ خەنزۇچە تېكىستتىنمۇ بىلگىلى بولىدۇ ھەم بۇ توغرىدا «يېڭى تاڭنامە»نىڭ 215-جىلد«تۈركلەر تەزكىرىسى Ⅰ»دە مۇنۇلار خاتىرىلەنگەن:
     «كەييۈەن 19-يىلى (مىلادىيە 731-يىلى) كۆل تېگىن قازا قىلغاندا، ﺟﯩﻨﯟۇ ياساۋۇلخانىسىنىڭ سانغۇنى ﺟﺎڭ ﭼﯜﻳﻰ، ﭘﺎﺷﺸﺎپ ﺑﯧﮕﻰ ﻟﯘ ﺷﻴﺎڭنى ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯚﮬﯜرى ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎن ﺗﻪزﯨﻴﻪﻧﺎمىنى ئېلىپ ماتەم بىلدۈرۈشكە ئەۋەتتى.پادىشاھ ئالىيلىرى يازغان تەزىيە پۈتۈكى ئابىدە تاشقا ئويۇلۇپ، تاۋاپخانا سېلىندى ۋە ﺗﺎش ھەيكەل تىكلەندى. ﺗﺎۋاﭘﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚت ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﻛﯚل تېگىننىڭ  لەشكىرىي ﻳﯜرۈﺷلەردﯨﻜﻰ ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﯩﺮى ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪن رەﺳﯩﻤﻠﻪر سىزىلدى. پادىشاھ ئالىيلىرى ئۇستا نەققاشتىن ئالتە كىشىنى ئەۋەتىپ ، تۈركلەر ئېلىدە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئاجايىپ رەسىم-نەقىشلەرنى ئويدۇردى. بىلگە قاغان بۇنى كۆرۈپ تەسىرلەنگىنىدىن تېخىمۇ قايغۇردى.»(3)


     «كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى»نىڭ قەدىمكى تۈركچە تېكىستى ئۈستىدە جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار ئەھمىيەتلىك تەتقىقاتلارنى يۈرگۈزگەن. جۈملىدىن رۇسىيەلىك رادلوف، مالوف، دانىيەلىك تومسېن، فىنلاندىيەلىك رامستېد،تۈركىيەلىك ھۈسەيىن نامىق ئورقۇن، تالات تەكىن، ئەرخان ئايدىن جۇڭگودىن سېن جوڭميەن، گېڭ شىمىن، لىن گەن ، ئابدۇقەييۇم خوجا، تۇرسۇن ئايۇپ، ئىسراپىل يۈسۈپ، ئەركىن ئارىز قاتارلىقلار قەدىمكى تۈركچە تېكىستنى يېشىپ ئوقۇپ، تىرانسىكىرىپىسىيە قىلغان، تەرجىمە ۋە تەتقىق قىلغان . جۈملىدىن ئابدۇقەييۇم خوجا، تۇرسۇن ئايۇپ، ئىسراپىل يۈسۈپ قاتارلىقلار قەدىمكى تۈركچە تېكىستنىڭ ئەينى ئوقۇلۇشى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە يەشمىسىنى ئۆزلىرىنىڭ « قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما » ناملىق كىتابىغا كىرگۈزگەن(4). يەنە ئەركىن ئارىز ۋە ئەرخان ئايدىنمۇ قەدىمكى تۈركچە تېكىستنى تەتقىق قىلىپ، بەزى قۇرلار ئۈستىدە يۇقىرىقى تەتقىقاتچىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان باشقىچە ئوقۇما ۋە شەرھلىمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم تېكىستنىڭ تىرانسىكىرىپسىيەسى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە يەشمىسىنى ئۆزلىرىنىڭ «قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى تاش پۈتۈكلەر» ناملىق كىتابىغا كىرگۈزگەن (5). بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ خەنزۇچە تېكىستى ئۈستىدىمۇ جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىكى تەتقىقاتچىلار نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھازىرغىچە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنمىغان بولۇپ، بۇ قەدىمكى تۈركچە ۋە خەنزۇچە تېكىستلەرنىڭ مەزمۇنىنى سېلىشتۇرۇپ، تەتقىق قىلىپ بېقىشتىكى بىر بوشلۇق ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇنى كۆزدە تۇتۇپ مەن ئەسلى خەنزۇچە تېكىستكە ئاساسلىنىپ  ئۇنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقتىم.


     «كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى»نىڭ خەنزۇچە تېكىستىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسى:


     مەرھۇم كۆل تېگىن ئابىدىسى


     ناۋادا تەڭرى ئۆز پاناھىغا ئالمىغان بولسا، تەڭرى ئىرادىسى بىلەن ئىنسان قەلبى بىرىكمىگەن، پۈتكۈل جاھاندا تىنىچ-ئەمىنلىك بولمىغان بولاتتى. پەقەت مۇئەننەس-مۇزەككەر ئايرىپ تۇرغاچقىلا ھەركىم ئۆزئالدىغا ھۆكۈمدار بولغان. ئاشۇ ھۆكۈمدارلار ئەسلى ....نىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىدى. ئوتتۇرا ئىقلىمغا ھەيۋەتلىك سالاپىتى بىلەن شىمالىي چۆلدىن كېلىپ، گەنچۈەن سارىيىغا قەدەم بېسىپ چەكسىز سائادەت قۇچقانىدى، بۇ ۋەجىدىن شەپقەت-شاپائەت بىرلە ئەھدۇ-پەيمان ئورنىتىلغانلىقىغىمۇ ئۇزاق زامان بولغانىدى. پىشۋا خانىمىز سەلتەنەتنى تىكلەپ، تەيزۇڭ خانىمىز سەلتەنەتنى روناق تاپقۇزۇپ، ئەدەپ-قائىدە بىلەن ئەتراپتىكىلەرگە نامايان بولۇپ، ئەخلاق-پەزىلەت بىلەن تۆھپە ياراتقانىدى. تەڭرىنىڭ قىسمىتى بىلەن تاجۇتەخت ئالماشقاندىمۇ ئەتراپتىكىلەرگە تۈرلۈك ھۆرمەت-شەرەپ نامى بېرىلىپ، ئۇلارمۇ باشتىن ئاخىر ئىتائەتمەنلىك بىلدۈرۈپ، ئىزچىل چەت-يىراقتىكى ۋەزىپىسىنى ئارتقۇزۇپ كەلگەنىدى. ھالا مېنىڭ زامانىمغا كەلگەندە، سىز بىلەن ئاتا-بالا بولۇشۇپ، بۇلاڭ-تالاڭلار قايتا سادىر بولماي، ئوقيا –ياراغلار ئامبارغا بەنىت قىلىندى. سىز بىزنى، بىز سىزنى ئانىي تاپمىدۇق، چېگرادا.....بولمىغانلىقى مۇشۇنىڭغا  تايانغانلىقتىن ئەمەسمۇ ؟ مۇھتەرەم كۆل تېگىن قۇتلۇق قاغاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى، ھازىرقى بىلگە قاغاننىڭ ئىنىسىدۇر. ئاتا-ئانىغا ۋاپادارلىقى، ئاغا-ئىنىلىكنى قەدىرلەيدىغانلىقى يىراقلارغا پۇر كەتكەن، ئابرۇي-پەزىلىتى ياتلارنىمۇ زىلزىلىگە سالغان. بۇ پىشۋا بوۋىڭىز ئەتمىش بەگنىڭ باشتىن ئاخىر كاتتا پەزىلەتكە ئىگە بولغانلىقى، بوۋىڭىز قۇتلۇق ئېركىننىڭ كاتتا ھىممەت –پەزىلەت يولىنى تۇتقانلىقى، ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ مۇشۇنداق ھىممەت-پەزىلەتنى جارى قىلدۇرغانلىقىدىن بولغان ئەمەسمۇ؟ناۋادا ئۇنداق بولمىسا، سىزدەك دانا-ئاقىل قانداقسىگە ئاپرىدە بولسۇن؟شۇڭا سىز دوستلۇق-مېھرىبانلىققا سادىق بولۇپ، قاغانغا ياردەملىشىپ كاتتا قائىدە-تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، زېمىنىڭىزنى شىمالدا   سەددىچىننىڭ پاسىلىدىن كۈنپېتىشتا چۇمۇللارنىڭ يېرىگىچە تۇتاشتۇرۇپ، تەڭرىنىڭ(ئىرادىسى؟) گە بويسۇنۇپ،  بىلگە-دانىشمەنلەرنىڭ سۆزىنى قۇبۇل قىلىپ،تاڭ ئېلىمىز بىلەن تۇغقان بولدىڭىز. شۇ ۋەجىدىن مەن سەمىمىيىتىڭىز ۋە تۆھپىڭىزدىن مەمنۇن بولۇپ، كاتتا شاپائەت ۋە سەمىمىيەت كۆرسىتىپ، سىزنى زىيان-زەخمەتكە ئۇچراتماسلىقنى بەكمۇ ئىستىدىم. ۋەھالەنكى ، ئۆمرىڭىزنىڭ بۇنچە قىسقا بولۇشىنى ئويلىمىغانكەنمەن، بۇنىڭدىن ئەلەم ئىچىدە قاتتىق ئازاپلاندىمكى، يۈرىكىم ئۆرتەندى. يەنە كېلىپ تېگىن بولسا قاغاننىڭ ئىنىسىدۇر، قاغان بولسا مېنىڭ ئوغلۇم كەبىدۇر. ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدا مېھىر-مۇھەببەت ، ئاغا-ئىنى ئوتتۇرىسىدا قان- قېرىنداشلىق بولغانىكەن، ھەممەيلەن مېنىڭ ئوغلۇمدەك ئەمەسمۇ؟شۇڭا چۇڭقۇر سېغىنىش ھېسسياتىم بىلەن ئۇزاق زامانلاردىن كېيىنمۇ جۇلالىنىپ يىراق ئەللەرگىچە نۇر چېچىپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇشبۇ ئابىدىنى تىكلەپ شۇ بېغىشلىمىنى پۈتتۈم:


     شىمالدىكى قۇملۇق ئەل تۈركلەرنىڭ ماكانىدۇر، ھەيۋەت بىلەن دەۋران سۈرۈش ئەجدادىڭىزدىن باشلانغاندۇر. ئەلباشىلىق شەۋكىتىڭىزنى يات ئەللەرگە  يايدىڭىز، ساداقەتمەن پەزىلىتىڭىز بىلەن تاڭ ئېلىگە تۇغقان بولدىڭىز.كىم ئويلىغان بۇ دۇنيادىن قىسقا ياشاپ كەتتىڭىز، تىكلەندى بۇ ئابىدە تاش، جەۋلان قىلسۇن پەزىلىتىڭىز.


    بۈيۈك تاڭ ئېلىنىڭ كەييۈەن 20-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى پۈتۈلدى(6).


    «كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى»نىڭ قەدىمكى تۈركچە تېكىستىنىڭ يەشمىسى ۋە خەنزۇچە تېكىستىنىڭ تەرجىمىسىدىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، كۆل تېگىن كېيىنكى تۈرك خانلىقىنىڭ قاغانى بىلگە قاغاننىڭ ئىنىسى بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىيە 685-يىلى (توخۇ يىلى)تۇغۇلۇپ ، 731-يىلى (قوي يىلى) 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋاپات بولغان(7)، ھايات ۋاقتىدا ئاكىسى بىلگە قاغاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەشكە پۇتۇن كۇچى بىلەن ياردەملىشىپ زور تۆھپە كۆرسەتكەن.  ئۇنداقتا، مەڭگۈ تاشنىڭ خەنزۇچە تېكىستىدە  قانداق  تارىخىي ۋەقەلەر كۆزدە تۇتۇلغان؟


     ماقالىنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك، 682-يىلى ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﯜرك ﺧﺎنلىقى قۇرۇلۇپ ﺷﯚﮬﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎندا، 692-يىلى ﺋﯧﻠﺘﻪرﯨﺶ ﻗﯘﺗﻠﯘق ﻗﺎﻏﺎن ئۆلگەن. بۇ چاغدا بىلگە قاغان تېخى كىچىك، يەنى سەككىز ياشتا بولغاچقا، تەختكە تاغىسى، يەنى ئېلتەرىش قۇتلۇق قاغاننىڭ ئىنىسى قاپاغان قاغان تەختكە چىققان. 716 - ﻳﯩﻠﻰ قاپاغان قاغان ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئىنەل قاغان تەختكە چىقىۋالغان. بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن كۆل تېگىن ئىنەل قاغان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئاكىسى بىلگە قاغاننى شۇ يىلى ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ چىقارغان(8).  ﺑﯩﺮاق، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎن ۋاﻗﺘﻰ ﺗﯜرﻛﻠﻪر ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﻪﮬﯟاﻟﺪا ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻣﻪزﮔﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘ چاغدا ﻗﯘﻣﯘق، ﻗﯩﺘﺎن، ﺑﺎﻳﯩﺮﻗﯘ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪر ﻳﯜز ﺋﯚرۈپ ﺗﺎڭ ﺳﯘلاﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎرام ﺑﻮﻟﯘۋاﻟﻐﺎن، ﺗﯜرﻛﻪﺷﻠﻪردﯨﻦ ﺳﯘﻟﯘ (716-738-يىللار) ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻗﺎﻏﺎن دەپ ﺟﺎﻛﺎرﻟﯩﯟاﻟﻐﺎن، ﺗﯜرك ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮى ﺑﯚﻟﯜﻧﯜپ، ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن، ﺗﯜرﻛﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﯘﺗﻠﯘق ﻗﺎﻏﺎن، ﻗﺎﭘﺎﻏﺎن ﻗﺎﻏﺎن دەۋرﯨﺪﯨﻜﻰ «دۆﻟﯩﺘﻰ ﺑﺎرلارﻧﻰ دۆﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﮬﺮۇم ﻗﯩﻠﻐﺎن، ﻗﺎﻏﺎﻧﻠﯩﺮى ﺑﺎرلارﻧﻰ ﻗﺎﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﮬﺮۇم ﻗﯩﻠﻐﺎن، دۈﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪۇرﻏﺎن، ﺗﯩﺰى ﺑﺎرلارﻧﻰ ﺗﯩﺰلاﻧﺪۇرﻏﺎن، ﺑﯧﺸﻰ ﺑﺎرلارﻧﻰ ﺑﺎش ئەگدۈرگەن»ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﯩﺘﻰ زور داۋاﻟﻐﯘﺷﻘﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﻗﺎﻟﻐﺎن، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﯩﺶ ﮔﯩﺮداﺑﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪى. داﻧﺎ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﻏﺎن دادﯨﺴﻰ ۋە ﺗﺎﻏﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯘﺳﺘﺎز ﺑﻮﻟﻐﺎن، يەتمىش ياشتىن ئاشقان داﻧﯩﺸﻤﻪن دۆﻟﻪت ﺋﻪرﺑﺎﺑﻰ ﺗﻮﻧﻴﯘﻗﯘﻗﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻗﻮﻳﯘپ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﻛﯚل تېگىن ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ دۆﻟﻪﺗﻨﻰ ﺗﯜزەش، ﺋﻪﻟﻨﻰ ﺋﻪﻣﯩﻦ ﺗﺎﭘﻘﯘزۇش، ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﯘدرﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈش ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﺴلاﮬﺎت قىلىپ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪت ﻳﯜرﮔﯜزگەن. ﻣﻪﯕﮕﯜ تاشتىكى تېكىستلەرگە ۋە «ﻛﻮﻧﺎ تاڭنامە» ، «ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﯕﻨﺎمە»دﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗلارﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳلاﻧﻐﺎﻧﺪا، ﺑﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﻏﺎن ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﯩﺪەك ﻳﯧﯖﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪت ﻳﯜرﮔﯜزﮔﻪن:
    (1) ﺗﯜرك ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎلاش - ﺗﺎرﺗﯩﺶ، ﻧﯩﺰالارﻧﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘرۇپ، ﺗﺎڭ ﺳﯘلاﻟﯩﺴﻰ ﭼﯧﮕﺮاﺳﯩﻐﺎ ﺳﻪرﮔﻪردان ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺗﯜرك ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮى ۋە ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﻣﺎﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘرۇپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﮬﻪم ﺋﯘلارﻧﻰ ﻗﻮرﺳﯩﻘﻰ ﺗﻮق، ﺋﯘﭼﯩﺴﻰ ﭘﯜﺗﯜن ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺋﻪل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘرۇپ ﭼﯩﻘﻘﺎن.
    (2)ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﯜرك ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﯩﺪا ﮬﻪم ﻗﯘﺗﻠﯘق ﻗﺎﻏﺎن، ﻗﺎﭘﺎﻏﺎن ﻗﺎﻏﺎن دەۋرﯨﺪە ﺗﯜرﻛﻠﻪرﮔﻪ دۈﺷﻤﻪن ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﺎڭ ﺳﯘلاﻟﯩﺴﻰ ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺗﻮﻗﻘﯘز ﺋﻮﻏﯘز، ﺋﻮن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪم ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺷﺎراﺋﯩﺖ ﻳﺎرﯨﺘﯩﭗ ﺑﻪرﮔﻪن.
   (3) ﺗﺎڭ ﺳﯘلاﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن دوﺳﺘﺎﻧﻪ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪت ﻳﯜرﮔﯜزﮔﻪن. جۈملىدىن ﺑﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﻏﺎن 717 - ۋە 727 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮى ﺗﺎڭ سۇلالىسى پادىشاھى ﺷﯜەﻧﺰۇڭ خانغا ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﺎﺗلارﻧﻰ ﺳﻮۋﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎن، ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺪا ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﺑﯧﺘﯩﻤﻰ ﺗﯜزﮔﻪن ﮬﻪم 727- ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﺎڭ ﺳﯘلاﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﮬﯘﺟﯘم ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﻨﻰ رەت قىلىپ، ﺗﯩﺒﻪت ﭘﺎدﯨﺸﺎﮬﯩﻨﯩﯔ ئۆزىگە ﻳﺎزﻏﺎن ﻣﻪﻛﺘﯘبىنى ﺗﺎڭ ﺳﯘلاﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ ﺑﻪرﮔﻪن. ﺗﺎڭ ﺳﯘلاﻟﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺟﺎۋاﺑﻪن ﺳﻮﻓﺎڭ ۋﯨلاﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﺸﯘﺟﺎڭ ﻗﻪﻟﺌﻪﺳﯩﺪە ﺑﺎزار ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚزﺋﺎرا ﻳﯩﭙﻪك - ﺋﺎت ﺳﻮدﯨﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎن.
    (4) ﺗﯜرﻛﻪش، ﻗﺎرﻟﯘق، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ، ﻗﯩﺘﺎن، ﻗﯘﻣﯘق ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻗﺎرام ﺧﻪﻟﻘﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎرﯨﺘﺎ، ﺋﯘلار ﺗﯜرك ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪت ﻗﯩﻠﺴﯩلا ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻤﻪن ﮬﺎﻟﺪا ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﻨﻰ ساقلىشىغا ﻳﻮل ﻗﻮﻳﯘش ﮬﻪم ﺋﯘلارﻏﺎ دوﺳﺘﺎﻧﻪ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯜرﮔﯜزۈپ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ راﻳﯩﻨﻰ ﺋﯚزﯨﮕﻪ تارتقان(9).
     ۋەھالەنكى، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﯜرك ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ مانا موشۇنداق پايدىلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ قايتىدىن قۇدرەت تېپىۋاتقاندا، ﺑﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﯜرك ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﮭﯘر ﮬﻪرﺑﯩﻲ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ۋە دۆﻟﻪت ﺋﻪرﺑﺎﺑﻰ كۆل تېگىن ئۆمرى قىسقا كېلىپ قېلىپ 46 ﻳﯧﺸﯩﺪا ۋاﭘﺎت بولغان.  ئۇ ﮬﺎﻳﺎت ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮاﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪملىشىگە ﭘﯜﺗﯜن ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎردەﻣﻠﯩﺸﯩﭗ زور ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻜﻪن، ﺷﯚﮬﺮﯨﺘﻰ ﺗﯜرك ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ داﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨلا ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺷﻪرق ۋە ﻏﻪرﺑﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﻪرﮔﯩﭽﻪ ﺗﺎرﻗﺎﻟﻐﺎن بولغاچقا، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻣﯩﮕﻪ ﺷﻪرﻗﺘﯩﻜﯩﻠﻪردﯨﻦ ﻗﯩﺘﺎن، ﺗﺎﺗﺎﺑﻰ، ﺗﺎڭ ﺳﯘلاﻟﯩﺴﻰ، ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﯩﻜﯩﻠﻪردﯨﻦ ﺗﯩﺒﻪت ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻏﻪرﺑﺘﯩﻜﯩﻠﻪردﯨﻦ ﺳﻮﻏﺪى، ﺑﻪرﭼﻪﻛﻪر - ﺑﯘﻗﺎراق، ﺗﯜرﻛﻪش، ﺋﻮﻏﯘز، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﮬﺎل ﺳﻮرﯨﻐﯘﭼﻰ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﺮى ﻛﻪلگەن(10). «كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى»مانا مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا تىكلەنگەن.
     
    پايدىلانمىلار ۋە ئىزاھ:
   (1)( 4) ئابدۇقەييۇم خوجا، تۇرسۇن ئايۇپ، ئىسراپىل يۈسۈپ: «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىلى 9-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى، 62-92-بەتلەر.بەت.
  (2) (5) (7) ئەركىن ئارىز، ئەرخان ئايدىن:«قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى تاش پۈتۈكلەر»،  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2014-يىلى 6-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى،57-102-بەتلەر .بەت.
  (3) «<24 تارىخ>تىكى غەربىي يۇرت تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار __ يېڭى تاڭنامە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2010-يىلى 3-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى،616 -بەت.
  (6) بۇ يەردىكى كۆپ چېكىت قويۇلغان جايلار مەڭگۈ تاشنىڭ ئەسلى خەنزۇچە تېكىستىدىكى بۇزۇلۇپ كەتكەن ياكى ئۆچۈپ كەتكەن خەتلەرنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىدۇ، تىرناق ئىچىگە ئېلىنىپ كەينىگە سوئال بەلگىسى قويۇلغان سۆزلەر تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن تەخمىنىي قويۇلغان سۆزلەردۇر.
  (8)  林幹:《突厥史》,内蒙古人民出版社,1988年,第235 页。
ئەركىن ئارىز، ئەرخان ئايدىن:«قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى تاش پۈتۈكلەر»،  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2014-يىلى 6-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى،103-بەت .
   (9) (10 ) ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق «ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006-يىلى 5-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى، 98-114-بەتلەر.

   
    (ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى ئاپتورنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا ھەرقانداق تور ، ئۈندىدار ۋە شۇ قاتارلىق تارقىتىش ۋاسىتىلىرىدا تارقىتىشقا بولمايدۇ، بولمىسا مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ!)

bagdax

1

تېما

0

دوست

109

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   36.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57968
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-7
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-4 14:23:04 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kamalbek تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-9-7 22:55  

.....................................................................................................

0

تېما

1

دوست

524

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   4.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  75442
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 162
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-4 14:51:31 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pirzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-9-4 14:52  
kamalbek يوللىغان ۋاقتى  2016-9-4 14:23
كەچۈرۈڭلار  تېمىدىن  مۇناسىۋەتسىز  بىر سوئال بولۇپ قال ...

تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبە.تاشكەنت ئۆزبېكىستان پايتەختى.ئەھمەدئاباد پاكىستاننىڭ بىر شەھىرى.

0

تېما

2

دوست

2611

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52790
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 798
توردىكى ۋاقتى: 152
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-4 16:20:04 |ئايرىم كۆرۈش
مەن قەدىمكى تۈركچىدىن خەنچىگە تەرجىمە قىلنغان نۇسخىسىنى ئوقۇغان ئىدىم ئوخشىمايدىكەن.ئۇنىڭدا ئەللىك يىل بىراۋغا خىزمەت قىلىپ يەنە ياخشى بولالمىغانلىقى سۆزلىنەتتى.
bagdax

0

تېما

4

دوست

842

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   68.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61073
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 270
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-21
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-4 16:22:13 |ئايرىم كۆرۈش
مەن بۇرۇن كىتاپلاردا ‹‹ئورخۇن››دەپ كۆرگەن بۇ يازمىدا ‹‹ئورقۇن››دەپ ئېلىنىپتۇ ، زادى قايسى توغرا؟  يەنە ‹‹بىلگە›› دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى نىمە؟ چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز. رەھمەت.

2

تېما

17

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 1621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 4056
توردىكى ۋاقتى: 458
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-4 17:31:52 |ئايرىم كۆرۈش
kamalbek يوللىغان ۋاقتى  2016-9-4 14:23
كەچۈرۈڭلار  تېمىدىن  مۇناسىۋەتسىز  بىر سوئال بولۇپ قال ...

تاجىكىستان كىچىككىنە بىر دۆلەتقۇ ؟

2

تېما

17

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 1621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 4056
توردىكى ۋاقتى: 458
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-4 17:33:37 |ئايرىم كۆرۈش
تىمائىگىسىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت .
ېېقىنننىڭياقى ياخشى تىمىللىرىڭىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىۋاتىسز ، سىزگە كۆپ رەھمەت .   

1

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 4264
توردىكى ۋاقتى: 1093
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-8
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-4 17:38:05 |ئايرىم كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە رەھمەت .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )