قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1752|ئىنكاس: 3

ئاچچىق-چۈچۈك پاراڭلار(4)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

31

تېما

0

دوست

3080

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2064
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 785
تۆھپە : 418
توردىكى ۋاقتى: 524
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 22:27:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ئاچچىق-چۈچۈك پاراڭلار(4)
مۇنبەردىن زېرىكىش
-مۇنبەرگە كىرمەس بولۇپ كەتتىڭىز، بەك ئالدىراش ئوخشىمامسىز؟
- زېرىكتىم.
نېمىدىن زېرىكتىڭىز؟
- تىللىشىش ، گەپ تالىشىش ، ھاقارەتلىشىش ، گورۇھۋازلىق قىلىشلاردىن زېرىكتىم. مۇنبەرنىڭ چېكىلىش سانىنى دەپ ئەزالارنىڭ جەڭگى-جېدىلىگە تاماشىبىن بولغانلاردىن زېرىكتىم، مىللەتنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقى، باسقۇنچىلىق، پاھىشە، ھاراملىقلار توغرىسىدىكى گەپلەردىن، تومۇرلىرىنى كۆپتۈرۈپ ھاياجان بىلەن سۆزلەشلەردىن، چالا موللىلارنىڭ بىلەرمەنلىكىدىن زېرىكتىم. قۇرۇق گەپلەردىن، پاخال يازما-ئىنكاسلاردىن زېرىكتىم.
- توۋا، مەلۇم بىر مۇنبەردە ئۆزىنى بىلەرمەن زىيالىي چاغلايدىغان بىر نەچچىسىنىڭ يەنە بىرەيلەننى ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەر بىلەن ھاقارەت قىلغانلىقىنى كۆردۈم، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى كۆرمىگەنمىدۇ؟ توردىكى بەزى زىيالىيلارنىڭ ھالى شۇ تۇرسا، كۇلىغا بېرىۋالغان داشقاللار يۈزىمىزنى تۆكتى دەپ يۈرۈپتۇق.
- شۇنداقلاردىن زېرىكتىم.


بۇرۇت
-بۇرۇت ماجراسى پات-پات چىقىپ تۇرىۋاتىدۇ، بۇرۇتقا قانداق قارايسىز، ئەپەندىم؟
-مېنىڭچە، بۇرۇت دېگەن ھېچقانداق قىممىتى يوق تۈك، پاك-پاكىز قىرىپ تاشلىمىغىچە كۆڭلۈم ئارام تاپمايدۇ.
-بۇرۇت سىزگە رېئاكسىيە قىلامدۇ ياكى...
-بۇرۇت قويۇشتىن قورقىمەن.
-بۇرۇت قويۇشتىن قورقىدىغان، ئەنسىرەيدىغان ئىشمۇ بولامدۇ؟
-بۇنداق ئىشلار بۇرۇنقى زاماندا بولغان ئىكەن، چاچ قويۇش ئادىتىدىن ئەنسىرەش ۋە قورقۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارمۇ بولغان ئىكەن. مەنچىڭ ھۆكۈمىتى «كاللا كېرەك بولسا چاچ چۈشۈرۈلسۇن، چاچ لازىم بولسا كاللىسى ئېلىنسۇن» دەيدىغان پەرمانمۇ چۈشۈرگەن ئىكەن.
گۇماندارنىڭ تۇتۇلماسلىقىدىكى سىر
بىرەيلەن مەلۇم بانكىدىن 200 مىڭ يۈەن پۇلنى ئېلىپ ئىشىكتىن چىقىشىغا بۇلاڭچىغا ئۇچراپ بېشىغا ئوق تېگىپتۇ، يېنىدىكى پۇلنى بۇلاڭچى بۇلاپ كېتىپتۇ. بۇ دېلو 2012-يىلى 6-يانۋار يۈز بەرگەن ئىكەن، مەزكۇر دېلو تا بۈگۈنگە قەدەر پاش بولماپتۇ. مەركەزدىن يەرلىككە قەدەر ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دېلونىڭ پاش قىلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم يوليورۇقلارنى بەرگەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جىنايى ئىشلار رازۋېتكا مۇتەخەسسىسلىرى بىر يەرگە يىغىلىپ يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان، نەچچە شەھەردىكى ج خ ساقچىلىرى بىرلەشمە جەڭ ھالىتىدە كېچە-كۈندۈز پىداكارلىق كۆرستىۋاتقان بولسىمۇ، جىنايەت سادىر قىلغان گۇماندارنى تۇتالماپتۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، مۇنداق بىر نەچچە خىل ئېھتىماللىق بولۇشى مۇمكىن:
گۇماندارنىڭ رازۋېتكىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى پەۋقۇلئاددە يۇقۇرى، ئىلگىرى جىنايى ئىشلار ساقچىسى بولغان ياكى ئالاھىدە قىسىمدا ئەسكەر بولغان ۋە ياكى جاسۇسلۇق ماھارەتلىرىدە ئالاھىدە تەربىيلەنگەن؛
گۇماندار قېچىپ يۈرۈش جەريانىدا باشقا گۇماندار تەرىپىدىن بۇلىنىپ، ئۆلتۈرىۋېتىلگەن ياكى دەرياغا چۈشۈپ كېتىپ ئېقىپ كەتكەن؛
گۇماندارغا تاشقى پلانت ئادەملىرى ياردەم قىلىپ، كۆرۈنمەس ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان؛
بۇ دېلونى پاش قىلىشقا چىققان ساقچىلار ئورنىغا ياللانما(ياردەمچى) ساقچىلارنى چىقىرىپ قويغان.
ئېھتىمال يەنە باشقا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دېلو پاش قىلىنماي قالغاندۇ، بۇنى توغرا چۈشەندىم. ھەر نېمە دېگەن بىلەن، بۇ دېلو ئوغرىنى تۇتىۋېلىپ ساقچىغا تۇتۇپ بەرگەن، پاھىشىۋازلار جۈپتى بىلەنلا كارۋاتتا تۇتۇلغان، قىمارۋازلار قىمارخانىدىلا قولغا چۈشكەن نەق دېلولارغا ئوخشىمايدۇ-دە. ئىش قىلىپ، بەزى رازۋېتكىچىلارنىڭ دېلو پاش قىلىش ماھارىتىگە گەپ كەتمەيدۇ. 


2

تېما

0

دوست

673

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   34.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3759
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 164
تۆھپە : 93
توردىكى ۋاقتى: 119
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 02:31:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس.... كاتتا دوقمۇش پاراڭلىرىكەن ،بۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

3097

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  233
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 738
تۆھپە : 444
توردىكى ۋاقتى: 108
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 11:37:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جايىدا ئۇرۇلغان قامچە! مەنىلىك دوقمۇش پاراڭلىرى ...

0

تېما

0

دوست

5

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   1.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5830
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 3
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2012-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 16:46:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزاق بۇپتىكەن بۇنداق پاراڭلارنى ئاڭلاپ باقمىغىلى....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )