- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 19409
- نادىر
- 9
- يازما
- 466
ئۆسۈش
23.52%
|
1945 - يىلى 2 - ئايدا تۈزۈلگەن يالتا كېلىشىمى جۇڭگونىڭ تېررىتورىيە ھوقۇقىغا ۋە مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى ، بۇ چاغدا ، سوۋېت ئىتتىپاقى ، ئامېرىكا ، ئەنگىلىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت جۇڭگوغا قارىتا خەۋەرنى قاتتىق قامال قىلغانىدى .
ئەمەلىيەتتە ، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى يەڭ سودىسى بۇرۇنلا باشلانغانىدى . 1944 - يىلى 10 - ۋە 11 - ئايلاردا ، جۇڭگونىڭ ئەنگىلىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گو ۋېيجۈن جياڭ جيېشىغا : ئامېرىكا ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپۇنىيىگە قارشى ئۇرۇشقا بالدۇرراق قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ ، سوۋېت ئىتتىپاقى بولسا لۇيشۈن پورتىغا ئېرىشىشنى شەرت قىلدى ، ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيە بۇنىڭغا قارشى تۇرمىدى ، دەپ ئارقا - ئارقىدىن مەخپىي تېلېگرام بەرگەن . 1945 - يىلى 2 - ئاينىڭ 5 -كۈنى ، جياڭ جيېشى گوۋېيجۈنگە يىغىننىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ چىق دەپ تېلېگرام بەرگەن .
بىراق ، يىغىننىڭ ئاخباراتى ۋە خىتابنامىسىدا ، يىراق شەرق مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىمۇ ، ياۋروپا مەسىلىسىلا مۇزاكىرە قىلىندى ، دېيىشكەن . مۇنداق نۇرمالسىزلىقتىن ، جياڭ جيېشى تېخىمۇ گۇمانلانغان . شۇنىڭ بىلەن ئۇ خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش ئۈچۈن دۆلىتىگە قايتماقچى بولۇپ تۇرىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھورلى ئارقىلىق روزۋېلىتقا خەت ئەۋەتىپ ، يىغىننىڭ يىراق شەرق توغرىسىدىكى كېلىشىمىنى ئۇقماقچى بولغان . جۇڭگونىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۇبىڭچاڭمۇ ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھالمان ئۆزىگە ئاشكارالاپ قويغان ئازراق ئاخباراتنى جياڭ جيېشىگە دوكلات قىلىدۇ . جياڭ جيېشى بۇ دوكلاتنى ئاڭلاپ ، ئەھۋال باشقىچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ . بۇ چاغدا گوۋېيجۈن يىغىننىڭ قايسى تەرەپلەردە جۇڭگونىڭ مەنپەئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئېدېننى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلىدۇ ، لېكىن ئېدېن ئىككى قېتىمدىلا دۇدۇقلاپ بىر نېمە دېمەيدۇ .
بۇ چاغدا سۇڭ زىۋېن بۇ ۋەزىپە بىلەن ئامېرىكىغا بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . ئۇ ۋاشىنگتونغا تېلېگرام بەرگەندە ، روزۋېلىد ھورلى ئارقىلىق جاۋاب تېلېگرام ئەۋەتىپ . سۇڭ زىۋېننىڭ ئامېرىكىغا بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىدۇ . سۇڭ زىۋېن يەنە زۇڭتۇڭ مەسلىھەتچىسى ھوپكىنىسكە جىددى تېلېگرام ئەۋەتىپ ئامېرىكىغا بېرىش تەلىپىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويىدۇ . جۇڭگو مۇشۇنداق قىستاۋەرگەنلىكتىن ، زۇڭتۇڭ روزۋېلىد جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋېي داۋمىڭنى قوبۇل قىلىپ ، ستالىننىڭ يىغىندا تاشقى مۇڭغۇلىيىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاشنى ، لۇيشۈن پورتىغا ئېرىشىش قاتارلىق ئۈچ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئاشكارلاشقا مەجبۇر بولىدۇ . لېكىن كېلىشىم ئىمزالاندى دېگەن گەپنى تىلغا ئالمايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشكارىلانغان ئەھۋال بىلەن ئەمەلىيەت ئوتتۇرىسىدا پەرق چوڭ ئىدى .
3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ، جياڭ جيېشى ۋېي داۋمىڭنىڭ دوكلادىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن ، جۇڭگونىڭ مەنپەئىتىنىڭ سېتىلىۋىتىلگەنلىكىنى ، ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غايىسىنىڭ كۆپۈككە ئايلانغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ - دە ، ئامېرىكىغا يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان سۇڭ زىۋېنگە : " روزۋېلىدگە ئېيتىپ قويۇڭ ، لۈيشۈننى ياكى داليەننى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئارىيەتكە بېرىش يولىدىكى ھەر قانداق ئىش ، جۇڭگو خەلقىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچىرايدۇ " دەپ يوليۇرۇق بېرىدۇ .
ھورلى ئامېرىكىغا قايتقاندىن كېيىن ، بىر ئامال قىلىپ ، يالتا يىغىنىنىڭ خاتىرىسىنى كۆرىدۇ . ترومىن ھورلىغا : " ھازىرچە جۇڭگوغا ھەر قانداق خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ " دەپ تېلېگرام ئارقىلىق بۇيرۇق بەرگەن بولسىمۇ ، لېكىن جىدەلدىن قورقمايدىغان جاھىل ھورلى كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىنى جياڭ جيېشىگە ئۆز نامىدا تۇلۇق ئېيتىپ بېرىدۇ . جياڭ جيېشى شۇ زامات سۇڭ زىۋېنغا ، ئامېرىكىنى پۇتۇن كۈچ بىلەن قولغا كەلتۈرۈپ ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا يوليۇرۇق بىرىدۇ . ئۇ شۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنى كېلىشىمدىن ۋاز كەچتۈرۈش ياكى ماددىلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۇشكە ئۇنىتىش خام خىيالىدا بولىدۇ .
( داۋامى بار ) |
|