قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 3327|ئىنكاس: 28

ئەل سۆيەر چولپان ئابدۇللا  ئابدۇرېھىمنىڭ تەرجىمھالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

87

تېما

0

دوست

2459

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 557
تۆھپە : 283
توردىكى ۋاقتى: 335
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-27 20:42:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1987- يىلى 5 - ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى تىياتىر فاكۇلتېتىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرى مارالبېشى ناھىيىسىگە ئوقۇغۇچى ئالغىلى بېرىپ ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمدىكى يوشۇرۇن سەنئەت تالانتىنى بايقايدۇ - دە ، ئۇنى سەنئەت ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىدۇ . شۇ يىلى 9 - ئايدىن ئېتىبارەن ئۇ ھەقىقىي سەنئەت ھاياتىنى باشلىدى . ئۇ سەنئەت ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدا بىر تەرەپتىن سەھنىدە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرى ۋە تىياتىر بىلىملىرىنى ئۆگەنسە ، يەنە بىر تەرەپتىن ناخشا سەنئىتىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ ، ئاۋاز مەشىقىنى كۈچەيتىپ ، ناخشا ئورۇنداش جەھەتتە ئۆزگىچە ئاھاڭ ، ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن بەلگىلىك ماھارەت يېتىلدۈردى . ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 1991- يىلى 7 - ئايدا ئۇقۇشىنى تاماملاپ، شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى ھەم ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئۆمەك تەييارلىغان " غېرىپ - سەنەم " ئوپېراسىدا غېرىپنىڭ دوستى ئىلياسنىڭ رولىنى ئېلىشقا تاللاندى . 1992 - يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ ئوپېرا قازاقىستان ، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوينالغاندا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى   
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم گەرچە تىياتىر ئارتىسى بولسىمۇ ، لېكىن يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەلگە تونۇلغان تالانلىق ناخشىچىدۇر . ئۇ ئورۇنلىغان " سىرلىق تۇمان ، ئۇچراشقاندا ، ۋاپادارىم ، مۇئەللىم ، كېچەلەيمەن ، ئايرىلىش ، كۆزۈڭنى ياشلىما ، تۇنجى سۆيگۈ ، سېغىنىش كۈيلىرى " قاتارلىق ناخشىلار تاماشىبىنلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغاپ ، ئابدۇللانىڭ خەلق ئىچىدىكى شۆھرىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى . 1994 - يىلدىن ھازىرغىچە " سىرلىق تۇمان ، سۈكۈتتىكى سادا ، پەرۋانەڭ بۇلاي " قاتارلىق ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى ، " شېرىن چۈش ، تۇنجى سۆيگۈ " قاتارلىق بىر قانچە MTV سى نەشر قىلىندى . ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا 1998 - يىلى 4 - ئايدا پاكىستانغا ئويۇن قويغىلى بېرىپ ، ئېقىن سۇدەك سۈزۈك ھەم مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن شۇ يەردىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى . 1998 - يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خاربىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ناخشا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ " مۇنەۋۋەر ناخشىچى " مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . يەنە شۇ يىلى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن " يېڭى ئادەم ، يېڭى ئەسىر ناخشا مۇسابىقىسى " غا قاتنىشىپ ، ئاممىباب ئۇسلۇبتا ناخشا ئېيتىش بۇيىچە 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا نائىل بولدى ھەمدە 1 - دەرىجىلىك ناخشىچى بولۇپ باھالاندى . 1999 - يىلى بېيجىڭ ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن " بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي " ناملىق چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكىدە " ياشلىق كۈيى " دېگەن ناخشىنى خەنزۇچە ئورۇنلاپ زور ئالقىشقا ئېرىشتى . 1999 - يىلى 9- ئايدا گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن " يىپەك يولى دراما بايرىمى " دە تەكلىپكە بىنائەن ئۆمەك رەھبەرلىرى بىلەن ئويۇن قويغىلى بارغان ئابدۇللا ناخشىلىرىدىكى مىللىيلىك ھەم ئاممىبابلىق بىلەن شۇ ئەل خەلقلىرىگە ئۆزىنى تونۇتتى . ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ، يارقىن سىياسى گېرمانىيە سەھنىلىرىدە پەيدا بولدى. بۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئىلگىرى كىيىن بولۇپ " شادىمان دوستلار ، بۇ كىشىنى تونۇمسىز " قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ، " گۇناھسىز جىنايەتكار ، كېيىنكى ئاتا " قاتارلىق درامىلاردا ئاساسلىق روللارنى ئېلىپ ، ئۆزىنىڭ پېرسوناژلارنىڭ نازۇك ئىچكى دۇنياسىنى ماھىرلىق بىلەن يورۇتۇپ بېرىشتەك ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىش بىلەن بىرگە يەنە " ئۇچرىشىش ، شېكەر شەنبە ، پۇل ، ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ " قاتارلىق ئېپىزوتلاردا ئوخشىمىغان يۇمۇرلۇق خاراكتېرگە ئىگە ئوبرازلارنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ناھايىتى يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى . ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەقىقەتەنمۇ ئەلگە تونۇلغان ئاتاقلىق سەنئەتكار بولۇپ ، بىر قانچە يىلدىن بۇيان ناخشا ئېيتىش ، دراما - ئېپىزوتلاردا رول ئىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي ، يەنە مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ ، " قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش ، ئاي گۇۋاھ ، ئۇر توقماق ، كۈلكىگە يوشۇرۇنغان يىغا " قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ ۋە بۇ فىلىملەرنىڭ ناخشىسىنى ئورۇنلاپ ، تاماشىبىنلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىدى . ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭمۇ رومانتىك ھېسسىياتقا باي ئاجايىپ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى بولغان . ئۇ شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ، كۈتۈلمىگەندە ھازىرقى ئايالى ئامىنە ئۆمەر بىلەن ئۇچراشتى . ئۆز - ئارا ساۋاقداشلىق ئۇلارنى ئاستا - ئاستا يېقىنلاشتۇردى . ئابدۇللا ئۆزىنىڭ ھېسسىياتقا باي لىرىك ناخشىلىرى ، ئېغىر - بېسىق مىجەز - خاراكتېرى بىلەن ئامىنەنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسى ھەم ھۆرمىتىگە ئېرىشتى . ئامىنەمۇ 1988 - يىلى " بويتاقلار ئائىلىسى " ناملىق ھېكايە فىلىمدە تۇنجى قېتىم رول ئېلىپ ئابدۇللانى ھاياجانغا سالدى . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ساۋاقداش 1988 - يىلنىڭ ئاخىرى مۇھەببەت باغلاپ ، كېيىنكى ساۋاقداشلىق ھاياتىنى تېخىمۇ گۈزەل ئارزۇ ئىستەكلەر ئىچىدە مەنىلىك ئۆتكۈزدى . 1991 - يىلى 7 - ئايدا ئوقۇشنى تاماملاپ بىرلىكتە شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى ھەمدە 1992 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1- كۈنى بەختلىك ھالدا غۇلجىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
uyghuray

3

تېما

0

دوست

395

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   47.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  58174
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 106
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-10 22:52:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ناخشىچى ،ئۇسسۇلچىلارغا ئۇ قانداقلا داڭلىق بولسۇن ‹‹ ئەل سۆيگەن ›› دىگەن سۆزنى ئىشلەتمىسەك بولمامدۇ دەيمە

3

تېما

0

دوست

395

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   47.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  58174
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 106
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-10 22:57:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلق خەلقىنى سۆيگەننى سۆيىدۇ خەلقىگە نەپ تەككۈزگەننى سۆيىدۇ ،يۈرىكىڭلارنى تۇتۇپ بىر گەپ قىلىپ بىقىڭلار بىرە ناخشا ياكى ئۇسۇلدىن نەپ ئېلىپ باقتىڭلارمۇ پەقەت ئىككى مىنۇتلۇق كۈلۈش خالاس

3

تېما

0

دوست

395

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   47.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  58174
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 106
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-10 23:03:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مۇشۇنداق سەتئەتچىنى سۆيىشىمىز بىر تۈركۈم سەنئەت ئارقىلىق جان باقارلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ،خەلقىمىز ئەدەبىيات سەنئەتنى سۆيىدىغان خەلق ئەمما ئەمما ئەدەبىيات - سەنئەتنى كەسپ قىلۋالدىغان خەلق ئەمەس ،تارىختا نۇرغۇن ئەدەبىيات سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلىرىمىز بولغان ئەمما ئۇلار سەنئەتنى جان بىقىش شەكلى قىلىۋالمىغان ،بىرە ئىشنىڭ بىشىنى تۇتىۋېلىپ بىكا ۋاقلىرىدا ئەدەبىيات سەنئەت بىلەن شۇغۇللۇنۇپ خەلققە خۇشاللىق ئاتا قىلغان
uyghuray

0

تېما

2

دوست

4133

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  44495
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 1224
توردىكى ۋاقتى: 506
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-10 23:14:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mahsodiya يوللىغان ۋاقتى  2016-3-10 23:03
بىزنىڭ مۇشۇنداق سەتئەتچىنى سۆيىشىمىز بىر تۈركۈم سەنئە ...

شۇنى دېمەمسىز ، نى نى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلار ئەل سۆيەر بولماي ، ناخشا ئۇسسۇلچى ئەلسۆيەر بولۇپ كېتىۋاتىدۇ دىسە ، ئەل سۆيەر دېگۈدەك نىمىش قىلىپ بەرگەن بولغىيتى ، خەلىقنىڭ پۇلىدىن يانچۇق توملىدى خالاس.....

0

تېما

10

دوست

4500

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19582
يازما سانى: 339
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1372
توردىكى ۋاقتى: 679
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-10 23:18:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ تېما مۇنبەردە مۈكۈنۈپ ياتقىلى 6 يىل بولاپتۇدە؟؟؟

5

تېما

1

دوست

1435

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   43.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43825
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 432
توردىكى ۋاقتى: 111
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-10 23:47:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇللانىڭ يىپەك يولى ساداسى پىروگراممىسىدا ۋە ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ناىشا كىچىلىكلىرىدە توختىماستىن ئۆزىنى قەشقەر مارالبېشى تۇمشۇق دىيىشلىرى ئۇنىڭ ئوبرازىغا ، يۇرت قارىشىنىڭ تار دائىرىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارلاپ قويدى . ھەقىقى بىر ناخشىچى بولۇپمۇ ئابدۇللادەك ئەڭ يۇقىرى نوپوزغا ئىگە ناخشىچىمىز ھە دىگەندە يۇرتىنى چۇۋۇپ سۆزلىسە سەلبى تەسىرى ئېشىپ يۇرتۋازلىق كۈچىيىدۇ .

   ئەمدى تۆۋەندە زاھىر بورھاننىڭ بىر كېچىلىكدە مۇنىرە غۇپۇر ئۇنىڭ يۇرتىنى سورىغاندا دىگەن جاۋابىنى ئاڭلاپ باقايلى : ( ئەسلى بۇ گەپلەرنى ئابدۇللا دىگەن بولسا ئۈنۈمى ، يېتەكلەش كۈچى ، تەسىرى بەك ياخشى بولاتتى )

http://v.youku.com/v_show/id_XMjMyMjYzMDA0.html

0

تېما

0

دوست

3233

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21759
يازما سانى: 262
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 976
توردىكى ۋاقتى: 265
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-10 23:48:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kemalbey يوللىغان ۋاقتى  2016-3-10 23:14
شۇنى دېمەمسىز ، نى نى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلار ...

مۇشۇ ‹‹ئەل سۆيەرچولپان›› دىگەننىڭ ئۆزىمۇ بىر مۈجىمەل گەپ. ئەل سۆيەر دىگەندە ناخشىچى ئەلنى سۆيەمدۇ، ياكى ئەل ناخشىچىنى سۆيەمدۇ؟ ئەگەر ئەلنى سۆيگەن ناخشىچى دىمەكچى بولسا، ناخشىچى چوقۇم ئەلنى سۆيىدۇ، چۇنكى ئەلدىن ئايرىلىپ قالسا ئۇ پۇل تاپالمايدۇ. ئەگەر ئەل ناخچىنى سۆيدى دىمەكچى بولسا، ئۇ ئەلنىڭ رايىغا باغلىق، خالىسا سۆيىدۇ، خالىمىسا تىللايدۇ، شۇ.
شۇڭا مەنتىقە جەھەتتىمۇ ‹‹ئەل سۆيەر چولپان›› دىگەن گەپ تۈپتىن خاتا.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )