قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1106|ئىنكاس: 5
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھەبىبۇللا: "ئاق پاراخوت“ ناملىق روماندىن تەسىراتلىرىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

0

دوست

1828

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   82.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51980
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 712
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-26

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-10 20:28:47 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
Aq Paraxot.jpg

"ئاق پاراخوت“ ناملىق روماندىن تەسىراتلىرىم

(ھەبىبۇللا ئابلىمىت)


    يازغۇچى چېنگىز ئايتماتوۋ(1928.12.12 - 2008.6.10) قىرغىز خەلقىنىڭ ئاتاغلىق يازغۇچىسى، داڭلىق جورنالىس ، تەرجىمان ۋە مەشھۇر سىياسەتچىسى ئىدى.
چېنگىز ئايتماتوۋ يالغۇز قىرغىز خەلقىنىڭلا ئەمەس بەلكى ئۇ پۈتۈن  دۇنيا خەلقىنىڭ  داڭلىق ئەدەبىياتچىدۇر.

    مەن بۇ مۇختەرەم يازغۇچىنىڭ „ئاق پاراخوت“ ناملىق رومانىنىڭ تۈركچە تەرجىمىسىنى ئوقۇپ چىقىپ، يازغۇچى چېنگىز ئايتماتوۋنىڭ بىر ئىلاھى كۈچكە تولغان پاك يۇرەككە ئىگە يازغۇچى ئىكەنلىگىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۇشەندىم.

    بۇ رومان بولسا  قىرغىزتاننىڭ بىر تاغلىق جىلغىسىدا بەش - ئالتە  ئىنسان ياشاشقا مەجبۇر بولغان، بوۋوسىدىن باشقا ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى بولمىغان، ھاياتى بەخىتسىز ئۆتىدىغان پەقەت خېيال دۇنياسىدىلا بەخىتلىك بولۇشقا تىرىشقان بىر ئۆسمۇرنىڭ ھايات سەرگۇزەشتىلىرنى ۋە ئىدىيەسىدىكى توقۇنۇشلارنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئەسەر.

    روماندىكى پەرسوناجلار:

    1. مۈمىن بوۋاي: ناھايىتى ئاق كۆڭۇل، ئىنسانلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغان، تۇرمۇشتا تىرىشچان 60-70-ياشلاردىكى بىر بوۋاي. ئۇ شۇ يەردىكى  ئورۇزقۇلنىڭ قولىدا ئىشلەيدىغان، جىلغىدىكى ئۈچ ئۆينىڭ بىرىدە 2-قىتىم ئۆۋلىنىپ ئالغان ئايلى بىلەن ۋە نەۋرىسى بىلەن بىرگە ياشايدۇ.

    2. روماننىڭ باش قەرىمانى بالا:  6-7-ياشلاردىكى بويى  ئۆز يىشىغا قارىغاندا ئانچە ئۆسمىگەن، سالپاڭ قۇلاقلىق، ئۆزى سەت بىر ئۆسمۇر بولۇپ، ھىچبىر دوستى بولمىغان، خىيال پەرەس ۋە بەخىتسىز بىر ئۆسمۇر. بالىنىڭ ساپلىغى،  پاك يۇرەكلىكى، ئىچكى دۇنياسىدىكى ھىسلىرىنى  كەلگۇسىنىڭ سۇمبولى قىلىدۇ. بالا تەبىئەتنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ.

    3. ئورۇزقۇل: سىمىز، قاپباش، ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئىنسانلار ۋە تەبىئەتتىن نەپرەتلىنىدىغان، تەرسا بىرى بولۇپ، ئۇ شۇ جىلغىدىكى ئورمان قوغداش پۇنكىتىنىڭ باشلىغى بولغىنى بىلەن ئورمانلارغا ئەڭ زىيان بىرىدىغان بىرى.

    4. بەكەي: مۇمىن بوۋاينىڭ قىزى، ئورۇزقۇلنىڭ ئايالى، ئۆزى تۇغماس بولۇپ، بۇ تەغدىرنىڭ بەخىتسىزلىگىنى بۇ بىچارە چارىسىز ئايالنىڭ چوڭ گۇنايى بولۇپ قالغان، بۇ سەۋەپتىن يولدىشىدىن داۋاملىق ناياق يەيدۇ. شۇنداقتىمۇ ئىنتايىن خوش چىراي، سەۋرىچان ئايالدۇر.

    5. سەيدەخمەت: ئىگىز بويلۇق، قوپال، ئىنتايىن ھورۇن كىشىدۇر. ئورۇزقۇلنىڭ يېنىدا ئىشلەيدۇ.  ئايالى ۋە ئىككى قىزى بار.

    روماندىكى ئۆتمۇشنىڭ سۇمبولى بولغان مۇمىن بوۋاي بىلەن كەلگۇسىنىڭ سۇمبولى قولغان بالا ئوتتۇرىسىدىكى دېراماتىك بىر مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئىنساننىڭ تۇيغىسى ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئۆزىگە خاس بىر ئۇسلۇپ ئارقىلىق ناھايىتى روشەن يورۇتۇپ بەرگەن.

    ئەسەردىكى باش قەھرىمان بالا بولسا بۇ كېچىككىنە جىلغىدا ئۆز ھاياتىنى بەخىتلىك ئۆتكۇزۇشكە تىرىشىدۇ، ھېچبىر دوستى يوق مەكتەپكىمۇ تېخى  كېرمىگەن ئىدى. ئەڭ چوڭ خوش بولىدىغان ئىشى بوۋىسى  دەريا قىرغىغا ياساپ بەرگەن كۆلچەكتە ئۇزۇش. „تۆگە، بۆرە، ئېگەر ۋە تانكا“ دەپ ئىسىملارنى قويۋالغان قۇرام تاشلار بىلەن سۆزلىشىش ۋە بوۋىسىدىن مەسەل ئاڭلاش. شۇنىڭدەك ھەر ئاخشام بوۋىسىنىڭ دۇربۇنىنى قولىغا ئېلىپ، تاغنىڭ ئۇستىگە چىقىپ، ئىسسىق كۆلنى كۇزىتىدۇ ۋە ئىسسىق كۆلدە بەش -ئالتە مىنۇتلا كۆرۇنۇپ يوقاپ كىتىدىغان ئاق پاراخوتقا قارايدۇ.

    بالىنىڭ دادىسى بىلەن ئاپىسى، بالا تۇغۇلۇپلا تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالغان. مۇمىن بوۋاينىڭ قىزى بولسا بۇ بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇ يولدىشى بىلەن ئاجىرشىپ كېتىپ، بالىنى بوۋايغا تاشلاپ قويۇپ، شەھەرگە كېرىپ كەتكەن ۋە ئۇ يەردە قايتا توي قىلىپ، ئۆز ئالدىغا بىر ئائىلە قۇرغان.

    بالا ئاشۇ ئىسسىق كۆلدىكى ئاق پاراخوتنىڭ كاپىتانىنى ئۆزىنىڭ  دادىسى ئىكەنلىگىگە ۋە بىر كۈنى ئۆزىنىڭ بېلىققا ئايلىنىپ، ئاشۇ ئاق پاراخوتنىڭ يېنىغا ئۇزۇپ بىرىپ، دادىسى بىلەن كۆرۇشىدىغانلىغىنى خېيال قىلىدۇ ۋە بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ.

    بالا كېيىن مەكتەپكە كېرىدۇ. بوۋاي يولنىڭ ئۇزاقلىغىغا قارىماي ئات بىلەن داۋاملىق بالىنى سەھەردە ئاپىرىپ، كەچتە ئەكىلىدۇ. بىر كۈنى ئورۇزقۇل بوۋاينى ئىشتىن بۇرۇن چۇشىشكە يول قويمايدۇدە، بالىنى ئەكىلىشكە كېچىكىپ قالىدۇ ۋە بالا مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا بوۋاينى ساقلايدۇ، ئاخىرى مۇئەللىم بالىنى ئىلىپ مىڭىشىغا بوۋاي كېلىدۇ، بالا بوۋايغا ئاچچىقلىنىپ گەپ قىلمايدۇ ئەمما بوۋاي بالىنىڭ كۆڭلىنى ئىلىش ئۈچۈن „مۇڭگۇزلۇك مارال ئانا“ ناملىق مەسەلنى ئېيتىپ بىرىپ كۆڭلىنى ئالىدۇ. بوۋاينىڭ ئېيتىشىچە قىرغىزلار ماشۇ مارال ئانىنىڭ پۇشتىدىن كەلگەن ئىكەنمىش.

   بالا بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. مەسەلگە ئاساسلانغاندا بۇ جىلغىدىن مارال ئانا كەتكەن ئەمما كېيىن قايتا كۆرۇلگەن. بىر كۈنى ئۇ  مارال ئانىنى سەيدەخمەت ئورماندا كۆرۇپ قىلىپ، ئاتماقچى بولۇپ قارغا ئالىدۇ ئەمما ئۆزى ھاراق ئىچىۋالغان بولغاچقا، نىشانغا ئالالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن يېنىدىكى مۇمىن بوۋاينى مارال ئانىنى ئېيتىشقا بۇيرىيدۇ لېكىن بوۋاي قەت ئىي رەت قىلىدۇ. سەيدەخمەت بوۋايغا تەھدىت قىلىپ، ئورۇزقۇلغا چاقىدىغانلىغىنى ئېيتىدۇ بۇنىڭ بىلەن بوۋاي مارال ئانىنى ئاتىدۇ.

    بۇ كېچە ئورۇزقۇلنىڭ ئۆيدە مارال ئانانىڭ گۆشى بىلەن چوڭ زىياپەت بولىدۇ. بوۋاي قاتتىق ئازاپلىنىدۇ ۋە ئاخىرى ئوچاق بىشىدا ھوشىدىن كېتىدۇ.  ئۇ كېچە بالا قاتتىق ئاغرىپ قالغان بولۇپ ئەمما تالادىكى پۈتۇن ئىشلارنى تۇيۇپ تۇرىدۇ ۋە تالاغا چىقىدۇ بوۋاينىڭ ھوشسىز  ياتقانلىغىنى كۆرۇپ بوۋا! بوۋا! دەپ ۋاقىرايدۇ ۋە قازاندا قايناۋاتقان  مارال ئانىنىڭ گۆشىنى كۆرۇپ قاتتىق ئازاپلىنىپ، بۇ ھاياتتىن ئۇمۇتسىزلىنىدۇ ۋە دەريا تەرەپكە يۇگرەيدۇدە دەرياغا ئۆزىنى ئېتىپ دەرياغا چۆكۇپ كېتىدۇدە، ھەرگىز كۆرۇلمەيدۇ.

    يازغۇچى بۇ روماننى مانا شۇنداق تراگىدىيەلىك ئاخىرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھاياتنىڭ ئاتچىق ۋە قىپ-يالاغاچ ھەقىقى ماھىيىتىنى ئوتتۇرغا چىقارغان.

    ھايات دىگەن مانا ماشۇ! دۇنياغا كەلمىسەڭ ھىچنەرسىنى تۇيمايسەن ۋە كۆرمەيسەن،  ئەمما كەلدىڭمۇ دەرلەردىن قۇتۇلالمايسەن.

    ئەسەردە بالا بۇ دۇنيادا بەخىتلىك بولۇش ئۈچۈن شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ، ھىچ بەخت يۇزى كۆرمەيدۇ، چۈنكى بۇ بالا ئەسلىدە ئۆز يىلتىزىدىن يۇلۇۋىتىلگەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا چېچىلىپ كەتكەن ياش نەسىللەرنىڭ قەھرىمانلىرىدىن بىرسىدۇر.

    يازغۇچى چېنگىز ئايتماتوۋنىڭ ئىدىيىسىدە ئۆسمۇرلۇك بولسا كەلگۇسىدىكى ئىنسان خارەكتىرىنىڭ تۇخۇمۇدۇر. ئۆسمۇرلۇك بولسا يەنە  ئانا تىلنى ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ قوينىدا تۇرۇپ ئۈگۈنىدىغان ۋە ئەتراپتىكى ئىنسانلارغا، تەبىئەتكە، بولۇپمۇ ئۆز مەدەنىيەتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ھەقىقى مەناسى بىلەن ھېس قىلىدىغان بىر مەزگىلدۇر.

    بۇ روماندىكى نۇرغۇن ئەفسانى ھېكايىلەر ۋە مەسەللەرنى مۇمىن بوۋاي بالىغا سۆزلەپ بىرىدۇ. مەن تۆۋەندە بۇلاردىن ئىككىسىنى  سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

پادىشاھ بىلەن ئەسىر


    بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ بىلەن يەنە بىر دۆۋلەتنىڭ پادىشاھى ئۇرۇش قىلىپ، ئۇرۇشتا يەڭگەن پادىشاھ بولسا يېڭىلگىنىنى ئەسىرگە ئاپتۇ.

    يەڭگۇچى پادىشاھ بولسا ئەسىر پادىشاھقا مۇنداق دەپتۇ: „ ئەگەر خالىساڭ مىنىڭ قۇلۇم بولۇپ، يېنىمدا ياشا. بۇنداق بولغاندا ئۆز ئۆمرۇڭنىڭ يىتىشىچە ئۇزۇن ۋاقىت ياشالايسەن. ئەگەر بۇ تەكلىۋىمنى قوبۇل كۆرمىسەڭ، ئەڭ مۇھىم ئارزۇيىڭنى ماڭا ئېيت. مەن بۇ ئارزيۇڭنى قاندۇرغاندىن كىيىن، كاللانىڭ ئالىمەن، ھاياتىڭ دەرھال ئاخىرلىشىدۇ.“

    ئەسىرگە چۇشكەن پادىشاھ مۇنداق جاۋاپ بىرىپتۇ: “ قۇل بولۇپ بىر ئۆمۇر ياشاشنى زىنھار ھالىمايمەن. مىنى خالىغىنىڭ بويىچە ئۆلتۇر. مىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇيۇم شۇكى ئانا ۋەتەنىمدىن بىر پادىچىنى بۇ يەرگە كەلتۇرگىن.“

    يەڭگۇچى پادىشاھ: „ پادىچىنى نىمە قىلىسەن؟ “

    ئەسىر پادىشاھ: “ ئۆلۇشنىڭ ئالدىدا يۇرتۇمنىڭ خەلق ناخشىلىرىدىن بىرنى پادىچىدىن ئاڭلىغىم بار” دەپتۇ.

    دىمەككى بۇ مىكرو ھېكايىدىن شۇنى چۇشەندۇققى، بۇرۇنقى ئىنسانلار قۇل بولۇپ ياشاشتىن،  ئۆز يۇرتلىرىنىڭ بىر غەزەلى ئۈچۈن ئىسسىق جانلىرىنى پىدا قىلىپ، ئۆلۇشنى شەرەپ دەپ بىلگەن.

ئاچ بۆرە توغرىسىدىكى مەسەل


    بىر كۈنى بىر ناھايىتى ئېچىقاپ كەتكەن بىر بۆرە يەيدىغان بىر ئولجا ئىزدەپ كىتىۋاتسا ئالدىغا بىر تۇلۇم چاچقان ئۇچراپ قاپتۇ. بۆرە، تولۇم چاچقانغا ھۇمۇيۇپ تۇرۇپ:” كۆزۇمگە تولا كۆرۇنمە، قوساقنىڭ ئاچلىغىدا بىر يالماپ يۇتېۋەتسەم تويۇسەن تازا!” دەپتۇ.

    چاچقان مۇنداق جاۋاپ بىرىپتۇ: “ ماڭا ھەرگىز تەككۇچى بولما، ئاچكۆزلۇگىڭ بىشىڭغا چىقىدۇ. ئەگەر ماڭا ئاچكۆزلۇك قىلساڭ سىنى ئىشتەك قىلىۋىتىمەن”

    بۆرە ، ھاھ…ھاھ…ھاھ  قىلىپ، كۇلۇپ كىتىپ: “ بۆرىنىڭ بولسا ئىشت بولۇپ قالغىنى ئەلمىساقتىن كۆرۇلۇپ باققان ئەمەس. بۇ سىنىڭ ئەدەپسىزلىگىڭ ئۈچۈن سىنى يەيمەن ! “ دەپلا ، تۇلۇم چاچقاننى بىر يالماپ يۇتىۋىتىتۇ. ئەمما ئاچكۆز  بۆرە راستىنلا شۇندىن باشلاپ ھەقىقى بۆرىدەك ياشاشتىن مەھرۇم قاپتۇ.

    نە ۋاقىت بۆرە ، بىر قويغا ياكى باشقا بىر ئولجىغا ۋۇجۇم قىلاي دىسە. قوسىقىدىكى تۇلۇم چاچقان ۋاقىراپ، جار سىلىپ : “ ئەي پادىچىلار! ئۇخلاپ قالماڭلار، مەن ئاچ كۆز بۆرە كەلدىم. مەن بولسام قارا بۆرە! قويۇڭلارنى ئېلىپ قاچماقچىمەن!! “ دەپ ۋاقىرايدىكەن.

    بۇنداق چاغدا ئاچ كۆز بۆرە نىمە قىلارىنى بىلمەيدىكەن. ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنى چىشلەپ، ئۆزىنى ئۇيا-بۇياققا ئېتىپ، يەردە يۇمۇلايدىكەن. تۇلۇم چاچقان ھېچ تۇرماستىن ۋاقىرايدىكەن.” پادىچىلار كىلىڭلار، يوغان كالتەكلىرىڭلار بىلەن مىنى ئۇرۇڭلار، مەن ئاچ كۆز بۆرىنىڭ تېرىسىنى تەتۇر سويۇڭلار!“. پادىچىلار بولسا كالتەكلىرىنى قوللىرىغا ئېلىپ، بۆرىنى سۇرۇپ-توقاي قىلىۋىتىدىكەن. بۆرە بولسا ئارقىسىغا قارىماي بەدەر قاچىدىكەن. بۆرىنىڭ قوسىقىدىن يەنە داۋاملىق شۇ ۋاقىراش ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدىكەن. بۇ ئەخۋالنى كۆرگەن پادىچىلارمۇ نىمە ئىش بولغانلىغىنى بىلەمەي، ھاڭ-تاڭ بولۇپ، تۇرۇپ قالىدىكەن.

    ئاچ كۆز بۆرە بولسا ساراڭلاردەك ھەم قاچىدىكەن ھەم ۋاقىرايدىكەن:” مىنى تۇتۇڭلار، ئەدىۋىمنى بىرىڭلار، جاجامنى بىرىڭلار! ئاچ كۆزلىگىمگە تويغۇزۇڭلار!”. پادىچىلار بەزىدە كۈلۇپ تىلىقىپ، يەرلەردە يىتىپ قالىدىكەن. بۇ ۋاقىتتا بۆرە قىچىپ قۇتۇلىدىكەن. ئەمما ئىش بۇنىڭ بىلەن تۇگمەيدىكەن. بۆرە نەگە بارسا شۇ يەردە ئاچ كۆزلۇك بىلەن يۇتىۋەتكەن  قوسىقىدىكى تۇلۇم چاچقان شۇنداق ئاۋاز چىقىرىدىكەن. بۇ سەۋەپ بىلەن بۆرە يەيدىغان ئولجا بولاماي، ئاچلىقتىن بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالىدىكەن. ئاخىرى بۇ ئاچلىققا چىدىمىغان بۆرە چىشلىرىنى چاكىلدىتىپ:“ نىمە بۇ بېشىمغا كەلگەنلەر! نىمە دەرت بۇ تۇگىمەيدىغان! بۇنىڭدىن جاق تويدۇم!“ دەپ زارلىنىدىكەن. ئەمما تۇلۇم چاچقان ھېچ تۇرماي:“ پالانچىنىڭ قويلىرى بەك سېمىز، ئىستلىرى پاڭ، قويلىرىغا ۋۇجۇم قىل!، ياكى پالانچىغا بار، ئۇ ھازىر قاتتىق ئۇيقۇدا“ دەپ بىشىنى ئىلىشتۇرۋىتىدىكەن. ئاچ بۆرە ۋۇجۇم قىلاي دىيىشىگە يەنە ئوخشاشلا ۋاقىرايدىكەن.

    ئاخىرى بۇ ئىشلارغا چىدىمىغا ئاچ بۆرە: „ بۇنداق بۆرە بولۇپ ياشىغاندىن بىرەسىنىڭ „ئىشتتى“ بولۇپ، „ئىشتتەك“ ياشاي“ دەپ „ئىشت“ بولۇپ ياشايدىكەن.

    ئىنسانلار ئەسلىدە ئىنساندەك دۇنياغا كېلىدۇ ۋە ئىنساندەك غۇرۇرلۇق ياشايدۇ لېكىن بەزىلەر ئاچ كۆزلۇك قىلىپ، ئۆز غۇرۇرىنى ئۆزى دەپسەندە قىلىپ، باشقىلارغا باغلىنىپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شۇلارنىڭ „ئىشتتى” بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.


    مەن چېن گىز ئايتماتوۋنىڭ “ئاق پاراخوت” ناملىق رومانىنى ئوقۇغاندىن كېيىن يەنە بىر ھەقىقەتنى چۇشەندىمكى ئىنساننىڭ بېشىغا بەخت بىلەن يەنە داۋاملىق ئىنساننىمڭ رۇھې دۇنياسىنى ھەتتا پۈتۈن ھاياتىنى ئاستىن-ئۇستىن قىلىۋىتىدىغان بەختسىزلىكلەر بىرگە كېلىدۇ. بەزى ئىنسانلارغا بۇ دۇنيادا بەخت يوقتەكلا بىلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ ھەممە خوشاللىقىنى، بەختىنى كاللىسىنىڭ ئىچىدىكى رۇھې دۇنياسىدىنلا تېپىپ ياشايدۇ…..

    بۇ روماندىكى گۈزەل سۆزلەر:

    1. …...مېنى بېلىق بولالمايدۇ دەمسەن؟ كۆرۇسەن بىر كۈنى قانداق بولىدىغانلىقىمنى، بىر كۈنى بېلىق بولۇپ، ئاق پاراخوتنىڭ قېشىغا ئۇزۇپ بارىمەن...

    2. ئۆيلەرنىڭ ئارقىسىدىن قاراش، بىر ئىنسانغا سىرتىدىن قارىغانغا ئوخشاش. ئىچىدە نىمىلەر بارلىغىنى ھىچ بىلەلمەيسەن.

    3. ئىنساننىڭ بەختلىك بولۇشى ۋە بۇ بەختنى باشقىلارغا ئۆتۇنۇپ بېرىشى بەزىدە نىمە دىگەن ئاسان ھە ! ئەمما ئەمەلىيەتتە ھەقىقى ھايات مۇنداق ئەمەس. بەختكە يانداش، پېشىنى ھىچ قويۋەتمەي، ئىنسان رۇھىنى ۋە پۈتۈن ھاياتىنى ئاستىن-ئۇستۇن قىلىۋىتىدىغان بالا-قازالار، بەختسىزلىكلەرمۇ بار.

    4. ئىنسان يالغۇز بولغاندا نىمىلەرنى ئويلىمايدۇ دەيسىز، ئەمەلىيەتكە ئاشمايدىغان خېياللار، ئۇچۇپ كەتكەن يىللار، بىرىجى مۇھەببەت.... ئۇزاق-ئۇزاقلاردا قالغان ۋاقىتلارنى، ئىگە بولالمىغانلارنى ۋە ئېرىشەلمەيدىغان بىر ئىستەكنى ئەسكە ئالماق، چۈشەنمەك ھەجەپمۇ ياخشى بىر نەرسە ھە! نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدىغاندۇ؟ بۇلارنى ئىنسانلار بىلەلمەيدۇ.  ئەمما ئىنسانلار  بۇلارنى چۈشۇنىشنى، ئۇ كۈنلەرنى قايتىدىن ياشىغاندەك ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ.

    5. شاخلارغا ئېسىلىپ، ھېرىپ كەتكەن يوپۇرماقلار يەرلەرگە چۇشىۋاتاتتى.

    6. تاغلارغا يەنە كۇز كەلدى. قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن يازدىن كېيىن، ھەر تەرەپ كۇزنىڭ جىمجىتلىقىغا چۆكتى. يايلاققا چىققانلارنىڭ چىقارغان چاڭ-توزاڭلىرى تېندى. ياققان ئوتلىرى ئۆچتى. ھايۋانلار قىشلاققا كەتتى. ئۇلار بىلەن بىرگە ئىنسانلارمۇ كەتتى. تاغلار بوش ئادەمسىز قالدى.

    7. ئىشەككە، ئىشەك ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ بىرەلمەيسەن.

    8. ئانا ئاچچىقلايدۇ، ئانا ئازار بېرىدۇ، ئەمما ئانا كۇلۇمسىرەيدۇ بالىسىغا....

    9. بىر ئادەمنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلماق ۋە ئۇنى يېتىشتۇرۇپ، چوڭ قىلىش ئۈچۈن بەكمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمما ئۇنى ئۆلتۇرۇش بەكمۇ ئاسان، بىردەمدىلا ئۆلتۇرەلەيسەن.

    10. سۇ بويلاپ ئۇزۇپ كەتتىڭ ئوغلۇم، ئۆزەڭ بىلەن بىلللە رىۋايەتلىرىڭنىمۇ  ئېلىپ كەتتىڭ. ئۇزۇپ كەتتىڭ.... ھىچ بىر ۋاقىت بېلىق بولالمايدىغانلىغىڭنى بىلەتتىڭمۇ؟
“ئاق پاراخوت” نى كۆرەلمەيدىغانلىغىڭنى ۋە ئۇنىڭغا " سالام ئاق پاراخوت، مەن كەلدىم، مانا مەن!" دىيەلمەيدىغانلىغىڭنى  بىلەمتىڭ؟

    جىلغىنى بويلاپ ئۇزۇپ كەتتىڭ ئەي ئوغلۇم!
    ئەمدى مەن پەقەت مۇشۇ نالەنى دىيەلەيمەن؛

    بالىلىق قەلبىڭ بىلەن  بالىلىق رۇھۇڭ بولسا چىقىشالمايدىغان ھەرقانداق نەرسىنى رەت قىلدى. ماڭا تەسەللى بىرىدىغان پەقەت مانا مۇشۇلار.

    بىر چاقماق چاققىچىلىكلا ياشىدىڭ سەن، بىر قىتىم چاقنىدىڭ ۋە ئۆچتۇڭ. چاقماقنى چاقتۇرغان كۆكتۇر. كۆك ئەبەدىدۇر. مانا ماڭا تەسەللى بولىدىغىنى.

    باشقا يەنە بىر تەسەللىمۇ بار:

    ئىنساندىكى بالىلىق ۋىجدان، توخۇمداندىكى ئۇرۇققا ئوخشايدۇ. ئۇ ئۇرۇق بولمىسا توخۇم بىق چىقارمايدۇ، تەرەققى قىلمايدۇ.

    يەر يۈزىدە بىز نىمىلەرنى ئۇمۇد قىلساق قىلايلى، ئىنسانلار تۇغۇلىدىغان، ئۆلۇدېغان ۋە ياشايدىغانلار بولسا ھەقىقەت بىلەن توغرۇلۇق دىگەن نەرسە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

    ساڭا ئۆزەڭنىڭ سۆزىنى دەپ خوشلاشماقچىمەن:

    ”مەرھابا ئاق پاراخوت، مەن كەلدىم!”

08.09. 2016. گېرمانىيە.

bagdax

0

تېما

9

دوست

2861

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  58132
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 873
توردىكى ۋاقتى: 426
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-27
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-11 15:24:32 |ئايرىم كۆرۈش
يازغۇچىغا چوڭ تەشەككۇر، ئسىل يازما بوپتۇ

0

تېما

4

دوست

6359

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35151
يازما سانى: 455
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1953
توردىكى ۋاقتى: 598
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-26

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-11 16:41:41 |ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ ئاق پاراخۇت دىگەن  رۇماننى،بىر كۇنلۇكى 1يۇەنگە ئىلىپ،بىر كىچىدىلا ئۇقۋەتكەن ئىدىم،ھەققەتەن ياخشى  كىتاپ ئىكەن تىما ئىگسگە رەخمەت.

0

تېما

0

دوست

368

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  73634
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-10
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-12 19:44:08 |ئايرىم كۆرۈش
ئىنسانلار ئەسلىدە ئىنساندەك دۇنياغا كېلىدۇ ۋە ئىنساندەك غۇرۇرلۇق ياشايدۇ لېكىن بەزىلەر ئاچ كۆزلۇك قىلىپ، ئۆز غۇرۇرىنى ئۆزى دەپسەندە قىلىپ، باشقىلارغا باغلىنىپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شۇلارنىڭ „ئىشتتى” بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.
bagdax

9

تېما

10

دوست

6239

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   24.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55800
يازما سانى: 731
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 1815
توردىكى ۋاقتى: 310
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-9

تۆھپىكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-15 17:06:31 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازما ئۆزگىچە يازما بوپتۇ . ئۇ كىتاپنى ئوقۇپ باقمىساممۇ ، بۇ يازمىدىن ئۇ روماننىڭ ياخشىلىقنى بىلدىم . تېما ئىگىسىگە رەھمەت .

2

تېما

0

دوست

1522

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   52.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55047
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 452
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-21
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-17 13:49:07 |ئايرىم كۆرۈش
مەن چىنگىزئايتماتوفنىڭ ھەممە ئەسەرلىرىنى دېگۈدەك ئوقۇپ چىقتىم. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «ئالائىت قىياسى » دېگەن ئەسىرىنى تۇنجى قېتىم ئوقۇغاندا كۆز ياشلىرىمنى توختىۋالالماي قالغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. كىشىگە يىڭىچە بىر تۇيغۇ، چەكسىز ھۇزۇر بىغىشلايدۇ.
  ئۇنىڭ « ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن » رومانىدىكى مۇنۇ سۆزلەر مەڭگۈ ئىسىمدىن چىقمايدۇ.« بۇ يەردە پويىزلار شەرقتىن غەرىبكە، غەرىبتىن شەرىققە توختىماي ئۆتۈپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە چەكسىز كەتكەن سارى ئۈزەك چۆلى سوزۇلۇپ ياتىدۇ.».
ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە تەبىئەتنىڭ ئەسلى گۈزەللىكىگە بولغان ئىنتىلىش، پاك ساپ سەمىمىي ھىسيات مەدھىيلىنىدۇ. مەيلى ئۇيغۇر ياكى چەتئەل يازغۇچىلىرىدىن بولسۇن ئۇنىڭ يىزىقچلىق ئۇسلۇبىدىكى ماھارىتىگە ھىچكىم يىتەلمەيدىغاندەك ھىس قىلدىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )