قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 3424|ئىنكاس: 98
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

چۈشنىڭ سىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

73

دوست

2312

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  74715
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 694
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25

تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-11 20:16:56 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
چۈش ئىنسانلار پەيدا بولغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ئىزچىل رەۋىشتە سىرلىق تۈس ئېلىپ كەلگەن ھادىسە، ئىنسانلار تارىختىن بۇيان چۈش ھەققىدە تىنىمسىز ئىزدىنىپ، چۈشكە تەبىر بېرىشنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. نۆۋەتتە چۈش دۇنيا مىقياسىدا مەخسۇس بىر ئىلىم سۈپىتىدە تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ. ئالىملار تۈرلۈك ئىلمىي ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، چۈشنىڭ ماھىيىتى ۋە سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. ئەجدادلىرىمىز چۈش ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە خېلى بۇرۇنلا ئىزدىنىشكە باشلاپ، بىر قىسىم قىممەتلىك ۋەسىقىلەرنى قالدۇرغان. خەلق ئارىسىدىمۇ چۈش تەبىرىگە ئائىت بىر قىسىم رىسالىلەر ساقلىنىپ ۋە كەڭ تارقىلىپ كەلمەكتە. لېكىن، كىشىلىرىمىزنىڭ چۈش ھەققىدىكى تۇنۇشى ۋە چۈشكە تەبىر بېرىشتىكى ئەنئەنىۋى ئۇسۇللىرىدا  قىسمەن خۇراپىلىق ئامىللىرى يوق ئەمەس. كىشىلىرىمىزنىڭ چۈش توغرىسىدىكى تۇنۇشنىڭ ئىلمىيلىشىشىغا ياردىمى تېگەرمىكىن دېگەن مەقسەتتە نۆۋەتتە چۈش تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى توپلاش ئاساسىدا بۇ ماقالىنى تەييارلىدۇق .-مۇھەررىردىن

ئادەم ھەر كېچىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى سائەتتىن ئارتۇقراق چۈش كۆرىدۇ. شۇنداقتىمۇ كىشىلەر تا ھازىرغىچە »بىز نېمە سەۋەبتىن چۈش كۆرىمىز؟  چۈش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟« دېگەندەك سۇئاللارغا ئېنىق جاۋاپ تېپىپ بولالمىدى. لېكىن، چۈشنىڭ سىرى مۇتەخەسىسلەرنىڭ تىرىشىپ ئىزدىنىشى بىلەن بارا-بارا ئېچىلماقتا.
2002-يىل 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكىدىكى دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ قوشماق بىناسىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى، بەش بۈرجەكلىك بىنانىڭ ھوجۇمغا ئۇچرىشى ئامېرىكىلىقلارغا روھىي جەھەتتىن قاتتىق زەربە بولدى. 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار ئۆزلىرىنىڭ بوران ئۇچۇرۇپ كېتىش، دېڭىز دولقۇنى ئېقىتىپ كېتىش قاتارلىق ۋەھىمىلىك چۈشلەرنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان. تەتقىقاتچىلار كىشىلەرنىڭ 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن بۇنداق چۈشلەرنى كۆرگەنلىكى، ئۇلارنىڭ غايەت زور روھىي بېسىمغا دۇچار بولغانلىقىدىن، دەپ قارىماقتا.

روھى زەربىنىڭ چۈشكە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئادەتتىكى بىر ساۋات. بىراق، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە چۈش توغرىلىق يەنە نۇرغۇن سىرلار ساقلانغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتىن چەتنىگەن قۇرۇق، قالايمىقان، غالىتە ئىشلارنى چۈشىگىنىمىزدە گاڭگىراپ قالىمىز، ھەتتا قورقۇپ كېتىمىز، ئويغانساقلا چۈشىمىزدىكى مەنزىرىلەر مەيىن شاماللار ئۇچۇرۇپ كەتكەن تىنىقلىرىمىزدەك غايىب بولىدۇ.

بۇنىڭدىن 50يىل بۇرۇن، چىكاگو ئۇنۋېرىستېتىنىڭ ئاسپىرانتى يېۋگىنى ئاسرىنىسك كونا تىپتىكى مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنى ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ سەككىز ياشلىق ئوغلىنىڭ ئۇيقۇلۇق ھالىتىدىكى نېرۋا ئېلېكتىر دولقۇنىنى خاتىرىلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ پەن-تېخنىكا ئارقىلىق چۈشنىڭ سىرىنى ئېچىش تىرىشچانلىقى باشلاندى. بولۇپمۇ، يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان خىلمۇ-خىل ئىلغار تەكشۈرۈش، ئۆلچەش تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشى چۈش تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى تەتقىقاتچىلارنى چوڭ مېڭىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ گلوكوزىنى خورىتىش جەريانىنى تېخىمۇ ئىنىق كۆزىتىش، قاننىڭ چوڭ مېڭىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىگە ئېقىپ كىرىش تېزلىكىنى ئېنىقلاش قاتارلىق ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە قىلدى. ھازىر تەتقىقاتچىلار چوڭ مېڭىنىڭ سىرتقى قىسمىدىكى ئەھۋاللارنى كۆزىتىپلا قالماي يەنە چوڭ مېڭىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پائالىيەت ئەھۋاللىرىنىمۇ كۆزىتەلەيدىغان بولدى.

QQ截图20160912010816.png


ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن چۈش كۆرىدۇ؟

بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر ئۇخلىغاندا چوڭ مېڭىنىڭ پۈتۈنلەي ئارام ئالمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ كۈچلۈك ئىچكى پائالىيەتچانلىققا ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدى. فىزىئولوگىيە تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئىنسانلارنىڭ ئۇيقۇسى يېنىك ئۇيقۇ ۋە ئېغىر ئۇيقۇ دەپ ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. يېنىك ئۇيقۇ باسقۇچىدا كۆز قارىچۇقى تېز ھەرىكەتلىنىدۇ. ئېغىر ئۇيقۇ باسقۇچىدا كۆز قارىچۇقىنىڭ ھەرىكەتلىنىشى بىرقەدەر ئاستا بولىدۇ. ئادەتتە كىشىلەر ئۇخلاپ 80-100 مىنۇتتىن كېيىن، يىنىك ئۇيقۇ ھالىتىدىن ئېغىر ئۇيقۇ ھالىتىگە ئۆتىدۇ. ئېغىر ئۇيقۇ ھالىتىدە تومۇرنىڭ سۇقۇشى ھەم ئاستا ھەم ئاجىز بولىدۇ. يېنىك ئۇيقۇ ھالىتىدە تومۇرنىڭ سۇقۇشى تېز بولىدۇ. ئادەم ئادەتتە يېنىك ئۇيقۇ ھالىتىدە چۈش كۆرىدۇ. چۈش كۆرگەندە كىشىلەرنىڭ تومۇر سۇقۇش قېتىم سانى ئاشىدۇ. تەۋرىنىشمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.

ئادەم يىنىك ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرگەندە بىر تەرەپتىن چوڭ مېڭىنىڭ گىرۋەك رايۇنى قوزغىتىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن مېڭىنىڭ پېشانە بۆلكىنىڭ پوستلاق قىسمى- چوڭ مېڭىنىڭ ئىجرا قىلىش مەركىزى تاقىلىدۇ.

چوڭ مېڭىنىڭ بۇنداق ئىش تەقسىملەش شەكلى تۇنجى بايقالغاندا تەتقىقاتچىلار ھەيران قالغان. بۇنداق ئىش تەقسىملەش شەكلى بىلەن چۈشنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىنتايىن ماسلاشقانىدى، نەتىجىدە كىشىلەر چۈش توغرىسىدىكى نۇرغۇن سىرلارنى يەشتى.

نېمە ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ چۈشىدە كچلۈك ھېسسىي داۋالغۇشلار يۈز بېرىدۇ؟ مەسىلەن، مۈشكۈلاتقا يولۇقۇش ياكى ئىمتىھانغا يېقىنلاشقانسېرى ئىمتىھان تەييالرىقى پۈتمەسلىك دېگەندەك، بۇنىڭ سەۋەبى، ئادەم چۈش كۆرۈۋاتقاندا چوڭ مېڭىنىڭ تۈرلۈك كەيپىياتلارنى شەكىللەندۈرۈشكە مەسئۇل گىرۋەكلىرىنىڭ پائالىيىتى جانلىنىپ كېتىدۇ. چۈش نېمە ئۈچۈن بەزىدە شۈنچە تېتىقسىز ياكى پۇچەك بولىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى، ئادەم ئۇخلىغاندا، چوڭ مېڭىنىڭ خۇلاسىلەشكە مەسئۇل پېشانە بۆلىكىنىڭ پوستلاق قىسمى تاقالغان بولىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر چۈشىدە تۇنۇيدىغان كىشىلەرنى كۆرىدۇ. كۆڭلىدە بۇ كىشىلەرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تەقى-تۇرقى رېئال تۇرمۇشتىكىگە ئوخشاش بولمايدۇ؟ بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئۇخلىغاندا چوڭ مېڭىنىڭ بىر قىسمى خىزمەت قىلىۋاتقان، يەنە بىر قىسمى خىزمەتتىن توختىغان بولىدۇ، بىر ئادەمنىڭ تەقى-تۇرقىنى تۇنۇش چوڭ مېڭىنىڭ پېشانە پوستىلاق قەۋىتىمۇ بار.

نېمە ئۈچۈن كىشىلەردە چۈشىدە دائىم بارىدىغان جايىنى تاپالماسلىق ياكى ئىمتىھاندا بىر قىسىم مەزمۇنلارنى ئەسلىيەلمەسلىكتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى، چوڭ مېڭىنىڭ بىر قىسمىنىڭ تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، يەنە بىر قىسمىنىڭ ئارام ئالغانلىقىدۇر.

نېمە ئۈچۈن كىشىلەر چۈشىدە يۈگۈرەيدۇ. سەكرەيدۇ-يۇ، كارىۋاتتىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئادەم ئۇخلىغاندا چوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكەتنى باشقۇرۇش مەركىزى بىلەن ئادەمنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ ئالاقىسى ئۆزۈلگەن بولىدۇ. شۇڭا ئادەم ئۇخلىغاندا مۇسكۇللىرى بوشاپ كېتىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ چۈشىدىكى »ھەرىكەت«لىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئايلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

كىشىلەر ئويغانغاندا نېمە ئۈچۈن كۆرگەن چۈشىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇخلىغاندا چوڭ مېڭىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك خاتىرىلەشكە مەسئۇل قىسمىنىڭ ئاساسەن ھەرىكەتتىن توختىغانلىقىدۇر. تۇيۇقسىز ئويغىنىپ كېتىش بۇنىڭ سىرتىدا، ئادەتتە چۈش تېزلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. ئەمما، تۈن نىسپىدىن كېيىن كۆرگەن چۈش ئاسان ئەستە قالىدۇ.

881608570922445.jpg

دۇنيادىكى كىشىلەر ئوخشاش چۈش كۆرەمدۇ؟

1975-يىلى يازدا، ۋەھىمىلىك فىلىم »ئاق لەھەڭ«قۇيۇلغاندىن كېيىن، بىر خىل قىزىقارلىق ھادىسە يۈزبەرگەن، نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار ئۆزلىرىنى لەھەڭ قوغلاشتەك قاباھەتلىك چۈشنى كۆرگەن. ھەتتا دېڭىزدىن نەچچە يۈز چاقىرىم يىراقلىقتىكى كىشىلەرمۇ مۇشۇنداق چۈش كۆرگەن، ئەمەلىيەتتە، بۇ ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ ئۇمۇملاشقان »بىر نەرسە قوغلاپ چۈش كۆرۈش« نىڭ يېڭى نۇسخىسىدۇر.

ئەلمىساقتىن بۇيان، كىشىلەر ئۆزلىرىنى ھەرخىل نەرسىلەر قوغلاپ چۈش كۆرگەن. مەسىلەن: يولۋاس قوغلاپ، قاپلان قوغلاپ، ئۆمۈچۈك، تىمساھ ۋە ئېيىق قوغلاپ ياكى ياتاق ئۆيىنىڭ مورىسىغا يۇشۇرۇنغان قارا كىيىملىك يات ئادەم ياكى ئاللىقانداق غەلىتە مەخلۇقلار قوغلاپ دېگەندەك، قەدىمىي تام رەسىملىرىدىن، ئەپسانىلەردىن ياكى چۈش تەبىرىگە ئائىت كىتابلاردىن بۇ ھەقتىكى دەلىللەرنى تاپقىلى بولىدۇ.

كىشىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنى بىر نەرسە قوغلاپ چۈش كۆرىدۇ؟ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېنىك ئۇيقۇ ھالىتىدە چوڭ مېڭىنىڭ پائالىيىتى چوڭ مېڭىنىڭ چۆرىسىدە، يەنى كەيپىيات ۋە ھېسسىياتلارنى كونترول قىلىدىغان قىسمىدا ئېلىپ بېرىلدۇ. شۇڭا مۇتەخەسسىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىپتىدائى كىشىلەر ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تەھدىتى ۋە ھوجۇمغا ئاسانلا ئۇچرىغاچقا، بۇ خىل كەيپىياتنىڭ ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ قالدۇقلىرى تا بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قالغان.

بىر نەرسە قوغلاپ كۆرگەن چۈش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بەلكىم، بۇنداق چۈش كىشىلەرنىڭ ئۆزى خالىمايدىغان بىر ئىشتىن قېچىش ياكى شۇنداق بىر ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشنى مەقسەت قىلىشتىن پەيدا بولسا كېرەك. چۈشتىكى قارا كىيىملىك ئادەم چۈش كۆرگۈچىنىڭ تۇرمۇشىدىكى مەلۇم خەتەرگە ۋەكىللىك قىلىشى، چۈشىدە قارا كىيىملىك ئادەمنىڭ قوغلىشى ئۇنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقان مەلۇم بىر خەتەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقى، بىراق بۇ ئىشلانرى ھەل قىلىشقا تەييارلىنىپ بولالمىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن.

يوقىرىقىلاردىن باشقا يەنە مۇنداقمۇ چۈشەندۈرۈشلەر بار: بىر نەرسە قوغلاپ كۆرگەن چۈش بىزنىڭ كەيپىياتىمىزدىكى تەشۋىشلىنىشكە كۆرسەتكەن قارشىلىقىمىز بولۇپ، چوڭ مېڭىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ياشاش ئىقتىدارىمىزدۇر.

كومېدىيە ئارتىسى گىلدا رادنا 42 يېشىدا راك كېسىلى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۇ ھايات چېىغىدا ئېرى ۋە ئامراق ئىتىنى ئاق خالات كىيگەن ئورا كۆز بىر ئەر كىشىنىڭ بازغان بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرگىلى تاس قالغانلىقى مەزمۇن قىلىنغان بىر چۈشنى كۆرگەن. چۈشىدە ئۇ بۇ خىل ۋەھشىي قىلمىشنى توسقان. بۇ ئۇنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى ۋەھىمىسى بولۇشى مۇمكىن. كىشىلەر ئۆزىنى بىر نەرسە قوغلاپ چۈش كۆرۈشتىن باشقا ئىگىز يەردىن چۈشۈپ كېتىپ، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىپ، ئاسماندا ئۇچۇپ، كىشىلەر ئالدىدا رەتسىز كېيىنىپ ياكى يالىڭاچ قېلىپ، ئىمتىھان بېرىپ ياكى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي، يولدىن ئېزىپ قىلىپ ياكى چىشى چۈشۈپ كېتىپ چۈش كۆرىدۇ. تەتقىقاتچىلار كىشىلەر ئەڭ كۆپ كۆرىدىغان، ئوخشاپ قالىدىغان چۈشلەر 6-7 خىل، دەپ قارايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەر كۆپ كۆرىدىغان چۈشلەر كۆڭلى ئازار يېيىش، ئۆلۈم ۋەھىمىسىگە ئۇچراش، قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراش، ئۆيى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش، ئۆيىدىكى نەرسىلەرنى تاپالماسلىق، ئايروپىلانغا ياكى باشقا قاتناش ۋاستىلىرىگە ئۈلگۈرەلمەسلىك، تېلېفۇن بېرىپ ئالالماسلىق ياكى باشقا ئەسۋابلاردىن چاتاق چىقىش، ھەرخىل ئاپەتلەرگە ئۇچراش ياكى جىن -ئالۋاستىلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراش قاتارلىقلاردۇر.

20-ئەسىرنىڭ 50-،60-يىللىرى ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر ئۇنۋېرىستېتنىڭ چۈش تەجرىبىخانىسىدىكى كالۋىن گور چۈشكە مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ماتېرىياللارنى توپلاپ، تۈرلەرگە ئايرىپ رەتلىگەن. ئۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئوخشاش بولمىسىمۇ، كىشىلەرنىڭ كۆرىدىغان چۈشىنىڭ كۆپ پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى بايقىغان.

نۆۋەتتە بەزى مۇتەخەسىسسلەر توردىن پايدىلىنىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تۈرلۈك چۈشلەرنى توپلىغان. ئۇلار چۈشنىڭ مەدەنىيەتتىن ھالقىغان ئوخشاشلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم نوقتا شۇكى، چۈشنىڭ ئۇمۇمىيلىقى مەلۇم بىر كىشىنىڭ بۇ خىل چۈشنى دائىم كۆرۈشى بولماستىن، بەلكى دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە ياشىشىدىن قەتئىنەزەر بۇ كىشىنىڭ بۇ خىلدىكى چۈشنى ھېچبولمىغاندىمۇ بىر قېتىم كۆرۈشىدۇر.

  توردىكى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان 500 كىشىنىڭ 325 نەپىرى ئامېرىكىلىق، قالغان 175 نەپىرى باشقا دۆلەتلەردىن ئىكەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇ كىشىلەر ئىچىدە %80 كىشى ئۆزىنى بىر نەرسە قوغلاپ چۈش كۆرگەن؛ %64 كىشى ئېگىزدىن چۈشۈپ كېتىپ ياكى سوغا غەرق بولۇپ كېتىپ چۈش كۆرگەن: %58 كىشى يولدىن ئېزىپ قېلىپ ياكى مەلۇم بىر جايغا قامىلىپ قېلىپ چۈش كۆرگەن. %52 كىشى كىيىمى رەتسىز بولۇپ ياكى يالىڭاچلىنىپ ئۇسال ئەھۋالدا قېلىپ چۈش كۆرگەن؛ %48 كىشى تاساددىپىي ۋەقەلەرگە ئۇچراپ، كېسەل بولۇپ قېلىپ ياكى ئۆلۈپ كېتىپ چۈش كۆرگەن.

تەكشۈرۈشتە يەنە ئوخشىمىغان رايۇنلاردىكى مەدەنىيەتنىڭ بۇ خىل چۈشلەرنىڭ كونكىرىت مەزمۇنلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى بايقالغان. مەسىلەن ھىندىستاندا بالىلار ئۆزلىرىنى دېڭىز ئاق باش بۈركۈتى قوغلاپ چۈش كۆرسە، كانادادا ئېيىق قوغلاپ چۈش كۆرگەن. شۋېتسارىيىدە بۆرە قوغلاپ چۈش كۆرگەن. »ئاق لەھەڭ«ناملىق فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، ئاق لەھەڭ كىشىلەرنى چۈشىدە قوغلايدىغان ئاساسلىق ھايۋان بولۇپ قالغان.

1a63b9686ac711e6b81500163e00254c.jpg

قاباھەتلىك چۈش شۈنچە قورقۇنچلۇقمۇ؟  

نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قاباھەتلىك چۈش ئىنتايىن قورقۇنچىلىق بولىدۇ. بەزى كىشىلەر ھەر كىچىسى دېگۈدەك قاباھەتلىك چۈش كۆرىدۇ.

بىر قىزچاق ئامېرىكىدىكى بىر مۇزىينىڭ ئىندىئانلار كۆرگەزمىخانىسىدا بىر قاراۋۇلنىڭ ھەيكىلىنى كۆرگەن. بۇ ھەيكەلنىڭ ئېگىزلىكى 2.44 مېتىر بولۇپ، چىرايى سۈرلۈك ۋە قورقۇنچلۇق ئىكەن. ئۇ بىر قولىدا ئۇرۇش ئولجىسى بولغان باشنى، يەنە بىر قولىدا قان تېمىۋاتقان پىچاقنى تۇتۇپ تۇرغان ھالەتتە ئىكەن. بۇ قىزچاق ئىلگىرى ئاتا-ئانىسىدىن ئاق تەنلىك مۇستەملىكىچىلەرنىڭ يەرلىك ئىندىئانلارنى قىرغىن قىلىشتەك زوراۋانلىقلىرىنى ئاڭلىغان. قىزچاق كۆرگەزمىخانىدىن قايتقان كۈندىن باشلاپ چۈشىدە ئاق تەنلىك مۇستەملىكچىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بارلىق يەرلىك ئىندىئانلارنىڭ ئاق تەنلىكلەردىن جان تەلەپ قىلغىلى كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ باشلىقىنىڭ دەل ئۆزى كۆرگەزمىخانىدا كۆرگەن ھېلىقى قاراۋۇل ئىكەنلىكىنى كۆرگەن. بۇ قىزچاق بار ئامالى بىلەن بۇ خىل چۈشنىڭ ۋەھىمىسىدىن قۇتۇلماقچى بولۇپ سىڭلىسىدىن ئۆزى بىلەن بىللە يېتىشنى ئۆتۈنمەكچى ياكى ئىتىنى دېرىزە ئاستىدا قۇيۇپ، ھېلىقى قاراۋۇلنى »قورقۇت«ماقچى بولغان. قىزچاق بۇ قاباھەتلىك چۈشنى ئۈچ يىل كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن ئاستا-ئاستا قۇتۇلغان.

نۇرغۇن قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرمۇ ئۆيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، كۆچمە قۇملار ئارىسىغا قامىلىپ قېلىپ، چەكسىز كارىدورلاردا قېچىپ، سۇغا غەرق بولۇپ كېتىپ، ئائىلىسىدىكىلەر ياكى باشلىقى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، باشقىلار ئۆزىنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ قوغلاپ ياكى ئۆزى باشقىلارنى ئۆلتۈرۈپ دېگەندەك بىر قاتار قاباھەتلىك چۈشلەرنى كۆرىدۇ.

بەزىدە كىشىلەر ئوخشاش مەزمۇندىكى قاباھەتلىك چۈشلەرنى تەكرار كۆرىدۇ ھەمدە قاباھەتلىك چۈش كۆرۈپ ئۇخلىيالمايدىغان، كۈندۈزى روھىي ھالىتى ياخشى بولمىغاچقا خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان، كەچتە ئۇخلاشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

كىشىلەر نېمە سەۋەبتىن قاباھەتلىك چۈش كۆرىدۇ؟ قەدىمدە كىشىلەر قاباھەتلىك چۈشنى جىن-ئالۋاستىلار باشلاپ كېلىدۇ. دەپ قارايتتى. 19-ئەسىردىكى بىر قىسىم پەيلاسوپلار كىشىلەر ھەزىم قىلىشى ياخشى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن قاباھەتلىك چۈش كۆرىدۇ، دەپ قارىغان، فرېئۇد چۈش كىشىلەرنىڭ كۈندۈزدىكى ئەمەلگە ئاشمىغان ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ چۈشىدە ئىپادىلىنىشى، دەپ قارىغان، ھازىر بەزى كىشىلەر قاباھەتلىك چۈش ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ ۋەھىمىلىك كەچۈرمىشلىرىنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلاردا قايتا نامايان بولۇشى دەپ قارايدۇ؛ بەزىلەر دورا ۋە كېسەللىكلەر كىشىلەرنىڭ قاباھەتلىك چۈش كۆرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى قاباھەتلىك چۈش كۆرۈشنى كۆچەيتىدۇ، دەپ قارايدۇ ؛ يەنە بەزىلەر ئۇرۇق-توغقانلارنىڭ ۋاپات بولۇشى، جىنايەت ئۆتكۈزۈش ياكى تاسادىپىي ھادىسلەر كىشىلەرنىڭ قاباھەتلىك چۈش كۆرۈش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىدۇ. ھەتتا بەزىدە ئادەمنىڭ مىجەزىمۇ قاباھەتلىك چۈش كۆرۈش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.  دەپ قارايدۇ؛ تورونتو ئۇنۋېرىستېتىنىڭ بىر تەتقىقات نەتىجىىسىگە ئاساسلانغاندا، سەنئەت كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاباھەتلىك چۈش كۆرۈشى تەنھەرىكەت كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئۈچ ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكى بايقالغان.

كىچىك بالىلارنىڭ چۈشى ئىنىق ئىپادىلەنمەيدۇ، ئەمما ئۇلارمۇ ئوخشاشلا چۈش كۆرىدۇ. بالىلار ئىككى يېشىدىن باشلاپ قاباھەتلىك چۈش كۆرىدۇ. بەش يېشىدا بۇنداق چۈشلەرنى كۆرۈش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. سەككىز-توققۇز ياشقا كىرگەندە ئاستا-ئاستا بۇنداق چۈش ئازلايدۇ.

قاباھەتلىك چۈش كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزەمدۇ؟

بىر قىسىم ئۇيقۇ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئارىلاپ كۆرگەن قاباھەتلىك چۈش كىشىلەرنىڭ ئۆزى دۇچ كەلگەن بېسىمغا قايتۇرىدىغان ئىنكاسى بولۇپ، ئادەم چۈش كۆرۈۋاتقاندا بەدىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەرىكەت قىلمايدۇ. شۇڭا ئادەم چۈشتىن ئىبارەت بۇ بىىخەتەر ئۇسۇل ئارقىلىق ئىچىدىكى ئاچچىقلارنى چىقىرىۋالىدۇ. يەنە بەزىلەر كىشىلەرنىڭ قاباھەتلىك چۈش كۆرۈشى ئۇلارنىڭ ياشاش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشى بولۇپ، بالىلار دائىم غەلىتە مەخلۇق ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى چۈشەيدۇ. بۇ ئىپتىدائى كىشىلەرنىڭ خەتەر سەزگۈسى بولۇپ، بەزىبىر ئىشلىرىمىزنىڭ تازا نورمال بولمايۋاتقانلىقىنىڭ كۆڭلىمىزدىكى ئىنكاسىدۇر. دەپ قارايدۇ. بەزىلەر چۈش بىزنىڭ ئۆزىمىز بىلەن سۆزلىشىش ئۇسۇلىمىز. چۈش ھەقىقىي تۇرمۇشىمىزنىڭ ئەينىكى، ئۇ بىزگە تۇرمۇشىمىزدا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ، دەيدۇ.

20141114084707_31776.jpg

چۈشنىڭ ئۆگىنىش ۋە داۋالاش ئىشلىرىمىزغا پايدىسى بولامدۇ؟

كۈندۈزى مۇز تېيىلىشنى ئۆگىنەلمىگەن جېنېۋا كېچىدە مۇز تېيىلىپ چۈش كۆرۈپتۇ. بۇ چۈش شۇقەدەر چىندەك بىلىنسىمۇ، ئۇ بۇنىڭ چۈش ئىكەنلىكىنى سېزىپ تۇرىدىكەن. شۇڭا ئۇ يېقىلىپ كېتىشتىن قورقماپتۇ. كۈندۈزى ئۆگىنەلمىگەن كەينىچە تېيىلىش ھەرىكىتىنى چۈشىدە يۈرەكلىك ئىشلەپ، بۇ ماھارەتنى ئىگىلىۋاپتۇ. كېيىن ئۇ دوستلىرى بىلەن مۇز تېيىلغاندا، كەينىچە تېيىلىش ھەرىكىتىنى قورقماي ئىشلەپتۇ.

كارنېگ مېللون ئۇنۋېرىستېتىدىكى بىر پىسخولوگنىڭ قارىشىچە، چۈش ئۇنتۇشنىڭ قارشى تەرىپى، ئۇ بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن؛ كىشىلەرنىڭ كۈندۈزدە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىر قېسىم ئىشلىرى چوڭ مېڭىدىكى سەقەنقۇر رايۇنى دەپ ئاتىلىدىغان قىسىمدا ساقلىنىدۇ. كېچىدە يېنىك ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرگەندە سەقەنقۇر رايۇنى نېرۋىلىرىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارى ئىنتايىن ئاكتىپلىشىدۇ. چوڭ مېڭە بۇ ئەسلىمىلەرنى قايتىدىن نامايان قىلىپ، ئاندىن بۇلارنى چوڭ مېڭىدىكى مەڭگۈلۈك ئەستە ساقلاش رايۇنى- چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىگە يەتكۈزىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، سەقەنقۇر رايۇنى زەخىملەنگەن كىشىنىڭ يېڭى نەرسىلەرنى ئەستە تۇتۇۋېلىشى بىرقەدەر قېيىن بولىدۇ.

سەقەنقۇر رايۇنى كۈندۈزدىكى تۈرلۈك پارچە-پۇرات پائالىيەتلەرنى قايتىدىن ئەكىس ئەتتۈرگەندە، چوڭ مېڭە بۇلارنى تاللاپ-تاسقاپ، چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەستە ساقلاش شەكىللىنىدۇ. يېڭى ئۆگەنگەن نەرسىلەرمۇ كۆپىيىدۇ ۋە پىششىقلىنىدۇ. كىشىلەر چۈشىدە كۈندۈزدىكى پائالىيەتلەرنى قايتا نامايەن قىلىدۇ. ھەتتا ئۆگەنگەن يېڭى ماھارەتلەرنى مەشىق قىلىدۇ. مەسىلەن، ۋېلىسپىت مىنىشنى، ماشىنا ھەيدەشنى، ئۇيۇن ئويناشنى ئۈگىنىش قاتارلىقلار، بۇلار چۈشنىڭ ئۆگخنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

تەتقىقاتچىلار قىزىقارلىق بىر ئەھۋالغىمۇ دىققەت قىلغان. ئۇلار تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ۋە ئويغانقاندىن كېيىنكى كەيپىياتىنى كۆزىتىپ، ئويغانغاندىن كېيىنكى كەيپىياتىنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى كەيپىياتىدىن ياخشى بۇلىدىغانلىقىنى بايقىغان. گەرچە يامان چۈشلەردىن قورقۇش، دېلىغۇل بولۇش قاتارلىقلار ئىللىق ۋە ئازادە كەيپىياتنى ھاسىل قىلىدىغان چۈشلەرگە قارىغاندا كۆپرەك كۆرۈلسىمۇ، بىز نۇرغۇن كۆڭۈلسىز چۈشلەرنى ئويغانغاندىن كېيىن ئەسلىيەلمەيمىز، تەتقىقاتچىلار يەنە قاباھەتلىك چۈش ياكى كۆڭۈلسىز چۈشلەرنىڭ كۆپىنچە كېچىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، كۆڭۈللۈك، گۈزەل چۈشلەرنىڭ كۆپىنچە كېچىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا كۆرۈلىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئىچى سىقىلىدىغان بىمارلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇخلاش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزۇن بىمارلارنىڭ كۆپىنچە بىرقەدەر ياخشى چۈشلەرنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئېھتىمالىقىنىڭمۇ زور بولىدىغانلىقى بايقالغان. مۇتەخەسىسلەر بۇ ئارقىلىق چۈشنىڭ بەلگىلىك داۋالاش رولى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.

ئادەم چۈش كۆرمىسە، قانداق ئىنكاسلار بولىدۇ؟ ئالىملار كىشىلەرنىڭ چۈش كۆرۈشىگە تۇسالغۇ پەيدا قىلىش تەجرىبىسىنى ئىلىشىگەن. ئۇلار ئۇخلاۋاتقان ئادەمنىڭ مېڭىسىدە چۈش كۆرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئېلېكتىر دولقۇنى كۆرۈلگەن ھامان، ئۇنى ئۇيغىتىپ چۈشىنى بۇزۇۋەتكەن، بۇ ئەھۋال تەكرارلانغاندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىدە قان بېسىم ئۆرلەش، تومۇرنىڭ سوقۇشى تېزلىشىش ۋە بەدەن تېمپىراتۇرىسى ئۆرلەپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار پەيدا بولغان. بۇنىڭدىن باشقا تىت-تىت بولۇش، جىددىيلىشىپ ئاسان ئاچچىقلىنىش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۇسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق تۈرلۈك نورمالسىزلىقلار شەكىللەنگەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، نورمال چۈش كۆرۈش بەدەننىڭ ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىم ئامىلىدۇر.

مۇتەخەسىسلەر يەنە چۈشنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى قوزغىتىش رولىمۇ بار، دەپ قارايدۇ. چۈش كۆرگەندە ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى »ئالاھىدە باغلىنىش«ھالىتىدە تۇرىدۇ. بۇ چاغدا چوڭ مېڭىدىكى تۈرلۈك خياللار ۋە تەسىراتلار ئادەتتىن تاشقىرى بېرىپ، باغلىنىپ، مەلۇم بىر يېڭى بايقاشنى ياكى سەنئەتتىكى مەلۇم بىر ئىجادىيلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. پىسخولوگلار ئادەمنىڭ يۇشۇرۇن ئەقلىي ئىقتىدارى ناھايىتى زور بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا كىشىلەر ئىقتىدارىنىڭ 1/4قىسمىنىلا ئىشقا سالالايدۇ. قالغان قىسمى يۇشۇرۇن ھالەتتە تۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ. چۈش كۆرۈش بىر خىل ئاڭسىز پائالىيەت بولۇپ، چۈش شۇ كىشىدە بار بىلىملەرنى قايتىدىن تەشكىللەپ، يېڭى بىلىملەر بىلەن كونا بىلىملەرنى مۇۋاپىق شەكىلدە يۇغۇرۇپ، ئاخىرىدا ئەستە ساقلاش ئامبېرىدا ساقلاپ، ئۆز نۆۋىتىدە شۇ كىشىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئەقلىي قابىلىتىيىنى نامايان قىلىدۇ، چۈش ئىجادىي تەپەككۇر قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. نۇرغۇن داڭلىق ئالىملار، ئەدىبلەرنىڭ مول نەتىجىلىرى چۈشتە ئىلھامغا ئېرىشكەنلىكىدىن بولغان، بىر كىشى ئەنگلىيە كامېرىج ئۇنۋېرىستېتىدىكى نەتىجە قازانغان زىيالىلارنى تەكشۈرگەندە، ئۇلارنىڭ %70 نەتىجىلىرىنىڭ ئىلھام مەنبەسىنىڭ چۈشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. شۋېتسارىيە جەنۋە ئۇنۋېرىستېتى 60 نەپەر ماتېماتىكا ئالىمىنى تەكشۈرگەن، 51 كىشى ئۆزىنىڭ نۇرغۇن يېشەلمىگەن مەسىلىلەرنى چۈشىدە يەشكەنلىكىنى ئېيتقان، كىشىلەر چۈش كۆرمىسە، ئۇلارنىڭ كەيپىياتى ياكى ئۆزگىچىلىكى مەلۇم دەرىجىدە قالايمىقانلىشىپ، ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئېلھامىنىڭ قوزغىلىشىغا تەسىر يېتىدۇ.

بۇنىڭدىن قارىغاندا چۈشنىڭ پايدىسى كۆپ، كىشىلەر چۈشىدە نۇتۇق سۆزلەشنى مەشىق قىلىدۇ. تېخنىكا ئۆگىنىدۇ. قاباھەتلىك چۈشلەرنى كۆرۈپ، ۋەھىمىلىك تۇيغۇلارنى يوقىتالايدۇ. يېڭى-يېڭى ئىلھاملارغا ئېرىشەلەيدۇ. تەن ساغلاملىقىنى ئۇمۇمىيۈزلۈك ياخشىلىيالايدۇ. يۇقىرىقىلاردىن باشقا، چۈش يەنە كىشىلەرنى سېھىرلىك ۋە كۆڭۈللۈك كەيپىياتتىن ھوزۇرلاندۇرىدۇ.

ئەگەر چۈشتە قىلغىلى بولمايدىغان بىرەر ئىش بار دېيىلسە، ئۇ دەل كىشىلەر ئەڭ مۇھىم دەپ قارايدىغان ئىش-ئارام ئېلىشتۇر. ئادەم ئۇخلىغاندا چوڭ مېڭىسى ياخشى ئارام ئالىدۇ. بىراق تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشچە، كىشىلەر چۈش كۆرگەندە »چوڭ مېڭە ھەرگىز خىزمەتتىن توختىمايدۇ. ئۇ پەقەت ھەرىكەت يولىنىلا ئۆزگەرتىدۇ، خالاس.«

201506291406153470.jpg

ئادەم چۈشنىڭ مەزمۇنىنى كونترول قىلالامدۇ؟

چۈش بىئولوگىيە ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ سىرلارنىڭ بىرى، كۆپ يىللاردىن بۇيان بۇ ئاجايىپ بىئولوگىيىلىك ھادىسە ئىزچىل رەۋىشتە سىرلىق تۈس ئېلىپ، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرۇپلا قالماي، ئالىملارمۇ ئۇنىڭدىن گاڭگىراپ قېلىشتى. 1900-يىلىغا كەلگەندە ئاۋسىتىرىيلىك مەشھۇر پىسخولوگ، روھىي كىېسەللىكلەر دوختۇرى فىرىئودنىڭ »چۈششۇناسلىق«تەتقىقاتىنى باشلاپ بېرىشى بىلەن دۇنيادىكى  ھەرقايسى دۆلەت ئالىملىرى پىسخولوگىيە، فىزىئولوگىيە ۋە تېبابەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەر بۇيىچە چۈش كۆرۈشنىڭ مېخانىزىمى ھەققىدە رەسمىي يۇسۇندا ئىزدىنىشكە باشلىدى.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەربىرئادەم چۈش كۆرىدۇ. شۇنداقلا چۈشنىڭ مەزمۇنىنىڭ ھەيران قالارلىق ئىكەنلىكىنى، دائىم تۈرلۈك غەلىتە نەرسىلەرنىڭ بىرىكىپ كېتىدىغانلىقىنى، كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئالمىشىپ، ئادەملەرنىڭ ئۇچالايدىغانلىقى، ئورنىدىن قوزغالماي تۇرۇپلا يۈگۈرۈش سېزىمىدىن بەھرىمەن بۇلالايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، چۈش كۆرۈشنىڭ سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. ماكان-زاماننىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچرىمايدۇ. لېكىن، يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى چۈش كۆرگۈچىنىڭ قەلبىنى تىترىتىدۇ. چېنلىق ھېس قىلدۇرىدۇ. ھېسياتىمۇ شۇقەەر كۈچلۈك بولىدۇ، ھېچكىم چۈش كۆرگەن چاغدا بىمەنلىك ھېس قىلمايدۇ. ئۇنداقتا چۈش مۇھىتى بىلەن رېئاللىقنىڭ مۇناسىۋىتى بولامدۇ-يوق؟ ئەگەر مۇناسىۋىتى بار دېيىلسە ئىنسانلار ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى شارائىتنى كونترول قىلىش ئارقىلىق چۈشنىڭ مەزمۇنىغا تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ-يوق؟ بۇ بىر يۈرۈش مەسىلىلەر نۇرغۇن ئالىملارنىڭ كەڭ كۆلەمدە قىزىقىشىنى قوزغىدى.

1966-يىلى پ، خاۋلىر نورمىدىن ئاشۇرۇش ئۇسۇلى تەجرىبىسىنى لايىھىلىدى. ئۇ سىناق قىلىنغۇچىدىن ئۇخلاشتىن بەش سائەت ئاۋۋال جىسمانىي ھەرىكەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. تەجرىبە نەتىجىسى بۇ كىشىلەرنىڭ چۈشىدە ئاساسەن جىسمانىي ھەرىكەت مەزمۇنلىرىنىڭ بولمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. خاۋلىر بۇنىڭغا ئاساسەن »تەڭپۇڭ ھالەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلاش نەزەرىيەسى« نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئويغاق ۋاقىتتىكى تۇرمۇش بىلەن چۈش باراۋەر ھالەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلايتتى. مەسىلەن، كۈندۈزى جىسمانىي ھەرىكەتنى كۆپ قىلسا چۈشىدە جىسمانىي ھەرىكەت بولمايتتى.

لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي »تەڭپۇڭ ھالەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلاش نەزىرىيەسى«ئاۋارىچىلىققا يۇلۇقتى. 1968-يىلى بىئولوگىيە ئالىمى توپا »تەڭپۇڭ ھالەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلاش نەزەرىيەسى« نى چۈشەندۈرگىلى بولماسلىق تەجرىبىسىنى ئىشلىدى. توپا سىناق قىلىنغۇچىدىن ئۇدا ئىككى ھەپتە ئەتىرگۈل رەڭلىك كۆزەينەك تاقاشنى تەلەپ قىلدى. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ چۈشىدىكى مەنزىرىلەر پۈتۈنلەي ئەتىرگۈل رەڭگىگە ئۆزگىرىپ كەتكەنىدى. بۇ ئويغاق ۋاقىتتىكى تۇيغۇنىڭ چۈشتە داۋاملىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. يۇقىرىقى تەجرىبە نەتىجىلىرىگە ئالىملار نۇرغۇن ئىزاھاتلارنى بېرىپ، بەزى نەرسىلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى. لېكىن نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلە قانداق قىلىپ مۇھىتنىڭ غىدىقلىنىشى بىلەن چۈش مەزمۇنلىرى ئوتتۇرىسدا تېگىشلىك ئالاقە ئورنىتىش بولدى، بۇ بىر قەدەم ئوڭۇشلۇق بېسىلسا چۈشنى كونترول قىلىشتىن ئىبارەت تەسەۋۋۇرغا يەتكىلى بولىدۇ.

  روھىي ئانالىز نەزەرىيىسى بۇيىچە، چۈش پىسخىكا جەھەتتە رول ئوينايدۇ. چۈش كۆرۈش ئارزۇنى-ئويغاق ھالەتتىكى ئارزۇلارنىلا قاندۇرۇش ئۈچۈن، دەپ قارىلىدۇ. 1974-يىلى دىرمىنت كۆڭۈل قۇيۇپ بىر سىناق قىلىنغۇچىنى تاللىغان. بۇ سىناق قىلىنغۇچى ئەينى چاغدا بانان سۈتى تەملىك پىرەنىك يېيىشنى بەك ئارزۇ قىلغانىدى. ئۇ ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرىپ، چۈش باسقۇچىغا يەتكەندە ئۈچ قېتىم ئويغىتىلىپ، ھەرقېتىمدا ئۇنىڭغا بىر پارچە پىرەنىك بېرىلگەن. تۆتىنچى قېتىم ئويغىتىلغاندا ئۇ: »ھازىر مەن قەھۋە ئىچىۋاتىمەن ۋە تاماكا چېكىۋاتىمەن. (ئۇ ئادەتتە ھەرقېتىم تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن قەھۋە ئېچەتتى تاماكا چېكەتتى)« دېگەن. بەشىنچى قېتىم ئويغىتىلغاندا ئۇ:»تاماق ئۈستىلىدە بىر تەخسە چۆپ تۇرۇپتىكەن، مەن ئۇنى ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىۋەتتىم«دېگەن. ئالتىنچى قېتىم ئويغىتىلغاندا يەنە:»دوكتۇر، مەن چۈشۈمدە پىرەنىك ئېلىپ ئۇنى بىر چىشلەپ سىزگە بەردىم« دېگەن. بۇ تەجرىبە پىرەنىك يېيىش ئارزۇسىنى چۈشتە قاندۇرغىلى بولمايدىغانلىقى، بىراق چۈشتىكى باش تېمىنىڭ يېيىشنى خالىمايدىغان نەرسىگە ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

كېيىن، ۋىتگىن ۋە لويىس ئىسىملىك ئامېرىكىلىق ئىككى ئالىم رېئال مۇھىتتا غىدىقلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق چۈشنىڭ مەزمۇنىنى ئۆلچىدى، ئۇلار ئىشلەتكەن. غېدىقلىغۇچى نەرسە تۆت قىسىملىق كىنو بولۇپ، بىرىنچى قىسمى ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇش جەريانى؛ ئىككىنچى قىسمى، ئىپتىدائىي قەبىلىلەرنىڭ ئۆتكۈر تاش پىچاق ئارقىلىق ئوغۇل بالىلارنى خەتنە قىلىش جەريانى، ئۈچۈنچى قىسمى، ئانا مايمۇننىڭ ئۆلۈپ كەتكەن بالا مايمۇننىڭ جەسىتىنى پارچىلاپ يېيىش جەريانى؛ تۆتىنچى قىسمى، ئادەتتىكى بىر مەنزىرە ئىدى. نەتىجىدە سىناق قىلىنغۇچىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ قىسىم كىنونىڭ مەزمۇنلىرى چۈشكە كۆپرەك كىرگەن. ئاددىي مەنزىرە چۈشتە ئايان بولمىغان، يۇقىرىقى تەجرىبە رېئال تۇرمۇشتا تاشقى دۇنيانىڭ غىدىقلىشىنىڭ بىرقەدەر كۈچلۈك بولىدىغانلىقى، بۇ غىدىقلاشلارنىڭ چۈش مۇھىتىدا پەيدا بولۇش مۇمكىنچىلىكنىڭ بىرقەدەر زور بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ كۆز قاراش نۇرغۇن ئالىملارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشكەن.

ئادەم چۈشنىڭ مەزمۇنىنى كونترول قىلالامدۇ-يوق. دېگەن سۇئال توغرىلىق بۈگۈنگىچە ئېرىشىلگەن جاۋاب ئۇخلاشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى تاشقى دۇنيانىڭ غىدىقلىشى چۈشكە كىرىشى مۇمكىن، دېگەندىن ئىبارەت بولدى. بۇنىڭغا چېتىلىدىغان ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار تۈرلۈك بىئولوگىيىلىك مېخانىزىم ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيىتى ئۆزگىرىش ئامىللىرىنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبلىك نۆۋەتتە تېخى قېلىپلاشتۇرۇلمىدى. بۇ ساھەدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىملارنىڭ ھەممىسى ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى شارائىتنى كونترول قىلىش ئارقىلىق چۈشنىڭ مەزمۇنىغا تەسىر كۆرسىتىش تەجرىبىسىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە قىيىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. خۇددى ئامېرىكا پىسخولوگى كاترىت ئېيتقاندەك: »ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۇسساپ كەتكەن بولسا بەزىلەر چۈشىدە دېڭىز كۆرىدۇ. بەزىلەر قۇملۇق كۆرىدۇ؛ يەنە بەزىلەر ھېچكىم چۈشەنمەيدىغان، لېكىن ئۇسساش بىلەن باغلىنىشلىق مەلۇم بىر خىل كەيپىاتنى كۆرىدۇ«شۇڭا، بىزدە ئالدى بىلەن تېخىمۇ توغرا بولغان چۈش مەزمۇنىنى ئۆلچەش ئۇسۇلى بولۇشى كېرەك. ئاندىن چۈشنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا چۈشنى كونترول قىلىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.

u=301251351,2962673869&fm=21&gp=0.jpg.gif

چۈشىدە كۆرگەن نەرسە رېئاللىققا ئايلىنامدۇ؟

كىشىلەر دائىم »چۈشۈمدە كۆرگەن ئىشقا ئوڭۇمدا يولۇقتۇم« دەيدۇ. راستتىنلا مۇشۇنداق ھادىسە مەۋجۇت بۇلامدۇ؟ تۆۋەندىكى مىساللاردىن بۇنىڭغا بەلگىلىك جاۋاپ تاپالىشىمىز مۇمكىن؛

بېشارەت خاراكتېرلىك چۈش

ئامېرىكىلىق مەشھۇر يازغۇچى مارك تۋېننىڭ ئىنىسى ھىنرى ياش ۋاقتىدا مىسسىپىي دەرياسىدا قاتنايدىغان »پىنىسلۋانىيە«ناملىق كېمىدە يول باشلىغۇچىلىق پراكتىكىسى قىلىدۇ. بىر قېىتم مارك تۋېن كېسەل بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالىدۇ. كەچتە ئۇ بىر يامان چۈش كۆرىدۇ. چۈشىدە ئىنىسى ھىنرى جەسەتخانىدىكى بىر مېتال تاۋۇتتا ياتقان بولۇپ، مەيدىسىگە بىر تال ئاق گۈل قۇيۇپ قۇيۇلغان. ئاق گۈلنىڭ ئىچىگە بىر تال قىزىل ئەتىرگۈل قىستۇرۇلغانىدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن مارك تۋېننىڭ بۇ چۈشى رېئاللىققا ئايلىنىپ، يۈز بەرگەن ئىشلار چۈشىدىكى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش چىقىدۇ. ئەسلىدە مارك تۋېن ئاغرىپ ياتقاندا ئىنىسنىڭ پراكتىكا مەزگىلى توشقانىدى. لېكىن ئىنىسى داۋاملىق »پىنسىلۋانىيە« ناملىق كېمىنىڭ پار قازىنى پارتلاپ كېتىپ، ھېنرى قازا قىلىدۇ. مارك تۋېن كېين ئىنىسىنىڭ جەسىتىنى كۆرگەندە ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى مەنزىرە نەچچە كۈن ئاۋۋال چۈشىدە كۆرگىنى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش چىقىدۇ.

لېنكولىن زۇڭتۇڭ ئادەتتە ئاقسارايدىكى ياتىقىدا ئۇخلايتتى. بىر كۈنى چۈشىدە ئۇ ئىشىكتىن كىرگەن ئېچىنىشلىق بىر يىغا ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ. ئۇ ئىشىكتىن چىقىپ يىغا ئاۋازىنى بويلاپ غەربىي سارايغا كېلىپ، ئۇ يەردە بىر جەسەت ساندۇقىنى كۆرىدۇ. كىشىلەر قارا رەڭلىك ماتەم كىيىمى كىيىپ ئۆلگۈچى بىلەن خوشلىشىۋاتاتتى. لىنكولىن جەسەت ساندۇقىدىكى كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلمەي كۈزەتچىدىن سورايدۇ. »زۇڭتۇڭ، ئۇ سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپتۇ«دەيدۇ كۈزەتچى، يىغا ئاۋازى تېخىمۇ كۆچىيىدۇ. لىنكولىن ئويغىنىپ كېتىدۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇ ئازراق گۇمان بىلەن بۇ چۈشنى خوتۇنى ۋە بىر نەچچەيلەنگە ئېيتىدۇ. ئىككى كۈندىن كېيىن زۇڭتۇڭ ھەققەتەن سۈيىقەستكە ئۇچراپ، تاۋۇتى غەربىي سارايغا قويۇلىدۇ. بۇ چاغدىكى مەنزىرە ئۇنىڭ چۈشىدە كۆرگەنلىرى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش بولىدۇ.

چۈشىدە ئىلھامغا ئېرىشىش

بەزى يازغۇچىلار ۋە ئالىملارنىڭ ئىجادىيەت ئىلھامى چۈشىدە پەيدا بولغان، ئەنگلىيلىك يازغۇچى ۋات سىكوت ۋە ئامېرىكىلىق يازغۇچى، ئاللان پوئى نۇرغۇن كىتابلىرىدىكى سۇژىتلارغا چۈشىدە ئېرىشكەن، ئەنگلىيلىك يازغۇچى سىتۋېىنسون مەشھۇر ئەسىرى »ئالتۇن ئارىلى«دىكى ۋەقەلىككىمۇ چۈشىدە ئېرىشكەن. بەزى مۇھىم ئىلمىي بايقاشلارمۇ ئالىملارنىڭ چۈشىدە تاماملانغان، ياپونىيلىك نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى يۇكاۋا خدىكى ئۇخلىغاندا ھەمىشە ياستۇقىنىڭ ئاستىغا قەلەم ۋە قەغەز قۇيۇپ، چالا ئۇيقۇ ھالەتتە ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئىلھاملارنى خاتىرىلىگەن. 19-ئەسىردىكى گېرمانىيىلىك خىمىيە ئالىمى فىرىدرىخ كىكورى بېنزىننىڭ ئالتە تەرەپلىك شەكلىنىڭ خىمىيىلىك قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى قىياسقا چۈشىدە ئېرىشكەن. ئۇ چۈشىدە بىر يىلاننىڭ ئۆزىنىڭ قۇيرۇقىنى چىلشەپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن. رۇسىيىلىك خىمىيە ئالىمى مېندىلىيېف چۈشىدە ئېلېمېنتلار دەۋرى جەدىۋىلىنى كۆرگەن. ھەتتا ئىنتايىن ئىنىق ئېسىدە تۇتۇۋالغان. گېرمانىيىلىك ئالىم كارل گائۇسمۇ چۈشىدە ماگنت ئىندۇكسىيىسى قانۇنىنى ئېنىق كۆرگەن. دانىيىلىك فىزىكا ئالىمى نىلسىن بور چۈشىدە ئاتوم مودېلىنى كۆرۈپ، فزىكا ساھەسىدىكى بىر قېتىملىق ئىنقىلابنى ۋۇجۇدقا چىقارغان.

بىر قىسىم چۈشلەرنىڭ ئاددىي تەبىرى

گۈل
چۈشىدە گۈللەرنىڭ ئېچىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندە، گۈلنىڭ رەڭگى قېنىق بولسا، بەخت ۋە بايلىقنىڭ بېشارىتى، ئاق بولسا ئازابنىڭ بېشارىتى؛ گۈل قۇرۇپ، سولىشىپ قالغان بولسا، ئادەمنىڭ مەيۈس، چۈشكۈن كەيپىياتقا پېتىپ قالىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى.

ياش قىزلار چۈشىدە رەڭگارەڭ گۈللەرگە ئېرىشسە، بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنى قوغلىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.

دادىسىنى كۆرۈش

چۈشىڭىزدە دادىڭىزنى كۆرگەن بولسىڭىز، سىزنىڭ قىيىنچىلىقتا قالىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. سىز ئاقىلانە تەدبىر قوللىنىپ، بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىڭىز كېرەك.
چۈشىڭىزدە دادىڭىز ۋاپات بولغان بولسا، بۇ ئېھتىياتچان بولمسىڭىز بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

كۈلكە
  چۈشتە كۈلۈپ، خۇشال بولۇش خىزمىتىڭىزنىڭ ئىنتايىن ئۇتۇقلۇق بولىدىغانلىقى، ئىجتىمائى مۇناسىۋەت جەھەتتە ئەقىللىق بىر دوست بىلەن تۇنۇشىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىدە بالىلارنىڭ خۇشال كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلاش خۇشاللىق ۋە ساغلاملىقتىن دېرەك بېرىدۇ.

تەڭگە چۈشىدە ئالتۇن تەڭگە كۆرۈش بەخت-سائادەتنىڭ ھەم سەيلە-ساياھەت قىلىشنىڭ ۋە سەيلە-ساياھەتتىن نۇرغۇن خۇشاللىققا ئېرىشىدىغانلىقنىڭ بېشارىتى.

سەيلە قىلىش
چۈشتە سەيلە قىلىش تولۇپ تاشقان زېھنىي كۈچ بىلەن ئۆزىڭىز ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئىنتىلىدىغانلىقىڭىزنىڭ ئىپادىسى.

مۇسابىقىلىشىش چۈشتە مۇسابىقىلىشىش سىزنىڭ باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشۈشنى ئويلايدىغانلىقىڭىزنىڭ بېشارىتى.

ئەگەر غەلىبە قىلىپ چۈشسىڭىز، بۇ سىزنىڭ رەقىبلىرىڭىزنى يېڭىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.

كىتاب
چۈشىدە كىتاب كۆرۈش خۇشاللىققا ئىنتىلىش، شان-شەرەپ ۋە بايلىقتىن بېشارەت بېرىدۇ. ئەگەر ئاپتۇر ئۆز ئەسىرىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىنى چۈشىسە، بۇ ئاگاھلاندۇرۇش خارەكتىرلىك چۈش بولۇپ، ئەسرى نەشىر قىلىنىشتىن بۇرۇن بەزى ئاۋارىچىلىقلارغا يۇلۇقىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈشتە قېتىرقىنىپ تەتققات ئېلىپ بېرىپ، قېيىن مەسىلىلەرنى يېتىشكە ئىنتىلىش ياكى بىلىملىك كىشىلەرنىڭ يۇشۇرۇن بېشارەتلىرىنى ھېس قىلىش سىزنىڭ شان-شەرەپكە ئېرىشىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.

بالىلار كىتاب ئوقۇپ چۈشىسە، بۇ ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى، ئىناق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

مەنبە: »شىنجاڭ ياشلىرى« ژورنىلىدىن ئېلىندى.
bagdax

10

تېما

73

دوست

2312

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  74715
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 694
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25

تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-12 10:56:20 |ئايرىم كۆرۈش
ئامېرىكىدىكى بىر تېببىي تەتقىقات ئورنى تۇنجى قارار »تۈن سەيلىسى كېسەللىكى تورخانىسى« نىڭ ئالاھىدە دېلو مىسالىنى ئېلان قىلغان. بۇ مىساللاردا ئىسپاتلىنىشىچە، بىمار تۈن سەيلىسى ھالىتىدە بىر قاتار مۇرەككەپ تورغا چىقىش، ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقىنى ئېچىش، خەت يېزىش، پوچتا يوللانمىسى يوللاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايدىكەن. نېرۋا كېسەللىكلىرى ئالىملىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، تۈن سەيلىسى جەريانىدا يۈزبەرگەن بىر قاتار ماسلاشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق قىلمىشلار تۈن سەيلىسى كېسەللىكى تارىخىدا تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغانىكەن. ئۇلارنىڭ قىياس قىلىشىچە، بىمارنىڭ تۈن سەيلىسى كېسەللىكى بەزى دورىلارنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلغانلىقىدىن كېلىپ چىقىشمۇ مۇمكىن ئىكەن. لېكىن بۇ خىل ھالەتنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تېخى مۇئەييەنلەشتۈلمىگەن. تۈن سەيلىسى كېسەللىكى كۆپ ئەھۋاللاردا ھارغىنلىق، بېسىم، تىت-تىت بولۇش، ئىسپىرىت، جىددىي كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىشى، شۇنداقلا دورىلارنىڭ تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بىمار تۈن سەيلىسى جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. ئەڭ ئاددىي ئەھۋال كارىۋاتتا ئولتۇرۇش، كىيىم كىيىش، يول مېڭىشلاردىن ئىبارەت ئىكەن.  بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالدى -كەينى بولۇپ تۈن سەيلىسى جەريانىدا ئاپتوموبىل ھەيدەش، تاماق ئېتىش، مۇزىكا چېلىش، رەسىم سىزىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن.

74

تېما

37

دوست

9 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 10581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2618
تۆھپە : 25061
توردىكى ۋاقتى: 9472
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-26

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-12 11:00:29 |ئايرىم كۆرۈش
مۇھاكىمە قىلىشقا ئەرزىيدىغان ياخشى تېمىكەن.مەنمۇ بىر چاغلاردا چۈش ئۈستىدە ئىزدەنگەن.مېنىڭچە چۈشنىڭ فىزىلوگىيىلىك ئالدىنقى شەرتى خاتىرە ئىقتىدارى.چۈش سىتىخيىلىك ھالدا خاتىرىلەرنى قايتىدىن ئىجادى قۇراشتۇرۇش جەريانى.چۈش تەتقىقاتى ئادەمنى ھۇزۇرلاندۇرۇدىغان،يېڭى ئىلمى مەنزىللەرگە باشلايدىغان تەتقىقات.

0

تېما

0

دوست

6463

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   29.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21759
يازما سانى: 618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 1934
توردىكى ۋاقتى: 520
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25

تۆھپىكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-12 11:22:49 |ئايرىم كۆرۈش
مۇنمۇ بەزىدە چۈشۈمدە كۆرگەن ئىشلارنى مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئوڭۇمدا ئۇچرىتىمەن، بەزىدە خۇدى كورىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق ت ۋ تىياتىرىدەك چغشلىرىمنى ئۇلاپ كۆرىمەن. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئانامدىن سورىسام، رەھمەتلىك ئانام «كارىڭ بولمىسۇن بالام، چۈش دىگەن ئۇيقىنىڭ پوقى» دەيتتى، سەۋەبىنى ھازىرغىچە ئۇقالمايۋاتىمەن.
bagdax

2

تېما

8

دوست

1761

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   76.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  77182
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 507
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-12 19:15:17 |ئايرىم كۆرۈش
تۇغۇلما ئەما (قارغۇ ) قارغۇ ئادەممۇ چۈش كۆرەمدۇ ؟

19

تېما

0

دوست

6880

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   37.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32140
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 48
تۆھپە : 2172
توردىكى ۋاقتى: 1071
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-26

تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-12 20:40:52 |ئايرىم كۆرۈش
    ھەرقانداق كىشىنى قاتتىق ئويلاندۇرۇدىغان ھەقىقەتەن چوڭقۇر تەتقىقات تېما . چۈش ئادەم مىڭىسىدە ئەكىس ئىتىۋاتقان سىرلىق ئىكران . ئۇنى ئادەم بەدىنىدىكى ماددىلار ، ماددىلارنىڭ قانونىيەتلىك ئىنكاسلىرىدىن ئىزدىسە ئىلمى ئۇچورغا ئېرىشىشكە بولارمىكىن ؟؟؟؟؟؟.

0

تېما

0

دوست

1683

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   68.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52031
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 516
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-12 21:05:50 |ئايرىم كۆرۈش
بىزنىڭ ئەقىدىمىزدە چۈش ھەققىدە ناھايىتى توغرا بىلىم يىتەرلىك.

2

تېما

7

دوست

716

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   43.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25565
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 216
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-13
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-12 23:20:47 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-9-12 23:23  

9  ئايغىچە ئوخشاشلا پەقەت بىرلا ئادەمنى چۈشىدە تەكرار كۆرىۋىرىش نىمدىن دىرەك بىرىدىغاندۇ ؟
ئەگەر چۈشۈمگە كىرمىدى دىگەن تەقدىردىمۇ پەقەت 7-8 كۈنلا كىرمىگەن  ئەھۋالدا ئۇدا  9  ئايغىچە  شۇ ئادەمنىلا چۈشەۋەرسە..

ئەقىلىم يەتمەيدىغان ئىشلارنىڭ بىرى مۇشۇ !...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )