باغداش مۇنبىرىدىكى ئەزىزلەر، سالام سىلەرگە! ھەممىڭلارنىڭ «21-فېۋرال دۇنيا ئانا تىلنى قوغداش»كۈنۈڭلارغا مۇبارەك بولغاي! مەن بۇ نەسىرنى 2009-يىلى مەكتىپىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن«خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەش نوتۇق سۆزلەش پائالىيىتى» ئۈچۈن تەييارلاپ ئوقۇغان ئىدىم. بۈگۈنكى بۇ قۇتلۇق كۈندە بۇ يازمامنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش قارارىغا كەلدىم. بەھىرلەنگەيسىلەر!
ئانا تىل
نەسىر
«ئانا» نىمە دېگەن گۈزەل ئىبارە-ھە بۇ ؟! بۇ سۆز ھەر قېتىم تىلغا ئېلىنغىنىدا،ئادەم ئاتا ئەۋلادى بولمىش بىزنىڭ ھاياجاندىن پۈتكۈل ۋۇجۇدىمىز تىترەيدۇ. بۇسۆزنىڭ پاساھىتىگە تەڭداش يەنە بىر گۈزەل ئىبارە ئۇچراتقىنىم ھەم ئىسىمدە يوق.چۈنكى ،ئانا باغرى پەرزەنت ئۈچۈن مەڭگۈ ئادرېسى ئۆزگەرمەيدىغان جەننەت. شۇ سەۋەب، پۈتكۈل جاھان مىقياسىدىكى، ئىنسانغا ئەڭ يېقىشلىق، سۆيۈملۈك، ئىزگۈ شەيئىلەر «ئانا» سۆزى بىلەن سۈپەتلىنىپ كەلگەن. مىسالى بولغان «ئانا ۋەتەن » ، «ئانا يۇرت»، «ئانا دەريا»، «ئانا تۇپراق» ...«ئانا تىل». ۋاي-ۋۇي، ساناپ كەلسەك بوۋامنىڭ يېشىمۇ يىتىشمەس بۇلارنى ساناشقا دەيمەن...
بۇلارنىڭ قايسى بىرى ئىنسان ئۈچۈن قەدىرلىك ئەمەس؟! بۇلار ئىچىدە ئانا تىل، سىنىڭ ئادەملىكىڭنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى. ئانا تىل سىنىڭ قېنىڭ ۋە جېنىڭغا ئوخشاش. تەپەككۇرۇڭ ئانا تىلىڭ بىلەن يۇغۇرۇلغان. ئۇ قەدىرلىك تىل. چۈنكى، ئۇئانىمىزنىڭ تىلى ،ئانىمىز ئۆگەتكەن تىل. ئانىمىز دۇنيادىكى بارچە ئانىلاردەك سۆيۈملۈك،ھۆرمەتلىك بولغىنىدەك، ئانا تىلىمىزمۇ ھەم سۆيۈملۈك ۋە قىممەتلىكتۇر!
ئانا تىلىمىز، سەن ،ئۇ ،ۋە مەن مۇشۇ زىمىنغا تۆرەلگەندىن تارتىپ تاكى ياراتقۇچىنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا بىزگەھەمراھتۇر .
يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىپ ئىڭەلەپ يىغلىغىنىمىزدا، تۇنجى بولۇپ ئاڭلىغىنىمىز ئانىمىزنىڭ بەزلىشى ئىدى، ئانا تىلىمىز ــ ئۇيغۇر تىلىدا. سىز ئاشۇ يېقىملىق ناخشا ـــ ئەللەي ناخشىسىنى ئاڭلىماستىنمۇ ئۇخلامتىڭىز ؟!
ئۆسمۈرلىكىمىزدە دۇنيادىكى ئاجايىب -غارايىب شەيئىلەرنى، «يۈزمىڭلىغان نىمەئۈچۈن» لەرنى سوراپ يۈرۈپ ئانىمىزدىن بىلگەن ئىدۇق، يەنە شۇ ئاناتىلىمىز ــ ئۇيغۇر تىلىمىزدا.
تۇنجى بولۇپ جاھاندىكى شەيئىلەرنىڭ نامىنى بىلگەن ئىدۇق، ئانا تىلىمىز ــ ئۇيغۇر تىلىمىزدا ، تۇنجى بولۇپ ئۆگەنگەن ئىدۇق سۆز قىلىشنى، ئانا تىلىمىز- ئۇيغۇر تىلىمىزدا. ئۆزىمىزگە كىرەكلىكنى بىلدۈرۈشنى ئۆگەنگەن ، ئىدۇق ئانا-تىلىمىز ئۇيغۇر تىلىمىزدا.
تۇنجى بولۇپ بىلگەن ئىدۇق، ئاغرىق- زارىمىزنى ئىپادىلەشنى. ئانا تىلىمىزـــ ئۇيغۇر تىلىدا. بىزنىڭ ھاياتلىق ئىمكانىيەتلىرىدىن بەھىرلىنىشىمىز باشلانغان ئىدى، ئەنە شۇ ئانا تىلىمىز – ئۇيغۇر تىلىدا.
يەتتە ياشقا كىردۇق. مانا ئەمدىلىكتە بىزنىڭ بىلىمگە تەشنا قەلبىمىزنى ئانىمىزنىڭ جاۋابلىرىمۇ قاندۇرالمىدى. ئۇ بىزنى قولىمىزدىن يىتەكلەپ مەكتەپكە، يېڭى بىلىملەرنىڭ كانى ـــ مەكتەپكە ئېلىپ باردى -دە، بىزنى يەنە بىر ئانىمىزبولغان ــــ مۇئەللىم، مۇئەللىمەلىرىمىزگە تاپشۇرۇپ بەردى.
«ئا » دەپ ئۈنلۈك ئوقۇيتتى مۇئەللىم. بىزئىختىيارسىز ئۇنىڭغا ئەگەشتۇق ۋە مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغىنىنى تەكرارلىدۇق. ئارقىدىنلامۇئەللىم بىزدىن سورىدى « بالىلىرىم بىز ئۆگەنگەن (ئا) تاۋۇشى ئاقىل ، ئانار ، ئاق...دېگەندەك سۆزلەردە كېلىدۇ. ئەمدى سىلەر دەپ بېقىڭلار ،(ئا) تاۋۇشى يەنە قايسى سۆزدە ئۇچرايدۇ؟ » مۇئەللىم دەل بىزنىڭ «ئانا» دېگەن سۆزنى ئېيتىشىمىزنى كۈتكەن ئىدى . مۇئەللىمنىڭ سوئالىنى ئاڭلىغان بىز دەرھاللا، تاپتۇق ،تاپتۇق ، سىز دېگەن «ئا» تاۋۇشى «ئانا»سۆزىدە ئۇچرايدۇ مۇئەللىم دېيىشىپ چۈچۈك تىلىمىز بىلەن چۇرقىراشقان، مۇئەللىم بولسا كۆزلىرىگە ھاياجان ياشلىرىنى ئېلىپ، ئۆزى تەربىيەلىگەن بۇ ياش نوتىلارنىڭ ئەقلىدىن سۆيۈنگەن ئىدى. بىز تۇنجى بولۇپ ئەقىلگە ئېرىشكەن ئىدۇق ئانا تىلىمىز ــ ئۇيغۇر تىلىدا . ھەي ئاشۇ چاغلار ...
بىز ، ئاتا-ئانىمىز ۋە ئاشۇلاردەك كۆيۈمچان ئۇستازلىرىمىزنىڭ مېھىر بىلەن تەربىيەلىشى ئارقىسىدا ئاستا-ئاستا چوڭ بولدۇق. ياشلىقنىڭ سېھىرلىك قۇچىقىدا ئەللەيلىنىشكە باشلىدۇق . تۇنجى بولۇپ گۈزەللىكنى سەزدۇق،ئاناتىلىمىزــ ئۇيغۇر تىلىمىزدا. تۇنجى بولۇپ سۆيۈشنى ،سۆيۈلۈشنى يەنى سۆيگۈنى تۇيدۇق،ئانا تىلىمىز – ئۇيغۇر تىلىدا .
تۇنجى سۆيگۈ مەكتۇبىنىمۇ پۈتكەن ئىدۇق ئەنەئاشۇ ئانا تىلىمىز ـــ ئۇيغۇر تىلىدا .
قۇرۇپ چىقتۇق پۈتكۈل روھىمىزنى ئەنە ئاشۇ ئانا تىلىمىز- ئۇيغۇر تىلىمىزدا . بۇ تىلسىز كۆرىدىغىنىمىز پۈتكۈل دۇنيانىڭ گۇمرانلىقىدىن ئۆزگىسى ئەمەس ...
ياشلىق گۈللىرىنى پۇراپ قانمىغان سىز ھەم مەن ۋە بەلكىم بولارمىز بىر كۈنى ئاتا –ئانىمىزدەك ئاتا-ھەم ئانا. بىزمۇ ئۆگىتەرمىز بالىلىرىمىزغا جاھان قانۇنىيەتلىرىنى، ئانا تىلىمىز –ئۇيغۇرتىلىدا.
ھاياتلىق ـــ ئۇ تەكرارلىنىدۇ . بۇ جاھاندا ۋاپا كەم، بىزمۇكىتەرمىز بوۋا ، مومىلار ماڭغان يولنى بويلاپ باقىي ئالەمگە، يېشىمىز ئۇلغايغان بىر كۈنى. ئەنە شۇ كۈن ھازا ئېچىپ يىغلايدۇ يېقىن يورۇقلار، بىزگە قىيالماي، ئانا تىلىمىز ــ ئۇيغۇر تىلىمىزدا .
ياخشى بولسىڭىز تەرىپىڭىزبولار، كەتسىڭىزمۇ ۋە ياكىغەيۋىتىڭىزنى قىلار ئۆزگىلەر ئارقىڭىزدىن. يەنە شۇ ئانا تىلىمىزــ ئۇيغۇر تىلىمىزدا...
«ۋەتەن سۆيگۈسى ئىماندىن كېلىدۇ» دەپتىكەن بىرلىرى، مەن دەيمەنكى
«ئانا تىل سۆيگۈسى ۋەتەن سۆيگۈسىدىن ھېچ بىر كەم ئەمەس ، ئانا تىلىم مەن ئۈچۈن روھىي ۋەتەن. شۇ شاراپەتتىن ئىشەنچلىك ئېيتىمەنكى ‹ ئانا تىل سۆيگۈسى ھەم ئىمان جۈملىسىدىندۇر ›».
« ئۆزگە ئەلدە شاھى تون ئىچرەقورۇنغان تەنلىرىم ،
ئۆز ئېلىمدە يايرىغاي كەيسەم كۇلاھۇ جەندىمەن . »
دەپ يازغان ئىكەن سۆيۈملۈكشائىرىمىز تىيپچان ئاكىمىز ۋەتەن شەنىگە غەزەل يېزىپ . كەمىنە مانا مۇنداق يازدى .
« ئۆزگە تىلدا تۇتۇلۇپ بىچارەبولغان بۇ تىلىم
ئۆز تىلىمدا سايرىغاي بۇلبۇل كەبى خەندان ئۇرۇپ »
ئېھ ، ئانا تىلىم! مەن سەندىن ئەركىنلىك ئىشتتىم. مەن سىنىڭ پەرۋانەڭمەن. سەن مىنىڭ روھىمدا ، جىسمىمدا، قان-قېنىمدا مەۋجۇتسەن. شۇ سەۋەب، دېڭىز كەبى كىتىۋاتقان ئادەملەر ئارىسىدا ، قايسى بىر قېرىندىشىمنىڭ سەن بىلەنقىلغان بىر ئىككى كەلىمە سۆزىنى ئاڭلىساملا شۇ ھامان دىققىتىم سەن تەرەپكە ئاغىدۇ . سىنىڭ سېھرىڭ ،سىنىڭ مېھرىڭ مىنى ئۆزىگە ماگىنىتتەك تارتىدۇ. شۇ دەمدە جېنىم ئابىھايات ئىچكەن كەبى ياشىرىدۇ.
«مۇساپىر بولمىغۇچە مۇسۇلمان بولماس» دەپتىكەن بوۋىلار. گۆدەكلىكىمدە ، شەۋقىي بوۋامنىڭ ساڭا ئاتاپ يازغان ئۆلمەس قەسىدىلىرىنى چۈشەنمىگەنىكەنمەن. مانا ئەمدى ، مانا ئەمدى مەنمۇ ئىلىم ئېلىش سەپىرىدە مۇساپىرچىلىقنىڭ تەمىنى تېتىغاندىن كېيىن ئاشۇ ھۆرمەتلىك بوۋىمىزنىڭ نىمە ئۈچۈن سېنى كۈيلەپ شۇنچە تىرەن پىكىرلىك ئۈنچىلەرنى تىزغانلىقىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدۇم ...
توغرا، ئانا تىل، ئۇ ئىززەت -ھۆرمەتكە لايىق تىل. ئامرىكىدا ۋە يائا فرىقىدا بولسىمۇ شۇ تىل ساھىبلىرىدىن ئالتۇنغا تېگىشىشكە ھەقلىق تىلدۇر .
ئۇشبۇ تىلىمىزدا يازغان ئىدى ئەللامە ئەدىبلەر كۆپ زامان ، ئۇشبۇ تىلىمىزدا قالغان ئىدى خاس ھاجىپ مەھمۇد بوۋام . قىلغان ئىدى تىل ھەققىدە مۇھاكىمە نەۋائىي ھەم، كەتكەن ئىدى ئۆتكۈر ئەپەندى بۇ زىمىندا «ئۆمۈرمەنزىللىرى» دىن «ئىز» قالدۇرۇپ. يازغان ئىدى زوردۇن ئاكا يۇرت قەسىدىسى «ئانا يۇرت» نى ھەم ، ئۇيغۇر ئوغلى ئابدۇخالىق توۋلىغان ئىدى « ئويغان» دەپ، قىلغان ئىكەن مۇتەللىپمۇ «يىللارغا خىتاب». ئەنەشۇلارنىڭ شۆھرىتى قالدى جاھان مەغرىبى مەشرىق تامان .
يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈلگەنئىدى، ئانا تىلىمىز ـــ ئۇيغۇر تىلىمىزدا .
ئۇلۇغ بوۋىمىز ئەلىشىر نەۋائىي ئۇيغۇرنىڭ بىر مۇنەۋۋەر پەرزەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز تىلىنىڭ قىممىتىنى تونۇش، ئۇنى چىن يۈرىكىدىن سۆيۈش جەھەتتىلا ئەمەس ۋە ئۇ قىممەتلىك ۋە سۆيۈملۈك تىلنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئەمەلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك زات ئىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ مىننەتسىزئەمگىكى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ شۆھرىتىنى ئەينى زامانىسىدا تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگەقىلدى. ئاندىن ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە ئۇنىڭ ئەبەدىلئەبەد قوغدىلىشىنى بولسا بىزئەۋلادلارغا ئامانەت قىلدى. بىزگە ئوخشاش مۇسۇلمان كىشىلەرگە ئامانەتكە خىيانەت قىلىش ئېغىرگۇناھتۇر. شۇ سەۋەب خىيانەتكار ئەۋلادلاردىن بولۇپ قالمىساقكەن دەيمەن.
تىلىمىز ئىپادىلەش كۈچىگە باي ، زور تىپتىكى جاھانشۇمۇل ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن مەدەنىي تىل. ئاناتىلدىن ياتلىشىش، ئانا تىلدىن يىراقلىشش ئۆزىمىزدىن ،مەدەنىيىتىمىزدىن، ئەجدادىمىزدىن يىراقلىشىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئانا تىلىمىزدىن ئاينىش مىللىتىمىزگەقىلىنغان ئەڭ چوڭ ئاسىيلىقتۇر .
ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتى بولۇپ يارالغىنىمدىن ، ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئاناتىلىم ھەققىدە ئىلىم تەھسىل قىلغۇچى بولالىغىنىمدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن . بۇپەخىرلىنىش ھېسىياتىم بىلەن ئاخىرقىتىنىقىمغىچە ياشىيالىسام بۇ ھاياتتا نە ئارمان دەيسىز ؟!
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى (بېيجىڭ)
يازمام 2009-يىلى يېزىلغان. بىر قىسىم خاتالىقلاردىن خالىي ئەمەس، ئەلۋەتتە. شۇنداقتىمۇ سىلەرگەسۇنغۇم كەلدى. مۇنبىرىمىزدە بولسىمۇ بۇ كۈننى سەل داغدۇغا قىلايلى دېدىم. توغرا چۈشەنگەيسىلەر!
|