- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18887
- نادىر
- 9
- يازما
- 466
ئۆسۈش
22.22%
|
شاڭخەيگە مەخپىي بېرىش : ۋاڭ ۋېيگونى تۇتۇش
تاڭ سەھەر . شاڭخەي گارنىزون شتابىنىڭ تېلېفۇنى جىرىڭلىدى .
_ قۇماندانىڭلار تېلېفۇنغا كەلسۇن !
قۇماندان ئاۋازنى ئاڭلاپ ، كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككەنچە تۇرۇپلا قالدى . ئۇ جىددى قىياپەتتە زەڭ قويۇپ ئاڭلىدى .
_ ياخشى ماشىنا ئەۋەتمەڭ ، كونا جىپ ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ .
گارنىزون قۇماندانى تۇرۇپكىنى قويۇپ قويۇپ ، دەرھال ماشىنىغا ئولتۇرۇپ شاڭخەي ۋوگزالىغا يۈرۈپ كەتتى .
_ تېزلىكتە ئىككى شى يۆتكەپ كېلىپ ، شاڭخەينىڭ مۇھىم يوللىرىنى تېزگىنلەڭ ، ھاۋا ئارمىيە 4 - جۈنىنىڭ يول يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنمىسۇن !
يۈز كۆرۈشۈش بىلەنلا مۇئاۋىن قۇماندان شاۋ يۇڭيىڭ كەسكىن بۇيرۇق بەردى . شاڭخەي گارنىزون قۇماندانى بۇيرۇققا بىنائەن يول ئالدى .
ئاۋات شەھەر رايۇنىدىكى ماشىنىلار ئېقىنىدا ، سىرى چۈشۈپ كەتكەن ھېلىقى ھەربىي جىپ ماشىنا كالا ھارۋىسىدەك غىچىلداپ كېتىۋاتاتتى . ھېچكىممۇ ئۇنىڭغا كۆز قىرىنى سېلىپ قويمىدى .
قارىماققا ، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ، جىڭجياڭ مېھمانخانىسى ئادەتتىكىدەك جىمجىت ئىدى . ۋاھالەنكى ، جىق سۇغا دولقۇن يوشۇرۇنغان بۇلىدۇ . جۇڭگونىڭ سىياسى ۋەزىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان چوڭ بىر ئىش مانا مۇشۇ بىنادا ھەل قىلىندى .
شاڭخەي گارنىزوننىڭ مۇئاۋىن قۇماندانى باشلىغان بىر يىڭ ئەسكىرى كۈچ مۇشۇ بىناغا يوشۇرۇندى . . .
10 - قەۋەتتىكى ياسىداق بىر كىچىك مېھمانخانىدا مەخپىي يىغىن ئېچىلىۋاتاتتى . يىغىن جوزىسى ئەتىراپىدا نەنجىڭ ھەربىي رايۇننىڭ مۇئاۋىن قۇماندانى شاۋ يۇڭيىڭ ، شاڭخەي شەھەرلىك ئىنقىلابى كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ خۇڭۋېن ، ماتيەنشۈي ۋە شاڭخەي گارنىزوننىڭ قۇماندانى ۋە سىياسى كومىسسارى ئولتۇراتتى .
_ رەئىس بىزنى ۋاڭ ۋېيگونى تۇتۇشقا بۇيرىدى . مېنىڭ پىكرىمچە ، يىلاننى ئوۋىسىدىن چىقىرىش كېرەك ... ئەڭ ياخشىسى ئەسكىرى كۈچ ئىشلەتمەي ، تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىش كېرەك . كونكىرېت چارىسى : ۋاڭ خۇڭۋېن ۋاڭ ۋېيگوغا تېلېفۇن بەرسۇن . . . _ دېدى شاۋ يۇڭيىڭ خەرىتىنى جوزا ئۈستىگە قويۇپ .
30 نەچچە ياشلىق ۋاڭ خۇڭۋېن دەرھال قەددىنى رۇسلاپ ، بېشىنى لىڭشىتىپ ماقۇل بولدى . ئەينى چاغدا ئۇ بىر « ئىنقىلابى كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى» ئىدى ، چوڭ ھەربىي رايۇننىڭ مۇئاۋىن قۇماندانى ئالدىدا بۇيرۇققا بويسۇنىدىغان كىچىك بىر ئەسكەر ئىدى ، خالاس .
ھاۋا ئارمىيىسى 4 - جۈنىنىڭ سىياسى كومىسسارى ۋاڭ ۋېيگو پارقىراق پىكاپتا ئولتۇرۇپ جىڭجياڭ مېھمانخانىسىغا كېلىپ ، چاققانلىق بىلەن پەلەمپەيگە چىقتى ، ئۇنىڭ بىلەن كاتىپى ۋە تاپانچا ئاسقان توت نەپەر كانۋاي بىللە كەلگەنىدى .
_ توختاڭلار ، _ خىتاب قىلدى ئىشىك تۈۋىدىكى ساقچى ۋاڭ ۋېيگونىڭ « ھەمراھ » لىرىغا ۋە ئۇلارنى يېنىدىكى دەم ئېلىش ئۈيىگە ئېلىپ كىردى .
ۋاڭ ۋېيگو ئىشىكتىن ئاتلاپ يىغىن مەيدانىغا كىردى . ئوينىڭ ئوتتۇرىسىدا شاۋ يۇڭيىڭ ئولتۇراتتى . ۋاڭ ۋېيگو ھاڭ - تاڭ بولۇپ قېتىپلا قالدى . مۇئاۋىن قۇماندان شاۋ يۇڭيىڭنىڭ توساتتىن جىڭجياڭ مېھمانخانىسىنىڭ بۇ ئۈيىدە پەيدا بولغانلىقى ۋاڭ ۋېيگو ئۈچۈن ئەزرائىلنى كۆرگەندەك ئىش بولدى _ ھەممە ئىش ئايدىڭلاشتى ، توزاققا چۈشتۈم ، ئەمما كېچىكتىم !
_ قولغا ئېلىندىڭ ! _ دەپ جاكارلىدى شاۋ يۇڭيىڭ سوغۇققىنە . گەپ ئارىلىقىدا ، نەنجىڭ ھەربىي رايۇنى قوغداش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بىلەن قوغداش بۆلۈمچىسىنىڭ باشلىقىنىڭ تاپانچىسى بىرلا ۋاقىتتا ئۇنىڭ كۆكسىگە قادالدى . قوغداش كادىرى كويزىنى « جاق » قىلىپ ئۇنىڭ قولىغا سالدى .
ۋاڭ ۋېيگو چىرايى تاتارغان ھالدا يەر ئاستى ئۆيگە يالاپ ئېلىپ كىرىلدى . بىر ھەربىي جىپ ماشىنا سىرتتىكى يول ياقىسىدا توختۇتۇپ قويۇلغانىدى . ۋاڭ ۋېيگو يەر ئاستى ئۆيدىن يالاپ ئېلىپ چىقىرىلىشى بىلەن تەڭ ، ماشىنىنىڭ يېنىدا تۇرغان ئىككى كىشى تىزلىكتە ئۇنىڭ بىلىكىنى قايرىپ ماشىنا ئىچىگە ئېلىپ كىردى .
ماشىنا ئۇچقاندەك تېزلىكتە تيەنما لەخمىسىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
ئۇستىلىق بىلەن ئالداش : چېن لىيۈننى تورغا چۈشۈرۈش
_ باشلىق قۇماندان شۈي شيۇدىن تېلېفۇن .
ۋاڭ ۋېيگونى ئەمدىلا « ئۇزىتىپ » تۇرۇشىغا ، تېلېفۇن جىرىڭلىدى . شاۋ يۇڭيىڭ تروپكىنى قولىغا ئالدى . مەخپىي تېلېفۇندىن شۈي شيۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى :
_ سىز خاڭجۇغا بارماڭ ! بارسىڭىز ئۇلار سىزنى قاماپ قويىدۇ ! _ شۈي شيۇنىڭ ئاۋازىدىن كۆيۈنۈش ۋە ئەندىشە قىلىش ھېسياتى بىلىنىپ تۇراتتى .
خاڭجۇدا تۇرۇشلۇق ھاۋا ئارمىيە 5 - جۈنى لىن بياۋنىڭ جاھىل مۇرتلىرى تېزگىنلەپ تۇرىۋاتقان بىر قۇرغان بولۇپ ، ماۋزېدۇڭنى « ھاۋادا ئۆلتۈرۈش ۋاقەسى » نى پىلانلىغانىدى . ماۋزېدۇڭنى پارتىۋېتىشقا ئۇرۇنغان يەردە ، نەنجىڭ ھەربىي رايۇنىنىڭ بىر مۇئاۋىن قۇماندانى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قانچىلىك ئىش بولسۇن ؟
_ سىز بارماڭ ! _ دېدى شۈي شيۇ كەسكىن بۇيرۇق قىلىپ ، _ سىز ئامال قىلىپ چېن لىيۈننى شاڭخەيگە كەلتۈرۈڭ !
شاۋ يۇڭيىڭ تېلېفۇننى قويۇپ ۋاڭ خۇڭۋېنغا مۇنداق دېدى :
قانداق ؟ يەنىلا كونا ئۇسۇلنى قوللىنىپ ، چېن لىيۈننى تەكلىپ قىلىپ كەلتۈرەيلى .
_ ئەمما ، _ دېدى ۋاڭ خۇڭۋېن بىر ئاز ئويلىنىۋېلىپ ، _ 2 _ شۇجىنىلا كېلىشكە تەكلىپ قىلساق ، قارشى تەرەپنىڭ گۇمانلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرارمىكىن . . .
_ ئۇنداقتا ، يولداش نەن پىڭنىمۇ تەكلىپ قىلايلى !
نەن پىڭ 20 _ جۈننىڭ سىياسى كومېسسارى بولۇپ ، ئەينى چاغدا قوشۇمچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىكومنىڭ 2 - شۇجىسى ئىدى ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى لىن بياۋنىڭ جاھىل مۇرتلىرى بولسىمۇ ، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ نىشانى چېن لىيۈن ئىدى .
ۋاڭ خۇڭۋېن قولىغا تروپكىنى ئېلىپ ، « كونا » ئويۇننى ئوينىدى .
_ يولداش نەن پىڭمۇ ؟ مەركەزنىڭ بىر يوليۇرۇقى بار چېن لىيۈن بىلەن ئىككىڭلار كەلسەڭلار . . .
كەچ كىردى ، ئۆيدىكى چىراق نۇرى سارغۇچ چاقنىدى . خاڭجۇدىن ماشىنا بىلەن شاڭخەيگە كېلىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە توت سائەت ۋاقىت كېتەتتى . شاۋ يۇڭيىڭ ھەقىقەتەن بەك ھېرىپ ، چارچاپ كەتكەنىدى ! ئۇنىڭ كارۋات يېنىغا بېرىپ باقمىغىنىغا بىر نەچچە كېچە بولدى _ ئەمما ئۇنىڭ ئۇخلىشىغا بولمايتتى . . .
خاڭجۇدىن شاڭخەيگە قاتنايدىغان بىر پىكاپ چاقماق تېزلىكىدە ئۇچقاندەك كېلەتتى . بۇ پىكاپتىكى ھاۋا ئارمىيە 5 - جۈنىنىڭ سىياسى كومېسسارى چېن لىيۈن كۆزىنى يۇمۇپ ئۇيقىغا كەتتى .
يەنە بىر پىكاپتا 20 _ جۈننىڭ سىياسى كومېسسارى نەن پىڭ ئەنسىز ھالدا ماشىنا چېرىقىنىڭ نۇرىغا قارىدى . . .
چېن لىيۈننى كۈتۈپ تۇرغىنى يەنىلا شاۋيۇڭيىڭنىڭ « قولغا ئېلىندىڭ » دېگەن سوغۇققىنە سۆزى بولدى .
چېن لىيۈن قولغا ئېلىنىپ ، تيەنما لەخمىسىگە ئېلىپ بېرىلدى .
نەن پىڭ ھۇدۇققان ھالدا قارا تەرگە چۈمۈپ ، پارقىراپ تۇرغان كويزىنىڭ ھاۋا ئارمىيە 5 - جۈنىنىڭ سىياسى كومېسسارىنىڭ قولىغا سېلىنغانلىقىغا تەشۋىشلىك نەزىرى بىلەن قاراپ تۇرۇپلا قالدى .
_ يولداش نەن پىڭ ، سىزنى چۆچۈتىۋەتتۇق ، _ دېدى شاۋيۇڭيىڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا .
( داۋامى بار ) |
|