قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2939|ئىنكاس: 2

ئەمەلگە ئاشمىغان جۇئېنلەينى قەستلەش پىلانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

241

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   22.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61
يازما سانى: 466
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 4092
تۆھپە : 3050
توردىكى ۋاقتى: 4858
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-22

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 18:29:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلگە ئاشمىغان جۇئېنلەينى قەستلەش

پىلانى


      1953 - يىلى ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى يىراق شەرق ئاخبارات باشقارمىسىنىڭ سابىق كاتتىبېشى پولكۇۋنىك كلنىس ، شۇنىڭدەك گومىنداڭ ئىشپىيۇنلىرىنىڭ باشلىقى ، دەي لىنىڭ " جۈنتۇڭ " ئورگىنىنىڭ مۇدېر كاتتىبېشى ماۋرېنفېڭ قاتارلىقلار كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ رەھبەرلىرىنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش رەزىل پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشقان . ئۇلار ئالدى بىلەن نىشاننى جۇئېنلەيگە قاراتقان .
      بىر ھەپتىدىن كېيىن ، جۇئېنلەينى قەستلەشتىن ئىبارەت مۇتلەق مەخپىي ئىلان تەستىقلىتىش ئارقىلىق " سۆيگۈ ئىزھار قىلىش " دېگەن شەرتلىك بەلگىدىكى گۇرۇپپىغا ئورۇنلاشقا تاپشۇرۇلغان .بۇ ھەرىكەت گۇرۇپپىسى ئەمدىلا ئەمچەكتىن ئايرىلغان گېرمانىيىنىڭ " كەيلى " ئىسىملىك ساپ نەسىللىك ئاپشاركىسىنى تاللىۋېلىپ ، ئۇنى كېچىكىدىن باشلاپلا ئالاھىدە ئۆيدە يېمەكلىكتىن باشقا ھېچقانداق پۇراق بىلەن ئۇچىراشتۇرماي ئۆزىنىڭ " ئالاھىدە قۇرال " ى سۈپىتىدە بېقىپ كەلگەن .
       1955 - يىلى ، بۇ ھەرىكەت گۇرۇپپىسى " كەشمىر مەلىكىسى " ناملىق ۋاقەنى بىۋاستە پەيدا قىلىدۇ . ئەمما جۇئېنلەينى قەستلەش ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن ، بىر خادىمنى ساياھەتچىلەر ئىچىدىكى سودىگەر قىياپىتىدە ھىندونېزىيىنىڭ باندۇڭ شەھرىگە كىرگۈزۈپ ، جۇئېنلەي باندۇڭ يىغىنى جەريانىدا مېھمانخانىدا ئىشلەتكەن كىرلىك ، لۇڭگە ، ھەمدە ۋىلكا ، پىچاق قاتارلىق نەرسىلەرنى نۇرغۇن پۇل ئارقىلىق ئېلىپ يىغىۋېلىپ ، ئۇلارنى مەخپىي ھالدا تەيۋەنگە ئاپىرىپ ، ئاپشاركا كەيلىنى جۇئېنلەينىڭ پۇرۇقىغا كۆندۈرۈپ ، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشقا پۇرسەت كۈتۈپ تەربىيلەپ بارىدۇ . يىللار ئارقا - ئارقىدىن ئۆتىۋېرىدۇ .  ھەرىكەت گۇرۇپپىسىدىلەر ئىككى نۆۋەت ئالمىشىدۇ . ئۇلار ئۈچىنچى ئەۋلات كەيلىنىمۇ ئوخشاش ئوسۇلدا مەشىق قىلدۇرىدۇ . ئۈچىنچى ئەۋلات كەيلى ئالدىنقى ئىككى ئەۋلادقا قارىغاندا تېخىمۇ زېرەك ، تېخىمۇ ۋەھشى ئىدى .
      1971 - يىلى ئاخىر پۇرسەت كېلىدۇ . ھەرىكەت گۇرۇپپىسىدىلەر جۇئېنلەينىڭ مۇشۇ يىلنىڭ 10 - ئايلىرىدا فرانسىيىگە زىيارەتكە بارىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ . 8 - ئايدا ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى باۋ __ قاتتىق تەربىيىلەنگەن كەيلىنى ئېلىپ تەيۋەندىن پارىژغا كۆچۈپ بېرىپ ، زەپەر دەرۋازىسى يېنىدىكى بىر جۇڭگوچە ئاشپۇزۇلدا ئاشپەز سالاھىيىتى بىلەن يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ .
       چۈنكى فرانسىيىنىڭ رەسمىيەت قائىدىسى بويىچە كىشىلەر فرانسىيىگە زىيارەتكە كەلگەن ھەر قانداق بىر دۆلەت مېھمانلىرىنى يول چېتىدە تۇرۇپ قارشى ئالاتتى ھەمدە مېھمان زەپەر دەرۋازىسى ئالدىدا پارىژ قىزىنىڭ تەغدىم قىلغان گۈلىنى قوبۇل قىلاتتى . ئەگر جۇئېنلەي زىيارەتتە بولسا ، ئۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ " كەيلى " نى قويۇپ بېرەتتى  . بۇ ئىت جۇئېنلەينىڭ مۈرىسىگە پۇتلىرىنى قويىشى بىلەن تەڭلا ئىتنىڭ بويۇن چەمبىرىگىگە ئورنۇتۇلغان كۈچلۈك پارتىلاتقۇچ دورىنى يىراقتىن كونترول قىلىش ئارقىلىق پارتىلاتماقچى بولغانىدى . . .
       بۇ پىلان ھەقىقەتەن بەكمۇ قەبىھ ، بەكمۇ رەزىل ئىدى .
       جۇئېنلەي زۇڭلىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتىشى بىلەن ، گومىنداڭ ئىشپيۇنلىرىنىڭ نەچچە ئون يىل پىلانلىغان رەزىل پىلانى بەرباد بولىدى .
   ( "ئەدەبىي تەرجىمىلەر" دىن ئېلىندى )    "باغداش تورى" غا خاس .  

0

تېما

0

دوست

557

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   11.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5121
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 79
تۆھپە : 117
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 18:22:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گومىنداڭنىڭ ئىشپىيونلىرى تازىمى بىر ئاخماسكەن ،18 يىل پىلان تۈزۈپمۇ ياخشىراق پىلان تۈزەلمەپتۇ ،ھازىرقى جاسۇسلۇق تېخنىكىسى  بىلەن 1 يىلدىلا ياخشى پىلان تۈزۈلۈپ ئىجرا قىلىنىپ بولىدۇ .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

241

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   22.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61
يازما سانى: 466
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 4092
تۆھپە : 3050
توردىكى ۋاقتى: 4858
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-22

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 01:15:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
!   !   !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )