رەسىمنىڭ قىسقىچە چۈشەندۆرۈشى: B يىراقتىكى تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئەمەلى ئورنى، D بۇ تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ يەر شارىدىكى كۈزەتكۈچىگە كۆرىنىدىغان ئورنى، A قوياش ،C يەر شارى. ئەسلى تۈز سىزىق بويىچە ماڭسا قوياش تەرىپىدىن توسۇۋىلىنىپ ،يەر شارىدىكى كۈزەتكۈچىگە كۆرۆنمەيدىغان B دىن چىققان يورۇقلۇق قوياشنىڭ ماكاننى ئەگرى قىلىۋىتىشىدىن ئەگرى مېڭىپ D ئورۇندىن كەلگەن بولۇپ كۆرۆنگەن.
يۇقۇرقى رەسىم دائىم يورۇقلۇقنىڭ تارتىش كۈچى مەيدانىدا ئاغىدىغانلىغى،ماكاننىڭ ئەگرىلىگىنىڭ ئوبرازلىق ھالىتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.ھالبۇكى،مانا مۇشۇ رەسىمنىڭ ئۆزىدىن يەنە تارتىش كۈچى،ماكان ئەگرىلىكى ئىدىيىسىگە پايدىسىز يەكۈنلەرنى چىقارغىلى بولىدۇ.يەنى،1.يورۇقلۇق ئادەتتە ئەڭ قىسقا ئارىلىقنى تاللاپ تۈز سىزىق بۇيىچە تارقىلىدۇ دېيىلىدۇ.لىكىن،يۇقۇرقى رەسىمىدىكى يۇرۇقلۇق ئەڭ قىسقا ئارىلىقنى تاللاپ ،تۈز سىزىق بويىچە ماڭمىغان.2.ئېيتىلىشىچە،تارتىش كۈچى ئارىلىقنىڭ كىۋادىراتىغا تەتۆر تاناسىپ،يۆنىلىشى ئىككى جىسىمنىڭ ماسسا مەركەزلىرىنى تۇتاشتۇرغۇچى تۆز سىزىق.رەسىمدە بۇنداق ئەھۋال ئىپادىلەنمەيدۇ.قوياشنى ئايلىنىپ ئۆتۈش-مانا بۇ رەسىمدىكى ھەقىقى ئەھۋال.بۇ ھال،تارتىش كۈچى،ماكان ئەگرىلىكى ئىدىيىلىرىگە ھەقىقەتەنمۇ پايدىسىز ئەمەسمۇ؟!
تارتىش كۈچى،ماكان ئەگرىلىكى ئىدىيىلىرى ئورۇنلۇق بولسا B تۇرغۇن يۇلتۇزدىن چىققان يورۇقلۇق ئەڭ قىسقا يولنى بېسىپ قوياشقا بېۋاستە چۈشۈپ كەتسە بولاتتى.
يەنە بۇ رەسىم بىزگە بېرىدىغان بېۋاستە تەسىرات شۇكى،ئېينىشتېيىنچە ئەگرىلىك بىر كۆپۈنكى ئەگرىلىك بولۇپ ،پېتىنقى ئەگرىلىك ئەمەس.پېتىقى ئەگرىلىك بولسا B تۇرغۇن يۇلتۇزيەر شارىدىكى كۈزەتكۈچىگە كۆرۆنمەيدۇ. يەنى،ئۇنىڭدىن چىققان يورۇقلۇق قوياش تەرىپىدىن توسۇۋىلىنىدۇ،قوياشقا تارتىلىپ كېتىدۇ.دىمەك بۇ رەسىم ،B دىن چىققان يورۇقلۇقنى ئۆزىگە تارىتماي،ئەكسىچە ئىتتىرىپ ،يىراقتىكى بۇ تۇرغۇن يۇلتۇزنىD ئورۇندا كۆرسەتكەن.
شەكىل نەزەريىسى _ ھەركەتنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرى ئەگرى بولىدۇ.بۇنداق ئەگرىلىكنىڭ تاشقى كۈچلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوق،29 -تېئورېمىچە ئېغىش بۇنداق ئەگرىلىكنىڭ كونكىرىتلىغى ۋە شەرتى،يۇقۇرقى ھادىسە شەكىل نەزەريىسى تەشەببۇس قىلغان ھەركەتنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرى ئەگرى دىگەن ئىدىيەنىڭ ئىسپاتى،دەپ قارايدۇ.
ئاممىباپ تەھلىل سوئاللىرى:
1.بىر نەرسىنى بىر نەرسە تارىتسا،مەسىلەن،بىر يىپقا باغلانغان جىسىمنى تارىتسىڭىز بۇ جىسىم سىزگە تۈز سىزىق بويىچە يېقىنلىشامدۇ ياكى ئەگرى سىزىق بويىچە يېقىنلىشامدۇ؟
2.بىر شارچە كونۇسسىسىمان ئورەككە دۇمىلاپ چۈشۈپ كەتسە ئۇنىڭ باسقان يولى ئورەك ئاستىغا بېۋاستە يۆنەلگەن ھالدا چۈشەمدۇ ياكى ئورەكنىڭ يانلىرىغا يۆنەلگەن ھالدا سېفرال ئايلانغان ھالداچۈشەمدۇ؟
يۇقۇرقى سوئاللار ھەققىدە تەپەككۈر يۆرگۆزسىڭىز، نىيوتۇن تارتىش كۈچى،ئېينىشتېيىن ماكان ئەگرىلىكى ئىدىيىلىرى ھەققىدە تونۇشىڭىز چوڭقۇرلىشىدۇ.
2016.3.23 光线弯曲_百度百科
|