قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 931|ئىنكاس: 9
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يۈرەك مىڭە قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

199

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   66.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  77643
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-21
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-16 12:30:03 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
سەھىيەئورگانلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى سىتاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، يۈرەك مىڭە قان تومۇركېسەللىكلىرى ئۆسمە راكتىن قالسىلا، كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يەتكۈزىۋاتقان ئىككىنچى چوڭ قاتىل ئىكەن.تېخىمۇ قورقۇنۇشلۇق بولغىنى،يۈرەك قان تومۇركېسەللىكلىرى بۇرۇن ياشانغانلار ئارىسىدا كۆپرەك بولسا،ھازىر بارغانسېرىياشلىشىشقا تەرەققىي قىلىپ،ھەتتا 30 ياشتىمۇ بۇ خىل كېسەللەرنىڭ كۆرۈلۈشى كۆپەيمەكتە،ئەمسە يۈرەك-مىڭە قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ سەۋەبى نىمە؟

قاندا ماي يۇقىرى بۇلۇش

ئىستىمالىمىزدا ياغ ۋە مايلارنىڭ كۆپلەپ ئىستىمال قىلىنىشى ۋە بۇلارنىڭبەدەنگە كىرگەندىن كىيىن پارچىلانماي قان تومۇرلاردا كۆپلەپ ئېقىپ يۈرۈشى قاندا ماي، ياغ، خولىستىرلارنىڭ ئارتىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەپ.بۇسىمىزلىك ،جىگەرنى ماي قاپلاش ۋە يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئىستىمال قىلغان يىمەكلىك تەركىبىدىكى ماي كۆپ بولغاندا،بەدەندىكى ماي پارچىلىغۇچى ئېنزىم ئاجىرىلىپ چىقىشى يىتەرلىك بولمىسا ۋە ئىستىمال قىلىش سۈرئىتىگە يىتىشەلمىسە بۇ بىۋاستە ماي ۋە ياغلارنىڭ پارچىلانمايلا قان-تۇمۇرلارغا ئېقىپ كىرىشىنى ۋە قان تۇمۇرلاردا كۆپلەپ دۆۋلىنىپ ئاخىرىدا ماي مېتابولىزىمىنى ياخشى بولماسلىقىدىن سىمىزلىك،جىگەرنى ماي قاپلاش،ئارتىرىيە قېتىش ۋە سەكتەقاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۇقىرى قان بىسىم

يۇقىرىقان بىسىم مىڭە قان-تومۇر كىسەللىكلىرىنىڭ بىرى بولغان سەكتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ قاتىل.بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ يۇقىرى قان بىسىمى بارلار چوقۇم سەكتە بۇلىدۇ ۋە ياكى سەكتە چوقۇم يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېگەنلىك ئەمەس.بىراق بۇ يەردىكى سەۋەب نەتىجە مۇناسىۋىتى ئىنىتايىن يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. قان تۇمۇرلاردا ئېرىمەيدىغان ئەخلەت ۋە مايلارنىڭ ئېنزىمنىڭ نورمال پارچىلاش  ۋە بەدەننىڭ سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاش مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىش تۈپەيلىدىن قان تۇمۇرلار دىۋارىدا ئەخلەتلەرنىڭ يىغىلىپ،قان تومۇر دىۋارىنىڭ قېلىنلىشى ۋە قان سۇيۇقلۇق مىڭىشقا تېگىشلىك بوشلۇق كىچىكلەپ كېتىش تۈپەيلىدىن،قان سۇيۇقلۇقىنىڭ قان تومۇر دىۋارىغا چۈشكەن بىسىم ئارتىپ يۇقىرى قان بىسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،يۈرەك-مىڭە قان-تۇمۇر كىسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى يۇقىرلىتىدۇ.

قان-تومۇرلاردىكى قان سۇيۇقلۇقىنىڭ يىپىشقاقلىقىنىڭ ئارتىپ كېتىشىنى،قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېقىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ ۋەئۇيۇشۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئۇيۇشۇپ قالغان قالدۇق ماددىلار قاننىڭ نورمال ئايلىنىشغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە قان-تۇمۇرنىڭ مەلۇم جايلىرىدا توختاپ قىلىپ،قان ئايلىنىشنى بەلگىلىك دەرىجىدە توسالغۇغا ئۇچرىتدۇ.بىز بۇ ئۇيۇشۇپ قالغان قالدۇق ماددىلارنى قان نوكچىسى دەپ ئاتايمىز.قان نوكچىسىمۇ ئوخشاشلا قاندىكى پارچىلىغۇچى ۋە ھەزىم قىلغۇچى ئېنزىملارنىڭ نورمال پارچىلاش ۋە ھەزىم قىلىش مېقدارىدىن ئېشىپ كەتكەن يىمەكلىكلەرنىڭ دۆۋلىنىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان ئەخلەتتۇر.

ئارتىرىيە قېتىشىش

ماي مېتابولىزىمىنىڭ ياخشى بولماسلىقتىن ئارتىپ كەتكەن خولىستېرىن ئاستا-ئاستا قان تومۇر دىۋارىغا يىپىشىپ،قان-تومۇر دىۋارىنى قېلىنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە،قان-تومۇردىۋارىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.ئەگەر ئېنزىمنىڭ بۇ ئەخلەتلەرنى پارچىلاش ۋە بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىشى تۇسالغۇغا ئۇچرىغاندا،قان تومۇردىۋارىنىڭ چۈرۈكلۈشۈپ كېتىش سەۋەبىدىن قان-تۇمۇر دىۋارلىرى يېرىلىپ كېتىدۇ.بۇ نەق بىز دەۋاتقان ئارتىرىيە قېتىشىشتۇر.

تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، دىئابىت، سىمىزلىك قاتارلىق ئامىللارمۇ يۈرەك قان-تۇمۇركىسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سەۋەپتۇر.ئېنزىم ئىنتايىن ياخشى بولغان قان تازلىغۇچى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن يۈرەك قان-تۇمۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالىدۇ.ئەتىياز،كۈز پەسىللىرى نۇرغۇنلىغان كىسەللەرنىڭ كۆپ قوزغىلىدىغان پەسلى. شۇڭا بۇ مەزگىلدە پەسىل ئۆزگىرىشىگە ئالاھىدە دېققەت قىلىپ يۈرەك قان-تومۇر كىسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بۇلۇشى ۋە قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.ئېنزىم قان-تومۇرلاردىكى خولىستېرىن،قان نوكچىسى ۋە ئەخلەتلەرنىڭ پارچىلىنىش مېتابولىزىمىنى تېزلىتىپ يۈرەك قان-تومۇركېسەللىكلىرى،سەكتە،يۇقىرى قان بىسىملارغا ئىنتايىن ياخشى بولغان داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە.ئۇنىڭدىن سىرىت ئېنزىم بەدەندىكى نۇرغۇنلىغان ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغاچىقىرىپ تاشلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۈنۈملۈك ھالدا قان-تومۇردىكى قاننوكچىسى،ئەخلەتلەرنى كونتىرول قىلىدۇ.شۇڭا مۇۋاپىق ھالدا ئېنزىم تولۇقلاش قان-تومۇر كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.                                                                          
bagdax

0

تېما

0

دوست

4144

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32503
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1300
توردىكى ۋاقتى: 265
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-16 14:50:11 |ئايرىم كۆرۈش
سىز مەخسۇس ئېنىزىم ساتقۇچى ،تىمىنى ياخشى قۇيۇپ ئېلاننىمۇ ياخشى ئىشلەپسىز،پۇل تېپىشقا ئېپىڭىز باركەن،،،،،بىر چاغلاردا كىيانى دەمدۇ،پىت-پىت دەمدۇ ،ئىشقىلىپ خېلى كوپ ساغلاملىق مەھسۇلاتى ئەمەس ئالدامچىلىق مەھسۇلاتى چىققان،ئەمدى ئېنىزىم دەپ چىقسا،ئەتە-ئوگۇن نىمە دەپ چىقار؟ساغلاملىق مەھسۇلاتى ساتقۇچىلار ئىسىمنىمۇ ئويلاپ قويدۇڭلار ھە-قاچان،

2

تېما

4

دوست

7329

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   46.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6729
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 102
تۆھپە : 2179
توردىكى ۋاقتى: 791
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-16 15:12:29 |ئايرىم كۆرۈش
  بۇ قېتىم ئېنزىم ھەققىدىكى چۈشەنچىڭىز خېلى يوقۇرلاپتۇ. سىزدىن سوراپ باقسام. قانداق نەرىسىلەردە ئېنزىم بولىدۇ؟ قايسى خىل يىمەكلىكلەردە ئېنزىمنىڭ تەركىبى يوقۇرى بولىدۇ. بىز ئىستىمال قىلىۋاتقان ئادەتتىكى يىمەكلىكلەردىنمۇ ئېنزىمنى تولۇقلىغىلى بولامدۇ؟ قانداق، قايسى خىل ئېنزىملار قان تومۇرنى راۋانلاشتۇرۇشقا ياردەم قىلالايدۇ؟

1

تېما

0

دوست

199

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   66.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  77643
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-21
يەر
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
manmanqi يوللىغان ۋاقتى  2016-9-16 14:50
سىز مەخسۇس ئېنىزىم ساتقۇچى ،تىمىنى ياخشى قۇيۇپ ئېلانن ...

ھەرنەرسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىقى بولدۇ . زىيادە كۆپتۈرۈپ سۆزلەش سۆزلىگۈچىنىڭ سەۋەنلىكى . شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇنلىغان ياخشى بولغان مەھسۇلاتلارنىڭ كىشلەرگە پايدىلىق رولى يىپىلىپ كىتىپ قالدى . بۇ ھەرگىز مەھسۇلاتتىكى مەسلە ئەمەس بەلكى شۇ مەھسۇلاتنى ساتقۇچىنىڭ ئۇقۇمىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى تۈپەيلىدىن باشقىلارغا سەلبىي تەسىر بەرگەنلىكتىن بولغان . بەلكىم سىز شۇنداق كۆپتۈرۈپ سۆزلەش ئارقىلىق سېتىلغان مەھسۇلاتلار سەۋەبلىك يەتمەكچى بولغان مەقسەتكە يىتەلمىگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن . سىز يەنە قايتا ئۇچراتقاندا ھەممە نەرسىگە بىرخىل گۇمان نەزىردە قارايدىغان بولۇپ قاپسىز . ئېنزىم بىزنىڭ خەلقىمىزگە نىسبەتەن يىڭى ئۇقۇم ئەمما خەلقئارادا ياكى دۆلەت ئىچى-سىرتىغا نىسبەتەن ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس . ئەگەردە كۆپرەك چۈشىنەي دىسىڭىز مەن بارلىق تىرىشچانلىقىم بىلەن سىزگە چۈشەندۈرۈشنى خالايمەن ياكى بولمىسا ئۆزىڭىز توردىن توغرا بولغان ئۇچۇرلاردىن ئىگەللەپ مۇشۇ جەھەتتكى ئۇقۇمىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرسىڭىز بولىدۇ . شۇنداق ئىشەنچ بىلەن دىيەلەيمەنكى ئېنزىم ھەقىقەتەن بىر ياخشى نەرسە .
bagdax

1

تېما

0

دوست

199

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   66.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  77643
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-21
5#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
uyghun يوللىغان ۋاقتى  2016-9-16 15:12
بۇ قېتىم ئېنزىم ھەققىدىكى چۈشەنچىڭىز خېلى يوقۇرلاپتۇ ...

ئېنزىم بارلىق جانلىقلار تېنىدە مەۋجۈت . مەسلەن : ئۆسۈملۈك ، مېۋە-چىۋە ، سەي-كۆكتاتلار . ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئېنزىم زاپىسى خوراپ ماڭىدۇ . يەنە بىرى ئېنزىم يۇقىرى تېمپىراتۇردا ئاكتىپچانلىقىنى يوقىتىدۇ . مۇشۇ نۇختىدىن قارىغاندا قانچە يېڭى بولغان خام بولغان يىمەكلىك ، مېۋە-چىۋە ، سەي- كۆكتاتلاردا ئېنزىم زاپىسى ئەڭ كۆپ بولىدۇ . مۇشۇ خام يىڭى بولغان يىمەكلىك ، مېۋە-چىۋە سەي كۆكتاتلار  بەدەندىكى ئاز بىر قىسىم يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قېلىنىشى ۋە بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىشىغا ياردەم بىرەلەيدۇ . يەنە بۇ يىتەرلىك ئەمەس شۇڭا بۇنى ئېنزىم مەھسۇلاتى ئارقىلىق تولۇقلاش كىرەك .  پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يۇقىرى تېمپىراتۇردا بىر تەرەپ قىلغان يىمەكلىكلەردە ئېنزىم مىقدارى زىيادە ئاز  . بۇنىڭ بەدەن سسىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىشى ئۈچۈن ئېنزىم كىرەك . مېۋە-چىۋە سەي كۆكتاتلاردىكى ئېنزىم  بۇنى تولۇقلاپ بولالمايدۇ . شۇڭا سىرىتتىن مۇۋاپىق دەرىجىدە ئېنزىم تولۇقلاپ بەرمىسەك بولمايدۇ .

2

تېما

4

دوست

7329

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   46.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6729
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 102
تۆھپە : 2179
توردىكى ۋاقتى: 791
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
6#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
aybaris يوللىغان ۋاقتى  2016-9-17 14:25
ئېنزىم بارلىق جانلىقلار تېنىدە مەۋجۈت . مەسلەن : ئۆسۈم ...

دىگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق. شۇڭا بەزى يىمەكلىكلەرنى ئىللىق تېمپۇراتۇرىدا پىشىقلىغان ياخشىراق. بەزى كۆكتاتلارنى خام پېتى مەسىلەن شۇخۇلا دىگەندەكلەرنى يىيىش ئارقىلىق ۋە ئېچىتما مەھسۇلات( بۇنىڭدىكى ئېنزىم تەركىبى يوقۇرى)ئارقىلىمۇ تولۇقلاشقا بولىدۇ. قان تومۇرلاردىكى توسالغۇلارنى تازلاشتا قان تومۇر تازلاش ئۈنىمى يوقۇرى سەي- كۆكتاتلارنى ئېچىتىش ئارقىلىق ياسالغان ئېچىتمىلارنىڭ ئېنزىمىنىڭ ئۈنىمى ئالاھىدە يوقۇرى بولىدۇ.

0

تېما

0

دوست

4144

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32503
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1300
توردىكى ۋاقتى: 265
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
7#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تازمۇ تاغىقىنى ماختايدۇ،سىزمۇ شۇنداق مېلىڭىزنى ماختايسىز،سىزدىن سوراپ باقسام؛ سىز تىببى ئونۋېرسىتنىڭ ئۇزۇقشۇناسلىق كەسپىنى پۇتتۇرگەنمۇ؟داۋالاش كەسپىنى پۇتتۇرگەن دوختۇرلارنىڭمۇ ئۇزۇقشۇناسلىق ھەققىدەسوزلەش سالاھىيتى يوق،ھازىرقى ساغلاملىق مەھسۇلاتى ساتقۇچىلارنىڭ ھىچقانداق سالاھىيەت گۇۋانامىسى يوق،لىكسىيە سوزلۇگىچىلەردىن چالا-بۇلا ئاڭلىۋالغان ماختاپ سېتىش ،ئالداپ سېتىش ،ھەددىدىن زىيادە كوپتۇرۇپ سېتىش ئۇسۇلى خالاس،،،،،،،،،چىڭسەي يىسىڭىز قان-تۇمۇرىلارنى راۋانلاشتۇرۇشقا پايدىلىق،سەۋزە يىسىڭىز كوزىڭىزگە پايدىلىق،،،،،،ئىشقىلىپ مۇۋاپىق يىيىش،جىق يەۋالماسلىق سالامەتلىككە پايدىلىق،ئېنىنىزىمنى يىيىش بىلەن قان-تۇمۇر،يۇرەك كېسەللىرى ساقىيىپ كەتسە ،،،دوختۇرلار نىمە ئىش قىلار،سىز ئېنىزىم ساتقۇچى بولغاندىكىن ئۇددۇل دوختۇرخانلارنىڭ يۇرەك قان-تۇمۇر بۇلىمىگە بېرىڭ شۇ بىچارە بىمارلارنىڭ ھەممىسى ساقىيىپ كەتسۇن،سىزمۇ ئۇ دۇنيالىق بۇ دۇنيالىق ساۋاپقا ئىرىشىسىز،،،،

2

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25572
يازما سانى: 1188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 3698
توردىكى ۋاقتى: 1219
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24

قىزغىن ئەزا ئىنكاس چولپىنى

8#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
     ياخشى تېما . ئىنكاسلار تېخىمۇ ياخشى . بۇ چۈشەنچىنى تېخىمۇ ئىنچىكە ، تەپسىلى چۈشەندۈرگەيسىزلەر . اللەقا ئامانەت .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )