قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1854|ئىنكاس: 25
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

14 كۈندە 35 سامسۇڭ ماركىسىدىكى تېلىفون پارتلاپ كەتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

89

تېما

5

دوست

4885

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   96.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40020
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 183
تۆھپە : 1488
توردىكى ۋاقتى: 150
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23

تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-16 13:27:06 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
14 كۈندە 35 سەنشىڭ ماركىسىدىكى تېلىفون پارتىلاپ كەتتى

FX168 تورى خەۋىرى

    قاچان پارتىلايدىغانلىقى ئېنىق بولمىغان "بومبىنى" 24 سائەت يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشتىنمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىش بارمۇ؟

    ئىككى ھەپتىدە 35 تېلىفوننىڭ پارتىلاش ۋەقەسى قانداقتۇر تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمى ئەمەس، بەلكى يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان Galaxy Note 7 ماركىسىدىكى سەنشىڭ تېلىفوننىڭ پارتىلىشىدۇر.

    كورىيە سەنشىڭ شىركىتى يېڭىدىن بازارغا سالغان تېلىفون باتارىيىسىنىڭ پارتىلىشى سەۋەپلىك دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئېكىسپورىت قىلىنغان 2 مىليون 500 مىڭ دانە تېلىفوننى قايتۇرىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ ئىش سەنشىڭ گوروھى پېيىنىڭ چوڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن يېقىنقى ئىككى كۈن ئىچىدە 22 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى پارغا ئايلىنىپ كەتتى. Piper Jaffray مەبلەغ بانكىسىنىڭ ئانالىزچىسى Gene Munster مۇنداق كۆرسەتتى: سەنشىڭ گوروھى Note 7 تېلىفون ۋەقەسى يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان ئالما يەتتە تېلىفونىغا نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ بىر سوۋغات بولدى.
2315645498787521215.png
    ئەمەلىيەتتە سەنشىڭنىڭ يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان يەتتە تېلىفونى باتارىيىسىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پارتىلاش ۋەقەسى توغرىسىدىكى يېڭى خەۋەرلەر ئاللىقاچان ھەممە يەرلەرنى قاپلىدى. ھەتتا ئايروپىلاننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ئالتە دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئايرودىروملىرىدا يولوچىلارنىڭ Galaxy Note7 تېلىفونىنى ئىشلىتىشىنى، باتارىيىسىنى زەرەتلىشىنى چەكلىدى.

    ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىدىن باشقا، كۆپ سانلىق ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى مۇشۇ توغرىسىدىكى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى، يەنى يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلاندا سەنشىڭ Galaxy Note7 تېلىفوننى ئوچۇق ھالەتتە قويماسلىقى، توك قاچىلىماسلىقى، ھەم يۈك تاقنىڭ ئارىسىغا سېلىشى قاتتىق چەكلەندى. جوڭگونىڭ خەينەن ئاۋىئاتسىيە گوروھىمۇ مۇشۇنداق ئۇقتۇرۇشلارنى ئېلان قىلدى.
微信截图_20160915165952.png
    14- سېنتەبىر كۈنىدىكى خەۋەرلەردە دىيىلىشىچە، تېخىمۇ كۆپ پارتىلاش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سەنشىڭ گوروھى يېڭى بىر يۇمشاق دېتالنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ يۇمشاق دېتال Galaxy Note 7 تېلىفونىنىڭ ئەڭ يۇقىرى توك قاچىلاش مىقدارىنى %60 تە كونتىرول قىلىدىكەن، بۇ سەنشىڭ Galaxy Note 7 تېلىفونىنى داۋاملىق ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بولۇپ، كورىيەدە 20- سېنتەبىر كۈنىدىن باشكاپ يېڭىلىنىدىكەن، سەنشىڭ گوروھى يەنە بىر قىسىم خىراجەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن.

    بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدە كورىيەنىڭ تىجارەت پايدىسى 8 تىرىليون 100 مىليارد ۋونغا يىتىپ (تەخمىنەن 6 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) ئىككى يىلدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تېلىفون ساھەسىنىڭ كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن 2 تىرىليون 760 مىليارد ۋوندىن 4 تىرىليون 320 مىليارد ۋونغا ئۆرلىگەن، سېلىشتۇرما نىسبىتى %56.5 بولۇپ، ئومومىي پايدىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئىگەللىگەن.

    بۇ قېتىملىق تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بەلكىم سەنشىڭ گوروھىنى ئۈزۈل- كىسىل مەغلۇپ قىلىشى مۇمكىن. شۇنداق بولۇپ قالسا دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ تېلىفون ماركىسى قارتىنى قايتىدىن شىلاشقا دۇچ كېلەمدۇ نىمە؟

    ئاۋۋال بىز تۆۋەندىكى ئىككى پارچە رەسىمنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى:
微信截图_20160915170005.png
微信截图_20160915170015.png
    ئىلگىرىكى ئۈچ پەسىلدىكى سېتىپ چىقىرىش مىقدارىدىن قارىغاندا، 2015- يىلىدىكى ئالما تېلىفونىنىڭ خىرىسىدىن باشقا، سەنشىڭ يەنىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن، بۇ تېلىفون دېڭىزىدا سەنشىڭنىڭ بۇنداق پۇت تىرەپ تۇرالىشىمۇ ئاسان ئەمەس. ئۇنداقتا بۇ قېتىملىق يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن تېلىفون ساھەسى قايتىدىن قارىت شىلاشقا دۇچ كېلەمدۇ؟

    بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىشتىن بۇرۇن بىز سەنشىڭنىڭ  ئالدىنقى مەھسۇلاتىنى ئانالىز قىلىپ باقايلى. سەنشىڭ گوروھىنىڭ ئالدىنقى مەھسۇلاتى مۇشۇ قېتىملىق پارتىلاش ۋەقەسىنى يۈز بەرگەن Note7 ، ئەگەر بۇ قېتىملىق ۋەقە يۈز بەرمىگەن بولسا بۇ تېلىفون تېلىفون ساھەسىدىكى بايراقدار تېلىفون بولغان بولاتتى. سەنشىڭ گوروھى ئىلىكتىرونلۇق ساھەدىلا ئەمەس، ماشىنا ساھەسى، سېتىش ساھەسى، باغچا، تەنھەركەت قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئىگىلىك تىكلىگەن، يەنە تېخى كورىيە دۆلەت ئىچىدىكى ئەنئەنىۋىي يىمەك- ئىچمەك، گىرىم بۇيۇملىرى، پاراخوت ياساش، خىمىيە سانائىتى ساھەسى، يەنە يېڭىدىن گۈللەنگەن مېھمانخانىلار، ئايروپىلان ئىجارىگە بېرىش، ئىشقىلىپ سىز ئويلىيالايدىغانلىكى ساھەنىڭ ھەمىسىدە دېگۈدەك چوڭقۇر ئىزلىرى بار.

    ئۇنداقتا، بۇ قېتىملىق ۋەقەدىن كېيىن، سەنشىڭ گوروھى باشقا ساھەگە يۆتكىلىپ كېتەرمۇ؟

    سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سەنشىڭ گوروھىنىڭ تېلىفون ساھەسىدىن قىلىدىغان كىرىمى IM تارمىقى (IT بىلەن كۆچمە خەۋەرلىشىش تارمىقى) كىرىمىنىڭ %97 تىنى ئىگەللىگەن. بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدە، سەنشىڭ گوروھىنىڭ ئۇنۋېرسال تىجارەت كىرىمى 8 تىرىليون 140 مىليارد ۋون، IM تارمىقىنىڭ تىجارەت كىرىمى 4 تىرىليون 320 مىليارد ۋون بولۇپ، ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. شۇڭا سەنشىڭ گوروھىنىڭ تېلىفون ساھەسىدىن چاتاق چىقىشى پۈتكۈل سەنشىڭ گوروھىغا ئېغىر ئەجەللىك زەربە ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا تېلىفون ساھەسى بەلكىم قايتا قارىت شىلاشقا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

    بۇ قېتىملىق ۋەقەدە ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى، تېلىفوننىڭ باتارىيىسىنى قايتۇرۇپ كېلىش تىزىملىكىدە جوڭگونىڭ ئىسمى كۆرۈلمىگەن. بۇ ئىشتا كورىيە تەرەپ جوڭگو قۇرۇقلۇقىدىكى Note7 تېلىفونىغا سەپلەنگەن باتارىيەنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكىگە ئوخشىمايدىغان "ئالاھىدە باتارىيە" ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە، كورىيە جوڭگونىڭ باتارىيە بازىرىنى 4 مىليون دانە باتارىيە بىلەن تەمىنلىگەن. قارىغاندا يۈزىگە شاپىلاق خېلىلا ئېغىر تەگكەن ئوخشايدۇ. جوڭگو دائىملا مۇشۇنداق "ئالاھىدە" مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:

    ماكدونالىت: ئامېرىكا بازىرىدا ئانتىبىئوتىك توخو گۆشىنى چەكلىدى، لېكىن جوڭگو بازىرىدا داۋاملىق تەمىنلىنىۋاتىدۇ، "ئوخشاش يىمەكلىك، ئوخشىمىغان ئۆلچەم" بۇ زادى قانداق ئىش؟ ئەجىبا ماكدونالىتنىڭمۇ ئوخشىمىغان بازارغا بولغان مۇھەببىتى ئوخشىمامدىغاندۇ؟  ماكدونالىت بۇنىڭغا چۈشەنچە بەرگەندە، جوڭگو سىياسىتىنىڭ ئوخشىمغايدىغانلىقى، پەقەت قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتمىسىلا بولىدىغانلىقى، لېكىن ئامېرىكىدا بولسا بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئانتىبىئوتىك دورىلارنى قەتئىي چەكلىگەنلىكىنى ئېيىتقان. جوڭگو ئىستىمالچىلىرىمۇ بۇنىڭغا قارىتا ھېچنەرسە دىمىگەن، شۇڭا "ئوخشاش يىمەكلىك، ئوخشەمىغان ئۆلچەم" بارلىققا كەلگەن.

    مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بۇ قېتىملىق تېلىفون ۋەقەسىدىمۇ جوڭگونىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى مۇكەممەل ئەمەس. نۆۋەتتە ‹ھوقوققا چېقىلىش جاۋاپكارلىق قانۇنى›، ‹ئىستىمالچىلار ھوقوقىنى قوغداش قانۇنى› قاتارلىق مۇشۇ ئىككى قانۇن ئارقىلىق بۇ قېتىملىق ۋەقەدىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى جازاغا تارتىشقا بولىدۇ، يەنە ‹مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى› مۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا جوڭگونىڭ نۆۋەتتىكى قانۇن بەلگىلىمىلىرىدە تېلىفون ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى ئېنىق بەلگىلەنمىگەن، ھەم مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئىجرا كۈچى ۋە قانۇننى ئىجرا قىلىشىدىمۇ تازا دېگەندەك ئىشەنىچ يوق.  مانا مۇشۇنداق ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى جوڭگو ئىستىمالچىلىرىنىڭ ھوقوقى كاپالەتكە ئىگە بولالمىغان. ئۆزىمىزنىڭ دۆلەت نازارەت تارماقلىرىمۇ پۇقرالارنىڭ ھوقوقىنى قوغدىمىسا، قانداقمۇ باشقا دۆلەت ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ دۆلىتىمىز ئىستىمالچىلىرىنىڭ ھوقوقىنى قوغدىشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟

    ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق كەسپى كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، سۈپەت ئۆلچىمى ھەقىقەتەنمۇ بەك مۇھىم، ياسىمىچىلىق كەسپىدە چوقۇم سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغاندىلا ئاندىن ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. سەنشىڭ گوروھىدەك بۇنداق چوڭ كارخانىلارنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى ئۈمۈد قىلساق، يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىللە چوقۇم سۈپەت ئۆلچىمىنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.
14.jpg
bagdax

14

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.95%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 1276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3144
توردىكى ۋاقتى: 452
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24

تۆھپىكار ئەزا

دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-16 15:15:38 |ئايرىم كۆرۈش
ئالمىغا پايدا دىگەن گەپتە بۇ ، بولمىسا سامسۇڭمۇ بەك ياخشىتى

0

تېما

1

دوست

511

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  75442
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 158
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-16 16:45:17 |ئايرىم كۆرۈش
سامسوڭ ئالدىنقى قېتىملىق يانفۇنلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىدىن بەك ھاياجانلىنىپ كېتىپ بۇ قېتىملىقىنىڭ سۈپىتىگە ئانچە دېققەت قىلالماي قالغان.بولمىسا مەن بۇرۇن سامسۇڭنى ئىشلىتىپ كەلگەن ئەممازە بەك قاتاتتى

0

تېما

3

دوست

356

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72592
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 110
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-16 18:49:35 |ئايرىم كۆرۈش
سامسۇڭ  رەسىمگە بەك ئىنىق تارتىدۇ   يەنە قوش كارتىلىق مۇشۇ ئىككى ئارتۇقچىلىغى نۇرغۇن خېرىدارلارنى جەلىپ قىلغانتى، لېكىن ئالما تىلفۇنلىرى   ئىشلىتىشكە  بەك ئەپ قۇلايلىق  ھەم   سامسۇڭنى ئېلىپ يېرىم يىلدىن كىيىن   ساتسىڭىز   باھاسى   بەك   چۈشۈپ كىتىدىكەن   ئەمما   ئالمىنىڭ   باھاسى  نەك پەسلەپ    كەتمەيدىكەن   ،
ئالمىنىڭ    پۇلىسى ھەقىقەتەن  قىممەت شۇ
bagdax

0

تېما

1

دوست

1322

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   32.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  68086
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 396
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-16 19:00:27 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   siytnoqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-9-16 22:55  

خۇاۋېينى سامسۇڭ بىلەن ئالمىڭ قاتارىغا تىزىپ سېلىشتۇرۇش قىلغىنى سەل نىرۋامغا تەگدى مىنىڭ!!.

3

تېما

0

دوست

7322

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41175
يازما سانى: 794
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 2159
توردىكى ۋاقتى: 345
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-16 19:47:35 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimit007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-9-16 19:50  

مېنىڭ تېلىفۇنۇم 80 كويلۇق ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى سامسۇڭ، شۇڭا مەن قورقماي خاتىرجەم ئىشلىتىۋېرىمەن، ماڭا پەقەت كۇنۇپكىسى ياخشى بولسا ئاۋازى ئوبدان چىقسا كۇپايە. يۈتۈپ كېتىشتىن، ئوغرىلىنىپ كېتىشتىن قورقمايمەن، چۈنكى ئەرزان تۇرسا.

3

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.01%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18155
يازما سانى: 961
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2998
توردىكى ۋاقتى: 526
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-16 19:50:33 |ئايرىم كۆرۈش
   ئۇيغۇر ئىستىمالچىلارغا مۇراجىتىم،ئالما بىلەن سامسۇڭنى قوغدايلى،بۇ ئىككى ماركا يىقىلسا دۇنيانى خەقنىڭ بىلىم ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان كۆچۈرمىكەشلەرنىڭ يانفونلىرى قاپلاپ كېتىدۇ.ئىلگىرى شىاۋمى شۇنداق ئىدى،ھازىر بولسا oppo/vivo.بۇ كۆچۈرمىكەشلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىگى،باشتا خەقنىڭ سەپلىمىلىرىنى كۆچۈرۈپ بازار ئىگىلەيدۇ،ئۆزى ئىجاد قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش باسقۇچىغا كەلگەندە گەپ سۆز قىلمايلا سەپتىن چۈشۈپ قالىدۇ.

51

تېما

0

دوست

4822

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   94.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14570
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 165
تۆھپە : 1414
توردىكى ۋاقتى: 221
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-16
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-16 20:19:52 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلا ماڭا  پۇل  ئۇرۇشى  دىگەن  كىتاپ  ئاۋزلىق  ياكى  يازمىچە  نوسخسى  لازىم ئىدى  شۇتوغىرىسىدا كىنو بولسىمۇ  بۇلاتتى   بارلىرىڭلا  ئايمىساڭلا  رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )