يوق ئىكەن
«ئەمدى بىلدىم قەلبىڭىزنىڭ ھىچ ۋاپاسى يوق ئىكەن، شەنىڭىز بىمەرھەمەت،غەيرىي جاپاسى يوق ئىكەن»①
چېھرىڭىزگە زەن قويۇپ باقسام كۆڭۈل كۆزۈم بىلەن، ئەسلىدە بەكمۇ خۇنۈك،جىلۋە-جۇلاسى يوق ئىكەن.
تۇرسىڭىز گەر كۆز بېقىپ، كۆڭلى چۈشۈپتۇ دەپتىمەن، قىلغانلىرىڭىز ساختىلىق، زەررە ئاساسى يوق ئىكەن.
ئايرىمايسىز ياخشىنى، دوست نىمە- دۈشمەن نىمە؟ دىلىڭىزنىڭ ماھىيەتتە ھېچ ساپاسى يوق ئىكەن.
قەلبىڭىزدە بولمىغاچ ئىنسانۇ-ئەخلاقتىن ئەسەر، مىكرىدىن شادلىق تېپىپسىز، قىلچە خاتاسى يوق ئىكەن.
سۆيگۈنىڭ گۈلشەنىدە بىر گۈلنى پەرۋىش ئەيلىمەي، بەرىگە ئازغان تېرىپسىز،نەرقى-باھاسى يوق ئىكەن.
ئاقىۋەت تاپتى مۇھەممەت ئەقلىنى چۈشتىن كېيىن، سىز كەبىي بىر بىۋاپاغا تەڭرى جازاسى يوق ئىكەن!
دوست
«بولسا كىم مېھنەتكە دوست، ئۇ جانغا دوست، دوست ئەمەس دۆلەتتە دوست، ئۇ نانغا دوست»②
مۇشكۇلاتقا يەڭ تۈرۈپ قىلساڭ كۈرەش، بىئەجىرلا، سەندىن ئاققان قانغا دوست.
ئەگىشەر كەينىڭدە خۇددى سايىدەك، مەقسىتى بولغاچ شەرەپكە- شانغا دوست.
ئوۋ قىلىپ كەلسەڭ شىكاردىن سەن ھېرىپ، كۆز قىرىن سالماس ساڭا، ئوۋ-دانغا دوست.
دول قېقىپ ئالدىڭدا قىلغاي تۈلكىلىك، ماھىيەتتە تۈگىمەس بىر كانغا دوست.
بىلىنەر ئاخىرقى دەمدە نەيرىڭى، سەن ئەمەس، يانچۇقتىكى ھەميانغا دوست!
قىلمىسا
«كۆرمىگەي ھىچ مەنپەئەت ھەركىم قانائەت قىلمىسا، بولمىغاي ئىززەت-ئىناۋەت، كىم قانائەت قىلمىسا»③
توغرا يولدىن ئادىشىپ،كۆزلىگەنگە نەپنىلا، تاپمىغاي قەدرى ۋە قىممەت، كىم قانائەت قىلمىسا.
ئادەمىيلىك،ئار نومۇس قالسا بىر چەتتە يېتىم، قاچقۇسى كەلگەن شۇ پۇرسەت، كىم قانائەت قىلمىسا.
بىئەجىر بايلىقنى كۆزلەپ،تىرماشسا گەرچە كۈنۇ-تۈن، تارتقۇسى بىھۇدە كۈلپەت،كىم قانائەت قىلمىسا.
بىۋاقىت خوراپ ۋۇجۇدى، ئەجىلى كەلگەي يېقىن، بولغۇسى شەيتانغا ئۈلپەت،كىم قانائەت قىلمىسا.
ئەي كۆڭۈل يار تۇت شۇڭا،ئىنساپ دىيانەتنى داۋام، بولمىغىن مۇڭداشۇ-سۆھبەت، كىم قانائەت قىلمىسا.
**********************
①بۇ مىسرا «كەلىلە ۋە دېمىنە»دىن ئېلىندى. ②بۇ مىسرا «كەلىلە ۋە دېمىنە»دىن ئېلىندى. ③بۇ مىسرا «كەلىلە ۋە دېمىنە»دىن ئېلىندى.
مەنبە: ئىجادىيىتىم. |