- تىزىملاتقان
- 2016-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-9-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 734
- نادىر
- 0
- يازما
- 36
ئۆسۈش
46.8%
|
دۇنيادا مەۋجۇت بۇلۇشنى تەرەققى قىلىشنى ئىستىمەيدىغان قەۋم بولمىسا كىرەك. ھازىر ئاجىز قەۋملەردە شۇنداق بىر روھ بۇلۇشى كىرەككى، ئۇلار بارلىق رومانتىك خىيال، فانتازىيەلىك غايىلەرنىڭ مەستۇ-مەستانىلىقىدىن قۇتۇلىشى، پەقەتلا ئەمەلى پائالىيەتنىڭلا ئۆزىنى قۇتقۇزالايدىغانلىقى، پەقەت رىئاللىققا دادىل يۈزلەنگەندىلا، رىئاللىقنىڭ سۇئاللىرىدىن ئۆزلېرىنى قاچۇرمىغاندىلا «گەرچە بۇ رىئاللىق ئۇلار خالىمىغان رىئاللىق بولسىمۇ» رىئاللىقتىكى بارلىق ئۆزلېرىگە پايدىلىق ئامىللارنى بايقاپ پايدىلانغاندىلا، ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يىتىشى كېرەك.
«غايە تىكلىمەك قىيىن ئەمەس، ۋاھالەنكى غايىگە يەتكۈزىدىغان ۋاستە-يول تاللىماق بەسى مۈشكۈلدۇر» - ئابدۇرېھىم دۆلەت.
ئىقتىساد 2003-يىلى زور دەرىجىدە چىكىندى، جۇڭگۇ خەلق بانكىسى 2005-يىلى خەلق پۇلى بېسىپ، ئىختىسادنى خېلى ياخشىلىغان ئىدى. مانا ئەمدى 2013-يىلىغا كەلگەندە ئختىسادتا يەنە چىكىنىش بولدى. 2015-يىلى خەلق بانكىسى يەنە پۇل باستى شىنجاڭنىڭ ئىختىسادىدا ئانچە ئۆزگىرىش بولمىدى. بەزى رايۇنلاردا كىشىلەرگە ئۈچ يىللق ئۈسۈمسىز قەرز بىرىشنى يولغا قويدى، ئەمما بازارنى كۆرىنەرلىك قوزغىتالمىدى. بۇلۇپمۇ ئاقسۇ، خوتەن، قاتارلىق رايۇنلارنىڭ ئىختىسادى چىكىنىشى بىر قەدەر تىز بولدى. پاختا باھاسى زور دەرىجىدە چۈشتى. سەۋەبى چەتئەلنىڭ بەزى پاختا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنى كۆچۈرۈپ كەتتى، خوتەندە قاشتېشى كولاشنى توختىتىۋەتتى، ھەم ئىچكىردە قاشتېشىنىڭ بازىرى ئانچە ياخشى ئەمەس. ياڭاق باھاسىمۇ چۈشتى، چىلانمۇ پۇل بولمىدى. ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك؟ خوتەننىڭ ئىختىسادى قاشتېشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئاساسلىقى ياڭاق ۋە چىلاندىن كېلىدۇ. ئىلگىرى چىلان ۋە ياڭاق ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە توننىلاپ تۇشىلاتتى، ئەمما ئىقتىسادنىڭ چىكىنىشى بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بازىرىغا زور تەسىر كۆرسەتتى ۋە سېتىش يوللىرىنى توسۇپ قويدى. خوتەندە نوپۇس كۆپ تېرىلغۇ يەر ئاز ئەتراپنى قۇملۇق ئوراپ تۇرىدۇ. مېۋە-چىۋە، كۆكتات قاتارلىقلارنى باشقا رايۇنلاردىن كىرگۈزۈشكە توغرا كىلىدۇ، شۇنداق بولغاندا خوتەننىڭ ئىقتىسادى سىرتقا ئېقىپ كېتىدۇ. خوتەنلىكلەر كۈندىن-كۈنگە نامراتلىشىپ كىتىۋاتىدۇ. خوتەننىڭ ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چىلان ۋە ياڭاقنىڭ يېڭى بازىرىنى ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ. قانداق قىلغاندا يېڭى بازارنى ئاچقىلى بولىدۇ؟
|
|