- تىزىملاتقان
- 2012-7-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-9-24
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 4008403
- نادىر
- 8
- يازما
- 106
ئۆسۈش
100%
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دوستلار ياخشىمۇ سىلەر !ھېيت ئالدىراشچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دەرسنىڭ 4-ھەپتىسى كېچىكىپ قالغان ئىدى بۇنى 5-ھەپتىسى بىلەن تولۇقلىۋەتتىم توغرا چۈشەنگەيسىلەر !
1.3.5 بىيوس ئۆزىكى
BIOS(Basic Input Output System) ئۇيغۇرچە مەنىسى بولسا :كىرگۈزۈش-چىقىرىش ئاساسىي سىستېمىسى بولۇپ ئۇ كومپيۇتېر قاتتىق دېتاللىرىنىڭ ئىشلىشى ئۈچۈن مۇھىم خىزمەت قىلىدۇ .bios بولسا پەقەتلا ئوقۇپ ساقلاپ بېرىش بىلەن بىرگە پىروگراممىنى نورمال قوزغاپ بېرىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە .ئۇ يەنە سىستېما قوزغالغاندا قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىلىرى بىلەن قوزغاتقۇچ پىروگرامما ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىشچانلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ بىرىدۇ ۋە ئۇلاش ئېغىزىدىكى قاتتىق دېتاللارنى تونۇپ قوزغاتقۇچ پىروگراممىغا ماسلاشتۇرۇپ بىرىدۇ .بىيوسنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى تۆۋەندىكى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەندەك .
1.3.6 ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسى
ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسى بولسا ئاساسىي تاختىنىڭ جېنى ۋە يادروسى . ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسى ئىقتىدارىنىڭ ئوبدان-ناچارلىقى ئاساسىي تاختا ئىقتىدارىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى ۋە يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ . ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسى ئادەتتە ئىككى چوڭ ئۆزەكدىن تەركىب تاپىدۇ . بۇ ئىككى ئۆزەك ، كىشىلەر دائىم ئېيتىدىغان جەنۇبىي ئۆزەك ۋە شىمالىي ئۆزەك دەپ ئايرىلىدۇ .
شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئۆزەكلەرنىڭ نامىنى كىشىلەر ئۆزەكنىڭ ئورنىغا ئاساسەن قويغان بولۇپ ،شىمالىي ئۆزەك بولسا ئادەتتە CPU ۋە روزېتكا قىستۇرۇش ئوقۇرىنى ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ چوڭ-كىچىكلىكى بىر قەدەر چوڭ ،خىزمەت سىجىللىقى يۇقىرى ، ئىسسىقلىق چىقىرىش مىقدارى بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا مەزكۇر ئۆزەك پىلاستىنكا ئۈستىدە بىر ئىسسىقلىق تارقىتىش ياپراقچىسى شامالدۇرغۇچ قاتارلىقلار بولىدۇ .جەنۇبىي ئۆزەك ئادەتتە ئاساسىي تاختىنىڭ ئاستىغا يەنى PCI قىستۇرۇش ئوقۇرىنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ .
شىمالىي كۆۋرۈك ئۆزىكى ئاساسلىق CPUنى كونترول قىلىدۇ ۋە ئىچكى ساقلىغۇچ بىلەن نورمال ئۇلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ ، ئاساسىي چاستوتا . ئىچكى ساقلىغۇچ تىپى ۋە سىغىمىنى PCIقىستۇرۇش ئوقۇرى قاتارلىق قاتتىق ماتېرىيال ئۈسكۈنىلىرىنى قوللاتقۇزىدۇ.ئەگەر شىمالىي ئۆزەك بۇزۇلۇپ قالسا ،تاختا كومپيۇتېر ئېچىلمايدۇ . ئېچىلغان ھالەتتىمۇ قوزغاتقاندىن كېيىن يەنە داۋاملىق قېتىپ قالىدۇ .
جەنۇبىي ئۆزەك ئاساسلىقى USB ئۇلاش مەنبەسىنى باشقۇرىدۇ ۋە نورمال ئۇلىنىشى ئۈچۈن كۈچەيدۇ .ئەگەر جەنۇبىي ئۆزەك كاردىن چىقسا بەزى سىرتتىن ئۇلانغان ئۈسكۈنىلەر ئىشلىمەيدۇ مەسىلەن كۇنۇپكا تاختىسى مائۇس ...دېگەندەك .
ئادەتتە ئىشلىتىدىغان ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسى ۋە شىركەتلەر :
1.Intel (ئىنتىل-ئامېرىكا)
2.AMD(ئۇلترا تىپلىق مىكرو يېرىم ئۆتكۈزگۈچ -ئامېرىكا)
3.NVIDIA(نىۋىدىيا-ئامېرىكا)
4.ⅥA(ۋېيشىڭ-جۇڭگو تەيۋەن)
5.SiS(سىس-جۇڭگو تەيۋەن)
6.ULI(يۈلى-جۇڭگو تەيۋەن)
7.Ali(ياڭجى-جۇڭگو تەيۋەن)
8.ServerWorks(سېرۋېرۋوكس-ئامېرىكا)
9.IBM(ئايبىيئىم-ئامېرىكا)
10.HP(خۇيپۇ-ئامېرىكا)
ئەسكەرتىش :تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن چ چ توپى قۇرۇلدى چ چ توپ نومۇرى :488397153 توپ قائىدىسى بۇ توپتا پەقەت دەرس ۋە شۇنىڭغا ئائىت ئىشلار مۇھاكىمە قىلىنىدۇ ،توپقا كىرگەنلەر ئىسمىنى چوقۇم تۆۋەندىكى شەكىل بويىچە ئۆزگەرتىشى كېرەك .تۇرۇشلۇق ئورنى-ئىسمى ،توپقا مۇشۇ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان بەلگىلىك ساپانى ھازىرلىغان باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ .دىققەت :توپقا پەقەت 500 ئادەملا سىغىدۇ .
ئاپتورنىڭ تەلىپى بويىچە، ۋاكالىتەن يوللاندى. |
|