- تىزىملاتقان
- 2011-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13339
- نادىر
- 1
- يازما
- 542
ئۆسۈش
8.35%
|
خەۋەر قىلىنىشچە ياۋروپا-ئامرىكا دۆلەتلىرىنىڭ ئىسسىق سۇ سېستىمىسىغا سالىدىغان مەبلىغى تېلىۋىزور، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇلارنىڭ ئومومىي سېتىلىش سوممىسىدىنمۇ يوقىرى بولىدىكەن، دۆلىتىمىزنىڭ بەش ھەسسىگە توغرا كېلىدىكەن. ياۋروپا-ئامرىكا دۆلەتلىرىنىڭ ئىسسىق سۇ بىلەن سوغاق سۇنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى9:1بولۇپ, دۆلىتىمىزدە بولسا 1:9ئىكەن. ياۋرۇپا- ئامرىكا دۆلەتلىرى سوغاق سۇنى پەقەت ئۇسسۇزلۇق، ئوبۇرنا يۇيۇش ۋە ماشىنا يۇيۇشتىلا ئىشلىتىدىكەن، باشقا ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئىسسىق سۇ ئىشلىتىلدىكەن. لېكىن دۆلىتىمىزدە بولسا ئىسسىق سۇ پەقەت ئىچىملىك ۋە يۇيۇنۇشقىلا ئىشلىتىلىدىكەن. يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلغان ئاياللار ساغلاملىقى مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىدامۇتەخەسىسلەر ئاياللاردىكى بوغۇم ياللۇغى ۋە ھەرخىل ئاياللار كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاياللارنىڭ (بولۇپمۇ ھامىلدارلىق، تۇغۇتلۇق، ھېيز ئىچىدىكى ئاياللار) سوغۇق سۇ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، شارائىت بولسا كىر يۇيۇش، تاماق ئېتىش، ئۆي تازلاش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىدە ئىسسىق سۇ ئىشلىتىش كېرەك.
يېقىنقى بىر قېتىملىق15 مىڭ ئائىلە ئۈستىدە ئېلىپ بېرىغان تەكشۈرۈشتە دۆلىتىمىزدىكى 40ياشتىن يوقۇرى ئاياللارنىڭ ئىچىدە 86% ئايالنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بوغۇم ياللۇغى ۋە ھەرخىل ئاياللار كېسىلى بارلىقى ئېنىقلانغان، ھەم ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ سوغاق سۇ ئىكەنلىكى ئېنىىقلانغان.
دۆلىتىمىزدە كۆپىنچە رايونلاردا يەر ئاستى سۈيى ئىشلىتىلىدۇ، تومۇز ئىسسىقتىمۇ سۇنىڭ تېمپىراتورىسى يەنىلا بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ. سوغۇق مىزاجلىق سۇ بەدەنگە كىرىشى بىلەن پۇت- قوللارنىڭ ئىسسىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانچە بوغۇملار ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئاخىرىدا ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر قىز-ئاياللار ئالاھىدە فىزولوگىيلىك باسقۇچتا ياكى ئىممۇنت كۈچى ئاجىز چاغلاردا داۋاملىق سوغاق سۇ بىلەن ئۇچراشسسا، ئاسانلا ئىمۇنت كۈچى ئاجىزلاپ كىسەللىك ۋىرۇسلىرىنى ئاسانلا يۇقتۇرىۋالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن زۇكام ياكى باشقا كىسەللەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
بەزى ئاياللار خاتا ھالدا سوغاق سۇدا يۇيۇنۇش سالامەتلىككە پايدىلىق دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خاتا قاراش بولۇپ سوغاق سۇدا يۇيۇنۇش ئاياللارغا ماس كەلمەيدۇ. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشچە ئاياللارنىڭ تېرىسىدىكى سەزگۈ ئەزالار ئالاھىدە سەزگۈر بولۇپ، چوڭ مىڭە سوغۇق ئىنكاسىنى قوبۇل قىلىش بىلەن تەڭلا قان تومۇرلار قىسقىراپ، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ، مۇسكۇللار قىسقىراش، نېرۋىلار جىددىيلىشىشنى كەلتۇرۈپ چىقىرىدۇ.
بولۇپمۇ ئىمىتۋاتقان ئاياللار، ھامىلدار ئاياللار، ھېيز ئىچىدىكى ئاياللار ئاسانلا ھەرخىل ئاياللار كېسەللىكلىرىنى تېپىۋالىدۇ، ۋە كىيىنكى فىزولوگىيلىك ساغلاملىقى، ھامىلدار بولۇش قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
يېقىنقى 10يىلدا دۆلىتمىزنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تۇرالغۇ ئۆي كۆلىمى 30%ئاشقان، تۇرالغۇ ئۆي سېلىنمىسى 16ھەسسە ئاشقان، ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى تۆت ئەۋلات يېڭىلانغان، ئائىلە ماشىنا سانى يىلىغا ئىككى خانىلىق سانلىق ئېشىش نىسبىتى بىلەن ئاشقان ، خېلى كۆپ قىسىم ئائىلىلەر ھاللىق سەۋىيگە يەتكەن، ھەتتا بەزى ئائىلىلەر ياۋرۇپا-ئامرىكا دۆلەتلىرىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئائىلىلەرنىڭمۇ ئالدىدا تۇرىدۇ، ئەمما دۆلىتىمىزنىڭ ساغلام سۇ ئىشلىتىش ئېڭى دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ.
مەنبە: ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق تورى
http://vitamin.qf4.cn/ |
|