ئەي مېنىڭ ئۆمرۈمدىن تۈزۈلگەن قامۇسۇم ئۆتمۈش، سەن ماڭا ئاچچىق ھەم گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ مېڭىۋاتىسەن. مانا ھازىرلا ئۆتكەن نەچچە سېكۇنت ئۆتمۈشكە ئايلاندى. ھەربىر ئۆتكەن كۈنلىرىم ئاللىبۇرۇن ئۆتمۈشكە ئايلاندى.... مەڭگۈ كەلمەسكە كەتتى.....
ئەي ئەسلىمىلەر قوشۇلۇپ دەريالارنى ھاسىل قىلىپ ئاخىرى دېڭىزغا ئايلانغان ئۆتمۈش،... سەن ماڭا قالدۇرغان ھەربىر ئاچچىق ئەسلىمىنىڭ ئۆزىگە خاس تاتلىق تەرەپلىرى بار... سېنىڭدا ئۇچراتقان ھەربىر يامان ئادەم، يامان ئىشلارنىڭمۇ ياخشى تەرەپلىرى بار، سېنىڭدا دۇچ كەلگەن ھەربىر قىيىنچىلىقنىڭ ئاسان تەرەپلىرى بار... مەن زارلانمايمەن. تەغدىردىن زارلانمايمەن... مەن شۇڭا بەختلىكمەن...
ئەي گۈزەل ھايات كارتىنىلىرىدىن تۈزۈلگەن سۆيۈملۈك ئۆتمۈش... ھاياتىم بىر كىنو بولسا، سەن شۇ كىنونىڭ بۇرۇن قويۇلۇپ كەتكەن لېنتىلىرى... ئۇ لېنتىلاردا ئاشۇ يېتەلمىگەن غايىلىرىم، ئۆزۈممۈ تۇيمايلا ئايرىلىپ قالغان ئاشۇ بىباھا ئۆسمۈرلۈك دەۋرىم، غەمسىز چاغلىرىم ساقلانغان...
شۇ چاغلار بولغاچقا سەن مەن ئۈچۈن، ھەرقانداق بىر ئادەم ئۈچۈن سۆيۈملۈكسەن، پەقەت شۇ گۈزەل چاغلار بولغاچقاسەن ھەرۋاقىت يادىمدىسەن.....
ئەي ئۆتۈپ كەتكەن چاغلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەدىرلىك ئۆتمۈش. سەن ئەسلەتتىڭ. ئەسلەتكەندىمۇ ھەركۈنى، ھەر سائەت ئەسلەتتىڭ. سەن كىشىلەرگە ۋىجدانلىق بولۇشنى، ۋاپادار بولۇشنى ئەسلەتتىڭ!......
نۇرغۇن كىشىلەر ئۆتمۈشنى ئەسلىگىنىدە، ئۆتمۈشتە ئۆتكۈزگەن مەنىسىز ۋاقىتلىرى، قايتۇرۇپ كەلگۈسىز چاغلىرى ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇشىدۇ. ھەمدە ۋاقىتنىڭ تېز ئۆتكىنىدىن بىزار بولۇشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۆتمۈشنى ئەسلەشتىن بۇرۇن، ھازىرقى ۋاقىتنى قەدىرلىيەلىگەن بولۇش ئاھ ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ئەلۋەتتە...
خۇددى ئوستىروۋىسكى ئېيتقاندەك《 ئىنسان ئۆمرىنى شۇنداق ئۆتكۈزۈشى كېرەككى، ئۆتكەن كۈنلىرىنى، قىلغان ئىشلىرىنى ئەسلىگىنىدە پۇشايمان قىلمىغۇدەك بولسۇن ! 》
ئەي ئۆتمۈش، ھاياتىمنىڭ ئاخىرىدا پۇشايمان قىلمىغۇدەك بولۇشۇڭ ئۈچۈن، مەن تىرىشاي.....
يېتەلمىگەن غايىلىرىم ئۈچۈن.....
مېنى ياخشى كۆرگەن ئادەملىرىم ئۈچۈن....
|