ھايات بىزگە سوۋغاقىلىنغان بىر دەستە گۈل دەپ ئويلايمەن، ئەنە شۇ گۈلدەستىنى قانداق پەرۋىش قىلىش ئۈچۈن،ھەر قايسىمىز ھەرخىل يوللار بىلەن ئىزدىنىمىز، ھەرىكەت قىلىمىز، تىرىشىمىز. ئۆزگىلەردىن يول سورايمىز ھەم نۆۋىتىدە يول كۆرسۈتىمىز. تېرەن مەنىسىدىن قارىغاندا بۇ سوۋغا قەلىپتىكى مېھرىۋانلىقنىڭ، ئادىمىلىكنىڭ، ئاقكۆڭۈللۈكنىڭ نۇرلىرى بىلەن يۇغۇرىلسا ئادەم ئۆزىكۈتمىگەن ئىزگۈلۈككە ئىگە بولۇپ، بەخىتتىن ئىبارەت بۇ ھەممە ئىنتىلىدىغان روھىي يۈكسەكلىككەئىگە بولالايدىكەن.
مەن، ھاياتىمدا 33 يىل ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت مۇھىم بىر كەسىپكە ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، مۇنبەردە نەچچە يۈزلىگەن قارا كۆزلەرگە يۈرەك قېنىمنى سەرىپقىلدىم . ئەمما بانكىغا قويغان ئونتىيىن ئامانەت پۇلۇم يوق.مېنى خوشال قىلىدىغىنىبۇ 33 يىلدا ئاغرىپ قېلىپ بىرەر تال دورا يەپ باقماپتىمەن. بىرەر بوتۇلكا ئاسمائاسقۇزۇپ باقماپتىمەن. مەن بۇنى ئائىلەمدىكىلەرگە ، ئەتراپىمدىكىلەرگە ، تەربىلەپقاتارغا قوشۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان سەبىلىرىمگە قىلغان ھالال خىزمەتلىرىم ئۈچۈن بېرىلگەنمۇكاپات بولىشى مۈمكىن دەپ ئويلايمەن. گەپكە كەلسەك ماڭا بۇ ئۆمرۈمدە ئۈچ نۆۋەت ئۈرۈمچىگەبېرىش نېسىپ بولۇپتۇ . بىر مۇئاش بىلەن چاپاننى دولغا سېلىپ يۇرتۇمدىن شۇنچە يىراقئۈرۈمچىگە مۇنداقلا بېرىپ كېلىش مەن ئۈچۈن ئۇنچىلىك ئوڭايغا چۈشمەيدۇ ، ئەممائىككى ئوغلۇمنىڭ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتىشى، مەندەك بىر دادا ئۈچۈن تەسۋىرلىگۈسىز خوشاللىق ئىدى، ئۇلارنىڭ سەپىرى مېنىڭ سەپىرىمئىدى. ئۇلار ئۈرۈمچىگە كەتتى. ئەر –ئايال ئىككىمىز دەماللىقتا خوشاللىقىمىزدىن نىمەقىلارىمىزنى بىلەلمەي قالدۇق. ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ ، ئىككىمىز ئوغۇللىرىمىزنىڭھوجرىسىغا كىرىپ ئۇلارنىڭ تاملارغا ، يوتقانلارغا ، كىيىملىرىگە سىڭىپ قالغانھىدلىرىنى بىر بىرىمىزدىن يوشۇرۇن ھېدلايدىغان بولۇپ قالدۇق.
بۇ سېغىنىش ئىدى، بۇزارىقىپ كۈتۈش ئىدى. ئەمدى مەن ھەر ئايلىق مۇئاشىمنى بىر سىنىت ئۇياق ، بۇ ياققىلماي ئايالىمغا تۇتقۇزىدىغان بولدۇم. ئىلگىرى تۇتمىغان ئايلىق ھېساۋات دەپتىرىنىئەمدى تۇتۇشنى قارار قىلدۇق . چۈنكى بىر خىزمەتدىشىم« ئادىلكا ، بىر مۇئاش بىلەنئىككى بالىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئوڭاي ئەمەس ›› دىگەن ئىدى. شۇنداق ، بىز ئوغۇللىرىمىزنىڭئايلىق خىراجىتى ئۈچۈن پۇل سېلىۋېتىپ مەلۇم مەزگىلگە كەلگەندە ئايالىم دەيتى:
ـــــ كىچىك ئوغلۇمىزنىڭئاۋازى بوش چىقىۋاتىدۇ يېنىدا پۇل قالمىدىمۇ نىمە؟ بۇ چاغدا يۈرىكىم شۇررىدە قىلىپقالاتتى. چۈنكى ئوغۇللىرىم شۇ چاققىچە « دادا ، ئاپا يېنىمىزدا پۇل قالمىدى ›› دەپباققان بالىلار ئەمەس ئىدى. بىز ئۇلارنىڭ ئاۋازىدىكى شەرتلىك بەلگىگە قاراپ ئۇلارنىڭبانكا كارتىسىغا پۇل ئۇراتتۇق ، بىراق ئىككىمىزنىڭ تەقەززاسى بىر قېتىم بولسىمۇ ئۇلارنىڭيېنىغا بېرىپ زادى قانداق ياشاۋاتىدۇ؟ بىر كۆرۈپ بېقىش ئىدى. ئەپسۇس بۇنى كۆڭلىمىزدەئويلىساقمۇ ، بىر –بىرىمىزگە دىيەلمەيتۇق . بۇنى ئېغىز ئېچىپ ئەر-ئايال ئىككىمىزنىڭبىر-بىرىمىزگە دىيىشىمىز ئاسمانغا چىققاندىنمۇ تەس ئىدى. شۇنداق تەقەززالىق كۈنلەرنىڭبىرىدە ماڭا خىزمەت ئىشى بىلەن ئۈرۈمچىگە بېرىش پۇرسىتى كېلىپ قالدى. بۇ ماڭا ئادەتتىكىپۇرسەت ئەمەس ئىدى، بۇ پۇرسەتنىڭ مەن ئۈچۈن قىممىتىنى ھېساپلىغىلى بولمايتى.
ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ ، ئۈرۈمچىگەيېلىڭ كېلىۋالغىنىمدىن مىڭبىر پۇشايمان قىلدىم. يۇرتۇمدا دىماقلارغا باھارنىڭ ھىدىپۇراپ، بىدە كۆكىدىن بىر قېتىم چۆچىرە ئېتىپ يەپ بولغان ئىدۇق . مەن ئۈرۈمچىمۇ ئىسسىپكەتتى دەپ ئويلاپ ، ئەتىيازغا تەۋە ئېگىن بىلەن يولغا چىققان ئىدىم. بېكەتتىنچىقىپ بولغىچە بەدەننى چاياندەك چېقىۋالىدىغان ئىزغىرىن سوغاق دەستىدىن ئۈرۈمچىمۇكۆزۈمگە بەكلا سۆرۈن ۋە سوغاق كۆرۈنىپ كەتتى.قولۇمغا ئەمدىلا تېلىفۇننى ئېلىپ ئوغۇللىرىمغاتېلفۇن قىلاي دەپ تۇرۇشۇمغا : ـــــــ دادا دىگەنتولىمۇ يېقىملىق ، ئەر-ئايال ئىككىمىز بەكمۇ زارىققان ئاۋاز ئاڭلاندى. ئىككى ئوغلۇم، ئىككى تۈپ شەمشاد دەرەختەك يولنىڭ يەنە بىر قاسنىقىدا قول پۇلاڭلىتىۋاتاتتى. ئارىمىزدا سانسىزلىغان ماشىنىلار شۇنچىلىكئاستا قەدەمدە لۆمشۈپ ئۆز يۆنىلىشىگە قاراپ سىلجىماقتا ئىدى. ئۈرۈمچى بەئەينىماشىنا ئۈستىدىكى دۇنيادەك تۇيغۇ بەردى ماڭا. ئۈرۈمچىدە مېترۇ قۇرلۇشى جىددى ئېلىپبېرىلىۋاتقاچقا مەن بارغان كۈنى قاتناش قىستاڭچىلىقى كۆرۈلگەن ئىدى.
مەن بۇ قاسناقتا ، ئوغۇللىرىمئۇ قاسناقتا ، ئۇلارنىڭمۇ بۇ ياققا ئۆتكۈسىبار ، مېنىڭمۇ ئۇ قاتقا ئۇچۇپلا ئۆتكۈم بار ، ئەمما قائىدىگە خىلاپلىق قىلماسلىق ھەربىرىمىزنىڭ ئېڭىغا چوڭقۇر ئورناشقان ئىكەن . مەن بۇنىڭدىن خوش بولدۇم. ئىككى ئوغلۇمغاقارىدىم ، ئۇلار كۆزۈمگە ئەنقادەك چىرايلىق ، پالۋانلاردەك زەبەردەست كۆرۈنىپ كەتتى.مەن بايىقى سوغاقنى تامامەن ئۇنتۇغان ئىدىم. ئىككى ئوغلۇمنى ئارىغا ئېلىپ ، بويتارتقان، روھلانغان ئىككى ئەركەكنى يېتىشتۈرگەن ئۈرۈمچى ئەمدى ماڭا سوغاق ئەمەس ،بەلكىماڭا بەكمۇ ئىللىق ۋە مېھىرلىك سېزىم بەرمەكتە ئىدى. ماشىنىلار تۇرۇپ-تۇرۇپ سېگنالبېرىپ قۇرۇتتەك لۆمشۈپ ماڭماقتا ئىدى. ئوغۇللىرىم قول پۇلاڭلاتماقتا مەن ئۇلارغاتىكىلمەكتە ئىدىم. تۇرۇپلا چوڭ ئوغلۇمنىڭ بالىلىقى ئېسىمگە كېلىپ قالدى. ئۇ 3-4ياش ۋاقىتلىرىدا كارامەت ئىدى. ئۆيدىن غىپلا چىقىپ كېتىپ ئۆيىمىزنىڭ كەينىدىكى ئۆستەڭسۈيىنىڭ ئۆركىشىگە ئۇزاقتىن –ئۇزاق تىكىلەتتى ، بىز ئۇنى كەينىدىن شەپە چىقارمايئاستا بېرىپ كاپ قىلىپ تۇتاتتۇقتە كۆتىرىپ ئۆيگە ئېلىپ ماڭاتتۇق ، ئۇ يىغلىمايتى ،بىراق ئۆيگە كىرىپ كەتكۈچە ئۆستەڭ سۈيىنىڭ ئۆركىشىدىن كۆزىنى ئۈزمەيتى.مەنئويلىماقتا ئىدىم ، ماشىنىلار كارۋىنى يولدىن ئۆتۈپ بولالماي ئاۋارە ئىدى.بۇمۇ ماڭاپۇرسەتتۇر ، ئىككى ئوغلۇم بىر بىرىنىڭ مۈرىسىگە قولىنى قويغۇنىچە ماڭا تىكىلمەكتەئىدى. ئۇلارمۇ مەن توغرىسىدا ئويلىنىۋاتقان بولىشى مۈمكىن يەنە ئازراق خىيال سۈرۈشئىمكانىيىتى تۇغۇلدى.بىر كۈنى ئايالىم ئۆڭسۆلى ئۆچكەن ھالدا ئۆيگە كىرىپ كەلدى .
ـــــــ شېرزاد كۆۋرۈكئورنىدا توغرىسىغا قويۇقلۇق قارغاينىڭ ئوتتۇرىسىغا بېرىۋاپتۇ دىدى ، مەن قىلىۋاتقانئىشىمنى تاشلاپ كوچىغا يۈگۈردۈم ، ئۆستەڭ بويىغا بېرىپ يۈرۈكىم ئاغزىمغا كەپلىشىپقالدى. بىر تال قارىغاينى ئۆستەڭگە توغرىسىغا قويۇپ كۆۋرۈك ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقانياغاچنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا چوڭ ئوغلۇم پاقىدەك چاپلىشىۋېلىپ ئۆستەڭ سۈيىنىڭ ئۆركىشىگەپۈتۈن زېھنى بىلەن قاراۋاتاتتى. بەش ياشلىق بالىنىڭ بۇ ھالىتى مېنى ھەقىقەتەن ھەيرانقالدۇردى، ئەگەر سەللا بىخەستەلىك كۆرۈلسە بالا سۇغا چۈشۈپ ئېقىپ كېتەتتى . مەن ئاۋايلاپبېرىپ ئۇنى ياتقان يېرىدىن قايتۇرۇپ كەلدىم ، ئۇنىڭ كۆزى يەنىلا سۇنىڭ ئۆركىشىدەئىدى، كۆزۈم كىچىك ئوغلۇمغا چۈشتى . ئۇ بالىلىقىدا دۆۋىلەپ قويۇلغان تاشنىڭ ئۈستىگەيامىشىپ چىقىشقا ئامراق ئىدى. بىر قېتىم دۆۋىلەنگەن تاش ئۈستىدىن دومىلاپ چۈشۈپ ئۈستىنكىكالپۇكى يېرىلىپ ، سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەن ھالەتتە ئاغزى بۇرنى قان ئۆيگە كىرگەنئىدى. مەن ئۇنى ئەمدى ئىككىنچى ئۇنداق تاش دۆۋىسىگە چىقمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم.بىراق ئۇ بۇ ئادىتىنى تاشلىمىدى مەنمۇ ئۇنى توسۇمىدىم ، مانا قارىسام ئوغۇللىرىمقاملاشقان ، ئۇستىخىنى چىرايلىق يىگىتلەردىن بولۇپ قاپتۇ. بىز ئارىلىقى 15مېتىرغىمۇيەتمەيدىغان مۇساپىدە بىر بىرىمىزنى زارىقىش بىلەن كۈتۈپ ، ئاخىرى ئۇچراشتۇق ، مەنئۇلارنى باغرىمغا بېسىپ قۇچاقلاپ كۆرۈشۈشنى ئويلىغان ئىدىم ، ئۇلارمۇ ھەم شۇنداقئويدا ئىدى. ئەمما بىز ئۇنداق قىلمىدۇق ، قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن بولساقمۇ ،يۈرىكىمىزقۇچاقلاشماقتا ئىدى.
ـــ- ئۈرۈمچى يېقىپتۇبالىلىرىم ، مەن كىچىكلەپ كەتتىممۇ ۋە ياكىي سىلەر بوي تارىتتىڭلارمۇ بىلەلمىدىم.دىدىم .
ــــــ ئۈرۈمچى ياقتى ،بىز بوي تارىتتۇق ، سەنمۇ ياخشى تۇرۇپسەن دادا ، دىدى چوڭ ئوغلۇم ، ئوغلۇم مېنىڭ كۆڭلۈمنىئايىغان ئىدى ،مەن كىچىكلەۋاتاتتىم.
ـــــ ئۈرۈمچىنى سۆيۈڭلاربالىلىرىم ، ئۈرۈمچى سىلەرگە سۇمبات ۋە ئەقىل ئاتا قىلىپتۇ .
ـــــ شۇنداق دادا ، بىزئۈرۈمچىنىمۇ سۆيىمىز ، سىلەرنىمۇ ،يۇرتنىمۇ سۆيىمىز دىدى چوڭ ئوغلۇم .ئۇ ھازىرشائىرلىق كوچىسىدا ئىدى.
ـــــ خوش بالىلىرىم ئۈرۈمچىسىلەرگە بەش قولۇڭلاردەك تونۇش ، ياخشىراق بىر ئاشپۇزۇلنى كۆرسۈتىڭلار مەن سىلەرنىئوبدان مېھمان قىلىۋالاي
ــــ دادا ، بىز ئاپامنىڭئەتكەن چېيىنى بەك سېغىندۇق ، كونسۇل كوچىسىدا بىر يەر ئاستى ئاشخانىسى بار ، شۇ يەردەئەتكەن چاي ئىچەيلى دىدى كىچىك ئوغلۇم ، ئاكىسىمۇ ئىنىسىنىڭ پىكرىنى قوللىدى ، ئۇلارمېنى ۋە ئائىلىنى ئاياۋاتاتتى ،يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرى «پىژ›› قىلغاندەك بولدى . ئۇلارنىڭقانائەتچانلىقى ،يۈرەك تىۋىشى قۇلىقىمغا كىرگەندەك بولدى ،ئەمىلىيەتتە يېنىمدا ئۇلارغائايرىم ئاتىغان پۇل بار ئىدى.
ــــــــ ياق مېنىئايىماڭلار بالىلىرىم ،ياخشىراق ئاشپۇزۇل بولسا دەۋېرىڭلار ،ئوبدانراق غىزالىنايلىئوغۇللىرىم ئىككىلىنىپ قالدى ،بىز يەنىلا كوچا ئاپتوبۇسىغا چۈشۈپ دۆڭكۆۋرۈككەقاراپ يول ئالدۇق ،بىز كوچا ئاپتوبۇسىدىن چۈشۈپ بىرەر ئاشخانىنى نىشانلاپ تۇرۇشۇمىزغاتېلفۇنىم سىگنال بەردى .
ــــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇمئۇستاز ،سىز ئۈرۈمچىگە كەلگەنمىتىڭىز ؟ مەن جاۋاپ بەردىم .
ــ ئۇنداق بولسا ئىككىيىگىت بىلەن تۇرغان سىزمۇ؟ مەن ھەيران قالدىم .«ھەئە ›› دىگەن جاۋاپنى بەردىم .
ـــــ ئۇنداقتا ئۇستاز جىندەك تەخىر قىلىپ تۇرۇڭ ،مەن ھازىرلا يېنىڭىزدا ئۈنىمەن ،مەنسىزنى كۆردۈم.قارشى تەرەپ شۇنداق دىدى. دىگەندەك ھايالشىمايلا ئالدىمدا چىرايىدىننۇر يېغىپ تۇرىدىغان بىر يىگىت پەيدا بولدى. ئۇ مەن بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى ،بۇيىگىت مېنىڭ تولۇقسىزدا ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىم شەپقەت ئىدى.
ــ-- سوغۇقتا تۇرىۋەرمەيلىئۇستاز ،ماشىنىغا چىقايلى دىدى شەپقەت .
ــــ بالىلار ئەتكەن چايسېغىنىپتىكەن .دىدىم مەن.
ـ ئەتكەن چاينى مەنقىلىپ بېرەي ،ماشىنىغا چىقايلى بىز ئارتۇقچە تارتىشمىدۇق ،ماشىنا شۇنچىلىك راھەتئىدى خۇددىي قىش كۈنلىرى ئاستىمغا تېرە كۆرپە سېلىپ گۈرۈلدەپ كۆيىۋاتقان مەش يېنىدائولتۇرغاندەك ھوزۇر ھېس قىلدىم.
ــ دىدار غەنىمەت ئۇستاز ، سىز بىلەن تېلىفۇندىلاسۆزلىشىپ تۇرغان بىلەن ،بىر قېتىم يوقلاپ بارالمىغىنىمدىن ئۆكىنىشتە ئىدىم . شۇنچىلىكچوڭ شەھەردە سىزنى ئۇچرىتىپ قالارمەنمۇ دىيىش ئۇخلاپ چۈشۈمگىمۇ كىرمەيتى.
ـــ دۇنيادا ئۈچ غايىپنىڭبىرى بۇ يەردە ئىسپاتلاندى. شۇنداق قىلىپ ئاشخاناڭ يۈرۈشىپ كەتتىمۇ ؟ سورىدىم مەن.
ــ--- ئۇنى ئاشخانامغابارغاندا بىلىسىز ، ئەمما سىزنىڭ «ئىرادىنى يىگىلى بولمايدۇ، ئەمما ئىرادىسىزلىك ھەممەنەرسىنى يىگۈزىۋېتىدۇ ›› دىگەن سۆزىڭىز ماڭا بەكمۇ تەسىر قىلغان چېغى ئاشپەزلىك كەسپىنىتاماملىغاندىن بېرى ،مەيلى قانچىلىك قىيىنچىلىققا ئۇچراي ئىرادىنى يۆلەنچۈكقىلىشنى ، ئىزچىللىقنى ساقلاشنى ئۆزۈمگە ھەمرا قىلىشنى ئۇنتۇمىدىم ، مانا ھازىر كۈچلۈكرىقابەتكە تولغان بۇ شەھەردە بىر كىشىلىك ئورنۇمنى تاپتىم دىسەم بولىدۇ. بىز ئۇ يەربۇ يەردىن پاراڭلىشىپ داۋەندىكى « جاھانگىر›› دىگەن ۋېۋىسكا ئېسىلغان بىر ئاشپۇزۇلنىڭئالدىغا كېلىپ توختىدۇق . ئاشپۇزۇل ئىچىگە كىرىپ كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. ئۇيغۇرمىمارچىلىقىنىڭ گۈلتاجى ئىپادىلەنگەن ئاشپۇزۇلنىڭ بېزىلىشى مېنىمۇ ،ئىككى ئوغلۇمنىمۇھەيرەتتە قالدۇرغان ئىدى. ئىككى ئوغلۇم ھەربىر نەقىشكە ، ئۇسلۇپقا تويمايقارىشىدىن ئۇلارنىڭ بۇنداق ئاشپۇزۇلغا كىرىپ باقمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردۈم. شەپقەتقولۇمغا رەڭدار بېسىلغان تاماق تىزىملىكىنى ئۇزاتتى. مەن ئۆزرە سورىدىم. چۈنكى مەنتاماق تىزىملىكىگە قاراپ تاماق بۇيرۇتۇشنى بىلمەيتىم. ئوغۇللىرىمغا تەڭلىدى ، ئۇلارمۇچىرايلىق قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ ئۆزرە سورىدى.
ــــــ بوپتۇ ،ئۇستاز ،مەنبۈگۈن ئۆز قولۇم بىلەن سىلەرگە تاماق قىلاي ، بولسا قوي سويسام بولاتتى دىدى شەپقەت .
ــ- بەك كايىما شەپقەت،ئىسراپچىلىق بولمىسۇن ،شەپقەت ئۈندىمىدى مۇلازىمغا پۇراقلىق چاي قۇيۇشنى تاپىلاپكېتىپ قالدى. كىرىسلۇدا ئولتۇرىمەن ،يەنە خىياللار قاينىمىغا چۆكتۈم. « شەپقەت كېتىۋەرسەبولاتتىغۇ، مەندەك بىر ئوقۇتقۇچىنى ئالدىغا ئۇچراپ قالغان ھالەتتىمۇ كۆرمەسكە سېلىپئۆتۈپ كەتسە بولىۋېرەتتىغۇ؟ ›› چوڭ ئوغلۇم خىيالىمنى بىلىپ قالغاندەكلا:
ــ- دادا بىز سىلەرنىڭ پەرزەنتىڭلاربولۇپ قالغىنىمىزدىن پەخىرلىنىمىز ، سېنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىڭ ئۈچۈن يۈرىكىڭنىمۇ سۇغۇرۇپبېرىشكە رازى بولىدىغان خىسلىتىڭ سېنى ھەرقانداق يەردە خار قىلمايدۇ دىدى .مەنسوئالىمغا جاۋاپ تاپقاندەك بولدۇم.شىرە بىز كۆرگەن ۋە كۆرمىگەن غىزالار بىلەن رەڭگارەڭخۇش پۇراق گۈللەر ئېچىلغان باغچىغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى. غىزالىنىش جەريانىدا شەپقەتنىڭئاشپەزلىك ساھاسىدە دۆلەتلىك ۋە ئاپتونۇم رايۇنلۇق تېخنىكىلىق ئاشپەز ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلىكىدىنخەۋەر تاپتىم ، ئۇ ئىجات قىلغان مەخپى رېتسىپلىق بىرنەچچە تاماق ۋە قورىما تۈرىشىنجاڭنىڭ كۈندۈلۈك قورىما تائاملار قامۇسىغا كىرگۈزۈلۈپتۇ ،مەن ئۇنىڭ پەخىرلىنىشئىلكىدە ماڭا سۇنغان بۇ گۇۋاھنامىلىرىنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز مىڭ كىلۇمېتىردىن ئوشۇقمۇساپىنى بېسىپ بۇ مەركىزى شەھەردە شۇنچىلىك نەتىجە قازانغان ئوقۇغۇچىمغا بولغان پەخىرلىنىشھېسسىياتىم ھەسسىلەپ ئاشتى.
مەن ئىككى ئوغلۇمنى شەپقەتبىلەن پىكىرلىشىشى ئۈچۈن ،ئەپچىللىك بىلەن ئۇلارنىڭ پاراڭ تېمىسىغا ئېرىق ئېچىپ بەردىم. ئۈچەيلەن بۇ ئېرىقتا زىلال چەشمە ئاققۇزۇپ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. ئىككىئوغلۇم روھلانماقتا ئىدى. شەپقەت ئىرادىنى ئۆزىگە كەمەر قىلىپ ،توختاۋسىز ئالغائىلگىرلەش نەتىجىسىدە كۈنلۈك ئىجارە ھەققى مىڭ يۈئەن بولىدىغان بۇ ئاشخانىنىخاتىرجەم ئىزغا سېلىپ ، مەركىزى شەھەرنىڭ كەسكىن رىقابەت بىلەن تولغان قايناقبازىرىدا پۇت تىرەپ تۇرالىشى ،ئاستىدا ماشىنا ،ياتىدىغانغا ئۆي ئالالىشى ئىككىئوغلۇمنىڭ قەلبىدە قايىللىق ۋە ھاياجان قوزغىغان ئىدى. ئۇلار تۇرۇپ ، تۇرۇپ ئۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ شەپقەت بىلەن ئورتاقلىشاتتى. ، دىمەك بۇ ئاشپۇزۇلدىكىبىر سائەتتىن ئوشۇق پاراڭلىشىش ماڭىمۇ ،ئىككى ئوغلۇمغىمۇ گۈلى گۈلىگە كەلگەن ئەھمىيەتلىكسورۇن بولغان ئىدى.
شۇ كۈنى مەن ئۇلارنىڭ ھەمراھلىقىدا،ئۈگىنىشكە تىزىملىتىش ئورنىغا باردىم. ئەمدىكى مەقسىدىم ئۈگىنىش ۋاقتىدىنپايدىلانغاچ ئىككى ئوغلۇمنىڭ مەكتىۋىنى كۆرۈپ ،سىنىپ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشئىدى. بۇ ئويۇمنى ئوغۇللىرىمغا دىمىدىم ،ئەمما ئۇلارنىڭ مەكتىپىنى تەپسىلىيخاتىرىلىۋېلىپ ، ئۇلارنىڭ ئوقۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن يولغا سېلىپقويدۇم. ئىككى ئوغلۇم سالماق قەدەملەر بىلەن كېتىپ بارماقتا ئىدى. يۈرىكىم تاتلىقسېزىم بىلەن يەڭگىل سوقماقتا ئىدى، ئەتىسى چوڭ ئوغلۇمنىڭ مەكتىپىگە باردىم. سۈرۈشتەقىلىپ ئۇنىڭ سىنىپ مۇدىرىنى تاپتىم ،دەسلەپتە ئانچە قىزغىن بولمىغان سىنىپ مۇدىرىئوغلۇمنىڭ ئىسمىنى ئېغىزىمدىن چىقىرىشىمغا ماڭا باشقىدىن تەكەللۇپ قىلىپ كەتتى.پاراڭ ئارىلىقىدا سىنىپ مەسئۇلى:
ـــــ ئوغلىڭىزنىڭ ئەخلاقىۋە ئەقلىگە مەن شۇنچە قايىل ،بۇ بالىنى قانداق تەربىلىگەن بولغىيتىڭلار ،تەجىربىڭىزنىبىر دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن، دەپ سوراپ قالدى. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە ئىدى ماڭا.مەنبۇنىڭغا نىمە دىيەلەيمەن .خوشاللىقىم مېڭەمگە تەپتى ، يۈرىكىم كىچىك بالىنىڭ يۈرىكىخوشاللىقتىن ئويناپ كەتكەندەك ئويناپ كەتتى. ئىختىيارسىز ئۆيدە قالغان ئايالىمنىئويلاپ قالدىم. ئەنە شۇ ئانىدىكى ئەجدادىمىزدىن قالغان تەۋەرۇك ئەنئەنە تەربىيىسى،ئانىلىق مېھىر بىلەن ھويلىدىكى گۈلنى پەرۋىش قىلغاندەك ئىككى ئوغلۇمنى بىر قوللۇقپەرۋىش قىلغانلىقىنىڭ جەريانىنى بىرمۇ-بىر دەپ كەلسەم گەپ بەكمۇ ئۇزۇراپ كېتىدۇ. ئەنەشۇ تولۇقسىزنىمۇ تولۇق ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بىر ئانىنىڭ بىر قوشۇق ،بىرقوشۇقتىن ئىككى ئوغلۇمنىڭ ۋۇجىدىغا ئادەم بولۇشنىڭ ، غۇرۇر بىلەن ياشاشنىڭ ،ئۆزىمىزگەخاس ئەندىزىنىڭ ،ئەخلاخنىڭ زەم-زەم سۈيىنى تېمىتىپ ، مانا بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئۇستازىنىھەيران قالدۇرغىدەك ئادەم قىلغانلىقىغا غايىۋانە رەھمىتىمنى بىلدۈردۈم. ئەتىگەندىنتا كەچكىچە تىنىم تاپماي مېنىڭ ، ئىككى ئوغلۇمنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ،سۈيىدە ئاققانئانا ئۈچۈن ،ئەلۋەتتە مىڭلاپ،مىڭلاپ رەھمەت ئېيتىشقا ئەرزىيتى.
مەن كىچىك ئوغلۇمنىڭ مەكتىپىگىمۇباردىم. گەرچە ئۇ فىزىكا كەسپىدە ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ ئۇنىڭغا قوشۇپ يۈگرەش ۋە پۇتبۇلدائالاھىدە تالانتى باركەن ،بەلكىم بۇ تالانىت ئۇنىڭ كىچىكىدە تاش دۆۋىسىگەيامىشىدىغان ئادىتىدىن يېتىلگەن بولىشى مۈمكىن ،مەن ئىككى ئوغلۇمدىن ئۆزۈم رازىبولغىدەك ئۇچۇرغا ئېرىشتىم . دەسلەپتە سوغۇق بىلىنگەن ئۈرۈمچى ،ئەمدى ماڭا بەكمۇ سۆيۈملۈكبىلىنمەكتە ئىدى. ئۇزاقراق تۇرۇپ كېتىشنى ئويلىغان بولساممۇ ،ماڭا تەلمۈرۈپ تۇرغانقىرىق جۈپ كۆز بار ئىدى. مېنىڭ ئامانلىقىمنى ، ئىشىكتىن خوشال كىرىپ كېلىشىمنىزارىقىپ كۈتۈپ ئولتۇرغان مەزلۇمىم بار ئىدى. شۇڭا ئوغۇللىرىم بىلەن يەنە بىر قېتىمكۆرۈشۈپ ، ئۇلارنى ساتىراچخانىغا ئاپىرىپ چېچىنى ياساتتىم ، ساتراچقا بۇ ئىككىئوغلۇمنىڭ چېچىنى باشقا چاچلارغا قوشۇۋەتمەي ،ئايرىم بىر خالتىغا سېلىپ بېرىشنى ئۆتۈندۈم .
ساتراچ باشتا تەئەججۈپلەندى،كېيىن گەپ سۆز قىلماي ئۆتىنىشىمگە قوشۇلدى ۋە مەن دىگەندەك ئىككى ئوغلۇمنىڭ قۇندۇزدەكقاپقارا چېچىنى يالتىراق خالتىغا سېلىپ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى. بۇنىڭغا ئىككىئوغلۇم ھەيران قالمىدى ،چۈنكى ئۇلار چاچنى باشقىلارنىڭ دەسسىۋېتىشىدىن ساقلىنىپخالتىغا سېلىپ ئىگىز يەرگە ئېسىپ قويىدىغانلىقىمزنى بىلەتتى. مەن ئۈرۈمچىدىن يۇرتۇمغاقاراپ يولغا چىقتىم. ئىككى ئوغلۇم قول پۇلاڭلىتىپ مېنى ئۇزۇتۇپ قويدى. ئۇلارنىڭ چېھرىدەبىرخىل خاتىرجەملىك بالقىپ تۇراتتى . مەن ئۇلارغا يەنە بىر رەت قارىدىم. ئىككىئوغلۇم ئۈرۈمچىگە ياراشقان ئىدى. كۆك بىلەن بوي تالاشقان ئىگىز بىنالارنىڭ ئالدىدائۇلارنىڭ نۇرلۇق سىماسى قالدى. ھەر قېتىمقى سەپىرىمدە ژورنال ئېلىۋالىدىغانئادىتىم بار ئىدى. ئاشۇ ئۇزاق سەپەردە كىتاپ بىلەن مۇڭدۇشۇپ ماڭاتتىم . بۇ قېتىم قەلبىمنىراھەتلىك بىر سېزىم چۇلغىۋالدى. شۇڭا كىتاپ ئوقۇيالمىدىم .
ئۈرۈمچىدىكى ئىككى ئوغلۇم،شەپقەت، داڭلىق كىنۇ ئارتىسى رىجىسور فېرداۋىسئابدۇلھەق ئەزىزى ، داڭلىق بالىلار شائىرى ئابلىكىم ھەسەنلەرنىڭ ماڭا قىلغان چوڭقۇرھۆرمىتى ماڭا شادلىق ئاتا قىلماقتا ئىدى. بۇنداق شادلىقنى نۇرغۇن پۇلى بار ئادەملەرمۇئالدىراپ ھېس قىلالمايتى. بۇ قېتىمقى سەپەرماڭا ئۇزۇن بىلىنمىدى. ئۆيگە كېلىپ ئايالىمغا ئالغان بازارلىقىم بىلەن ئوغۇللىرىمنىڭچېچى سېلىنغان خالتىنى تۇتقۇزدۇم. ئايالىم چاچنى كۆرۈپ خۇددىي ئوغۇللىرىنى كۆرگەندەكئۇنى باغرىغا باستى . پۇرىدى. ئۈرۈمچىدىكى ئىككى ئوغلۇمنى كۆرگەندەك بولۇپ قالغانئىدى. ئۇنىڭ كۆز جىيەكلىرى پارقىراپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ يالغۇز قويۇپ ئاستا تالاغاچىقىپ كەتتىم . كۆز ئالدىمدا ئاپپاق قار بىلەن قاپلانغان تەڭرىتېغىنىڭ كۈمۈشچوققىلىرى ،زۇمرەتتەك سۈزۈك ئاسمان نامايەن بولدى، ئەنە شۇ گۈزەللىك ئارىسىدىن ئۈرۈمچىدەقالغان ئىككى ئوغلۇم ماڭا كۈلۈمسىرەپ قاراۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. |