- تىزىملاتقان
- 2011-1-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3119
- نادىر
- 0
- يازما
- 101
ئۆسۈش
37.3%
|
سېھىرلىك ئىشىك
سەھرالىق ئاتا - بالا كاتتا بىر مېھمانخانىنىڭ لىفىتى ئالدىدا توختاپ قالدى.
__ بۇ قانداق ئىشىك ؟ __ سورىدى ئوغلى .
__ مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن ، __ دېدى دادىسى .
بۇ چاغدا قېرى ھەم سەت بىر ئايال لىفىتنىڭ كۇنۇپكىسىنى باستى . لىفىت ئېچىلىپ ، ئايال ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يېپىلىپ قالدى . ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي << جىرىڭ >> قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ لىفىت ئېچىلىپ ، ئىچىدىن ئادەمنىڭ ئەقل - ھوشىنى ئالغۇدەك چىرايلىق بىر قىز چىقىپ كەلدى .
ئاتا - بالا بۇ كارامەتتىن داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى . دادىسى بىر ھازادىن كېيىن ئېسىنى يىغىپ ئوغلىغا دېدى :
__ بۇ سېھىرلىك ئىشىك ئىكەن ، ماڭ ، تېز بېرىپ ئاپاڭنى چاقىرىپ كەل !
ئاشخانىدا
بىر جۈپ ئاشىق - مەشۇق ئاشخانىغا تاماق يېگىلى كىردى . ئۇلار بىر - بىرىگە چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن قاراپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەندىن كېيىن يىگىت دېدى :
__ سۆيۈملۈكۈم ، سىز بەك تاتلىق ، سىزنى يەۋەتكۈم كېلىۋاتىدۇ .
__ مېنىڭمۇ سىزنى يەۋەتكۈم كېلىۋاتىدۇ ، __ دېدى قىز .
__ ئۇنداقتا يېمەكلىك تەييار بولدى ، ئىچىملىكتىن نېمە كەلتۈرىمەن ؟ __ سورىدى ياندا تۇرغان كۈتكۈچى .
مەستنىڭ كارىۋىتى
ئايال باغچىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى . يېقىن ئەتراپتا ئادەم كۆرۈنمەيتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇتىنىمۇ ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ ئولتۇردى . ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئۇنىڭ يېنىدا بىر مەست پەيدا بولۇپ قالدى .
__ ئومىقىم ، بىللە ئايلىنىپ كەلسەك قانداق ؟ __ دېدى مەست .
__ مېنى نېمە كۆرىۋاتىسەن ؟ __ دېدى ئايال ، __ مەن سەن ئويلىغاندەك بۇزۇق ئاياللاردىن ئەمەس !
__ ئۇنداق بولسا مېنىڭ كارىۋىتىمدا نېمە ئىش قىلىسىز ؟ __ دېدى مەست .
مەنبە : تاغدىن - باغدىن |
|