ئىچكى موڭغۇل بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلما تەرەققىيات سېلىشتۇرمىسى ۋە ھازىرقى
ئەھۋالى توغرىسىدا مۇلاھىزەنىڭ داۋامى
بۈگۈنكى كۈندە ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىككىنجى كەسىپكە تايانغان ئىقتىسادى تەرەققىيات قۇرۇلمىسى بەلگىلىك دەرىجىدە شەكىللىنىپ بولدى، شۇڭا ئىقتىسادى تەرەققىيات يولىنى ئۆزگەرتىش بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئىقتىسادنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، چوقۇم كۆمۈرچىلىك، كەم تېپىلىدىغان توپا سانائىتىگە تايىنىش ئەندىزىسىگە قاراپ ئۆزگىرىش كېرەك، بولۇپمۇ كۆمۈر سودىسىغا تايىنىش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ،بايلىق ئەۋزەللىكىگە پەن-تېخنىكا ئامىللىرىنى قوشۇش ئارقىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ تېخنىكىلىق قىممىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بۇنىڭغا ماس كېلىدىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىمۇ ئاۋۋال تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئىچكى موڭغۇلنى ئېنىرگىيە چىقىرىش رايونىدىن ئېنىرگىيە پەن-تېخنىكا رايونىغا ئۆزگەرتىش كېرەك.
ئۈچىنجى كەسىپنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا، ئىچكى موڭغۇل ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ مەدەنىيەت قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، يايلاق مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا، مۇۋاپىق تۈردە ماركا ئۈنىمى يارىتىپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ساياھەت بايلىقلىرى قىممىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتىرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، يەنە شەھەرلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرلۇشىنى مۇكەممەللەشتۇرۈپ، ئۈچىنجى كەسىپنى مۇكەممەل بولغان ئەسلىھەلەر ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، كەسىپلەر تەڭ تەرەققى قىلغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ،ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
1.شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئومۇمىيۈزلۈك تەكشى ھالەتتە، ھەرقايسى كەسىپلەرمۇ بىرقەدەر تەڭ نىسبەتتە تەرەققى قىلغان. شىنجاڭغا نىسبەتەن، ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىقنى چوقۇم مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ تەرەققى قىلدۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ھاۋا كېلىماتى شارائىتى، بۇ رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا تولىمۇ ياخشى بولغان ئەۋزەللىككە ئىگە قىلغان. شۇڭا شىنجاڭ مىۋە-چىۋە ۋە كۆكتات ئۆستۈرۈش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. مەسلەن: قوغۇن، ئۈزۈم،ئۇزۇن تالالىق پاختا قاتارلىقلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە چارۋىچىلىقنىڭ بىرىنجى كەسىپتىكى ئاساسلىق رولىنى تېخمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىشى، تاغلىق رايونلاردىكى چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بىرىنجى كەسىپ تەرەققىياتىنى يىتەكلەپ مېڭىشى كېرەك.
شىنجاڭدا ئىچكى موڭغۇلنىڭكىدەك قاتناش شارائىتى يوق، شۇڭا ئىككىنجى كەسىپنىمۇ مۇۋاپىق مىقداردا تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك، كەسىپلەرنىڭ ھازىرقى نىسبەتتىكى تەرەققىياتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا يەنە كەسىپلەرنىڭ تېخنىكىلىق تەركىبىنىمۇ تولۇقلاپ مېڭىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ تېخنىكىلىق قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئىككىنجى كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
شىنجاڭنىڭ تەبىئى مەنزىرىسى ئىچكى موڭغۇلنىڭكىدىنمۇ كۆپ، شۇڭا ساياھەتچىلىكنى ئاساس قىلغان ئۈچىنجى كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ساھايەتكە ئالاقىدار مۇلازىمەت كەسپىنىمۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئىستىراھەت رايونىنى قۇرۇپ چىقىپ، يەرلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادى تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتىشى كېرەك.
ئومۇمەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بىلەن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلما تەرەققىيات جەريانىدا ئوخشاشلىق بىر قەدەر كۆپ، پەقەت ئىككى رايوننىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ۋە تەرەققىيات سەۋىيىسىدە پەرىق مەۋجۇت. ئىككى رايوننىڭ ئىقتىسادىنى ئىزچىل مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇۋاپىق تەرەققىيات سۈرئىتىنى ساقلاپ قېلىش، شەھەرلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پەن-تېخنىكا رىقابەت كۈچى ۋە مەدەنىيەت كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلار بۇ ئىككى رايوننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغان مۇھىم مەسىلە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ غەرىپنى چوڭ كۆلەمدە ئېچىش ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى يولغا قويۇش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ تۈركىسىدە، ئىچكى موڭغۇل بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە خەلىقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى چوقۇم يەنىمۇ يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ. ئىشىنىمىزكى كىيىنكى 10يىللىق تەرەققىيات داۋامىدا، ئىچكى موڭغۇل بىلەن شىنجاڭ چوقۇم بىزنى قانائەتلەندۈرىدىغان جاۋاپقا ئېرىشتۈرىدۇ. |