نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ بۇرۇتى خەت تارتىپ يىگىتلىك قىرانىغا يەتكەن ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىپتۇ، بىرىنچى يىلى كېچە-كۈندۈز قاتتىق تىرىشىپ ئوقۇپتۇ، كېيىنكى يىلى تېخىمۇ تىرىشىپ ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىدە ۋەتەنگە، جەمئىيەتكە، ئائىلەمگە نىسبەتەن بىر ياراملىق ئادەم بولاي دەپ بەلنى نەچچە يەردىن باغلاپ، بارلىق زېھىن كۈچىنى يىغىپ، تەپەككۇرىنى تېخىمۇ ئويغاقلىتىپ، ئاتنى ئويناقشىتىپ، بۇرۇتىنى تاراپ، ئىككى يانغا ئوبدان قاراپ، ئۆزىنى سالاغا تارتىپ كاسىسىنى تالاغا تارتىپ، ئاھ سەنەم، تارتقىنىم ئەلەم تۇتقىنىم قەلەم دېگەن ھالەتتە ئوقۇشىنى باشلىۋاپتۇ. شۇنچىلىك تىرىشىپ ئوقۇپ يۈرگەن كۈنلىرىدە ئەپەندىم بىر گۈزەل قىزنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ تاماقتىن، ئۇيقۇدىن بىدار بولۇپ قاپتۇ، ئەپەندىمنىڭ پۈتۈن ئوي-پىكىرى شۇ گۈزەل قىزدا ئىكەن، لېكىن ئۇ قىز ئەپەندىمنى قەتئىي ياراتماي كۆزىنىڭ قىرىغىمۇ ئېلىپ قويماپتۇ. ئەپەندىم بىچارە بولسا دەرس ۋاقتىدا گۈزەل قىزغا خۇددى تام تۆشۈكىدەك قاراپ تۇرىدىكەن، ئەمما ھېلىقى گۈزەل قىزنىڭ ئەپەندىم بىلەن پەرۋايى پەلەككەن، ھېچنىمىنى بىلمىگەندەك پەقەتلا ئۆزىنىڭ ئىشىنىلا قىلىپ يۈرۈپتۇ، ئەكسچە بۇ گۈزەل قىزنىڭ قىلىپ يۈرگەن قىلىقلىرىنى كۆرۈپ ئەپەندىمنىڭ ئەرۋايى ئۇچۇپ، كەچلىرى تۈزۈكرەك ئۇخلىيالماي، ناننىڭ ئورنىغا غەم يەپ، سۇنىڭ ئورنىغا ئوغا ئىچىپ باشقىلاردىن كۈنلەپ يۈرۈپتۇ.
ئاقىۋەتتە ئەپەندىم جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ مەيلى رەت قىلسۇن ياكى قوشۇلسۇن بىر سىناپ باقاي دەپ قاراپ ئۇ قىزغا مۇھەببەت تەلىپى قويۇشنى قارار قىلىپ بۇ ئىشقا كاللا قاتۇرۇپتۇ، يۇزتۇرانە دەي دېسە ئەپەندىمنىڭ ھېلىقى گۈزەل قىزنى كۆرۈشى بىلەن يۈرىكى بەئەينى دۇمباقتەك قاتتىق سوقۇپ، پۈتۈن بەدىنى تەرلەپ، پۇت-قولى كالامپايلىشىپ، بەدىنىدىكى تەرنىڭ كۆپلىكىدىن رېماتىزىم بولۇپ قېلىشتىن ئېغىر دەرىجىدە ئەنسىرەيدىكەن، كۈندۈزى تېخى ئۇ گۈزەل قىزنى سېغىنىپ ئارام يوقكەن، ئاخشاملىقتا بولسا بەئەينى ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىپ تېخى ئۇخلىيالماي، ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ ياخشى تەدبىر مۇھەببەت خېتى يېزىش ئىكەن دەپ يەكۈن چىقىرىپتۇ.
ئەپەندىم شۇ خۇشاللىقىدا ھېلىقى گۈزەل قىزغا مۇھەببەت تەلىپىنى يېزىشنى باشلاپتۇ، قەلەمنى قورال قەغەزنى سىگنال قىلىپ سىزگە شۇنداق سالام خەت يازىمەنكى دەپ باشلاپتىكەن شوخلاپ كېتىپ يازغان خېتى جەمئىي سەككىز بەت بولۇپ پۈتۈپ چىقىپتۇ، ھەمدە ھېلىقى گۈزەل قىزنىڭ يېقىن دوستىغا بۇ سالام خەتنى ئەپەندىمنىڭ ياخشى كۆرۈپ قالغان شۇ گۈزەل قىزغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپ خەتنى تۇتقۇزۇپتۇ، ئەتىسى ئەپەندىمنى ساۋاقداشلىرى مېيت نامىزىغا چاقىرىپتۇ، كىمنىڭ نامىزىكەن دېسە سەن ياخشى كۆرۈپ قالغان شۇ گۈزەل قىزنىڭ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەپەندىمنىڭ ساۋاقداشلىرى، ئەپەندىم بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ھۇشىدىن كېتىپتۇ، دەرھال نامازغا بېرىپ گۈزەل مۇھەببىتىنىڭ نېمە سەۋەبتىن قازا قىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېنىقلىماقچى بولۇپتۇ، ئەپەندىم كالىچىنى قولتۇقىغا قىستۇرغان پېتى گۈزەل قىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ دادىسىدىن سوراپتىكەن، ئۇ قىزنىڭ دادىسى ئەپەندىمگە بىر سولتەك قىزىمغا مۇھەبببەت تەلىپى قويۇپ خەت يېزىپتىكەن شۇ سەۋەبتىن قىزىم قازا قىلىپ كەتتى دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئەپەندىم ئىشەنمىگەن قىياپەتتە بىر سالام خەتنى ئوقۇغانغىمۇ ئادەم ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىش بولامدۇ دەپ سوراپتىكەن، ئۇ قىزنىڭ ئانىسى قوپۇپ بۇ خەتنى يازغان يىگىت خەتنىڭ ھېچقانداق پەش، چېكىت، ئۈندەش، سوراق بەلگىلىرىنى قويماپتۇ، بىچارە قىزىم سەككىز بەت سالام خەتنى بىر ئوقۇغانچە ھېچقانداق يېرىدە توختىيالماي سەككىز بەت خەتنى ئوقۇپ بولغىچە نەپەس يېتىشمەي قازا قىلىپتۇ دەپ يىغلاپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىپتۇ، دېمەك ئەپەندىم ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قىز بالىنىڭ جېنىغا ئۆزى زامىن بوپتۇ.
شۇڭا تورداشلار سىلەرمۇ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولماي دېسەڭلار خەتلەرنىڭ ئىملاىسىنى توغرا، ئېنىق يېزىڭلار، شۇندىلا سىلەرمۇ ئەپەندىمنى دوراپ ئۆزۈڭلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىگە زىيانكەشلىك قىلمايسىلەر. مەنمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئۈرۈمچىلىك پەرىزات ئىسىملىك بىر قىزغا ئاشىقى-بىقارا بولۇپ چاچنى ئاشىقلاردەك گەدەنگىچە قويۇپ يۈرگەن، ئۇ قىز بالىنىڭ دەردىدە چىرايىم بەئەينى ھاڭگا تېرەكتەك بولۇپ كەتكەن ئىدى، مەن ئاشىق بولۇپ قالغان قىزغا ئەپەندىمدەك زىيانكەشلىك قىلىپ سالماي دەپ سالام خەت يازماي بىراقلا ۋاز كېچىشنى تاللىغان ئىدىم، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۈچ يىل يۈرەك خۇددى قايناۋاتقان قازاندەك پىژىلداپ قايناپ تۇردى، دېمەك ئوتى ئۆچكىلى ئۇنىمىدى، چۈنكى مەن تۇنجى قېتىم ياخشى كۆرۈپ قالغان قىز ئىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن تەدىرىجىي ئۇنتۇشقا يۈزلەندىم، چۈنكى كۆزدىن يىراق كۆڭۈلدىن يىراق دېگەن راست گەپكەن، ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى ئەپەندىمدەك باشقىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولمايلى، خەتنىڭ ئىملاسىنى توغرا يازايلى دېمەكچى!!
|