قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 713|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەنگىز: مۇنبەرلىرىمىز ۋېروسلانمىسۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

73

دوست

2257

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  74715
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 678
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24

تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
    «مۇنبەرلىرىمىز ۋىروسلانمىسۇن» دېگەن بۇ جۈملە، باغداش، ھەم باغداشقا ئوخشاش باشقا ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىمىزنى قوغدايلى» دېگەن مەنىگە ئىگە بولۇپ، بۇ جۈملىگە مۇراجىئەت، مەسئۇلىيەت، سەگىتىش مەنىلىرى سىڭگەن. مەن تىمىنىڭ ماۋزۇسىنى ئەتەي «مۇنبەرلىرىمىز ۋىروسلانمىسۇن» دەپ قۇيۇشتا «ئۇيغۇر تىلىمىزدا قۇرۇپ چىقىلغان باغداش مۇنبىرىگە ئوخشاش بىر قانچىلىغان تور، مۇنبەرلىرىمىزنى قوغدايلى» دىگەن ماۋزۇنىڭ شۇئار تۈسىنى ئېلىپ قالىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتتۇم. شۇڭا ئوبرازلىق قىلىپ «ۋىروسلانمىسۇن» دېگەن سۆز ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ شۇنداقلا مىللىتىمنىڭ تور ساپلىقىنى ساقلاشقا، تور مۇھىتىنىڭ پاكىزلىقىغا بولغان تەخىرسىز تۇيغۇمنى، ئەندىشىلىك ھىسياتىمنى ئىپادىلەشنى لايىق تاپتىم. مىللىتىمىز تور تەرەققىياتىمىزغا كۆڭۈل بۆلگەندە، ئۇنى 百度، google دىگەنگە ئوخشاش دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشنى ئارزۇ قىلغاندا، ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش، شۇنداقلا تور باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ ئۆزىنى سەگەك تۇتۇپ، سەزگۈرلىكىنى يوقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆزلىرى قۇرۇپ چىققان تورنىڭ ئامانلىقى ھەم بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا كۈچەيتىش، بولۇپمۇ مۇنبەرگە يېڭىدىن ئەزا بولۇپ كىرگەن كىشىلەر پەقەت دۆلىتىمىز دائىرىسىدىلا كىرگەن بولماستىن بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىلتىماس قىلىپ كىرىۋېرىدۇ.  ئۇنداقتا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرمۇ؟ ياق، بۇنىڭدا، قازاق، ئۆزبەك، تاتار، قىرغىز، تاجىك، روس، خۇيزۇ دىگەنگە ئوخشاش مىللەتلەر ھەم مۇھاجىرلار ۋە چەتئەل گىراژدانلىرى كىرىدۇ.

    بىز مانا مۇشۇنداق ئۆرۈپ-ئادىتىمىز، تىلىمىز ئوخشىمىغان يەنە كىلىپ دۆلەت تەۋەلىكى، مىللەت ئىنىقلىمىسى بولمىغان چىگرىسىز تور مۇھىتىدا پىكىر بايانلىرىمىزنى تىما ئىنكاسلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا چىقىرىمىز. شۇنداق پەيتتە ئۆز بايانلىرىمىز ئارقىلىق نامەلۇم كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ياكى قايمۇقتۇرىشىغا ئۇچرايمىز. ئۇچۇر دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ تۈرلۈك ساھەلەرگە توردىن ئىبارەت بۇ نەرسە كىرىدى ھەتتا تۇرمۇشىمىزغىچە سىڭىپ كىردى. ئۇچۇر دەۋرىنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ نامۇۋاپىق ئىشلارمۇ كۆپەيدى. ئىقتىساد كىرزىسى، دۆلەت ئىشلىرى ھەم شەخىسلەرنىڭ ئارخىپلىرىنىڭ ئاشكارلىنىپ كىتىشى، خاككىرلارنىڭ تور ھوجۇمى سەۋەبلىك كومپىيوتېرلار پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىشى، مىللى بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر ساقلاندى. يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇچۇر تور بىخەتەرلىك خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، يەنىلا بەلگىلىك دەرىجىدە نوقسانلار ساقلىنىۋاتىدۇ. دىمەك تور مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش پەقەت تور باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭلا ئىشى بولماستىن بارچە ئاۋامنىڭ ساغلام، ئىلمى، ساپالىق، مەدەنىيەتلىك، قانۇنغا رىئايە قىلىپ ۋەتەن، مىللەتنىڭ ئەبەدى ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كاپالىتى دىيىشكە بولىدۇ. ھەرقانداق ئىنسان، مەيلى قايسى قاتلامدا ياشىشىدىن قەتئىنەزەر پىكىر يۈرگۈزۈش ئەركىنلىكىگە ئىگە. ھۆكۈم قىلىش ھوقوقى، رەت قىلىش ھوقوقى دەخلىسىز بولىدۇ. ئۆزى ۋە ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋرىنى بايقىمىغاندا، تۇرمۇش كەسىپتە مۇۋەپىققىيەت قازىنىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.   چۈنكى، ياشاش - ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەم ئۈچۈن كۈن ئۆتكۈزۈشنىلا ئەمەس، بەلكى، ئىجادىيەت ۋە بايلىق يارىتىش جەريانىدۇر.

    ئۆزى بىلەن ئۆزگىلەر ئوتتۇرىسىدىكى تارىخى ھەم رىئال پەرقىنى ئۇچۇق كۆرۈۋالغانلارنىڭ ئىنتىلىش، قىزىقىش بولىدۇ. ئۇلار ئۆز قارارىنى، ئۆز كاللىسى بىلەن مۇستەقىل پىكىر بايان قىلىدۇ.

    دىمەك، مۇنبەردە ھەرساھەدىكى كىشىلەر توپلانغان سورۇن دىيىشكە بولىدۇ. مۇنبەرگە كىرگەن ھەرقانداق ئادەم مەقسەتسىز كىرگەن بولماستىن بىلىم ئېلىش، بىلمىگەننى بىلگەنلەردىن سوراپ ئۆگىنىش، مۇلاھىزە قىلىش، شۇنداق بولغانىكەن ساپالىق كىشىلىرىمىز يول سورىغانلارغا يولنى كۆرسىتىپ بېرىش، ئۇلارغا قارشى قاتتىق رەدىيە قايتۇرۇپ پىكىر ئەركىنلىكىنى بۇغۇپ قويمىسا، بىرەر تىما ياكى ئىنكاسقا نىسبەتەن پىكىر بەرگۈچىلەرنى ھاقارەت سۆزلىرى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ زىتىغا تېگىدىغان ساپاسىز كىشىلەردىن بولمىساق، مۇنازىرە ئىلمى يۇسۇندا ئېلىپ بېرىلغىنى ياخشى، ئاڭلىق ھالدا پىكىر بايان قىلىغاندىلا ئۆزىمىزنىڭ ئوبرازىغا نوقسان يىتىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئەل-يۇرت، ۋەتەن، ھەتتا ئىنسانىيەت ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىۋاتقان سەرخىللارنىڭ ئەمگەك مىۋىلىرىگە ھۆرمەت قىلساق، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇ سىپىدىغان ناچار خائىشلاردىن تۈزەتسەك.

    ئۇنى دىمىسىمۇ بىزنىڭ ناخشا-ئۇسۇل مەدىنىيتىمىز، تارىخىمىزدىكى ئۆلىما-ئەدىبلىرىمىزغىچە بىزدىن تالىشىدىغان، بىزنى ئىنكار قىلىدىغان قۇسۇر ئىزدەيدىغان ئىشلار ھېلىمۇ-ھەم مەۋجۇت. تور تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مەۋھۇم دۇنيانىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرىغا بىلىپ-بىلمەي كىرىپ قالىمىز. ناۋادا كومپيوتېرىڭىزنى قەرەرلىك ھالدا ۋىروسقا قارشى تەدبىر قوللانمىساق ۋىروسلار سېستىمىلارنىڭ ئىچكى ھالقىلىرىغا شۇنداقلا ساقلانغان ھۆججەت تېرمىناللىرىغا ھوجۇم قىلىپ كىرىدۇ. تازلىغان تەقدىردىمۇ بىر قىسىم ۋروسلار سېستىما ھۆججەتلىرىگە يۇشۇرۇن ساقلىنىپ قالىدۇ-دە، كومپيۇتىر ئاستا خارەكتىرلىك كومپيۇتىر كاشىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر تازىلىماي بىخود ھالەتتە يۈرۈۋەرسەك كومپيوتىرىڭىزنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ. ھەتتا مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كتىشى مۇمكىن. بەزىلەرگە بۇ گېپىم كۈلكىلىك تۇيۇلغاندۇ؟ ئىلگىركى شەنبەم تورى بۇنىڭ تىپىك مىسالى.

    تور باشقۇرغۇچىلارغا شۇنى تەۋىسيە قىلىمەنكى، ئەزا بوپ كىرگۈچىلەرنىڭ مىللىتى، تىلفۇن ياكى كىملىك نومۇرى دىگەندەك سالاھىيەت ئۇچۇرلىرىنى 注册 غا كىرگۈزۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ھەم سىلە ئۈچۈن ھەم مىللىتىمىز ئۈچۈن پايدىلىقمىكىن دەيمەن.

    بىلىم سەۋىيەمنىڭ چولتىلىقىدىن ئورۇنلۇق بولسا قۇبۇل قىلىشالا، ئورۇنلۇق بولمىسا زاڭلىق قىلىشمىغايلا.

5720_160127225908.jpg

    تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بىرقانچە ئىبرەتلىك سۆزلەرنى قالدۇرۇپ قوياي

    كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخمىزدىكى بەزى ئۆلمەس ناماياندىلەر بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتىمىزدا شۇنى ھېس قىلىمىزكى، بىزنىڭ مەدەنىيتىمىز ناھايىتى كۆپ مەدەنىيەتلەر بىلەن، ناھايىتى كۆپ خىل تىل بىلەن مەنىداش بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋىرىدە خەنزۇتىلىدا ئەسەر يازغان ناھايىتى جىق شائىرلىرىمىز ئۆتكەن. مەسىلەن سەيدۇللا، گۈەن يۈنشى قاتارلىقلار، يېقىندا ئىمىن ئەھمىدى «غەربىي رايۇن ئاز سانلىق مىللەت شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن تاللانما» دېگەن. كىتابنى نەشىردىن چىقاردى. ئۇنىڭدا يۈەن سۇلالىسىدا ياشىغان ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ خەنزۇ تىلىدا يازغان شېئىرلىرى تەرجىمە قىلىنغان. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى كۆرسىڭىز ئۇنىڭ ئەرەب تىلىغا نەقەدەر پىششىق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز. بولۇپمۇ تۈركىي تىلىدىكى فونېتىكىلىق ھادىسلەرنى، گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى ئەرەب تىلى بىلەن سېلىشتۇرۇپ چۈشەندۈرگەندە، ھەتتا بىرەر ماقال-تەمسىلنى بەرگەندە، بۇ ماقال- تەمسىل ئەرەپلەردىكى قايسى ماقال-تەمسىلگە ماس كېلىدىغانلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتىدۇ. ئەلشىر ناۋائىغا قارىساق، ئۇنىڭ پارىس تىلىدىكى دىۋانى شۇنداق ئېسىل چىققان. دېمەك، بىزنىڭ باشقا تىللاردا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئەنئەنىمىز ناھايىتى كۈچلۈك.

    بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا خاتىرە ئەدەبىيات كەم، ئەنگلىيە كىتابخانىلىرىغا شۇنداق قارىسىڭىز، ھىندىستاندىن تارتىپ ئافرىقىنىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە ئوبېكت قىلىنىپ تالاي-تالاي ئەسەرلەر يېزىلىپ بولغان. شۇڭا دۇنيادىكى ھەممە مىللەتلەرنىڭ گۈزەل ھاياتى، تىلى، دىنى، ئېتىقادى، مەدەنىيىتى قاتارلىقلارغا ئائىت كىتابلارنى تاپقىلى بولىدۇ. ئېنگىلىزلار ئۇنى ئاساسەن يېزىپ بولغان. ئۇلارنىڭ زىيالىيلىرى دۇنيادىكى ھەممە مىللەتنىڭ خۇسۇسىيتىنى بىلىپ ياشىغانلىقى ئۈچۈن، ھەرقانداق يەرگە سىڭىپلا كىرەلەيدۇ. شۇڭا دۇنيا ئادەمنىڭ كۆزىگە ئۇلارنىڭ ئالقىنىدا كىچىككىنە شارچىگە ئوخشاش دومىلاۋاتقاندەك كۆرىنىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە دۇنيا كىچىككىنە گلۇبۇس، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە دۇنيا ناھايىتى چوڭ بولۇپ كۆز يەتكۈسىز دەرىجىدە، بۇ ئىنساننىڭ بىلىش، تەپەككۇر نوقتىسىدىكى مەسىلە.

    مېنىڭچە، ئۆزىنىڭ زىيالىيىسىنى، ئۇلۇغ ئادەملىرىنى خۇراپىيلاشتۇرۇپ چۈشەنگەندىن كۆرە رىئال مەنىدە چۈشەنسە بۇنداق مىللەتتىن ئۈمىد كۈتۈشكە بولىدۇ.

    تەنقىدلىگۈچىلەردە ئەستايىدىللىق بولىدۇ. چۈنكى تەنقىد ئاچچىقتىن چېقىدىغان نەرسە، ئاچچىق رېئال نەرسە،

    بىزدە تۆت ئادەم ساڭايان قارىغان ھامان ئۆز-ئۆزىدىن گۇمانلىنىپ بەل قويۇۋېتىدىغان ئىش ئېغىر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ قىممىتى ھەققىدە ئۆزىڭىزدە ئېنىق چۈشەنچە بولسۇن، بۇ چۈشەنچە ساختا، سۈنئى بولمىسۇن، سۈنئىي نەرسە ئۇزۇنغا بارمايدۇ. ھەقىقى بولسا ئۇنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ. روھىي تەڭپۇڭلۇقىڭىز دائىم بىر خىل بولىدۇ. ئۆگىنىشىڭىزنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. تۇرمۇش جەھەتتە پاكىز بىر يول تاللىيالايسىز، پوزىتىسىيە بىلدۈرىدىغان، ھۆكۈم قىلىدىغان يەرلەردە كەسكىن بولالايسىز.

    ئۆزىمىزنىڭ مەكتەپتە ئۆگىنىۋاتقان كەسىپىگە تايىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا سەل قاراۋاتقان نەرسىمىز ھۈنەردۇر. بۇرۇن بىز ھۈنەرۋەن خەلق بولغان. ئەمما ھازىر بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىزدا بالىلىرى مەكتەپ يېشىغا توشقاندا مەكتەپكىلا ئىتتىرىپ قويۇپ، مەكتەپ مائارىپىغا ئىشەنچىنى ئارتىپ قويۇپ، بالىلارنىڭ قوشۇمچە ئىگىلىك ياكى ھۈنەر بىلەن تەربىيلىنىشىگە سەل قارايدىغان ئەھۋال شەكىللەندى. ياپونىيە مائارىپى ۋە ئەنگىلىيە مائارىپىنى كۆزىتىشىگە قارىغاندا، ئۇ يەردىكى مائارىپ قۇشۇمچە كەسپىي مائارىپنىمۇ، ھۆنەر-سەنئەت مائارىپىنىمۇ يانداشتۇرۇپ ئېلىپ ماڭىدىكەن.

    بۈگۈنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئىچىدە يىراق كەڭلىكلەردىن رىزىق ئىزدەيدىغان، تەۋەككۈلچىلىك روھى بىلەن تىل ئۈگىنىۋاتقان ياشلىرىمىز كۆپرەك بولغانلىقى ئۈچۈن، چەتكە چىقىشتا پىسخىك جەھەتتە، مەدەنىيەت جەھەتتە، بىلىم جەھەتتە ۋە ماھارەت جەھەتتە قانداق تەييارلىق بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلىۋېلىش تولىمۇ مۇھىم. چەتئەلدە ئوقۇش ياخشى روھ، لېكىن، ياخشى، ئۈنۈملۈك مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ناھايىتى ئەمەلىي رىئال چۈشەنچىگە ئىگە بولىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بىرى ئۆزىمىزنى، ئۆزىمىزنىڭ بىلىم قاتلىمىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ياخشى دەڭسىشىمىز كېرەك. يەنە بىرى، چەتئەل ھاياتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك.

    ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىنى ئۆزىڭىز تۇنۇشىڭىز كېرەك. بۇنى تۇنۇشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى- تارىخ ئوقۇڭ، ئۆزىنى بىلىش ھەر بىر ئادەمدە كونكرېت نەرسە، ھەممە ئادەمنى تارىخچى قىلىۋەتكىلى بولمايدۇ. لېكىن ئۇنى ئەقەللىي بىلىپ قۇيۇش كېرەك. ئىككىنچىسى، ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى بىلىش ئۈچۈن مۇشۇ رايۇن بىلەن تارىختىن بېرى قوشنا بولۇپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى ياخشى چۈشىنىشىمىز كېرەك. چۈنكى ھايات قىسمىتىدە نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلىپ قالىمىز. مېنىڭ ئەجدادىم كىم؟ ھازىر مەن كىم؟ كەلگۈسى ئەھۋالىمدا كىم بولىدۇ؟ دېگەن سۇئاللارغا ياخشى جاۋاپ تاپقىلى بولسا ئۆزىنى بىلىش مەسىلىسىگە خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان بولىدۇ.

    ھازىر بىزنىڭ نۇرغۇن سۆزلىرىمىزنىڭ ئۆلچەمگە ئۇيغۇن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى يوق. تۇرمۇشىمىزدا جىق سۆزلەر ئەبجەشلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بىزنىڭ تىلشۇناسلىرىمىز بۇ ئىشلاردا بىر كىشىلىك مەجبۇرىيىتىنى جارى قىلدۇرۇۋاتامدۇ-يوق؟ ئەلۋەتتە ئۇلار جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ. لېكىن ئاز بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بىزدە مەسئۇلىيەتنى قىلغان ئادەمگىلا ئارتىۋېرىدىغان بىر ئىش ئېغىر. يازغۇچىلىرىمىز نېمە ئۈچۈن ماۋۇ ئىشنى قىلمايدۇ. زىيالىيلىرىمىز نېمە ئۈچۈن ماۋۇ ئىشنى قىلمايدۇ. تىلشۇناسلىرىمىز نېمە ئۈچۈن ماۋۇ ئىشنى قىلمايدۇ دېگەندەك، بىزنىڭ تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ تەربىيلىنىش شارئىتى ياخشى بولمايۋاتىدۇ. تىلىمىزمۇ ئۆز-ئارا سېلىشتۇرما جەھەتتىن قېلىپلىشى كېرەك. بۇ ناھايىتى چوڭ ئەمگەك، بۇنى قىلىۋاتقانلار بار. سەل قاراۋاتقانلارمۇ بار. قىلىدىغانلار قانچە كۆپ بولسا ياخشى قىلىدىغان ئادەممۇ جىق بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. شۇڭا بىر جەھەتتەن ئېيتقاندا مەسئۇلىيەتتنى ئۆزىمىزدىن سۈرۈشتۈرۈپ ئادەتلەنسەك.

QQ截图20160919020545.png

    ئىبىن سىنا شۇنداق دەيدۇ

    بىلىم ئىگىلەش پەقەت پەيلاسوپىلارغىلا ئەمەس، بەلكى، ھەرقانداق ئادەمگە زور بەخىش ئىتىدۇ.

    ئەتراپىڭدا سېنى تاشلاپ كەتمەيدىغاندەك بىلىنىدىغان ئادەملەرمۇ بار، ئەمما، ئۇلار سېنىڭ يامان بۇرادەرلىرىڭ بولۇپ، سەن توغرىلىق ئۈزۈلدۈرمەي پىتنە-پاسات تارقىتىدۇ. سېنى ئۇلارنىڭ پىتنىسىدىن پەقەت مۇكەممەل پاكلىقلا ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن خالاس!

    ئەي بۇرادەرلەر، ھەقىقەتنى تارقىتىڭلار، ئۆم-ئىناق بولۇڭلار! بەزىلىرىڭلارنىڭ بەزى ئىشلارنى ئۈگىنىشى ۋە بەزىلرىڭلارنىڭ بەزى ئىشلار بىلەن كامال تېپىشى ئۈچۈن ئاراڭلاردىكى ھەربىر كىشى ئۆز بۇرادىرىگە نىسبەتەن دىلىدىكى پەردىنى خالىس ئېچىپ تاشلىسۇن!

    ئەتراپىڭدا شۇنداق بىر بۈلۈك ئادەملەرمۇ باركى، ئۇلار ئىپلاس، ئاچ-ئاپەت، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن شەھۋەتكە بېرىلگەن كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئاشقازىنىنى تۇپراقتىن باشقا ھېچنەرسە تولدۇرالمايدۇ. ئاچلىقىنى توپا-چاڭدىن باشقا ھېچنەرسە قاندۇرالمايدۇ. ئۇ قورسىقىنى تازا ئاچۇرۇپ، كېيىن ئەخلەتكە قۇيۇۋېتىدىغان توڭگۇزغا ئوخشايدۇ.

    قاراڭغۇلۇقنى قورقماستىن يېرىپ ئۆتەلىگەن كىشى نۇرغا تولغان چەكسىز بوشلۇققا يېتىپ بارالايدۇ.

    شۇنىسى ئىنىقكى، ئادەملەر تەستىق-ئىشەنچكە قارىغاندا، ئۆز تەبىئىتى بۇيىچە ئوبرازلىق پىكىر قىلىشقا مايىلراق بولىشىدۇ.

    يالغان قۇياشنىڭ تەپتى بولمايدۇ.

    روھ-شامچىراغقا، بىلىم-ئەنە شۇ شامچىراغتىن تارقىلىۋاتقان نۇرغا ئوخشايدۇ. شامچىراغ يېنىشتىن توختىمايدىكەن. سەن تىرىكىسەن. ئەگەر ئۇ ئۆچسە، ھالاك بولغىنىڭ شۇ!

    ئوبرازلىق پىكىر قىلىش روھنى مەلۇم ھالەتتە تۇتۇپ تۇرۇشقا، ئۇنى چۈشۈرمەسلىككە قابىل نەرسە.

    ئېغىزدىكى سۆز بىلەن خاراكتېر ۋە خۇلقتىكى سۆز بىر - بىرىدىن پەرق قىلىدۇ.

    كورلار قۇياشنى كۆرمىگەندەك، جاھىللارمۇ دۇنيادىكى توغرا يول بەلگىلىرىنى كۆرەلمەيدۇ.

    سىرىڭنى بارچىغا ئېيتىشتىن ئېھتىيات قىل، چۈنكى، «مۇلاھىزە»دېگەن سۆز ئېھتىياتكار بولۇشتىن باشقا گەپ ئەمەس. ئەگەر سېىڭنى ساقلىساڭ، ئۇ سېنىڭ ئەسىرىڭدۇر. ئەگەر ئۇ ئاشكارا بولسا، سەن ئۇنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قالىسەن.

    مەن كۆپ جايلارنى كەزدىم ۋە ئالەمنىڭ ئەھۋالنى كۆزەتتىم. ئەمما بۇ دۇنيادا ئالقىنىنى ئېڭىكىگە تىرەپ ئولتۇرغۇچىدىن ياكى پۇشايمان بىلەن بارمىقىنى چىشلەپ تۇرغۇچىدىن باشقىنى كۆرمىدىم.

    ئەگەر مىنىڭ ئۇلۇغلىقىم ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھېيىقىش پەيدا قىلمىغىنىدا ئىدى. ئۇلار مىنى تەكرار كەچۈرۈپ يۈرمەي، يامانلىغان بولاتتى. مەن شىردەك بەردەممەن، ئەگەر بىراۋ شىردىن قورقسا، ئۇنىڭغا يېقىنلىشالمايدۇ. پەقەت يىراقتىن تىترەپ تۇرۇپ سىلايدۇ خالاس، ئىتلار شىرنى كۆرگىنىدە قورققىنىدىن لاغ-لاغ تېترەيدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇلارمۇ ماڭا كۆزلىرىنى ئالايتىپ قارايدۇ. چۈنكى مەن ئۇلۇغلۇق يولىدا ئۇخلىماي كۈننى تاڭغا ئۇلىدىم. ئۇلار بولسا ئۇيقۇدىن باش كۆتۈرمىدى. شۇڭا ئۇلار ماڭا نوقۇل ئاداۋەت كۆزى بىلەن قاراپ كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ نەزىرى دوستلۇق كۆزى بولغىنىدا ئىدى. ياخشى ئىشلىرىمنى يامانغا چىقارماستىن، ياخشى دەپ ھېسابلىغان بولاتتى.

    ئاھ، مەن ئۆزۈمنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى، ئالەمدە نېمە ئۈچۈن تەمتىرەپ سەرسان يۈرگەنلىكىمنى بىلسەم ئىدىم. كاشكى، ئەگەر كېلەچىكىم خەيرىلىك بولسىغۇ مەيلى، تىنىچقىنا، بىمالال تىرىكچىلىكمنى قىلىۋېرىمەن. ناۋادا ئۇنداق بولمىسا، مىڭ كۆز بىلەن يىغلايمەن.

    بىراۋ سەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە خاتا قىلسا ھەم سەندىن ئۆزرە سورىسا، ئۆزرىنى قوبۇل قىلشنى كېچىكتۈرمە.

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق، دىلنى يۇرۇتقۇچى نەرسە-قانائەتتۇر. ئەڭ زەھەرلىك ۋە نەپرەتلىك نەرسە ھېرىس ۋە غەزەپتۇر.

    تارغاق ئەسلىدە چاچلارنى تاراش ئۈچۈن ئىشلىتىلسىمۇ، ئەمما ئۇ بەزىدە چاچلارنى تاراش بىلەن بىرگە بەزى چاچلارنى يولۇپ تاشلايدۇ.

    ئەگەر ئىنسان ئۇششاق گەپ، ئاچكۈزلۈك، جاڭجال، شىكايەت، نارازىلىق، ئاھ-دادلاردىن قوتۇلالمىسا، ئۇ ئىپلاس ۋە پەسلىك تەبئىتىدىن خالاس بولالمايدۇ.

    ئەگەر دوستۇم دۈشمىنىمگە دوستلۇق قىلسا، مەن ئۇنى ھەرگىز دوست ھېسابلىمايمەن. زەھەرگە قوشۇلغان شېكەردىن ئېھتىيات قىلماق كېرەك.

    خوشال ۋە قايغۇلۇق پەيتلىرىدە دىلىنى غۇباردىن تازىلاپ، ساپ دوستلۇقنى ساقلاپ قالغان كىشى چىن دوست ھېسابلىنىدۇ.

    يالغۇزلۇق ھالاكەتكە ئېلىپ كىلىدۇ. ناھايەت، ئىنسان ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى پەقەت جەمئىيەتنىڭ ياردىمىدە قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن،.

    ئەقىل تارازىسىدا تارتىپ كۆرۈلمىگەن ھەرقانداق بىلىم ئاساسسىزدۇر. شۇ سەۋەبتىن مەنتىق ئىلمىنى ئۆگەنمەك ناھايىتى مۇھىم.

    ئەي دوستۇم، شۇنى بىلىۋالغىنكى، مەن بۇ «ئىشارەتلەر»دە لەتىپ سۆزلەرگە ھېكمەت قايماقلىرىنى قوشۇپ، ساڭا ئۇزاتتىم. سەن ئەمدى ئۇلارنى بىلىۋېلىپ، ئۇنىڭ قەدرىگە يەتمەيدىغان، ئۆزى نادان، بىلىمسىز، ئوقۇشقا ئىنتىلمەيدىغان، تۇنجى كۆرۈنۈشتىلا سەن بىلەن جانىجان دوستتەك، ئۆز بولۇپ قېلىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئۆزى مەرىپەتتىن مەھرۇم بولغان. كىمكى پەيلاسوپمەن دېسە، ئۇنى ئاداشقانلار قاتارىغا قوشىدىغانلاردىن ساقلان.
bagdax

2

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25572
يازما سانى: 1188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 3698
توردىكى ۋاقتى: 1219
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24

قىزغىن ئەزا ئىنكاس چولپىنى

دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   obzorqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-9-20 01:01  

     ئېسىل . بەك ئېسىل ئەسەر . اللە ئەجرىڭىزنى بەرگەي .

1

تېما

4

دوست

1152

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   15.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  77903
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 322
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى يېزىپسز رەھمەت سىزگە
بىزنىڭ باشقا تىللاردا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئەنئەنىمىز ناھايىتى كۈچلۈك


ھىزىر بىزنىڭ باشقا تىللاردىن ئەسەر تەرجىمە قىلىش ئەنئەنىمىز كۈچلۈك ، بۇ نىمىدىگەن زور پەرق ھە

0

تېما

0

دوست

325

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   12.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  73634
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 104
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
يەر
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
لاۋداسى ئەمەس،يىتەكچىسى دەڭ قىرىندىشىم
bagdax

0

تېما

1

دوست

351

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   25.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79003
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 90
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
5#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
yoltapkin يوللىغان ۋاقتى  2016-9-19 12:50
باغداش مۇنبىرى  ئۇيغۇرچە  تورلارنىڭ  لاۋداسى،،،ئىشقىل ...

توغرا دېدىڭ شاھبەگ، قول قويمىساڭ بولمايدۇ، لېكىن لاۋداسى دەپ بەك ئاشۇرۋېتىپسە

0

تېما

1

دوست

351

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   25.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79003
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 90
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
6#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
obzorqi يوللىغان ۋاقتى  2016-9-19 14:12
ئېسىل . بەك ئېسىل ئەسەر . اللە ئاجرىڭىزنى بەرگەي .

ئوبزورچى ئېنىم، ئىملا خاتالىقىغا خېلى دىققەت قىلىدىغاندەك ئادەم ئىدىڭىز، بۇ قېتىم نىمە بولدى. (ئاجرىڭىز) دېگەن بۇ سۆزدىن تىما ئىگىسىنى قاغاۋەتقاندەكلا تۇيۇلدى

2

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25572
يازما سانى: 1188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 3698
توردىكى ۋاقتى: 1219
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24

قىزغىن ئەزا ئىنكاس چولپىنى

7#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
sarlaxkar يوللىغان ۋاقتى  2016-9-20 00:56
ئوبزورچى ئېنىم، ئىملا خاتالىقىغا خېلى دىققەت قىلىدىغ ...

     ئىملا خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت . تەھرىرلەپ قويدۇم .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )