قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1599|ئىنكاس: 15
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئوباما ھىلارىنى قوللاشنى مۇراجىئەت قىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

89

تېما

5

دوست

4885

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   96.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40020
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 183
تۆھپە : 1488
توردىكى ۋاقتى: 150
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23

تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئوباما ھىلارىنى قوللاشنى مۇراجىئەت قىلدى

سوخۇ تورى خەۋىرى

    شۇ يەر ۋاقتى 2016- يىلى 13- سېنتەبىر كۈنى، فىلادىلفىيەدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما نۇتۇق سۆزلەپ دېموكراتلار پارتىيىسى زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارىنى قوللىدى. ھىلارى 11- سېنتەبىر كۈنى نىيۇيورىگدا پائالىيەتكە قاتناشقاندا سالامەتلىكىنىڭ تازا دېگەندەك نورمال بولمايۋاتقانلىقىنى بايقىغان. ھىلارىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچى ۋە ياردەمچىسى يۆلەپ كېتىۋېتىپ، پىيادىلىكلەر يولىدا ئېھتاياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشكەن سىن كۆرۈنۈشى توردا كەڭ تارقالغان. سايلام رىقابىتى باش شىتابى 68 ياشلىق ھىلارىغا 9- سېنتەبىر كۈنى ئۆپكە راكى دەپ دىئاگنوز قويۇلغانلىقىنى ھەم ئانتىبىئوتىك دورا ئىستىمال قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېتراپ قىلغان.

    جوڭگو ئاخپارات تورىنىڭ 19- سېنتەبىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ قارا تەنلىق زۇڭتۇڭى ئوباما زۇڭتۇڭ سايلىمى يېقىنلىشى بىلەن ھېلارىغا بېلەت تاشلاپ ئۇنى قوللىغان.

    ئوباما يەنە، ئەگەر ئافرىقا پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلار 8- نويابىر كۈنىدىكى بېلەت تاشلاشتا ھىلارىنى قوللىمىسا، ئۇنداقتا بۇنى ئۆزىگە قىلىنغان "ھاقارەت" دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيىتقان.

    ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەر زۇڭتۇڭ سايلىمىدا كۆپىنچە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتىنى قوللايدىكەن.

    ئوباما شۇ يەر ۋاقتى 17- سېنتەبىر كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەتلىك نېگىر پارلامېنىت ئەزالىرى فوندى جەمئىيىتىنىڭ كەچلىك زىياپىتىدە ناھايىتى قايناق ھېسيات بىلەن ھەممىگە پايدىلىق نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ قارا تەنلىك ئامېرىكىلىقلارغا مۇراجىئەت قىلىپ: "سىلەر مېنىڭ بىلەن ياخشى خوشلاشماقچى بولساڭلار، ھىلارىغا بېلەت تاشلاڭلار!" دېگەن. ئۇ يەنە، گەرچە ئۆزىنىڭ ئىسمى زۇڭتۇڭ سايلىمى تىزىملىكىدە بولمىسىمۇ، لېكىن قارا تەنلىكلەر ئىجدىمائىي رايونىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولغان مەسىلىلەرنىڭ، يەنى ئادىللىق، مائارىپ قاتارلىقلار يەنىلا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە جۇمھۇرىيەتلەر پارتىيىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى بېلەت تاشلىشىنى قىيىنلاشتۇرىۋەتكەنلىكىنى ئەيىپلەپ: بۇ بىر "دۆلەتنىڭ سەتچىلىكى" دېگەن.

215458745232.png

    ھىلارىمۇ شۇ كەچلىك زىياپەتتە ناھايىتى قىسقىلا سۆز قىلغان. گەرچە ئۇ سۆزىدە رەقىبى بولغان جۇمھۇرىيەتلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى تىرامىپنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىملىق سايلامنىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئاچقۇچلۇق بىر تاللاش ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان.

    ھىلارى، ئامېرىكا ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان بىر پىلانغا مۇھتاج، "ئۇنتۇلۇپ" قالغان رايوندا جان تالىشىۋاتقان كىشىلەرگە "بىر تەرەپلىمە قاراپ، قورقماستىن" ئەكىسچە ياردەم قىلىشىمىز لازىم، دېدى.

    بۇ يىلقى ئامېرىكىنىڭ قارا تەنلىكلەر زىياپىتىدىمۇ ھىلارىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئايال زۇڭتۇڭ نامزاتى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

14.jpg
bagdax

0

تېما

0

دوست

6443

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21759
يازما سانى: 616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 1928
توردىكى ۋاقتى: 520
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24

تۆھپىكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تارىختىن بۇيانقى ھەرقانداق بىر زوڭتوڭ ئۆزىنىڭ خىزمىتىگە يېقىندىن ماسلاشقان دۆلەت كايىپىنى قوللاپ كېلىۋاتىدۇ.

0

تېما

3

دوست

2278

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55200
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 700
توردىكى ۋاقتى: 305
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ترامپ زۇڭتۇڭ بولامدۇ ياكى ھىلارىمۇ؟     بىزنىڭ نىم كارىمىز بىز دېگەن جوڭگودا تۇرساق   .  

0

تېما

0

دوست

98

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   32.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79079
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23
يەر
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇقېتىم تىرامىپنىڭ زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى .
بۇنىڭ سەۋەبى
بىرىنچىدىن: ھىلارىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا بولغان ئەندىشە بىر قىسىم سايلىغۇچىلارنى تىرامىپ تەرەپكە ئاغدۇرىشى مۇمكىن ،ھىلارى يېقىنقى  بىر قېتىملىق سايلام پائالىيىتىدە ئۇدا تۆت مىنۇت يۆتەلگەن ،يۆتەلنى بېسىش ئۈچۈن ئۇدا سۇ ئىچكەن بولسىمۇ پايدىسى بولمىغان .  تىرامىپ 70ياشقا كىرسىمۇ سالامەتلىك تەكشۇرۇش نەتىجىسى ناھايىتى  ياخشى چىققان . ئامرىكىلىقلار كېسەلمەن بىرىنىڭ ئۆزلىرىگە زۇڭتۇڭ بولىشىنى خالىماسلىقى مۇمكىن .
ئىككىنچىدىن : خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئامرىكىلىقلارنىڭ باي كەمبەغەللىك پەرقى 1929يىلدىكى چوڭ كىرزىستىكى سەۋىيەگە يىقىنلاشقان .باي كەمبەللىك پەرقىنى چوڭايتىۋەتكەن ئاساسلىق سەۋەپكارلار دەل  ۋال كوچىىسىدىكى پۇلدارلار . ۋال كوچىسىنى ئىشغال قىلىش ھەرىكىتى تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ۋال كوچىسىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى تۇنۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۇرىدۇ . سايلىغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلىدىغان   ئوتتۇرا تۆۋەن قاتلامدىكى ئامرىكىلىقلار ئۆزلىرىگە  ۋەكىل بولالايدىغان تىرامىپنى توغرا تاللىيالايدۇ .چۈنكى تىرامىپ سايلامدا سايلانسا بايلاردىن ئېغىر باج ئالىدىغانلىقىنى بىلدۇردى . ئوباما سايلانغاندىن بۇيان دەۋجىنىس كۆرسەتكۈچى 6470نوقتىدىن بىراقلا ئۆرلەپ ھازىرقى 18000نوقتىغا چىقتى .ۋال كوچىسىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن  ھىلارىنى قوللاپ ئۇنىڭغا مەبلەخ ياردەم قىلىشىمۇ بۇخىل ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈندۇر . ۋال كوچىسىدىن ھىلارىنىڭ ئېرىشكەن مەبلىغى 48مىليۇن دوللار ، تىرامىپنىڭ 19000دوللار . بۇ سان سىفىردىكى غايەت زور پەرقتىن كىمنىڭ قايسى تەرەپكە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىۋالغىلى بولىدۇ .
تىرامىپنىڭ قايتا -قايتا پاي بازىرىدىكى كۆپۈكنى ، يىللۇن خانىمنىڭ تۆۋەن ئۆسۈمنى داۋاملاشتۇرۇپ پاي بازىرىنىڭ يۇقۇرى نوقتىسىنى قوغدىغانلىقىنى تەنقىت قىلغانلىقىدىنلا تىرامنىڭ مەيدانىنى تېخىمۇ روشەن بىلىۋالغىلى بولىدۇ .
ھازىرقى ھالەتنىڭ داۋاملىشىشى دەل كاپىتال بازىرىدىكى بايلار كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان نەتىجە . ئۆزگۈرۈشنىڭ بولىشىنى ،بايلىقنىڭ قايتا تەقسىملىنىشىنى كۈرۈش دەل تۆۋەن قاتلامدىكىلەر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان نەتىجە .
ئەگەر تۆۋەن قاتلامدىكىلەر  تىرامىپنى زۇڭتۇڭلۇققا سايلاپ چىقالىسا ئامىرىكىنىڭ ھەقىقى دىمۇكراتىيەسىنى ، پۇلنىڭ، پۇلدارلارنىڭ  دىمۇكراتىك سايلامنى تۇسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى دۇنياغا بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ .

بىراق مەيلى كىم سايلانسۇن ئامرىكىنىڭ ،دۇنيانىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشى ئۆزگەرمەيدۇ، 、ئاخىرقى نەتىجە ئۆزگەرمەيدۇ ، پەقەت ئىشنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىش جەريانىدا ئازراق پەرق بولىدۇ . دۇنيانىڭ يېقىن كەلگۈسى  پەقەت كىرزىس ، تۇقۇنۇش ،كۆپ قۇتۇپلىشىش ، تىركىشىش ،جان تالىشىشتىن ئىبارەت . ئامرىكا زۇڭتۇڭ سايىلىمنىڭ ئاخىرلىشىشى  دۇنياۋى چوڭ بۇرۇلۇشنىڭ باشلىنىشى بۇلۇپ قالىدۇ .
bagdax

0

تېما

1

دوست

511

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  75442
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 158
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
5#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
zuhal0201 يوللىغان ۋاقتى  2016-9-19 20:13
ترامپ زۇڭتۇڭ بولامدۇ ياكى ھىلارىمۇ؟     بىزنىڭ نىم كارى ...

سىز تېخى ئامىرىكىنىڭ دۇنياغا قانداق تەسىر ككرسىتىدىغانلىقىنى بىلەلمەپسىز.سوتسىيالىستىك ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزمۇ ئاشۇ كاپىتالىزم لاگىرىنىڭ باشچىسى ئامىرىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.ئۇنداقتا ئامىرىكا پېرزدېنتى دۇنيا كۆڭۈل بۆلىدىغان شەخس.

خوجە

0

تېما

12

دوست

6362

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9687
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 214
تۆھپە : 1855
توردىكى ۋاقتى: 504
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-21
6#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھىلارا كېلىنتۇننى  روستچىلىت جەمەتى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشىغا ياردەم قىلماقچى بوپتۇدەك،،

قەشقەر ساماۋەرخانا خەۋەرلىرى.

0

تېما

0

دوست

149

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   49.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  76821
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-20
7#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئوبامانىڭ ھىلارىنى قوللاش ئۈچۈن،نىگىرلارغا مۇراجىئەت قىلغانلىقى تىرامىپقا پايدىسى بولسا بولۇدىكى زىيىنى تەگمەيدۇ.باشقىچە ئۇسۇلبىلەن ياردەم قىلماپتۇ بۇ ئادەم

0

تېما

1

دوست

4381

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   79.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33176
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 1346
توردىكى ۋاقتى: 391
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23
8#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
     ئامىرىكا ، روسيە ، ئەنگىلىيە ، گىرمانىيە ........ دېگەنلەرنىڭ مەسىلىسىگە باش قاتۇرىدىغانلار باشقا . بىز كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار ئىنتايىن كۆپ . بىز يەنىلا ئۇيغۇرنىڭ كەلگۈسى تەغدىرى ئۈستىدە ئويلىنايلى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )