كونىلاردا "يامانغا يولۇقساڭ يارىسى، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار" دەيدىغان تەمسىل بار. ئېنىرگىيە ئۆز-ئارا ئۆتىشىشىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزدە بىرەر ئۆزگىرىش ياكى ئاكتىپ كەيپىيات ھاسىل قىلىشنى ئويلايدىكەنسىز ئۇنداقتا سىز ئەتراپىڭىزدىكى ئاكتىپ ئېنىرگىيەلىك كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشىڭىز كېرەك. چۈنكى سىز ئۇلاردىن تۇرمۇشنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى، ھاياتنىڭ ھەرخىل مەنالىرىنى ھىس قىلىسىز .
سىز ھازىر قايسى شەھەردە، قايسى ياشتا، قانداق بىر خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇڭ سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا ھامان مۇنداق ئىككى توپ كىىشلەر مەۋجۈت. بىرى، سىز ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋالىنى سورىسىڭىز دائىم سىزگە شۇ بۇرۇنقىدەك دەيدىغان. ئۇلار سىزگە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىكى زىرىكىشىلىكلەرنى، ئۆيىدىكى ئۇرۇش جىدەللەرنى، ئىشخانىسىدىكى بىمەنە پاراڭلارنى سۆزلەپ بىرىدۇ. سىز ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىشتىن قىلچىلىك ھوزۇر ھىس قىلالمايسىز .
سىزنىڭ يېنىڭىزدە يەنە شۇنداق بىر توپ كىىشلەر بار، سىز ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۇلار سىزگە ئۆزىنىڭ كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرنى سۆزلەپ بىرىدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئۇنچە باياشات ئەمەس، لېكىن ئۇلار ياخشى تۇرمۇشقا ئىنتىلىشچانلىقىنى سىزگە بىلىندۈرىدۇ. ئۇلار بەلكىم سىزنىڭ يېقىن دوستىلىرىڭىز ياكى تونۇشلىرىڭىز بولماسلىقى مۇمكىن. لېكىن سىز ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىش ۋە ئۇچىرىششقا ئامراق. بەلكىم سىز ۋە ئۇلارنىڭ بەزى كىشىلىك تۇرمۇش قاراشلىرىڭلار ياكى دۇنيا قاراشلىرىڭلاردا پەرقلەر بولۇشى مۇمكىن. ھەتتا ئۇلار بىلەنمۇ نازىرىلەرگە چۈشۈپ كىتىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن ئۇلار سىزنىڭ نېرىۋىڭىزنى غىدىقلاپ سىزنى ئويلىنىشقا، تەپەككۇر قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ .
بىز بىرىنجى خىلدىكىكى شىلەرنى پاسسىپ ئېنىرگىيىلىك كىىشلەر، ئىككىنچى تۈردىكى كىشىلەرنى ئاكتىپ ئېنىرگىيىلىك كىشىلەر دەيمىز.
ئېنىرگىيە ئۆز ئارا ئۆتىشىشىدۇ.
سىز يۇقىرىدىكى ئىككى خىل كىشىلەر بىلەن ئۇچىرىشىش جەريانىدا ئۆزىڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دېققەت قىلدىڭىزمۇ؟ ئادەم ھەقىقەتەن مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، لېكىن تەبئىي مۇھىت تەسىرىگە قارىغاندا ئىجتىمائى مۇھىت تەسىرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. سىز چۆللۈكتە قالغان بولسىڭىزمۇ سىزگە ياخشىبىر سەپەرداش، سىرداش ئۇچرىسا بەلكىم سىز ئۆزىڭىزنى چۆلدە ھىس قىلماسلىقىڭىز مۇمكىن. ئەگەر سىزنى گۈزەل بىر باغچىغا ئاپىرىپ سىزگە تۇرمۇشتىكى مەنىسىز، تۇتۇرۇقسىز پارڭلارنى قىلىپ بەرسە سىزنىڭ بۇ باغچىدا بىر مىنۇتمۇ تۇرغىڭىز كەلمەسلىكى مۇمكىن .
تۇرمۇشتا سىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بەكمۇ كۆپ. ئۇششاق –چۈششەك ئىشلار دۇنيانىڭ ھەممىسى ئەمەس .
بەزى ئادەملەر تۇرمۇشتا مۇھىم بولغان، ئۆزىنىڭ كەسپى ھاياتى، مۇۋاپىقىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا باش قاتۇرماي، ئەكىسچە تۇرمۇشتىكى بەزى كىچىك ئىشلار ئۈچۈن زىھىن سەرپ قىلىشىقا ئامراق. شۇنداق چوڭ ئىشلار بولۇپ كەتسە، ئازراقمۇ كۆڭلى يېرىم بولمايدۇ، لېكىن بەزى شۇنداق بىر كىچك ئىشلار ئۇلارنى بۇ دۇنيادىنمۇ ۋاز كەچتۈرىۋېتىدۇ .
ئالغا بېسىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى دەل سىزگە ئاكتىپ ئېنىرگىيە يەتكۈزىدىغان ئاشۇ كىشلەر بىلەن ئۇچىرىشىش.
تۇرمۇشنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن ئەڭ قىممەتلىك ساۋىقى شۇكى، سىزنىڭ قانداق ئادەملەر بىلەن ئارلىىشپ قانداق تۇرمۇش شەكىلىنى تاللىىشڭىز سىزنىڭ ھاياتىڭىز بولۇپ قالىدۇ. مەن مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلىغان، يەنى بىر ئادەمنىڭ ئادەتتە ئەڭ كۆپ ۋاقىت چىقىرىپ بادى-كەلدى قىلىدىغان بەش ئادىمىنىڭ سەۋىيىسىنىڭ ئوتتۇرىچىسى دەل مۇشۇ ئادەمنىڭ سەۋىيىسى بولۇپ قالىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئومۇمى ساپاسىنىڭ مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. لېكىن بۇ يەردە تەكىتلەشكە تېگىشلىكى بۇ مۇھىت ئىچىدە ئىجتىمائى مۇھىتنىڭ تەسىرى ئۈستۈنلىكنى ئىگىلەيدۇ.
يۇقىرىدىكلەرنى يىغىنچاقلىغاندا، ئادەمنىڭ ئالغا بېسىشىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى دەل ئۆزىگە ئاكتىپ ئېنرگىيە يەتكۈزۈپ بىرەلەيدىغان كىىشلەر بىلەن ئېنىرگىيە ئۆتۈشتۈرۈش .
دىلسۇز ئەرچىن تەرجىمىسى مەنبەسى ۋە ئاپتورىنى ئەسكەرتىپ تارقاتسىڭىز بولىدۇ . |