- تىزىملاتقان
- 2016-9-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-9-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 51
- نادىر
- 0
- يازما
- 0
ئۆسۈش
17%
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىنداشلار :
گەرچە مۇنبەرنى كۆرۈپ تۇرغىلى ئۇزۇن مەزگىل بولسىمۇ ،تىزىملىتىپ تىما ئېلان قىلىپ باقماپتىكەنمەن ،مانا بۈگۈن نىسىپ قىپتۇ ، ئەگەر يازمىدا خاتالىقلار كۆرۈلسە،چۈشۈنىشىڭلارنى ۋە تەكلىپ پىكىرىڭلارنى ئايىمسالىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن ھەمدە كىچىكلىك بىلەن تۈزىتىمەن. بۈگۈن ئېلىپ كەلگەن تىمام ئېنتىرنىتتىكى 5 ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش تور بېكىتى ،سىلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمىتىڭلاردا ئازدۇر كۆپتۇر ياردىمى بۇلۇپ قالغۇسى.
1.تېڭشۈن دەرسخانىسى https://ke.qq.com/
مەن بۇيەردە بىرنەچچە دەرس ئاڭلىغان بولساممۇ لىكىن مىنىڭچە بۇ ئومۇمى جەھەتتىن تۆۋەندە سۆزلەيدىغان باشقا توربەتلەرگە يەتمەيدىكەن، بىراق ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان تېڭشۈن شىركىتى يەنىلا بۇ يەرگە مەملىكەتتكى داڭلىق نۇپۇزلۇق مۇئەللىملەرنى توپلىغان، ھەمدە مەمۇرىيلىق، ئايلتىس توففىل قاتارلىق بىرقەدەر مۇھىم بولغان ئىمتاھانلارغا نۇقتىلىق دەرس تەييارلىغان .
2.چۈەنكې دەرسخانىسى http://www.chuanke.com/
چۈەنكې دەرسخانىسى ئىسىمدە قېلىشچە دۆلىتىمىزدە بىرقەدەر بالدۇر تەرەققى قىلغان دەرسخانىلارنىڭ بىرى ،2014يىل توردىكى ئەزا سانىمۇ مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قارارغا ئۆتكەن .
3.ۋاڭيى ئۇچۇق دەرىسخانىسى http://open.163.com/
ۋاڭيى ئۇچۇق دەرىسخانىسى چەتئەل ئونۋېرسىتىتى دەرسخانىسى ۋە دۆلەت ئىچى ئونۋېرسىتىتى دەرسخانىسى، تەد ted دەرىسخانىسى دەپ چوڭ تۈرلەرگە بۆلىنىدىغان بولۇپ ،سىز بۇيەردە دۇنيادىكى ئەڭ ئالى يېلو،سىتانفورد قاتارلىق مەكتەپلەردىكى دەرسلەرنى تامامەن ھەقسىز ئاڭلىيالايسىز .
4.يۇۋكۇ دەرىسخانىسى http://e.youku.com/
دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق فىلىم تور بىكىتى يۇۋكۇ دىمۇ دەرسخانا بولىشىنى بەلكىم كۆپ ساندىكىلىمىز ئويلىمىغاندىمىز ، بۇ يەردە ئاساسلىق تۇلۇقسىز ،تولۇق ئوتتۇرا ،ئۆزلىكىدىن ئۆرلەپ ئوقۇش (زىكاۋ) ،مەمۇرىيلىق قاتارلىق ھەرخىل چوڭ كىچىك ئىمتاھانىلارغا تەييارلىق دەرسلىرى سۆزلىنىدۇ .
5."ئەيكېچىڭ" دەرىسخانىسى http://www.icourses.cn/home/
بۇ دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكى ، سەھىيە مىنىستىرلىكى ئالاھىدە قوللىغان دەرسخانا بۇلۇپ بۇيەردە كومپىيوتىر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ھەرقانداق دەرسلىكلەرنى تاپالايسىز ، قېنى دوستۇم يۇقارقى دەرسخانىلارغا كىرىپ بىلىم دائىرلىرىڭىزنى كېڭەيتىڭ ، بىلىملىك ئۇ ئۇزار .
ئەگەر ئىنكاسلار ياخشى ،سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار بولسىلا ، مەن يەنە داۋاملىق ياخشى مەزمۇنلارنى مۈكلەتسىز سۇنۇشقا تىرىشىمەن ، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ۋاقىت سەۋەبىدىن بۈگۈن مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇردۇم ، كۆرگەنلەرگە رەخمەت .
|
|