- تىزىملاتقان
- 2014-1-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-9-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 280
- نادىر
- 0
- يازما
- 14
ئۆسۈش
93.33%
|
تەرەققىيات ئىنسانلارغا خۇشاللىق ۋە بەخىت ئىلىپ كىلىدۇ دەيدىغان قاراشقا مەن تامامەن قوشۇلىمەن. ئىقتىسادى تەررەقىيات مەلۇم رايۇندا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ بەخىت تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتىرىشتىكى ھالقىلىق ئامىل .
رايۇنىمىزنىڭ تەررەقىيات سەۋيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتۇلۇق خىزمەتنى چىڭ تۇتۇش كىرەك.
بىر رايۇننىڭ ئىقتىسىادى دىگەن زادى نىمە؟ مىنىڭ ھىس قىلغىنىم بىر رايۇن ئىقتىسادى دىگەنلىك شۇ رايۇندا ئىقىپ يۈرگەن ۋە شۇ رايۇندا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ بانكا قاتارلىق ئورۇنلاردا ساقلاپ قويغان پۇلىنىڭ جۇغلانمىسى. مەلۇم رايۇننىڭ ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە سىرىتقى رايۇنلاردىن ئىقتىسادنى ئۆزمىزنىڭ رايۇنىغا يوتكەش كىرەك. مەسىلەن قەشقەر شەھرىدىكى بارىلىق كىشىلەرنىڭ ھەممە پۇلۇنى يىغساق 10 يۈەن چىقسا، سىرىتتىن قەشقەر شەھرىگە پۇل كىرمىسە، قەشقەر شەھرىدىكى كىشىلەر باشقا رايۇنغا بىرىپ پۇل خەجلىسە قەشقەر شەھرىدە بار بولغان 10 يۈەن پۇل بارغانسىرى ئازلاپ سىرىتقا ئىقىپ كىتىدۇ دە ئىقتىسادى چىكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ. شۇ سەۋەپتىن ھۆكىمىتىمىز ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ياردەم بىردغان ئۆلكىلەرنىڭ ئىقتىسادنى تەۋەيىمىزگە مەبلاخ سىلىپ تەۋەيىمىزنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرشقا تىرشىۋاتىدۇ.
يەنە بىر خىل ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلى بولسا سىرىتتىن شۇ رايۇنغا كىردىغان ساياھەتچى، قاتارلىق كۆچمە نوپوسنى كۆپەيتىپ شۇ ئارقىلىق ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش. ھەر بىر ئادەم سىرىتتىن قەشقەرگە كەلسە مەلۇم دەرجىدە پۇلنى قەشقەردە خەجلەيدۇ. دىمەك باشقا يەردە تاپقان پۇلنى قەشقەردە خەجلىسە قەشقەرنىڭ ئىقتىسادى ئاشتى دىگەنلىك. يەنە بىر خىل ئۇسۇل شۇ رايۇندىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ مۇئاشىنى كۆپەيتىپ ئارام ئىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ھەپتىدە 2 يىرىم كۈن ئارام ئىلىش ئەملىيلىشىۋاتىدۇ، سەۋەپ شۇ رايۇندىكى كادىرلارنىڭ مۇئاشىنى شۇ رايۇندا خەجلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشتۇر. بۇ خىل ئۇسۇل تەۋەيىمىزدە قوللانغاندا مەركەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن خىزمەتچىلەرگە تارقاتقان مائاشنى قەشقەر شەھەردە خەجلەپ ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش سۈرتىنى مەلۇم دەرجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئارام يوق مۇئاش ئالسا ئىشخانىدا ياكى كەچتە ئۆيگە كىرگەندە كادىرلا تور ئارقىلىق كىرەكلىك بويۇملارنى سىتىۋىلىپ، ئىقتسادنىڭ سىرىتقا ئىقىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئارام ئىلىش ۋاقتىنى ئاشۇرۇپ ھەرخىل ساياھەت يىغلىشلارنى مۇۋاپىق ئىلىپ بارغاندا ئىقتىسادنىڭ سىرىتقا ئىقىشى ئازلاپ ئىقتسادنىڭ ئايلىنىش سۈرتىنى تىزلەتكىلى بولىدۇ. شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كىرەككى تەۋەيىمىزدە ئىشچى خىزمەتچىلەر ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى قاتلامدىكى ئىستىمال توپىدىكى كىشىلەردۇر.
يەنە بىرخىل ئۇسۇل رايۇنىمىزدىكى كارخانلارغا بولغان قوللاشنى كۈچەيتىپ يىڭلىق يارتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كىرەكلىك بويۇملارنى شۇ رايۇننىڭ ئۆزىدە ياساپ سىتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ يەنى ساناھەتلىشىشنى ئىلگىرى سۇرۇش، شۇ رايۇننىڭ ئىقتىسادى سۈرتىنى ئاشۇرۇش. تەۋەلىكتىن باشقا رايۇنلارغا ئىلىپ چىقىپ سىتىلدىغان بويۇملارغا بولغان قوللاشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش، قەرىز پۇلى بىرىش، پۇلى كۆپ بانكىدا ساقلاۋاتقان كىشىلەرنى مەبلەخ سىلىشقا قىزىقتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار رايۇنىمىزنىڭ تەرەقىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىسى بار .
|
|