ئەسلىمىلەر كەينىدىن قوغلاپ، ئىزلەپ ماڭدىم بالىلىقىمنى. بىر ئۆمۈرگە زارلىنىپ قاقشاپ، قانداق تاپاي شۇ شادلىقىمنى...
كۆز ئالدىمدا بولماقتا ئايان، ئاق تېرەكلىك توپىلاڭ كوچا، ياردەملىشىپ ئۆزئارا خۇشال، قۇم ئۈستىگە سېلىنغان داچا. قىززىپ كەتتى قوغلاشماق ئەنە، شوخ كۈلكىمىز سامادا ئەكس. دۈم چۈشسەكمۇ يۈگۈرۈشكەندە، «ۋاي» دېيىشكە يوقتۇر ۋاقتىمىز... قارشى توپقا قىلىپ پوپوزا، دېيىشەتتۇق ئاق ۋە كۆك تېرەك. گەر قېپ قالساق بولاتتۇق خاپا، ئوينىغاندا كەچتە مۆكۈشمەك.
كېسىپ شاختىن ئاچىماقلارنى، رەگەتكىنى ياخشى ياسايتتۇق. چېقىۋەتكەن دېرىزىلەرنى، ئۆزگىلەرگە ئەسلا تىنمايتتۇق.
پاسارلاردىن ياسىغان مىلتىق، ئەسقاتاتتى ئوغرى ساقچىدا. چالما تېگىپ ئىششىغان ئىششىق، قېپ قالاتتى كىيىم ئاستىدا...
قۇمۇشلۇقنى يۈرەتتۇق كېزىپ، ياۋا ئۆردەك چۈجىسى ئىزدەپ. ئازمىلاردا لاي سۇنى كېچىپ، بېلىقلارنىڭ كەينىدىن يۈگرەپ...
ھالا بۈگۈن گۈزەل بالىلىق. ئەسلىمىگە كۆمۈلۈپ كەتتى. دىل قېتىدىن سەزگەن خۇشاللىق، رېئاللىققا يەم بولۇپ كەتتى.
بىز ئوينىغان تاققا-تۇققىلار، ھېكايە بوپ قالدى قوشاقتا. ئويلاپ كۆرۈڭ ئاتا-ئانىلار، مەن سۆزلىسەم گەپ جېق قورساقتا...
يان تېلىفۇن، كومپىيوتىرلار، بالىلارغا بولدى دوست-ھەمراھ. بەزى بېخۇد ئاتا-ئانىلار، خۇش بولۇشتى قىلمىسا خاپا.
بالا توردىن باش ئالالمىدى، مەۋھۇم دۇنيا ئۇلارنى يېڭىپ. ھېچكىم بىزدەك ئوينىيالمىدى، تەبىئەتنىڭ قېتىغا سىڭىپ!...
تۇپراق بىلەن بىر جان-بىرتەندەك، ئۆتۈشكەن كۈن ئەمەستى رۇيا. ئېغىر تىنىپ قويىدۇ مەندەك، ئۆزلۈكىنى يوقاتقان دۇنيا.....
فەرۇق ئۇدۇنى. 2016.9.21 |