- تىزىملاتقان
- 2015-3-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-9-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5251
- نادىر
- 0
- يازما
- 372
ئۆسۈش
5.02%
|
نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئوتتۇرا شەرىقتە ئىچىنىشلىق قۇملۇق ئۇرۇشى پارتىلدى. ئۇرۇشتا بىر جاسۇس ئەسىرگە چۈشۈپ قىلىپ، يىشى چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ، ناھايىتى پاراسەتلىك بىر گىنىرال تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۈكۈم قىلىندى. گەرچە بۇ ھۆكۈم ئىنتايىن رەھىمسىز بىلىنسىمۇ، ئەمما ئەمىليەتتە بۇ گىنرال ناھايىتى باغرى يۇمشاق ۋە رەھىمدىل ئادەم ئىدى. نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان ،ئۇ ئىزچىل غەلىتە بىر تۈرلۈك ئادىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتاتتى. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغۇچىنىڭ ئىككى خىل جازانىڭ بىرنى تاللىۋىلىشقا رۇخسەت قىلاتتى. بۇ ئىككى خىل جازانى ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى-ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ئەتىرتى تەرپىدىن ئىتىپ ئۆلتۈرۈش ياكى بولمىسا بىر سىرلىق قارا ئىشىكتىن ئۆتۈش ئىدى.
ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدىغان ۋاقىتتا بۇ گېنىرال ھېلىقى بەكلا قۇرقۇپ كەتكەن جاسۇسنى ئالدىغا ئەكىلىشكە بۇيرۇق قىلدى:
-سەن قايسى خىل ئۆلۈش ئۇسۇلنى خالايسەن ؟-ئۆلۈم ئىجرا قىلىش ئەتىرىتىكىلەر نىڭ ئوقىدا ئېتىلىشنىمۇ ياكى قارا ئىشىكتىن ئۆتۈشنىمۇ؟-دەپ سورىدى ئۇ.
جىنايەتچىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ قارارنى چىقىرىش ناھايىتى قۇرقۇنۇشلۇق ئىدى. ئۇنىڭ ھېلىقى قارا رەڭلىك ئىشىكنى تاللىغۇسى بار ئىدى، بىراق ھەر قېتىم ئۇ شۇ غايەت زور ۋە قېلىن قارا ئىشىككە يېقىن كېلىپ غالىلداپ تىتىرەپ تۇرغان قولىنى ئاچقۇچقا ئۇزاتقاندا، ئارسالدى بۇلاتتى-دە، ئاخىرى تىتىرەۋاتقان قۇلنى چۈشۈرۋالاتتى. ئۇ گىنىرالغا ئۆزىنىڭ ئوقتا ئېتىپ ئۆلتۈرلۈشكە رازىكى، ھەرگىزمۇ قارا ئىشىكتىن ئۆتۈشنى خالىمايدىغانلىقنى ئېيتتى، چۈنكى ئۇ، بۇ سىرلىق ئىشىكنىڭ كەينىدە پەرەز قىلىپ بولمايدىغان، مەلۈم قاباھەتنى ئويلىسىلا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقنى دىدى. نەچچە مىننۇتتىن كېيىن تاراسلاپ ئېتىلغان ئوق ئاۋازى بۇ جاسۇسنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلنىپ بولغانلىقنى جاكارلىدى. شۇ چاغدا بۇ ياشىنىپ قالغان گېنىرال نەزىرنى يېراق ئۇپۇقتىن يىغىپ، كەينىگە ئۆرۈلۈپ كانىۋىيغا:
-كۆردۈڭمۇ، ئادەم دىگەن شۇنداق نەرسە، ئۇلار دائىم ئۆزى بىلدىغاننى تاللاشقا رازىكى، ئۆزى بىلمەيدىغان نەرسىنى سىناپ بېقىشنى ئەسلا خالىمايدۇ. گەرچە مەن ئۇنىڭغا تاللاش ھوقۇقنى بەرگەن بولساممۇ، بىراق ئۇ يەنىلا ئۆلۈم يولىنى تاللىۋالدى،-دىدى.
-بۇ قارا ئىشىكنىڭ كەينىدە زادى نىمە بار؟-دەپ سورىدى ئۇنىڭ كانۋىيى.
-ئەركىنلىك،-دېدى گېنىرال ،-بىراق مەن بۇ ئىشىكنى تاللاشقا جۈرئەت قىلالايدىغانلارنىڭ ناھايىتى ئاز بۇلدىغانلىقنى بۇرۇنلا بىلگەنتىم.
ئەسەر تەرمىلەر ژورنىلى 2013-يىل 9-ساندىن ئېلىندى. |
|