قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1137|ئىنكاس: 23
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تۆۋەندىكى يەر ناملىرىنىڭ مەنىسىدىن ياردەم سورايمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

1

دوست

1384

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46219
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى، مەن ئۇزۇندىن بېرى يەر ناملىرىنى توپلاشقا ۋە يەر ناملىرىنىڭ مەنىسىنى يېشىشكە ھەۋەس باغلىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا يەر-جاي ناملىرىغا دائىر خېلى كۆپ نوپۇزلۇق قورال كىتابلارنى، جۈملىدىن «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇبىلىگ»، «بابۇرنامە»، «تارىخىي رەشىدىي»، «ھودۇدۇل ئالەم»، «تارىخىي ھەمىدى»، «تارىخىي ئەمىنىيە»، «ئۆتمۈشنىڭ تامغىسى- يەر ناملىرى»، «شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتېمولوگىيەسى»، «دۇنيا يەر ناملىرى لۇغىتى»، «شىنجاڭ يەر ناملىرى»، «قەشقەر يەر ناملىرى»، «قاغىلىق يەر ناملىرى تەزكىرىسى»، «پوسكام يەر ناملىرى تەزكىرىسى»، «يەكەن يەر ناملىرى تەزكىرىسى»، «كىروران تارىخ - مەدەنىيىتى»، «يۇرتىمىزدىكى يەر ناملىرىغا دائىر ئىزدىنىشلەر»، «دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرى توغرىسىدا»، «تارىختىكى كارۋان يوللىرى» دېگەندەك خېلى كۆپ نوپۇزلۇق كىتاب-ماتېرىياللارنى، تەزكىرەلەرنى، گېزىت-ژۇرنال، تور - مۇنبەرلەردىن يەر-جاي ناملىرىغا دائىر خېلى كۆپ ماقالىلەرنى كۆرۈپ چىقتىم ۋە ئۆگەندىم. ئەلۋەتتە، ھەر بىر يەر نامى شۇ رايوننىڭ جۇغراپىيەسى، مەدەنىيىتى، تارىخى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىدىغانلىقى ئۆز –ئۆزىدىن ئايان. بىراق، ئىزدىنىشىمنىڭ، ئۆگىنىشىمنىڭ يېتەرسىز بولۇشى سەۋەبلىك، يەكەن ناھىيەسىدىن توپلىغان تۆۋەندىكى يەر ناملىرىنىڭ مەنىسىنى ئۇقالمىدىم. بۇ يەر ناملىرىغا دائىر ھېچقانداق قىياس ياكى ئەل ئىچى رىۋايەتلىرىمۇ يوق ئىكەن ياكى بارلىرىمۇ كىشىنى ئانچە قايىل قىلالمايدىكەن. شۇڭا، خەلقنىڭ ئاغزاكىي ئاتاش ئادىتىگە ئاساسەن ئۆز ئەينى خاتىرىلەپ مۇنبەرگە يوللىدىم. بىلىدىغانلار ياردىمىڭلارنى ئايىمىساڭلار، ماتېرىيال مەنبىئىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ قويغان بولساڭلار ئالەمچە خۇشال بولغان بولاتتىم!

1. چوغۇل-
2. بوۋاش-
3. ياپما-
4. زامانقۇم
5. پاخمىلىق-
6. ئەگنى
7. پايپاڭ
8. خۇشىتكۆل بېشى
9. چىشىق مەھەللە
10.مىلا-
11. چىڭگا
12. ياقىچى
13. قىتات
14. نىبام مەھەللىسى
15. چاۋدان-
16. قاڭقۇش-
17. ئوقتىچى-
18. گورو ئېرىق-
19. چىڭگاچوڭ-
20. چوغۇل-
21. كۆچەتكە-
22. زوقا مەھەللە
23. يولكۇز
24. پوجان-
25. يۇزگەنلىك
26. قارشىخلىق
27. سىرىڭئوي-
28. يۇما
29. تۆلكەن-
30. سانجىلىق-
31.  ئەكەم دۆڭ
32. دۆباغ-
33. چامسال
34. ئاتلاش
35. چۇلۇڭ-
36. ئالۋاقچى
37. چۇۋاس
38. مۈڭگۈلچەك
39. چاپھويلا
40. ساۋاللا
41. جەرىقۇم
42. غالدار مەھەللىسى
43. زاكىتا
44. كاسامبو
45. دۇرۇتئېرىق-
46. زامانتوقاي-
47. مىيەكلە-
48. ئايوۋىنا
49. قەغەز لەڭگەر-
50. يىلىتما-
51. چوتلا-
52. كۇلام-
53. ئەزتام-
54. قاپاغان-
55. چوياڭ
56. چوتا
57. خاندا يولى-
58. گۈلمەك-
59.  پوجان-
60. پەمزە-
61. چاشلىق
62. پىلال بويى:
63. مەندالىق-
64. داغلا چاقىرى
65. قاراجاش (قارا ياش؟ قارا ساچ؟ قارا چاچ؟)
66. تاۋغاز
bagdax

0

تېما

0

دوست

2988

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   32.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34915
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 920
توردىكى ۋاقتى: 164
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
قورغاش.
يارباغ
ئوچار،
لاۋا،
ساغان.
سېتلە(سىيىتلە)
توپلۇق
قىزىل
چوملۇن
سېلاپ.
تېۋىز
بوزغۇن
ئېتىمچاغرى
يىڭچىكى ئېرىق،
تېتىر
دامشۇن،
ماڭشىن
قۇچقاچبېغى
قاغۇي
تەسەك،
ئۆتەش  

.......  ۋوججون  يېڭىسارنىڭ بىر يېزىسىنىڭ كەنىتلىرىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ باقساممۇ بىرمۇنچە بولۇپ كەتتى .مومكىن بولسا يۇرىتلىرىمىزنىڭ يەرلىك يۇرىت ناملىرىنى توپلاپ قويساقمۇ بول؛غىدەك

1

تېما

4

دوست

1165

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  77903
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 326
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
پاھ سىزگە ئاپىرىن ،ئالدى بىلەن سىزگە كۆپ رەھمەت تولىمۇ ياخشى بىر ئىشقا تۇتۇش قىلىپسىز،بۇنى مۇنبەرگە يوللاپ تولىمۇ ئوبدان قىپسىز ،بۇ مۇنبەردە تارىخچىلار كۆپ ،ھىچ بولمىسا ئىمىرغايىس ئەپەندى سىزگە ياردەم قىلالايدۇ ،

ئەمىلىيەتتە يۇقىرىدا ئىيتىپ ئۆتۈلگەن يەر ئىسىملىرى باشقا يۇرتتىمۇ بار ،مەسلەن ئاقتۇدا پىلال،لەڭگەر دەپ يەرلەر بار ،بەلكىم سىزنىڭ يۇرتىڭىزدا بۇ توغرۇلۇق رىۋايەتلەر بولمىسا ،باشقا يۇرتلاردا بولۇشى مۇمكىن ،يەنى كىلىپ ئىككى رېىۋايەتنىڭ جىق پەرقى بولۇپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلايمەن ،لەڭگەر دىگەن بۇسۆزنىڭ ئىككى تاغ ئارىسىدىكى بىر جىلغا دەپ مەنىسى بارمىكىن ،مەن ئىمىرغايىس ئاكىنىڭ بىر ئىنكاسىدا قومۇل دىگەن سۆزنىڭ ئەسلى قامىلدىن ئۆزگىرەپ كەلگىننى ،يەنى قۇمۇل دىيىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىدىم ،ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن مۇئەللىمنىڭ بىر كىتابىدىن بالاساغۇن دىگەن سۆزنىڭ باغ بىلەن ساغۇننىڭ يىغىندىسىدىن ئۆزگىرەپ كەلگەننى ئۇققان ئىدىم ،دىمەك بۇ يەر ئىسىملىرىنى ھازىرقى ئۇيغۇرچە سۆز بىلەن باغلاپ بىۋاستە يىشىمىز دىسەك بۇ تەس بىز بۇنىڭ ئۇزاق ۋاقىتلار داۋامىدا ئۆزگىرەپ ھازىرقى ھالىتىگە كەلگىننى بىلىپ يىتىششىمىز لازىمدۇر .ئىشىنىمەن بۇ مۇنبەردىكى ئۇستازلارنىڭ ياردىمىدە سىزنىڭلا ئەمەس بىزنىڭمۇ بولغان بۇ مەسلىمىز ھەل بولۇپ قالغۇسى كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمد قىلىمەن

1

تېما

4

دوست

1165

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  77903
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 326
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
يەر
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
irpan0998 يوللىغان ۋاقتى  2016-9-21 20:30
قورغاش.
يارباغ
ئوچار،

تىتىر دىگەننىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز بىزنىڭ يىزىدىمۇ مۇشۇنداق كەنت بار
bagdax

0

تېما

0

دوست

420

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   60%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59950
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 134
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
5#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
(تېتىر)          بېنەم يەر دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى 1 ماتېرىيالدا كۆرگەن ئىدىم.تىلشۇناسلارنىڭ ئىزدىنىپ بېقىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

1

تېما

0

دوست

1452

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   45.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12453
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 453
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23
6#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
miskin155 يوللىغان ۋاقتى  2016-9-21 21:24
(تېتىر)          بېنەم يەر دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى 1 ماتېرىي ...

تېتىر دىگەن ئۇنۇمسىز يەر دىگەندەك بىر مەنىدىغۇ دەيمەن

Немә десәң дәвәргин сөзүм шу

25

تېما

8

دوست

3331

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22057
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 55
تۆھپە : 982
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
7#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bozkurt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-9-22 02:05  

ئەسسالامۇ ەلەيكۇم قېرىندىشىم بۇ ناملارغا ئۆزۈم ھەرىپ تونۇغاندىن باشلاپ كۆرگەن كىتابلار ۋە بىلگەن ئاڭلىغىنىمغا ئاساسەن يازدىم ،خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا تورداشلارنىڭ تۈزۈتۈش بېرىشىنى سورايمەن!

1. چوغۇل-بۇ سۆزنى3 خىل چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ،
ئا: چوغۇل-سۆزى2 قىسىمدىن تەركىپ تاپقاندەپ قارايمەن،يەنى چوغ ۋە غول،چوغ ئوتۇن ياكى كۆمۈر  تىپىدىكى نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈشتىن ھاسىل بولغان  كوكۇسسىمان ئوت قالدۇقى،غول -ئادەتتە دەريا ياكى ئۆستەڭ ،ئېقىنلارنى كۆرسىتىدۇ،غول سۆزى رايونىمىزدىكى ئىلى ،قۇمۇل،تۇرپان تەرەپلەردە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ،بۇ ئىككى سۆز بېرىكىپ ‹‹چوغغول بولاتتى،ئەمما ئۇيغۇر جانلىق تىلىدا ئىككى ‹‹غ ››كەلسە سۆز  ئىچىدىكى بىرەر ھەرىپ تاشلىۋېتىلىدۇ ،بولۇپمۇ قەشقەر  ،خوتەن.قىزىلسۇ.ئاقسۇ تەرەپلەردىكى جانلىق  تىلدا  مۇشۇ خىلدىكى ئەھۋاللار مەۋجۇت.مەسەلەن : نەگە باردىڭلار--نەگە بادىڭلا(ر ھەرىپى چۈشۈرۈپ قويۇپ تەلەپپۇز قىلىدۇ)
(مەنبە:ئەمىلىي تۇرمۇش بىلىملىرى)
ب؛چوغۇل--چىرايى قىزغۇچ،يۈزى قىزىل كەلگەن ئوغۇل بالا،يەنى يۈزى قىزىل كەلگەن ئوغۇل يەنە ئەسلىي سۆز چوغئوغۇل ئىدى!ئۇزۇن يىللىق تۇرمۇش ئىستىمالىدا ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن!(مەنبە:ئەمىلىي تۇرمۇش بىلىملىرى)
س،چوغ-خوتەن شىۋىسى بولۇپ مەنىسى:قويۇق،نۇرغۇن،زىچ،كۆجۈم،توپ.م:چوغمەلە--توپ مەھەللە(قەشقەر جانلىق تىلىدا:مەلە)مەنبە؛ئۇيغۇر شىۋىلىرى سۆزلىگى.مىللەتلەر نەشرىياتى.1986-يىل1-ئاي1-نەشر1-باسما.
1)ئۇل -ئەرەبچە سۆز مەنىسى ئاساس،خىش،ئۇلى(تامنىڭ ئۇلى.ئۇيغۇرچە باشقا ۋارىيانتى:تەمەل،نىگىز،نېگىز)
2)ئۇل-قەدىمىي ئۇيغۇر تىلىدىن  كىرگەن بولۇشى مۇمكىن مەنىسى ئوغۇل.ئوغلان،ئوغۇل بالا.بۇ ھازىر ئوتتۇرا ئاسيادىكى تاتار،نوغاي،قازاق،قىرغىز،قاراقالپاق.........قاتارلىق قېرىنداش ئۇرۇق-تۇققانلاردا كۆپ قوللىنىلىدۇ.م:قانات.قۇدايبېردى ئۇلى-قانات خۇدابەردى ئوغلى.....)
--------------------------------------------------------------
2. بوۋاش-بۇ بەلكىم تۇرپان شىۋىسىدىكى پوۋاش دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن!يەنە بىرسى قەدىمقى كۈسەن خانلىقى خان جەمەتىنىڭ پەمىلىىسى:بو bo帛ئىدى (مەنبە:.ئىمىن.تۇرسۇن .تارىمدىن تامچە(مىللەتلەر نەشرىياتى1990-يىل6-ئاي1-نەشر 1-باسما):ۋاش بولسا باش بولۇشى مۇمكىن،چۈنكى تىلىمىزدا ب ھەرىپى ۋ ھەرىپىگە ئۆزگىرىش ئەھۋالى بار!

3. ياپما-ياپما بىر تاماق تۈرى،ياپما ئاش.جەنۇب ۋە قۇمۇل،تۇرپان،ئۈرۈمچى ......دە كۆپرەك ئېتىلىدۇ.(‹‹ئۇيغۇر تائاملىرى›› دېگەن كىتابقا قارالسۇن)

4. زامانقۇم--زامان پارسچە سۆز ،ئالەم ،دەۋر،ماكان،جاھان،(ئەرەبچە)(ئۇيغۇرچە سۆزىنى مۇشۇ كەمگىچە كۆرۈپ باقمىدىم ،چاغقىر-ئوغۇزتىگىن يېڭىدىن  ياسىغان ئانا تىلچە سۆز.قۇم -سۆزىنى ھەممە بىلگەچكە چۈشەنچە بەرمىدىم.قۇم -ئادەتتە تارىخ كىتابلاردا ئاقسۇ(ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە تارىخ لۇغىتى)،يەنە بىرى ئاقسۇ ۋىايەتتىكى باي ناھىيەسىنى كۆرسىتىدۇ(مەنبە:.ئىمىن.تۇرسۇن .تارىمدىن تامچە(مىللەتلەر نەشرىياتى1990-يىل6-ئاي1-نەشر 1-باسما):

----------------
قالغانلىرىنى كىتاب كۆرۈپ ئالدىرىماي يازماقچىمەن،مۇنۇ باغداش تورىنى 2 يىلىن ئارتۇق تەرك ئەتكەن ‹‹ئوغۇزتىگىن››ئەپەندى بۇنداق سۆزلەرنى چۈشەندۈرسە شاما قىلىۋاتىتىتى،بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۆيىدىكى بىرنەچچە دوستلار تەرجىمە تەھرىرلىك ئىلىمىي يىغىلىشىدا كۆپ خىل تىل تەرجىمە ئىشى توغرىسىدا  چۈشەندۈرۈش بەرگەندە مەن 3 سائەت ئاڭلاپ ئۇخلاپ قاپتىمەنكەن،ئۇ كەچلىك تاماقتىن تارتىپ ئەتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 4 كىچە جەمئىي 9 سائەت ھەقسىز دەرس  سۆزلەپتىكەن .مەن ئۇنى ئۆزۈم قۇرماقچى بولغان بىر مۇنبەرگە تەكلىپ قىلاي دەپ ئېغىز ئاچسام يېقىنمۇ كەلمىدى.ئەركىن ياشاپ كۈنۈپ قالغان كىشى بولغاچقا ھازىر گۇاڭجودىكى ئۆيىدە كۆپ خىل تىل ئېغىز تەرجىمانلىقىدا تۇرماقتا.كىم ئۇنى ئۈرۈمچىگە 1 ھەپتەلىك ئېلىپ كىلەلىسە مەن شۇ كىشىگە سۆيۇنچە بېرىمەن!داۋامىنى كېيىن يازاي!ئامان بولۇڭلار.

1

تېما

5

دوست

6255

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23932
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1924
توردىكى ۋاقتى: 326
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
8#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تېتىر-ئۈنۈمسىز يەر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )